زياپون پەرزەنت تەربىيەسى : بالىلىرىمىز ھەم ھەمراھىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇنداق كېڭەيتىمىز(6)

5,670 قېتىم ئوقۇلدى

 

دېققىتىمىزنى بالىنىڭ  بىرەرئىشنى قىلالمىغان تەرەپلىرىدىن بەكرەك، قىلالىغان تەرەپلىرىگە بېرەيلى.

تەرجىمىدە: رەيھان 

ئاساسسىز، ئورۇنسىز ماختاشلار كېرەكسىز ھەم كىشىگە زىيانلىق بولغىنى بىلەن يېقىلىرىمىزنىڭ  سەمىمى ماختاشلىرى بىزگە  ئىشەنچ ھەم غورۇر بېرىدۇ.

كەڭ قورساق، ئۆزىگە ئىشنىدىغان، ئۆزىنى قىممەتلىك دەپ قارايدىغان ئادەملەر باشقىلارنىمۇ قىممەتلىك دەپ تونۇيالايدۇ.  قارشى تەرەپنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى، گۈزەللىكلەرنى بايقاشقا ماھىر بولىدۇ ھەم قارشى تەرەپكە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇن ئالدىنقى مەزمۇننىڭ داۋامى بولۇپ، ئەمەلىي تۇرمۇش مىساللىرى ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭلا  ئەمەس، ھەمراھىمىزنىڭ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى قانداق كېڭەيتىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز.

بۈگۈنكى مەزمۇننىڭ يەنە بىر ياخشى يېرى، ئاكې خاشى ئەپەندى بۇ مەزمۇنلارنى ئەر يولداشلار ئۈچۈن يېزىپتۇ، يولداشلار ياخشىراق ئوقۇغايسىلەر ھە؟  😜

 

Let It Go (Disneys Frozen) – Vivaldis Winter

 

(1) ماختاش ئۇسۇلى 

قىلالىغان شۇ كىچىككىنە ئىشىنى ماختاپ بەرسەكمۇ، بالا كۈندىن-كۈنگە چاقنايدۇ

ئون تۈرلۈك ئىشنى تاپشۇرساق،پەقەت بىرىنىلا قىلالىغان بالىمىزنى «قىلغىنىڭ ئاران مۇشۇ بىرلا ئىشمۇ؟ قالغان توققۇزىنى نېمىشقا قىلالمىدىڭ ؟!» دەپ ئەيىپلەيمىزكى، ھەرگىز بالىنىڭ قىلالىغان شۇ ئازغىنە ئىشىنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمايمىز.

ئويلاپ باقايلى، بالا بىز تاپشۇرغان 10ئىشنىڭ بىرىنى بولسىمۇ قىلالىدى، قىلالمىغىنى نۆل ئەمەس!

ئەگەر بالىمىز بىز تاپشۇرغان شۇ 10تۈرلۈك ئىشنىڭ ئىككىسىنى قىلالىغان بولسىچۇ؟ بىز چوقۇم يەنە«قالغان سەككىز ئىشچۇ؟» دەپ سورايمىز.ئۈچنى قىلالىغاندىچۇ ؟ بىزنىڭ يەنىلا تىلغا ئالىدىغىنىمىز قىلالمىغان يەتتە ئىش؟! نېمىشقىدۇر ئاغزىمىزدىن چىقىدىغىنى يەنىلا ئنكار قىلىشلا بوپقالىدۇ. بالىمىز پەقەتلا قىلالماي قالمىدىغۇ؟

مانا مۇشۇنداق ئاتائانىسىنىڭ ئىنكارلىرى سەۋەبىدىن«مەن بەرىبىرھېچ ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايمەن!»دەپ ھەممىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان، ھېچ ئىش قىلغۇسى كەلمەيدىغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس.

مۇنداق مىسال ئالايلى :

بالا ئىمتىھاندا 60 نۇمۇر ئېلىپ كەلگىنىدە، بىزنىڭ ئالدى بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىغىنىمىز بالىنىڭ خاتا قىلغان، كەتكۈزۈپ قويغان 40 نۇمۇرلۇق يەرلىرى بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ يەنە تېخى «نېمىشقا خاتا ئىشلىگەنسەن؟» ، «مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ بىلەلمىدىڭمۇ؟» دەپمۇ سالىمىز. نەتىجىدە ، بالىنىڭ قۇلىقىغا كىرىدىغىنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرلا بولىدۇ.

ھالبۇكى، 60 نۇمۇر ئېلىپ كەلگەن بالىغا تۆت ئۆلۈش ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەكمۇ،  ئالتە ئۆلۈش راۋۇرۇس ماختىساق ، بالىغا نىسبەتەن ئادىل باھا بەرگەن بولىمىز.

يەنە بەكرەك تەكىتلەپ ئېيتقاندا، ناۋادا بالىمىزنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى تۆۋەن،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئاجىز بالا بولسا ھېلىقى قىلالمىغان 40 نۇمۇرلۇق يەرلەرنى تىلغا ئالماي، پەقەت توغرا ئىشلىيەلىگەن 60 نۇمۇرلۇق يەرنىلا تىلغا ئالساق ، « ۋوي ، بۇ مەسىلىنى شۇنداق ياخشى ئىشلىيەلەپسەنغۇ؟!» ، «ماۋۇ مەسىلىنى يىشەلەيدىغان بوپسەندە!»دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختاپ بەرسەك، بالىدا مەنمۇ بىر ئىش قىلسام قىلالايدىكەنمەنغۇ دەيدىغان ئىرادە تۇغۇلىدۇ.نەتىجىدە قىلالمىغان شۇ تۆت ئۆلۈشنىمۇ قىلالايدىغان بولىدۇ.

دەل مۇشۇ مەسىلىنى ناھايتىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن بىر بالىنىڭ يازغان ھېكايىسىنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.

خۇشال بىر كۈنۈم

 

بۈگۈن ئوقۇتقۇچۇم ماتىماتىكا ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ بەردى. راستىنى دىگەندە ، كۆڭلۈم ئازراق غەش بولدى.چۈنكى، مەن ئەزەلدىن ماتىماتكىدا ياخشى ئەمەس ئىدىم، بۇ قىتىملىق ئىمتىھاندىمۇ ھىسابلاشتا كۆپ خاتالاشقانىدىم

ھىم،يەنىلا 60 نۇمۇر!

«ئەمدى ئانامدىن تىل ئىشتىدىغان بولدۇم..» ، « داداممۇ ئاچچىقلىنارمۇ » دېگەن خىياللار بىلەن ئۆيگە قايتىۋاتقان قەدەملىرىمنىڭ ئېغىرلىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم

ئاخىرى ئۆيگىمۇ كەلدىم.ئاشخانا ئۆيدىكى ئانامغا ئىمتىھان قەغىزىمنى قورققان ھالدا سۇندۇم.ئويلىمىغان يەردىن ئانام بېشىمنى مىھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ :« ۋۇي، مېنىڭ ئوغلۇم مۇنۇ ھېسابنى ئىشلىيەلەيدىغان بوپتىغۇ ؟! بۇ ئىمتىھان قەغىزىنى يەنە بىر ئىشلەپ باقساڭ بۇ يەرلەرنىمۇ چوقۇم ئىشلىيەلىگۈدەكسەن!» دېدى.   داداممۇ « مىنىڭ تىرىشچان ئوغلۇم تارو!» دەپ ماختىدى.

شۇنداق خۇش بولغانىدىم.دەرھال ماتىماتىكا مەشىق كىتابىمنى ئېلىپ، ئاشخانا ئۆينىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم.

بىز ھەرقېتىمقىدەك مەسىللەرنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشىنىپ باقايلى.

 

پەقەت خاتالاشقان، كەم تەرەپلىرىگىلا ئېسىلىۋېلىش – خاتا

پەقەت خاتالاشقان، كەم تەرەپلىرىگىلا ئېسىلىۋېلىش

ئۇف… يەنە 60 نۇمۇر؟! نىمە بولۇپ بۇنچىۋالا تۆۋەن نۇمۇر ئالدىڭ؟! خاتالاشقان مەسىللەرنى قايتىدىن ئىشلەپ چىق! ئەستايىدىل تەكرار قىلمىساڭ، كېلەر قېتىملىق ئىمتىھاندا بۇنىڭدىن تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ ئولتۇرىسەن!

يەنە خاتا ئىشلەۋاتىسەنغۇ؟! خاتا!!! مۇشۇنچىلىك ئاددى نەرسىنىمۇ بىلەلمىگەن… دېدى ئانا بالىنىڭ تۆۋەن نۇمۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرۈپ.

(روھى چۈشكەن بالا قانچە قىتىم ئىشلىسەممۇ بەرىبىر توغرا ئىشلىيەلمەيمەن… دەپ ئويلىدى.)

ئەمدى بۇ مىسالنى ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋىتىپ باقايلى.

دىققىتىمىزنى ئارتۇقچىلىقلىرىغا، ياخشى قىلالىغان تەرەپلىرىگە قارىتايلى

 ياخشى قىلالىغان تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىش

60 نۇمۇر ئاپسەندە؟!، – دېدى ئانىسى بالىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى قولىغا ئېلىپ.

(بالا خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ گەپمۇ قىلالمىدى…)

ۋوي… قوش خانىلىق سانلارنى قوشۇشنى ھەجەپ ئىشلىيەلەپسەنغۇ؟

ھە… شۇ (بالىنىڭ قەلبىدىكى ئەنسىرەش سەل بېسىقتى بولغاي …)

بۇ خېلى تەس مەسىلە ئىدى… لېكىن، سەن ئىشلىيەلەپسەن بالام! قالتىس! قارا، خېلى نۇرغۇن توغرا بەلگىلىرىگە ئېرىشىپسەن مانا!!!

(كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ خۇش بولغان بالا ”كېلەر قېتىم تېخىمۇ تېرىشىمەن“ دەپ ئويلىدى.)

***

ئەلۋەتتە، يۇقارقى مىسال بالىلىرىمىزنىڭ پەقەت ئىمتىھان قەغىزىگىلا قارىتىلمىغان، بالىنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىدىكى ئارتۇق تەرەپلەرنى بايقاش ھەم كېڭەيتىىش ئۈچۈن دەل ئۇلاردىكى ئارتۇق تەرەپنى بايقاپ كۆپرەك تىلغا ئېلىش ھەم ماختاپ بېرىش زۆرۈردەك قىلىدۇ.

پەقەت كەم تەرەپلىرىنى، نارازىلىقىنىلا ئېيتىش – خاتا

پەقەت كەم تەرەپلىرىنى، نارازىلىقىنىلا ئېيتقاندا

 ئەمدى تۆۋەندىكى ئەر – ئايالنىڭ دىئالوگىغا قاراپ باقايلى:

مەن كەلدىم! (دەپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرگەن ئەر ئۆينىڭ قالايمىقان تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچتى.)

ئۆينى بولسىمۇ تۈزۈكرەك يۇغۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟! مۇشۇنداق قالايمىقان ئۆيدە ھېلىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالايدىكەنسىز، – دېدى ئىشىكتىن كىرە – كىرمەي.

ئۆينىغۇ  تازىلىغانتىم بولمىسا… – دەپ خىجىل بولدى ئايالى.

دەزمالنىمۇ بىر تۈزۈكرەك سېلىشنى بىلمەيسىز، داۋاملىق قىلىپ تۇرغان ئىشىڭىز بولغاندىكىن تېخىمۇ ياخشىراق قىلىشنى ئۈگەنسىڭىز ھە؟!-دەپ ئاچچىقلاندى ئەر يېڭى دەزماللانغان كۆينىكىنى قولىغا ئېلىپ نارازى بولغان ھالدا.

ئۇنداقتا ئۆزىڭىز قىلىڭ، – دەپ رەنجىدى ئايالىمۇ.

نىمىدىگەن تۇزلۇق! تاماقتىن بولسىمۇ خۇش بولسا ئادەم، – دەپ غۇدىرىدى ئەر قولىغا تاماقنى ئېلىپلا.

(ئاشخاندىكى ئايالىنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ غەزىپى تاشتى… ھەم ”خەپ! بىر كۈنى بۇ قورساق كۆپۈكلىرىمنى چىقىرىۋالمىسام“… دەپ ئويلاپ كەتتى)

ئاۋۇ ئايالنىڭ قولىدىكى پىچاقنىمۇ كۆرگەنسىلەر ھە؟!  ماۋۇ  ياپونلۇق ئەر – خوتۇنلارمۇ ئەۋلىيا ئەمەس، ئاددى ئىنسانلار ھە… ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا  مۇنداق ئىشلارمۇ بولىدىكەن!😃😬( بۇ پەقەت مىسال ھە)


ئارتۇق تەرەپلىرىنى، قىلالىغان ئىشلىرىنى تېپىپ چىقىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش – توغرا

***

ئارتۇق تەرەپلىرىنى، قىلالىغان ئىشلىرىنى تېپىپ چىقىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە 

ئەمدى تۆۋەندىكى ئەر – ئايالنىڭ  دىئالوگىغا قاراپ باقايلى:

(ئەمدىلا ئىشتىن قايتىپ كەلگەن ئەر ئۆينىڭ قالايمىقانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ كۆرمەسكە سالدى ھەم تىلغا ئالمىدى)

داۋاملىق بالىنى سىزلا بېقىۋاتىسىز، بىللە ئوينىشىپ بىرىۋاتىسىز، رەھمەت جۇمۇ!، – دېدى.

(دەزمىلى ئانچە ياخشى سېلىنمىغان كۆينەكنى قولغا ئالغان ئەر بۇنى بىلمەسكە سالدى)

دەزمال سېلىپ قويۇپسىزدە، رەھمەت ھە-دەيدۇ.

(تاماقلار ئانچە – مۇنچە تۇزلۇق، ئوخشىماي قالغان بولسىمۇ)

ھەر كۈنى تاماق ئېتىش ئاسان ئەمەس، جاپا چىكىۋاتىسىز، بەزى كۈنلىرى سىرىتتىنمۇ يەيلى، ئانچە – مۇنچە ئارام ئېلىۋىلىڭ، – دەيدۇ.

(بۇنداق مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئايالى يولدىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوخشىتىپ تاماق ئېتشنى ئۈگىنىشنى ئويلايدۇ.)

***

دىققىتىمىزنى قەيەرگە بەرسەك، ئالىدىغانلىرىمىز شۇ يەردە.

بالىلىرىمىزنى نادىر بىر پەرزەنت بولسۇن دىسەك، بالىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەڭرى ئاتا قىلغان يورۇق تەرەپلەرگە كۆپرەك دىققىتىمىزنى بېرەيلى.

ھەمراھىمىزنى تېخىمۇ ئېسىل ھەمرا بولسۇن دىسەك، ئۇنىڭدىكى ئېسىل تەرەپلەرنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ بېرەيلى.

 ئائىلىمىز گۈزەللىككە تولغان كۈنلىرىمىز بولسۇن!🌹❤🌹

 

******************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك مەمنۇن بولدۇم ئەسرىڭىزدىن رەھمەت .بۇرۇن ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن

  2. بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ رەھمەت ھارمىغايسىز

  3. ايازمىلىرىڭىز بەك ئېسىل ،دائىم روھىم چۈشۈپ كەتكەن چاغلاردا ئوقۇسام باشقىچە ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە ئېرىشىپ قالىمەن ~كۆپرەك يازمىلىرىڭىزنى ھەمبىھەرلەنگەيسىز

  4. كىچىككىنە مەنپەئەت بىرەلگەن بولسىلا خۇش بولىمەن .☕️❤️

  5. ياخشىمۇسىز ھەدە، مەن ئىھتىياجلىق مەزمۇنلار ئىكەن، يازمىللىرىڭىزنى كۆرۈپ قىممەتلىك نەرسەمنى تېپىۋالغاندەكلا بوپ قالدىم، جاپا جەكتىڭى! رەھمەت! بۇنىڭدىن كىيىن يازمىللىرڭىزغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇردىغان ئۇقۇرمىنىڭىز بولىمەن،

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

زياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى