(5)

مىجەزى چۇس، قوپال بالىلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولغان ياخشىمۇ؟

 

Q&A

سۇئال:

خوشنىلاردىن بىرىنىڭ ئۈچ ياشلىق شۇنچىلىك كەپسىز، قوپال ئوغلى بولۇپ، باشقا بالىلارنى چىشلىۋالغان ۋاقىتلىرىمۇ بار. «ئاتا – ئانىسى بەك زىيادە ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق قىلىپ قويغان بالا بۇ، قاتتىقراق تۇتمىسا زادى بولمايدۇ» دېيىشىپمۇ قالىمىز. سىزدىن سوراپ باقسام، مۇشۇنداق بەك كەپسىز، ئەدەپسىز بالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكتۇ؟

ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

Tonari no Totoro

جاۋاپ:

ئەتراپىمىىزدىكى بۇنداق كەپسىز، قوپال بالىلارنىڭ  بالىمىزغا  بىرەر زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىدىن ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭمۇ ئاساسى بار، ئەلۋەتتە.

بەلكىم، مەھەللىدىكى پۈتۈن بالىلار بىرەر قېتىمدىن تاياق يەپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

بۇ خىلدىكى مۇشتۇمزور بالىلارنى كۆرسەك «زىيادە ئەركە قىلىۋەتكەنلىكتىن مۇشۇنداق ئەسكى، بۇنداق بالىلارغا قاتتىق قول بولغان ياخشى» دەپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بولىشىمۇ ناتايىن.

ئۇنداقتا، بالىلاردا نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى قوپاللىق كۆرۈلىدۇ؟

بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، تۇغما خاراكتىر.

يەنى، بالىلارنىڭ ئىچىدە تۇغۇلىشىدىنلا   مىجەزى ئېغىر – بېسىق بالىلارمۇ، كەپسىز، جىم تۇرمايدىغان بالىلارمۇ بار.

گەرچە نىيىتى يامان بولمىسىمۇ، كۈچىنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان، ئەھۋال ناچار تەرەپكە يۈزلىنىپ قالىدىغان بالىلارمۇ بار. ئادەتتە 3 ياشلىق بالىلاردا بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا مىسال كۆرۈپ باقايلى:

 

 

بالىلار ئۇرۇشۇپ قالدى. ئوغۇل قىزچاقنىڭ بىلكىنى چىشلىۋالدى. قىزچاق ئاغرىققا چىدىماي يىغلىدى. ئانا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ شۇنداق ئوڭايسىزلاندى.

-نىمانداق قىلىسەن؟! كەچۈرۈم سورا!

-بۇ بالام نىمانچە قوپال چوڭ بوپقالغاندۇ؟ مەن ئانچە ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن ئوخشايمەن- دېدى ئوغۇلنىڭ ئانىسى كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا.

-ياق، ياق… ئۇنداق ئويلىماڭ، بالا تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟ پەقەت ئويلىغىنىنى قانداق يەتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالغان گەپ. چوقۇم قەستەن مۇشتۇمزورلۇق بىلەن قىلغان ئىش ئەمەس، چوڭ بولغانچە تۈزۈلۈپ كېتىدۇ، – دەپ تەسەللى بەردى قىزچاقنىڭ ئاپىسى.

-رەھمەت، بەك سەت بولدى،- دېدى ئوغۇلنىڭ ئاپىسى خىجىل بولۇپ.

 

 

بالىلارنىڭ مىجەزىدىكى قوپاللىق، مۇشتومزورلۇقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى:

بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مەلۇم توسالغۇ پەيدا بولغاندا يەنى،مەلۇم روھى بېسىممۇھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ مانا مۇشۇنداق قوپاللىق كۆرۈلىدۇ.

مەسلەن، بۇرۇنقى يەسلىدە بالا قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچىرىغاندا چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن چىقىرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

يەنە مەسلەن، ئائىلىلەردە بالىلارنىڭ كىچىكى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ سەل قارالغان، «خورلاش» باسقۇچىغا يەتتى دىيەلمىسەكمۇ  مەلۇم دەرىجىدە تەن جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتتىق باشقۇرۇشلاردا چوڭ بولغان بالىلاردىمۇ بۇ خىل قوپال ھەرىكەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بالىلاردىكى قوپاللىق، مىجەزىدىكى چۇسلۇقنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بالىلىق قەلبتىكى زەخمىدىن كەلگەن دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ھىچ بولمىغاندا بۇ خىل قوپاللىق ئاتا–ئانىنىڭ زىيادە ئەركىلەتكىنىدىن بولغان  ئەمەس.

ئەتراپىدىكلەر توپلىشىپ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا شىكايەت قىلغاندا، ئاتا–ئانا بولغۇچى بۇنىڭدىن خېجىل بولۇپ، بالىغا تېخىمۇ قاتتىق قول بوپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا بالىنىڭ روھى بېسىمى تېخىمۇ ئارتىپ، ئەسلىدىكى قوپال سۆز – ھەرىكەتلەرتېخىمۇ ئەدەپ كېتىشى، ئەكسىچە نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاۋۇ رەسىمدىكى يولداشلارنى ئازراق چۈشىنىپ كۆرەيلى.

 

 

 

مەھەللىدىكى بىر قانچە ئانىلاربىرلىشىپ بالىنىڭ ئۈستىدىن ئاپىسىغا شىكايەت ئېيتىشقا باشلىدى.

-تاكېشى ھە-دىسىلا بالىمىزنى ئۇرىۋىلىپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق، ئوبدانراق گەپ قىپ قويارسىز.

-ئاپاڭنى نۇمۇستىن ئۆلتەردىڭغۇ سەن،- دىگىنىچە بۇ گەپلەردىن نۇمۇس قىلىپ يېرىلغۇدەك بولغان ئانا بالىسىنى ئۇرۇپ، تىللاشقا باشلىدى.

                  ***

بالىنىڭ قوپال ئىش -ھەرىكەتلىرىنى  كونتىرول قىلىش ئۈچۈن مۇھىمى، بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى روھى بېسىمنى سۆز ئارقىلىق چىقىرىۋىتىشكە ياردەم قىلىڭ.

ئۇ مەيلى ئۆزىمىزنىڭ بالىمىز بولسۇن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بالىسى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش بالا. مۇنداق چاغدا بالىدىن «نېمە بولدى ساڭا بالام؟»، «كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىدىغان بىرەر ئىش بوپقالدىمۇ؟» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ كۆڭلىنى سوراڭ..
ئەگەر بالىدىن: «مۇنداق…مۇنداق ئىشلار بولغاچقا…» دىگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشىپ قالساق،«شۇنداقمۇ؟ بۇنداق بولىشىنى خالىمايتتىڭغۇ ھە؟» دىگەندەك بالىنىڭ ھىسياتىغا ئورتاقلاشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. بالا سەۋەبىنى ئېيتىشنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ «نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، بىراق، كۆڭلۈڭگە كەلگۈدەك بىرەر ئىش بوپتۇ» دىگەندەك بالىنىڭ ھىسياتىنى چۈشىندىغان سۆزلەرنى، شۇنداقلا «بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشقا خاپا بولۇپ قالساڭ «قىلغۇم يوق»، «كۆڭلۈمگە كەلدى» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈڭدىكى خاپىلىقنى ئېيتقىن، كىلىپلا باشقىلارنى ئۇرساڭ، چىچىنى تارتساڭ بولمايدۇ، باشقىلارنىڭمۇ سېنى شۇنداق قىلىشىنى خالىمايسەنغۇ؟!» دىگەندەك سۆزلەر  بىلەن بالا بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرۈڭ.

 

يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا:

(1) بالىنىڭ قەلبىنى تىڭشاش.

(2) بالىنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسياتىغا ئورتاقلىشىش.

(3) ھەركەتكە ئۆتۈشىنى چەكلەش.

ناۋادا كەپسىز بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققۇڭىز بولسا، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ دائىم ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئوخشاش شىكايەتلىرىنى كۆپ ئاڭلاۋېرىپ جاق تويۇغلۇق ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدە بولسۇن. شۇڭا، پاراڭلاشقاندا  ئۇلارنىڭمۇ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرىستىۋاتقانلىقى، جاپا چىكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاخىرىدا، بۇ مىسال بىلەن سۆزىمىزنى تاماملايمىز.

 

 

-ئاپلا، تاكېشى يەنە باشقىلارنى ئۇرۇۋاتىدۇ،- دىگىنىچە تاكېشىنىڭ ئاپىسى بالىنىڭ يېنىغا كەلدى.

-بالام، نېمە ئۈچۈن دوستۇڭنى ئۇرىسەن؟ كۆڭلۈڭگە كەلگۈدەك بىرەرئىش بولدىمۇ؟

-شۇ….- بالا ئاپىسىغا كۆڭلىگە كەلگەن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

-شۇنداقمۇ؟ مەن سېنىڭ نېمىگە بۇنچىلىك ئاچچىقلاپ قالغىنىڭنى ئۇ بالىغىمۇ يەتكۈزۈپ قوياي، بولامدۇ؟

لېكىن، بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنى ئۇرساڭ ھەرگىز بولمايدۇ، كىلشتۇق -ھە؟

-ماقۇل.

 

****************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...