سۇئال:

يېقىندىن بېرى، بالام يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالدى.  «يالغانچىلىق – ئوغرىلىقنىڭ باشلىنىشى» (تۈز تەرجىمە قىلساق مۇشۇنداق بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىلىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئائىت ماقال – تەمسىل ئېسىمگە كەلمىدى…) دەيدىغان گەپ بار، بالامنىڭ بۇ يالغانچىلىقلىرىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن، قانداق قىلسام بولار؟

 

上を向いて歩こう ― 坂本九

 

جاۋاب:

شۇنداق، بىزدە «يالغانچىلىق – ئوغرىلىقنىڭ باشلىنىشى» دەيدىغان گەپقۇ بار. بىراق، بارچە يالغانچىلىقنىڭ ئۇنچىلىك يامان بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.

دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا تېگىشلىك يالغانلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار جەمىئيىتىدە بىرمۇ يالغان قالمىسا، ياشىماق بەكلا قىيىنلىشىپ كېتىدۇ، شۇ ئەمەسمۇ؟!

 بۇ جاھاندا يالغانچىلىق قىلىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئىنسانلار! ئىت – مۈشۈكلەرنىڭ يالغانچىلىق قىلىدىغىنىنى ھېچبىر كۆرمىدىم ھەم ئاڭلىمىدىم! يالغانچىلىق قىلالمايدىغان ئىنسانلار بار دېيىلسە ئۇلار – بوۋاقلاردۇر.

يالغانچىلىق قىلىش – دىگەنلىك، ئاشۇنداق ئىقتىدار يېتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى دىگەنلىكمۇ قانداق؟! مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «يالغانچىلىق – ئوغرىلىقنىڭ باشلىنىشى» دىگەندىن كۆرە «يالغانچىلىق – ئىنسانچىلىقنىڭ باشلىنىشى» دېگەن تۈزۈك.

ئەلۋەتتە، يالغانچىلىقلار ئىچىدە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بوپ كېتىدىغان يالغانچىلىقلارمۇ، چوقۇم دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان يالغانچىلىقلارمۇ بار. مەن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە تۈرلىكىنى يەتكۈزمەكچىمەن.

 

(1)

ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى خۇددى رىئاللىقتەك سۆزلىگەن يالغانلار

كىچىك بالىلار ئۆزىنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن رىئاللىقنىڭ پەرقىنى تېخى بىلەلىگۈدەك ئەمەس. (بۇ بالىلىقنىڭ ئەڭ قالتىس، گۈزەل تەرىپى)

مەسلەن، «يېقىندا دېسنىيغا باردىم!» دىگەندەك ئۆز ئارزۇسىنى خۇددى بولغان رىئاللىقتەك سۆزلەيدۇ. ناۋادا بالىڭىزنىڭ دەۋاتقانلىرى مۇشۇ خىلدىكى «يالغانلار» بولسا، بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىز، تەنقىد قىلىپ يۈرۈشىڭىز پۈتۈنلەي ھاجەتسىز!

پەقەت «شۇنداقمۇ بالام ؟» دەپ ئاڭلاپ قويسىڭىز كۇپايە. (بۇ خىلدىكى تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنى ئايرىيالمىغان يالغانلارنى بەك پىرىنسىپقا كۆتۈرۈش ھاجەتسىز)

(2)

تەنقىدلەنمەسلىك ئۈچۈن يالغان سۆزلەش

ئەسكى ئىش قىلىپ بولۇپ «مەن قىلمىدىم!» دەپ تۇرىۋىلىش. بۇ خىل يالغان بالىلاردىلا ئەمەس، چوڭلاردىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ چوقۇم دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان يالغانچىلىق!

بۇخىل يالغانچىلىقنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەبلىرى كۆپىنچە «زىيادە ئەيىپلەنگەنلىك» دىن ئىبارەت.

بۇ خىل ئەھۋالدا، سىز قانچە ئەيىپلىگەنسىرى ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىدۇ.

يەنى، بىرەر ئەسكى ئىش قىلپ قويۇپ يالغان سۆزلەيدۇ، ئەيىپلەنگەندىن كىيىن تېخىمۇ ئەسكى ئىش قىلىدۇ،- دە، بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يالغان سۆزلەيدۇ، نەتىجىدە تېخىمۇ ئەيىپلىنىدۇ…

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل بالىلار نېمە ئۈچۈن ئەسكى ئىش قىلىدۇ؟ – دىگەندە، كۆپ ئەيىپلىنىشتىن بالىدا روھى بېسىملار بولغانلىقىدىن ئىبارەت.

بۇ خىل روھى بېسىملار باشقا بالىلارنى بوزەك قىلىش، ئويۇنچۇقلىرىنى تارتىۋىلىش، ئاتا – ئانسىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئوغۇرلاش قاتارلىق شەكىللەردە ئوتتۇرغا چىقىدۇ.

بۇ ئەسكىلىكلەر تىزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقتىن، قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ. كۆڭۈل بىئاراملىقى تېخىمۇ ئاشقان بالا تېخىمۇ يامان ئىش قىلىپ سالىدۇ، قىلغان ئىشلىرى يەنە ئاشكارلىنىدۇ،-دە، تېخىمۇ تىل ئىشتىدۇ. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق!

بۇ ھەقىقەتەن ئەنسىرەشكە تېگىشلىك يالغان ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.

يەنى، بالىلارنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن دىيەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر.

نەزىرىيەدە شۇنداق دىگىنىمىز بىلەن بالىلار نىمە ئىشلىقىنى سورىساقلا راست گېپىنى دەپ كېتىشى ناتايىن. بۇنداق چاغلاردا «راست گېپىڭنى قىلغىن» دەپ قانچىلىغان قېتىم سورىغىنىمىزدا، ئاندا – ساندا راستىنى ئېيتىپ قالغانلىرىدا «راست گېپىڭنى قىلىپ بەرگىنىڭ ياخشى بولدى» دەپ بالىنىڭ راستچىللىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز، بالا بارغانسىرى راست گېپىنى دىيەلەيدىغان بولغاندىلا، ئاندىن نورمال تەنقىدنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ.

يەنى، بالىنى ئەيىپلەشكە ئالدىرىمايلى، بالا ئالدى بىلەن خاتالىقلىرىنى ئەنسىرىمەستىن، قورقماستىن دىيەلەيدىغان بولسۇن، شۇ چاغدا خاتالىقىنى مۇۋاپىق تەنقىدلىسەك بولىدۇ.

يالغان سۆزلەش دىگىنىمىز – ئۆزخاتالىقلىرىغا، گۇناھلىرىغا يۈزلىنەلمەسلىك، ئېتىراپ قىلماسلىق دىگەنلىك.

ئۆز گۇناھلىرىغا يۈزلىنەلمەسلىك – غورورنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن بولماستىن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، خالاس!

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر – ئۆز خاتالىقىنى، گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلالايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوق كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئىتىراپ قىلىشنى كىشىلىك قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك دەپ قارايدۇ.

خاتالىقلارغا، بولمايدىغان ئىشلارغا چوقۇم «بولمايدۇ!» دىيىش بىلەن بىرگە، بالىلارغا خاس تىرىشچانلىقىنى، غەيرەتلىرىنى، ياخشى، ئارتۇق تەرەپلىرىنى بالىغا يەتكۈزۈش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈش قەتئى زۆرۈر.

بالىغا يالغان سۆزلىسە بولمايدىغانلىقىنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە، بالىنىڭ يالغان سۆزلىشىگە زادى نېمە سەۋەپ بولغانلىقىنى، يالغانچىلىقىغا سەۋەپ بولغان يوشۇرۇن مەنبەنى ئىگەللەش بەكمۇ مۇھىم.

ئاخىرىدا، ھەر ۋاقىتتىكىدەك تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسال بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز:

ئاپىسى قىزچاقنىڭ قولىدا ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان قېرىنداشنى كۆرۈپ قالدى.

-قىزىم، بۇ قېرىنداش نەدىن كەلدى؟

-بۇرۇنمۇ بار ئىدىغۇ ئاپا!

-ئۇنداق ئەمەستۇ قىزىم؟

-تېپىۋالدىم…راستىنلا…

-قىزىم، بۇ بەك مۇھىم، ماڭا راستىنى دەپ بىرىڭ، راستىنلا تېپىۋالدىڭىزمۇ؟

-ئاپا، راستىنى دەي… دوستۇمنىڭ قېرىندىشى… بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئەپ ساپتىمەن…

-شۇنداقمۇ؟ راست گەپ قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى قىزىم!

تامام

*******************

ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ ھەممىسى مىسالدىكىدەك تېزلا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىراق، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسدا ئىشەنچ شەكىللەنگەندە بالىلارنىڭ ئەسلى ماھىيتىدىكى سەمىمىيلىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى، بالىلاردا يالغانچىلىقنى بايقاپ قالغىنىمىزدا، بالىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشتىن بۇرۇن ئۇلار راست سۆزىنى قورقماي دىيەلەيدىغان بىر ئىشەنچىلىك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش، بالىنىڭ يالغانچىلىقىغا سەۋەپ بولغان ئەسلى ماھىيەتنى تېپىپ چىقىشىمىز زۆرۈردەك تۇرىدۇ.

 

********************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

コクリコ坂から

كىچىك مىيازاكى گورو، يەنى، مەن داۋاملىق تىلغا ئالىدىغان مىيازاكى بوۋاينىڭ ئوغلى 2011- يىلى ئىشلىگەن، ياپوننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى،  ئائىلە، مەكتەپ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كارتون.

بۈگۈنكى تەۋسىيە بۇ كارتون ئەمەس، بەلكى، كىرىشتۈرمە  ناخشىسى، يەنى،  ياپونلارنىڭ مەشھۇر خەلق ناخشىسى «ئالغا قاراپ ماڭايلى!».

ئالغا قاراپ ماڭايلى،
كۆز ياشلىرىمىز سەلدەك ئاقمىسۇن.

ھالقىماق ئەڭ تەس بولغان ھاياتنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە، ئازابلانساقمۇ چۈشكۈنلەشتۈرمەيدىغان قەدەملىرىمىز بولسۇن💐

 

تارقىتىڭ...