جۆرىمىزدىن كۈتىدىغانلىرىمىز ئېشىپ كېتىپتىمۇ؟

5,346 قېتىم ئوقۇلدى

ياپوننىڭ  مائارىپ قانىلىدا ھەر شەنبە كۈنى قويۇلىدىغان  پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت پىروگىراممىسىدا بىر قېتىم  «بالىنى دادا باققاندا بالىنىڭ يىغلماسلىقىدىكى چارىلەر» نى سۆزلەپ مۇنداق بىر مۇھىم چارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

 Le Long De LEau

***

يەنى، ئاپىسى يېشىغا توشمىغان بالىنى دادىسىغا قويۇپ ئىككى – ئۈچ سائەت سىرىتقا چىقىپ كېتىدۇ. بالا ئاپىسى چىقىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىغلاپ كېتىدۇ. دادىسى سۈت تەڭشەپ بىرىپمۇ، باشقا ئاماللارنى قىلىپمۇ بالىنىڭ يىغىسىنى توختىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ ھەم مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدۇ.

بۇ مەسىلىگە مۇتەخەسىسلەرنىڭ بەرگەن جاۋابى، بالا – دادىنىڭ  بىللە بولۇش پۇرستىنى كۆپەيتىپ بېرىشتىن باشقا، بوۋاققا  دادىسىنىڭ بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئىناقلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ.

دىمەك، ھەتتا يېشىغا توشمىغان بوۋاقمۇ ئاپىسى ھەم دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھىس  قىلالايدۇ دىگەن گەپ!

 ئەمدى بۇ توغۇلۇق ئارتۇق پەلسەپىلەرنى سۆزلىمىسەكمۇ، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتۇق.

بىز يەنىلا ئاستىدىكى ئەمەلىي، ئاددى بولغان تۇرمۇش كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

 

“ قىلىشقا تېگىشلىك “ دەپ قاراش

***

«قىلىشقا تېگىشلىك» دەپ قاراش

بالا يىغلاپ ھىچبىر توختاي دىمەيتتى.

ئايالى:  زاكسىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، سۈتىىمۇ بەردىم بولمىسا، يەنىلا يىغىسى توختىمايۋاتىدۇغۇ، – دىدى تىت – تىت بولغان ھالدا.

ئەر ئاچچىقلىنىپ ئايالىغا سۆزلەشكە باشلىدى.

نىمە كۆپ غەلۋە بۇ؟! ئانا تۇرۇپ بالىنىڭ يىغىسىنى توختىتىشنىمۇ بىلمىگەن، يا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى تېخى تۈزۈك قىلمىغان، ئۆينىڭ ھەممە يەرلىرىدە نەرسلەر چېچىلىپ تۇرغان!

ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ قىلمىساڭ بولماس!

بوۋىقىنى بېقىپ بولالمايۋاتقان ئايالى ئاچچىقتىن ياش تۆكتى.

ئوخشاش مەسىلىگە تۇتقان باشقىچە پوزىتسىيەنى كۆرۈپ باقايلى.

 

«قىلالمىسىڭىز ھىچقىسى يوق!» دەپ قارشى تەرەپنى چۈشىنىش

***

 «قىلالمىسىڭىز ھىچقىسى يوق!» دەپ قارشى تەرەپنى چۈشىنىش

 ئەر : نىمىمۇ بولغاندۇ؟،  ـ دىدى بالىنىڭ يىغىسىغا ھەيران بولۇپ.

ئايالى : شۇ … ھىچبىر يېغىسى توختىمايۋاتىدۇغۇ؟!

ئىككىلىمىز يىڭى ئاتا – ئانا بولغۇچى بولغاندىكىن بەزىدە قانداق قىلىشنى ئۇقالماي قالىدىكەنمىز، – دىدى ئەر بالىنى ئايالىنىڭ قولىدىن ئېلىپ بەزلىگەچ.

ئۆي ئىشلىرىنىمۇ پەقەت قىلالمايۋاتىمەن، – دىدى ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىقنى يۇغۇشتۇرغاچ ئايالى.

كىچىك بالا بار ئۆي مۇشۇنچىلىك بولىدۇ، ھېلىمۇ كۆپ تىرىشىۋاتىسىز، – دەپ تەسەللى بەردى ئەر.

بۇنى ئاڭلىغان ئايالىنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.

***

خوش، گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئائىلىنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدىغىنى  دەل مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشلاردىكى ئۆز – ئارا چۈشىنىشلەر.

بالىلارنى بەخىتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشمىزنىڭ يىلتىزى بولغان  ئائىلىمىزنىڭ ئىللىق باھار پەسلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى – قارشى تەرەپكە بولغان ئۈمىد – تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتىپ،  ئۇنىڭ  ئورنىنى چۈشىنىشنىڭ ئىگەللىشى بولسا كېرەك.

ئائىلىمىزگە خاتىرجەملىك ھەم ئامانلىقلار بولغاي ~❤

 

**********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەيھان، سىزنى ئاخىرى تىپىۋالدىم. تەرجىمىلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، تىخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولغايسىز،

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سەھەردە لاتارىيە بىلىتى چىققاندەكلا خۇش قىلىۋەتكەن ئۇچۇرىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، شۇنداق خۇش بولدۇم ، گۈزەل تىلەكلەر سىزگە ئارتۇقى بىلەن بولسۇن ~❤️☀️☕️

  3. بۇ سالۇننى قۇشۇۋالاي دىگەن قانداق قۇشسام بۇلدۇ ،رەيھانگۈلنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرنى بەك ياخشى كۈرۈەتتىم

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

جۆرىمىزدىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى