ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالىلارنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرامدۇق؟(9)

5,243 قېتىم ئوقۇلدى

بالىنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، باشقا بالىلار بىلەن ئەمەس ئېلگىرىكى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرايلى.

تەرجىمىدە: رەيھان

 

(9)

باشقا بالىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندىن كۆرە ، بالىنىڭ  كىچىككىنە بولسىمۇ ئالغا ئىلگىرلىگەن تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقايلى

ماختاش ئۇسۇلى(4)

 

بالىلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندىن كۆرە، بالىمىزنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئالغا ئىلگىرلىگەن يەرلىرىنى تېپىپ چىقايلى.

بەزىلەردە بىلىپ – بىلمەي بالىلىرىمىزنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالىمىز.

 «پالانچىنىڭ بالىسى بەك ياخشى بالا… لىكىن، سەنزە»

 «ئاشۇ بالىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۈگەنسەڭ بولاتتى.»

ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىسىغا باشقا بالىلاردەك ياخشى بالا بولۇشنى قانچىلىغان قېتىم ئېيتسىمۇ، بالىنىڭ ھەرگىز قۇلىقىغا كىرمەيدۇ.

ئەكسىچە، «بەك ياخشى بالىغا ئامراق بولساڭ، شۇ بالىنى بالا قىلىۋال»، «زادى مەن بۇلارغا يارىمايمەن.»،«زادى مەن بۇلارغا ئانچە لازىم ئەمەس.» دەپ ئويلىۋالىدىغان بالىلارمۇ بار.

نەتىجىدە، بۇ خىل سېلىشتۇرۇشلار بالىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ ئالغا باسالماسلا قىلىپ قويىدۇ.

 

 

となりのトトロ – Totoro

 

***

بالىنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، باشقا بالىلار بىلەن ئەمەس ئېلگىرىكى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرايلى.

ھەر قانداق بىر بالىدا چوقۇم ئازدۇر – كۆپتۇر ئىلگىرلەشلەر بولىدۇ. يەنى، بىر يىل ئاۋۋال قىلالمىغان ئىشىنى بۇ يىل قىلالىغان بولىدۇ، يېرىم يىل ئاۋۋال بىلەلمىگەنلىرىنى، ھازىر بىلەلىگەن بولىدۇ  دىگەندەك.

مۇشۇنداق سېلىشتۇرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ بالىلارغا خاس ئىلگىرلىگەن، تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن يەرلىرىنى كۆرەلەيسىز ھەم بۇلارنى بالىڭىزغا يەتكۈزسىڭىز بالىڭىزدا تېخىمۇ تېرىشىش ئېڭىنى پەيدا قىلالايسىز، بالىڭىز تېخىمۇ ئىلگىرلەيدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق بۇ گەپنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

بالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ

بالىڭىزنى دوستلىرى بىلەن سىلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ 

خوشنىمىزنىڭ قىزى نائوچىيان يەسلىنىڭ تەييارلىقلىرىنى ئۆزى قىلىمىش، ئۇنىڭدىن ئازراق ئۈگەنسەڭ ھە؟! – دىدى ئانا تاماق يەۋاتقان ئوغلىغا.

دوستلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ خەتلىرى شۇنداق  چىرايلىقكەن، سېنىڭزە… – دەپ ئۈمىدسىزلەندى ئانا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئوغلىنىڭ خېتىگە قاراپ.

بۇ يازغان خەتلىرىڭنى دوستلىرىڭ ھەرگىز ئوقۇيالمايدۇ. قارا، ھەرىپلەرنىمۇ تۈزۈك يازالمايسەن …!

 3 ياشلىق بىر نەۋرە ئۇكاڭمۇ بىر نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى بىلىدۇ!!! – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا ماتىرياللىرىنى رەتلىمىگەن ئوغلىغا.

ئۇڧ… نىمە قىلسام بولمىغان… دەپ ئويلىدى بالا.

بالىمىزنى بۇرۇنقى ئۆزى بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقايلى

 ئېلگىرىكى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇش 

   بالام، بۇرۇن بالدۇرراق ئويغاتسام خاپا بولۇپ يىغلايتتىڭ، قاچانلاردىن باشلاپ ئويغاتسام يىغلىماي ئويغىنىشنى ئۈگەندىڭ؟ – دىدى ئانا ئەتىگەنلىك تاماق يەۋاتقان ئوغلىغا.

يەسلىگە قويۇپ قويۇپ ماڭسام، تېخى بىر يىل بۇرۇنغىچە ماڭا ئېسىلىۋىلىپ يىغلايتتىڭ… ھازىر شۇنداق ياخشى – دە سەن!  تېخى بەزى ۋاقىتلاردا ماڭا يارىدەملەشكۈدەك بولدۇڭ مانا..!

قىسقىسى، قاچانلاردىن باشلاپ تۇيۇقسىزلا ماڭا يارىدەملىشىپ بېرىدىغان، بۇرۇنقىدەك كۆپ يىغلىمايدىغان يىگىت بوپقالدىڭ، – دەپ ماختىدى ئانا ئوغلىنى. بالىمۇ شۇنداق خۇش بولدى.

تۆۋەندە مۇنداق بىر رىئاللىق كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى، قەنى بۇ ئەھۋال سىزدە، مەندە بارمىكىن؟

ماكۇننىڭ ئاپىسىنىڭ ئويلىرى

 

باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئانا

ئاۋۇ بالا نېمىدىگەن قالتىس، ئۆزىنىڭ ئويلىرىنىمۇ ياخشى ئىپادىلىيەلەيدىكەن– دەپ ئويلدى ئانا ئاپىسى بىلەن قانداق ئويناش ھەققىدە بەكمۇ كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىۋاتقان قىزچاققا مەستلىكى كەلگەن ھالدا.

بۇ قىزچاق داۋاملىق ھەممە بالىلارغا باش بولالايدۇ. بىراق، مىنىڭ بالام كىچىككىنە ئىش بولسىلا يىغلىغان، داۋاملىق مەندىن ئايرىلمىغانمىنىڭ بالام نىمانچە ئاجىزدۇ..باشقىلارنىڭ بالىلىرى نېمىشقا شۇنداق قالتىستۇ؟! دەپ ئويلىدى ماكۇننىڭ ئاپىسى .

ھەممىلا كىشى باشقىلارنىڭ باللىرىنى ياخشى دەپ ئويلايدىكەندە!

ماكۇن خاپا بولماڭ ھەدېدى ، بالىلارغا باشلامچى بولۇپ ئويۇن ئوينىغان قىزچاقنىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ ماكۇننى ئارىغا ئالمىغانلىقىدىن خېجىل بولۇپ.

رىكوچىيان داۋاملىق شۇنداق شوخ ھەم غەرەز ئۇقىدۇ جۇمۇ ! دىدى ماكۇننىڭ ئاپىسى.

ھەي، بۇ بالىنىڭ شۇ يېرى چاتاقدوستلىرىغا قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ ، دوستلىرىنى بىزار قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن. سىلەرنىڭ ماكۇنغا بەك مەستلىكىم كىلىدۇ، داۋاملىق تاتلىق كۈلۈپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۈل بالا بولدى، شۇڭا ھەممە بالىلارشۇنداق ياخشى كۆرىدۇ ،دېدى رىكوچىياننىڭ ئاپىسى.

مىنىڭ بالامنىڭمۇ ماكۇن بىلەن بەك ئوينىغۇسى بار ئىدى ، كىلەر قىتىم بىر ئورۇنلاشتۇرايلى ھە،دېدى يەنە بىربالىنىڭ ئاپىسى.

ھە،راست، قايسى كۈنى بالام ماكۇننىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋىلىپ بەك خۇش بوپكەتتى ، رەھمەت!دېدى يەنە بىر ئانا.

ۋوي، ماكۇن تېخى خىراگانامۇ يازالايدىكەندە؟! دەپ ھەيران بولدى يەنە بىرئانا.

ئانىلارنىڭ ماكۇننى«قالتىس، نىمانچە ياخشى ، ھەجەپ مەستىلىكىم كەلدى..»دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى«ئاجىز، يىغلاڭغۇ» دەپ ئويلايدىغان ماكۇننىڭ ئاپىسى شۇنداق ئويلاپ قالدى.

ئەسلىدە، ھەممە ئانىلار باشقا بالىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنىلا كۆرىدىكەن،دە؟!

باشقىلارنىڭ چىملىقى مېنىڭكدىن يېشىل

خوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر

«باشقىلارنىڭ چىملىقى مىنىڭكىدىن يېشىل»يەنى ،بىزنىڭ تىلىمىزدا«قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ»دېگەندەك بالامنى باشقا بالىلار بىلەن سىلىشتۇرغانسىرى ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىلا كۆرۈنۈپ ئۆزۈمنىڭ بالىسى بەكلا ناچار كۆرۈنىدىكەن.

دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى –كېيىنلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر بالىنىڭ ئارتۇق–كام يەرلىرى بولىدۇ.مەنمۇ بالامنىڭ ياخشى يەرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈشنى ئۈگەنمىسەم بولماپتۇ.

ئەمدى باشقىلارنىڭ يولدىشىغا ھەۋەس قىلىدىغان مۇنۇ ئايالغا قاراپ باقايلى.

باشقىلارنىڭ يولدىشىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئايال

نىيى ئەپەندى ھەقىقەتەن بەكلا بالىسىغا ئامراق، كۆيۈمچان دادا! نېمىدىگەن ئېىسىل! ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ھەۋىسىم كېلىدۇ.

خوشنىمىزنىڭ يولدىشى قاچا يۇيۇش، ئەخلەت تۆكۈش دىگەندەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدىكەننېمىدىگەن ياخشى!!

دوستۇمنىڭ يولدىشى بالىسىنىڭ ھەربىر ئىشىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنداق ھەۋىسىم كېلىدۇ!

شۇنداق! ھەممىلا ئادەم «باشقىلارنىڭ چىملىقىنى ياپيىشىل»دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەمدى بىزياخشى تەرەپتىن ئويلاپ باقايلى؛

يولدىشىم سالغان كىيىملىرىنى قالايمىقان تاشلىماي رەتلىك قويىدۇ.

يولدىشىم قىلغان ئىشلىرىمدىن، ئەتكەن تاماقلىرىمدىن قۇسۇر ئىزلىمەيدۇ.

بالامنى بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا بالامنىڭ دادىسى.

مەندىن:

بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەنلىرىنى بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى، نىھمەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى دەپ ئويلىيالىغان ۋاقتىمىز بەخىتنىڭ ئىشىكىنى توغرا تاپقان ۋاقتىمىزدۇر.

بىز قاقشاش، قۇسۇر ئىزلەشنىڭ ئورنىغا مىننەتدار بولۇش، گۈزەللىك، يورۇقلۇق ئىزدەشنى تاللىغىنىمىزدا دۇنيا بىز ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرىيدۇ.

قەلبىمىز مۇھەببەتكە تولغاندا ھازىرقىدەك چارچاپ بارماقلاردىن تارتىپ سىقىراپ ئاغرىپ كەتسىمۇ، يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش بەخىت تېتيدۇ.😜

 

となりのトトロ – Totoro

***

يامازاكى ئەپەندىنىڭ  30 يىللار بۇرۇنقى يەنە بىر ئوماق كارتۇن فىلىمى.

ياپونچىسى : となりのトトロ
ئىنگىلىزچىسى : My Neighbor Totoro

شەنبە – يەكشەنبىلەردە ھەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ، بالىلار بىلەن بىللە باغچىلاردا ئوينايدىغان، دالا تامىقى يەيدىغان، بىللە كىتاب ئوقۇيدىغان، بىللە كارتۇن فىلىم كۆرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولغاي!

ئارام كۈنلىرىمىز  ئائىلە جەم بولۇپ بەخىتكە تولغان ئەسلىملەر بىلەن بىزەلگەي!

*****************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

 

تارقىتىڭ...
  1. كۆپۈنچە ئاتا – ئانىلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئەمما دىققەت قىلـمىغان مەسىلە دەپ ئويلايمەن. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

  2. ياخشى باشلىنىش، بەركەت تاپسۇن.
    دىيارىمىزدا پەرزەنت تەربىيسى دولقۇنى كۆتىرىلىۋاتقان پەيتتە سىزنىڭ ئۇلارنى كۆپ كۆرمەي قاتارغا قوشۇلۇپ سەپنى سەرخىل قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۇق. شۇنداق، بىز ئاتا-ئانىلار بىرلىكتە ئۆگىنىىپ ئىلمىي ھەم ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر چارىلەرنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاشقا ئېھتىياجىمىز ھەردائىم قانمايدۇ.
    ئاز بولسىمۇ ئىزچىل بولغان ھەركەت بەركەت تاپقۇسى. مۇۋەپپەق بولسۇن!

    • سۆيۈندۈم ، رەھمەت سىزگە .
      ھەر كۈنى ئۆزۈمدە بار كاۋاكلارنى ھىس قىلىپ تۇرىۋاتقان ، ئىزدىنىۋاتقان بىرىمەن . ئەمەلىيەتتە ، بىز ئىسىل قەلىبلەرنىڭ بەرگەن ئۆز ـئارا ئىلھاملىرى بىلەن قەدەملىرىمىزنى ئېلىپ ماڭغۇچى .
      سىزمۇ بەرىكەتلىك بولغايسىز ~☕️

  3. يازمىلىرىڭىز بەك سەرخىل،يۈرەككە باردى،قەلىمىڭىز قۇۋەتلىك،ئۆزىڭىز سالامەت بولۇڭ،يەنە يىڭى يىڭى يازمىلىرىڭىزغا تەشنابىز…

  4. 公众号نى مەن تاپالمىدىممۇ يا يوقمۇ ،مەزمۇن يىڭلانغىدىن خەۋەردار بوپ تۇراي دىگەنتىم

  5. ياخشىمۇسىز؟ ئالدىنقى قېتىمقى جاۋابىمنى كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز. بۇ تىمىنى كۆرۈپ باققايسىز، يازمىلارنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟ – دىگەن سۇئالنىڭ تەپسىلى جاۋابى مۇشۇ يەردە.

    http://tokyoxatiriliri.net/?p=1637

    • ياخشىمسىز بىز ۇچۇن تەييارلىگەن، يازمىلىرىڭىزگە مۇبارەك قوللىرىڭىزگە دەت بەرمىسۇن، ەقىقەتەن بىز پايدىلىنىپلا قالماستىن، باللىرىرىگە قانداق تەربىيە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۇرگەن اتا انىلارگە كەڭ تەش ۋىقات قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشپ، باللىرىمىزنىڭ كەلگۇسى ۇچۇن كۇرەش قىلايلى، رەخمەت سىزگە جىنىم،

  6. ئالدى بىلەن ئايىمىڭىزغا مۇبارەك ~
    يېقىندىن بىرى چارچىغىنىمدىن يىقىلىپ قالايلا دەپ قالغانىدىم، ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ سەل ماغدۇر كىرگەندەك بوپقالدىم، رەھمەت ❤️
    ئەتە بىر كۈن ھېيتتا ئوبدان ئارام ئىلىۋىلىپ ئۆگۈنلۈكتىن باشلاپ تىرىشايلى ھە (๑・̑◡・̑๑)
    ئوماقلىرىڭىز بىلەن كۆڭۈللۈك بىر ھېيت كۈنى ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولغاي ~ ❤️

  7. ھارىمىغايسىز ھەدە، ناھايتى ياخشى بىلمىلەرنى بىزگە سۇنىۋاتىسىز،مەن بۇرۇن گۇلباھار مۇئەللىمنىڭ خىلى كۆپ دەرسىگە قاتناشقان ئۇچاغدا بالام تىغى ئايلىق ئدى،مانا ئۇمۇ چوڭ بولۇپ 2ياشقا كىردى،ھازىر قولى شۇنداق ئىتتىك باشقلارنى ئۇرۇپ قويدۇ، ئادەتتە بالنىڭ ئادەم ئۇرۇشى ماڭا قارا مەن بىلەن ئوينا دەپ مەقستىنى ئىپادىلشى ئىكەن، ھازىر خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدى، كۈندە باشقلارنى ئۇرما دەپ نەسھەت قىلىپ تۇرىمىز لىكىن يەنە قولى ئىتتىك…مۇشۇ ھەقتتە يازىمىلىرىڭىز بولسا ئورتاقلاشقان بولساق…رەھمەت

  8. بۈگۈنكى ھېيتىڭىز قۇتلۇق بولسۇن~ ❤️
    ۋاقتىدا جاۋاب يازالماي قالدىم ، ئۆزۈر .
    2 ياشلىق ۋاقىتلار بالىلارنىڭ دەسلەپكى قارشىلىق مەزگىلى ھەم “ قورقۇنۇچلۇق ئىككى ياش مەزگىلى “ دەپ ئاتىلىدىغان ۋاقتى.
    دەل ئىككى ياشلىق بالىلارغا ئائىت ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ باققايسىز، پايدىلانغۇدەك مەزمۇن چىقىپ قالىدۇ.

    http://tokyoxatiriliri.net/?p=3100

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى