بۈگۈن ياپوندا تۇغۇلۇپ–ئۆسكەن ھەدە–سىڭىللاردىن9 ياشلىق شەھىرە بىلەن 6ياشلىق نەفىسەنىڭ تولىمۇ چۈچۈك تىلىدا ئوقۇغان ئىنگىلىزچە، ياپونچە، ئۇيغۇرچىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدىكى رەسىملىك كىتابىنى ئاڭلايمىز.

قەنى، دىققىتىڭلار ئىكراندا بولسۇن~

شەھىرە&نەفىسە

بىسكىت مەكتەپكە بارىدۇ

 

ئاپتۇرى: ئەلسا سەينت

رەسسامى: پەت سىكورس

تەرجىمىدە: شەھىرە شۆھرەت

ياپونچىدا: نەفىسە شۆھرەت

ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە ئاۋازدا: شەھىرە شۆھرەت

 

 

مەكتەپ ئابتۇبۇسى مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ.

ھاۋ…ھاۋ

مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن -ھە، بىسكىت.

ھىم، سەن مەكتەپكە بارساڭ بولمايدۇ.

ھاۋ…ھاۋ

بىسكىت قەيەرگە بارىدىغاندۇ؟ كۆلچەككە بارامدىغاندۇ؟

ھاۋ!

باغچىغا كېتىۋاتامدۇ؟

ھاۋ!

 

بىسكىت  مەكتەپكە كېتىۋاتىدۇ.

ھاۋ..ھاۋ

 

 

 

بىسكىتنىڭ  توپ ئوينىغۇسى كەلدى.

ھاۋ..ھاۋ

 

 

بىسكىتنىڭ ھېكايە ئاڭلىغۇسىمۇ كەلدى.

ھاۋ..ھاۋ

ھۈش…جىم!

 

 

بىسكىتنىڭ پىچىنە-پىرەنىكلەرنى يىگۈسى كەلدى!

ئوۋ بسىكىت، سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ ئىتلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى چەكلەنگەن تۇرسا!

 

 

ئوۋ،ياق..ياق! مۇئەللىم كېلىۋاتىدۇ!

ھاۋ!

 

 

بىسكىتنىڭ مۇئەللىمنى كۆرگۈسى بار، ئۇنىڭ يەنە ساۋاقداشلارنى كۆرگۈسىمۇ بار!

ھاۋ..ھاۋ..ھاۋ!

 

 

بىسكىت مەكتەپنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

ھاۋ..ھاۋ

 

مەكتەپتىكى ھەممەيلەنمۇ بىسكىتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

ھاۋ..ھاۋ..ھاۋ

تامام!

 

ياپوندا ھەر يىلى 4-ئايدا يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىدۇ.

ھالبۇكى، بۇ يىل ۋىرۇس سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلۈپ پات ئارىدا يەنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلانماقچى.

يېڭى مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان، نەچچە ئايدىن بىرى، سىرىتقا چىقالماي مەكتەپ، يەسلىلىرىنى سېغىنغان بىسكىتلىرىمىز مەكتەپ، يەسلىدىن ئىبارەت  تاشقى دۇنيالىرىغا قېنىۋالغاي~🧚

 

 

تارقىتىڭ...