بىلىش-بالىلىقىمدا ياشىغان قاراڭغۇ ئۆينىڭ ئۇنتۇلغان ئۆيلىرىنى يورۇتۇپ بەردى. ھازىرغا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن ئۆز ئۆيۈمدە تۇرۇپمۇ ئۆيۈمنى سېغىنغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
***
ئىچكى بالا دېگىنىمىز-ئۆتمۈشتىكى جاراھەتلەنگەن بالىلىق قەلب.
يارىلانغان ئىچكى بالا ساقايغاندا، بالىدا ئەسلىدە بار بولغان تەبىئىي، زورئېنىرگىيە قايتا پەيدا بولىدۇ. داڭلىق پىسخولوگ كارول يۇڭ بۇ ئەسلىدىكى تەبىئىي بالىنى «قالتىس بالا» دەپ ئاتىغان.
بالىلار ئۆزلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلالايدىغان ئاتا-ئانىغا ئىھتىياجلىق. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ئشىنىدىغان بولىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىسىۋەتكەن بالىلار قەلبى يارىلانغان ھالەتتە قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بوپقالىدۇ.
دەل يۇقاردا دېيىلگەن سەل قارالغان، يارىلانغان ئۆتمۈشتىكى شۇ ئىچكى بالا ئادەملەرنىڭ بارچە روھى ئازابلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ-ئىپتىدائىي ئازاب دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇشبۇ كىتاب بىزگە ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئىچكى بالىنى ئەسلىدىكى تەبىئىي بالىغا قايتۇرالايدىغانلىقىمىزنى، ئىچكى بالىمىزنى قۇچاقلىيالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ.
كىتابنى ئوقۇش ۋە مەشىقلەرنى ئىشلەش بىلەن مەسىلىلىرىڭىز بىر كېچىدىلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەمما ئىشىنىمەنكى ، ئىچىڭىزدە سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان يەنە بىر سىزنى بايقايسىز. ئىچكى بالىڭىزنىڭ غەزىپىنى، ئازابلىرىنى تىڭشىيالايسىز. ھەمدە ئىجادىي، شادلىققا تولغان ھالدا ئىچكى بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە يېڭى ھاياتىڭىزنى تەبرىكلەيسىز.
Childhood Memory
«ئىچكى بالا»ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىدۇ
تەبىئىي ھەيرانلىقىمىز، ئىجادچانلىقىمىزنىڭ قانداق يوقاپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنگىنىمىزدە ئۇنى يەنە قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى بىلەلەيمىز. شۇنداقلا، بالىلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا بىزگە ئوخشاش يوقىتىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالىشىمىزمۇ مۇمكىن.
***
ئاپتۇر جون بىرەدنىڭ 40 ياشقا كىرگەن ياز پەسلى ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ساياھەتكە چىقىپ، مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتتىق ئاچچىقلاپ خوتۇن-بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ماشىنىسنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ساياھەت جەريانىدا 3-قېتىم مانا مۇشۇنداق قاتتىق ئاچچىقلىنىشى ئىدى. ئاچچىغى بېسىلغاندا ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ يالغۇز ھەم نۇمۇسلۇق ھېس قىلدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل قاتتىق ئاچچىقلىغاندىن كېيىن، يالغۇز سولىنىۋىلىشى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئادەت خاراكتىرىلىك بوپقالغانىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىنى تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ.
11ياشقا كىرگەن يىلىدىكى مىلاد بايرىمى كېچىسى ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ كېلىشىنى، بىر ئائىلە جەم بولۇپ مىلاد زىياپىتىنى باشلاشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. كېچىدە مەس-ئەلەس كەلگەن دادىسى ئۇنىڭ مىلاد بايرىمىلىق خۇشاللىقىنى يوق قىلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسىغا بەكمۇ ئاچچىغى كەلدى-يۇ، ئاچچىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى،چوڭلارغا خاپا بولۇش، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىغا ئاچچىقلاش، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش ئەڭ قەبىھ ئەدەبسىزلىك دەپ ئۆگىتىلگەن جون ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتتى…
ئۇ دەسلەپتە خوتۇن-بالىلىرىغا مۇنداق قاتتىق ئاچچىقلاشنىڭ سەۋەبىنى ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك،- دەپ چۈشەندى. ئەمما، 46 ياشقا كەلگەندە، بۇنىڭ بالىلىقتىكى بېسلىپ قالغان ئاچچىقلىرى ئېكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنداقلا ئۇزۇن يىللار بىسىلىپ قالغان ئاچچىق، غەزەبلىرىنى داۋاملىق تۈردە بىسىشقا ئامالسىز قالدى.
***
مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بالىڭىزغا، ھەمراھىڭىزغا ئاچچىقلىنىپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ كەتتىڭىز. بۇ چاغدا سىز بالىلىق دەۋرىڭىزگە قايتتىڭىز. ئۆز ۋاقتىدا ئاچچىقىڭىزنى تۇتقاندەك بالىلىرىڭىزنىمۇ، ھەمراھىڭىزنىمۇ «كىچىك بالا» بىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل بىلەن جازالىدىڭىز. ئاڭسىز ھالدا قۇرامىغا يەتكەندىمۇ بالىلىقتىكى شۇ ئاچچىق، غەزەپكە قايتتىڭىز. ھېسسى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئاڭسىز ھۇجۇملار پەسەيگەندە ، ئۆزىڭىزنى يەنىلا يالغۇز، نۇمۇس ھېس قىلدىڭىز، خۇددى بۇ خىل يالغۇزلۇق ھەم نۇمۇسقا خۇمار بولغان بالىدەك. مانا بۇ دەل ئىچكى بالىنىڭ ھەركىتى.
بالىنىڭ يېتىلىشى بوغۇلغاندا، ھېس-تۇيغۇلىرى بولۇپمۇ ئاچچىقلىنىش، ئازابلىنىش تۇيغۇلىرى بېسىلىپ قالغاندا، بالا بېسىلغان ئاشۇ يارىلانغان تۇيغۇلىرى بىلەن قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولىدۇ ھەم بۇ «يارىلانغان بالا» ئۇ ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ئىچكى بالىنى داۋالاپ قوغدىمىساق ، ئۇ داۋاملىق ئاكتىپ ھالدا تۇرمۇشىمىزنى نابۇت قىلىدۇ.
بالا نېمىگە مۇھتاج
1.بىخەتەرلىك-ئىشەنچ تۇيغۇسى
ھاياتلىقتىكى تۇنجى ئۆسۈپ-يېتىلىش دەرسلىكى ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇلۇشى بولۇپ، بالا ئانىسى، دادىسى، يەنى باققۇچىسىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك، بىخەتەر، تايىنالايدىغان ئادىمى ئېكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ئىشنەلەيدۇ. يەنى، ئەنە شۇ تۇنجى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئالالىغىنىدا بۇ دۇنيانىمۇ بىخەتەر ھېس قىلىدىغان، ئۆزىگىمۇ تايىنالايدىغان، يەنى ئۆزىدە بار كۈچ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، ئەقىل، ھېس-تۇيغۇ، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئىشىنەلەيدىغان، تايىنالايدىغان بولىدۇ.
بالا خورلىنىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچىرىغاندا، بالىدىكى ئوچۇق-يورۇقلۇق، ئادەملەرگە بولغان ئىشەنچ ئۆلىدۇ.
2.ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە يول قويۇش
كۆپ قىسىم ئائىللەردە«ئاغزىڭنى يۇم»پىرىنسىپى بار بولۇپ، مۇنداق ئائىلىلەردە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش نۇمۇس، ئەكسىچە باستۇررىۋىتىشنى پەزىلەت دەپ ئۆگىتىلىدۇ.
ئەمما، ھېس-تۇيغۇلار ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە. نورمال بولمىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ. نەتىجىدە ، ئۇلار «ھەرىكەتكە ئۆتۈش»ياكى«ئىچىگە مۆكۈنىۋىلىش» ئارقىلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى تاللايدۇ.
بىر تەرەپ قىلىنمىغان، ئىپادىلەپ چىقىرىلماي بېسىلىپ قالغان بۇ ھېس-تۇيغۇلار دەل بىز دەسلەپتە تىلغا ئالغان ئىپتىدائىي ئازابنىڭ ئۆزىدۇر.
3.ئازابلىنىش
بىز ئازابلىنىشىمىزغا يول قويالىغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى تەبىئىيلا ساقايتالايمىز.
ئازاب بىزنى يىغلىتىدۇ. ئەنە شۇ كۆز-ياشلىرىمىز ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى يۇيۇپ، ھەل قىلىشىمىزغا يارىدەم قىلىدۇ.
ئادەم-يىغلىيالايدىغان مەۋجۇتلۇق. يىغلاش كۈلۈشكە ئوخشاشلا ئادەمنىڭ ئىجتىمائىلىقى ۋە پىسخكىسىغا پايدىلىق. «يىغلاش-نۇمۇسلۇق ئىش»دەپ كۈچلۈك بولۇشقا ئۈندەپ يىغلىۋىلىشىغا يول قويۇلمىغان بالىلار قەلبى جاراھەتلەنگەن پىتى قالغان بولىدۇ.
چۇڭقۇر ئازابلىنالمىغاندا، ئۆتمۈش بىلەنمۇ خوشلاشقىلى بولمايدۇ. بالىلىق دەۋردە بالىلارنىڭ ئىھتىياجلىق بولغىنى-قورقۇنچنى ئىپادىلەش، ئازابنى چىقىرىۋىتىشتۇر.
4.شەرتسىز سۆيۈلۈش
سۆيۈلۈپ ياخشى بېقىلغان بوۋاققا زەن سېلىپ قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى، كۆزلىرىدە تەبىئىي خۇشاللىقنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز.
بالىلاردىكى غۇبارسىزلىق- ئۇلاردىكى سېھرىي كۈچنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھدىن پاكلىقىنىڭ يادىروسى. ئۇلار ھازىردا ياشايدۇ، خۇشاللىق ئىزدەيدۇ. كرىستوفىر موراينىڭ شېئىرىدا يېزىلغىنىدەك ھاياتنى«مۆجىزىلىك تېپىشماق» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.بالىلاردىكى بۇ خىل ئىلاھى خۇسۇسىيەت ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.
بالىلار سۆيۈش ۋە قەدىرلەش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سۆيۈشتىن ئاۋۋال سۆيۈلۈشى كېرەك. يەنى، بالىلار سۆيۈلۈش ئارقىلىق سۆيۈشنى ئۆگىنىدۇ.
مونتاگۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرى ئىچىدە ، سۆيۈلۈش ئېھتىياجى ئەڭ ئاساسىي ئىھتىياج ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەل ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرىدىغان ئىھتىياج بولۇپ، ھەر قانداق ئىھتىياجلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك بىزنى ئىنسان قىلىدۇ.سۆيگۈگە بولغان ئىھتىياج مەڭگۈ ئەسلا يوقىمايدۇ.
بالىلار قانداق ۋاقىتتا خورلانغان بولىدۇ؟
بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە سىزىمى ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەنلىرى ئۈچۈن ۋاقىتىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجراتماسلىقىنى بالىلار خورلۇق ھس قىلىدۇ.
نورمال بولمىغان ئائىلىلەردىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ تولۇقلانمىغان ئېھتىياجلىرى نۇرغۇن. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى دەل ئۇلار ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ئىھتىياجى قاندۇرۇلمىغاندا، ئەڭ ئېغىر يارىلانغان بولىدۇ.
بالىلار ئۇچرايدىغان ئەڭ چوڭ جاراھەت-ھەقىقى ئۆزىنىڭ رەت قىلىنىشى. يەنى، ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى، ئىھتىياجى، ئارزۇلىرىنى قوبۇل قىلمىسا، بالا ئەسلى ئۆزىنى رەت قىلىدۇ.بالا ئۈچۈن سەل قارىلىش-ئۆلگەن بىلەن باراۋەر.
بالىلار سەل قارالغان، خورلۇققا ئۇچىرىغان ۋاقىتتا بالىلارنىڭ چەك-چىگرالىرى بۇزۇلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىدىكى جىنسى خورلۇقنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارنىڭ چەك-چىگرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش، بالىلارنىڭ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدىغان شەخسى بوشلۇقىنىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولىدۇ. مىسالغا ئالساق، بالا ھاجەتخانىدىكى چاغدا ئاتا-ئانىنىڭ تازلىق ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈشى، بالىلاردىن جىنسىيتىگە ئائىت ئىنچىكە سۇئاللارنى سورىشى، ئەڭ مۇھىمى بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق جىنسىي چەكنىڭ، پەردىشەپنىڭ بولماسلىقى سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
بالىلار مەكتەپ يېشىغا يېتىپ مەكتەپكە بارغاندىن باشلاپ ناھايتىمۇ تېزلىكتە ئۆزى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئۆزىنىڭ ئىرىقى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىقتىسادى ئورنى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىنى پەرق ئېتىشكە باشلايدۇ. بىر بالا ئۆزىنىڭ كىملىكى سەۋەبلىك (مەسلەن، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن) ئازابلانسا، باشقا بالىلار تەرىپىدىن« دۆلەت تىلىنى توغرا سۆزلىيەلمەيدۇ» دېيىلسە، ئانا تىلىدا سۆزلەش چەكلەنسە مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى «مەكتەپتە خورلىنىش»ھېسابلىنىدۇ.
ئاستىدىكى جۈملىنى ئۆزىمىزنىڭ رىئاللىقىغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ قويدۇم. ئەينى ۋاقىتتا ئاپتۇرنىڭ يەھۇدى دوستى ئۆزىنىڭ يەھۇدى بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، قارا تەنلىك بالىلارنىڭ «ياخشى سۆزلىيەلمەيدۇ» دېيىلگەنلىكلىرى، تىكساس شىتتاتىدىكى مەكتەپلەردە مىكىسىكىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىشى چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
يامان يېرى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقىنى بالا«مەن ناچار بالا بولغاچقا»دەپ ئويلىۋالىدۇ. بالا ئاتا-ئانىنى غايىۋىلەشتۈرۈپ ئويلايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇپ-تىللاشلىرىنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدۇ. يەنى«ئاتا-ئانام مەن ناچار بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇردى»،«ئاتا-ئانام گەپ ئاڭلىمىغانلىقىم ئۈچۈن ۋاقىرىدى»،«بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، ئاتا-ئانامنىڭ توغرا»دەپ ئويلايدۇ.
يارىلانغان ئىچكى بالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىچىڭىزدە پەرىشتىنىڭ روھى بار. ئۇ ھەمىشە سىزنى ئۆز مەۋجۇتلىقىڭىز ئۈچۈن ھۇزۇرىغا چاقىرىدۇ.
***
ئەگەر زەخمىلەردىن داۋالانماقچى بولسىڭىز ،بالىلىقىڭىزنى قايتا ئەسلەپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەريان تولىمۇئازابلىق بولۇپ، شۇ چاغدىكى ھېسسىي جاراھەت ۋە ئازابنى قايتىدىن تىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھەر بىردەۋر باسقۇچى مەدىتەيشېن يەنى، تىنچلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ خىل تىنچلىنىش ئارقىلىق قۇرامىغا يەتكەن سىز يارىلانغان ئىچكى بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىسىز، ئۇنى قۇچاقلايسىز.
1.بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى ئۆزىگە قايتىش
(0~9ئايلىققىچە)
بوۋاقلىق مەزگىلىدە ھېس-تۇيغۇ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، بۇمەزگىلىدە بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئانا.
ئانا-ھاياتلىقىمىزدىكى بىز تۇنجى ئۇچراشقان ئايال زاتى. بارچە مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا يۇغۇرۇلۇشىنىڭ باشلانمىسى.بالا ئانىنىڭ داۋامى. ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چېگرا يوق.
ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىلاھى باغلىنىش سىرى ئانىدىن بالىغا ، بالىدىن ئانىغا يەتكۈزۈلىدىغان روھى ھېس ئالاقىدۇر.
ھاياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالا ئانا بىلەن بىر گەۋدە بوپكېتىدۇ. .ئانا بالىنىڭ بارلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوبۇل قىلالىغىنىدەك، بالىمۇ ئانىنىڭ تۇيغۇلىرىنى بىلەلەيدۇ. ئانىنىڭ ھېسياتى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئانىلىق رولىنى قانچىلىك ياخشى ئۆتىشىدىنمۇ بەكرەك، بالىنى قانداق ئويلايدىغانلىقى مۇھىم. مىسالغا ئالساق، ناۋادا ئانا بالا قورساقتا قالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇغۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بولسا، ئانىنىڭ مۇشۇ ھېس-تۇيغۇلىرى شۇ پېتى بالىغا بارىدۇ ھەم دەسلەپكى يارىنى پەيدا قىلىدۇ…دېگەندەك.
ئەگەر ئانىنىڭ ئۆز بەدىنى بىلەن بولغان باغلىنىشى يىتەرلىك بولمىسا، بالا بىلەن ئىشەنچ رىشتىنى باغلىيالمايدۇ. ئىچكى بالا ئۆز بەدىنى ئىچىدە راھەت تۇرالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بۇ راھەتسىزلىك ئۆز بالىسىدا تەكرارلىنىدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەقدىرىمىز ئانىمىز ھېسابلىنىدىغان ئەنە شۇ ئىنساننىڭ قولىدا. بۆشۈكنى تەۋرىتىدىغان قول» بالىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى تەۋرىتەلەيدۇ. ئەگەر ئانىمىز بىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغىنىدا، بىز بىلەن ئانىمىز ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك رىشتە باغلانغان بولىدۇ.
مانا بۇ رىشتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇ رىشتە كەلگۈسىدىكى بارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئانىلىق بۇرۇچنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئانا ئۆزىنىڭ «مەۋجۇتلۇق» تۇيغۇسىنى بىلىشى، ئالدى بىلەن ئانا ئۆزىنى ياخشى كۆرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئانا بولغۇچى ئۆزىنىڭ ھەممە تەرىپىنى قوبۇل قىلالايدۇ.
ئانا ئالدى بىلەن ئۆزى ساغلام بولماي تۇرۇپ، بالىغا ھەرگىز ساغلاملىق تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. ئانا ئۆزى ئۆزى بولماي تۇرۇپ، بالا بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچلىك باغ ئورنىتالمايدۇ.
ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش-بەلكىم، ھاياتىمىزدا قىلىپ باققان خىزمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ جاپالىق، قىيىنى بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىڭىز، پۇل خەجلەپ ئۆز ئېھتىياجلىرىڭىزنى قاندۇرۇشىڭىز، بۇ جەرياندا سىزنى قوللايدىغان ھەمراھىڭىز ياكى باشقا مۇھىم ئادەملىرىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىممى، يارىلانغان ئىچكى بالىڭىزنى داۋالىشىڭىز كېرەك.
2.ئايىغى چىقىش مەزگىلىدىكى ئۆزىگە قايتىش
(9-18ئايلىققىچە،18 ئايلىقتىن-3 ياشقىچە)
بۇ مەزگىل بالىلارنىڭ تىم-تىم مېڭىشقا باشلىغان، نېمىنى كۆرسە تۇتۇپ باققۇسى، ئاغزىغا سەپ باققۇسى كېلىدىغان، تاشقى دۇنيادىكى ھەر بىر شەيئىگە قىزىقىدىغان، قىزغىنلىق بىلەن ئىزدىنىش مەزگىلى.
بۇ مەزگىلدە ئانا تولىمۇ چارچايدۇ. ئۇ ئارام ئېلىشقا، يولدىشىنىڭ ئۇنى ھىمايە قىلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن مەسلىنى قانداق ھەل قىلغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك. ئۇندىن باشقا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزى ئاچچىقلىسىمۇ، ئەسكىلىك قىلسىمۇ يەنىلا بالىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
كىتاب ئوقۇۋىتىپ بىر نۇقتىنى بايقىدىمكى: ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ئىچىدە بالىنىڭ ھاياتىنى بولۇپمۇ، بالىنىڭ بوۋاقلىق، بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى مۇھىم ئەسلىمىلەرنى خاتىرىلەپ قويۇش ھەمدە بۇنى بالا چوڭ بولغاندا ئېيتىپ بېرىشمۇ مۇھىمكەن. چۈنكى، بالا ئۆزىنىڭ بالىلىقىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇشقا باشلايدىكەن.
3.ئوقۇش يېشىغىچە بولغان مەزگىل
(3~6ياشقىچە بولغان مەزگىل)
مەكتەپ يېشىغىچە يەنى ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا سېھىرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلار رىئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرنى ئايرىش ئۈچۈن ھەر خىل سىناقلارنى ئېلىپ بارىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ.
ئۇندىن باشقا بۇ مەزگىل بالىلارنىڭ دەل جىنسى كىملىكىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، ئوغۇل-ئوغۇلدەك، قىز-قىزدەك بولۇپ تەربىيلىنىشنىڭ ھالقىلىق پەيتى. مەكتەپ يېشىغىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن دادا ئەركەكنىڭ، ئانا ئايالنىڭ ئوبرازى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ئانا بىلەن دادىنىڭ پاراڭلىشىش ئۇسۇلى، ئاڭلاش، بىرەر ئىشنى تەلەپ قىلىش ئۇسۇلى ، ھەتتا ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن يارىشىش ئۇسۇللىرىدىن تارتىپ بالىغا ئۈلگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ مەزگىلدىكى ئوغۇللار ئۈچۈن دادا بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەركەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دادىدىن ئۆگىنىدۇ. قىزلار ئۈچۈنمۇ دادا ئىنتايىن كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئوغۇللاردەك ئىھتىياجلىق بولمايدۇ.
4.ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى
(6~12ياشقىچە)
بالىلار پىسخولوگى ئاننا فرېيد مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى ئاتا-ئانىسىدىن بىزار بولىدىغان، ئەتىسى قوپۇپ ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈرىكىدىن پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قىلىش-دەل ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بالىلاردا بولىدىغان نورمال كەيپىيات ھېسابلىنىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بۇنداق يۈرەكتىن يۈرەككە سۆزلىشىشنى ئىستەش تولىمۇ نورمال بىر ھېسسىيات.
كارول يۇڭ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:خاسلىشىش جەريانىدا ، بالا-ئۆزلۈكنىڭ ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن يارىتىلغان بولىدۇ. شۇڭا بالا زىددىيەتلىك تەرەپلەرنىڭ بىرىكىشى، مۇرەسسەلىشىشى، داۋالىغۇچى ، پۈتۈنلەشنىڭ سىمۋولى. قالتىس ئۆزىنى تېپىش تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىنى تېپىش بولماستىن، بەلكى نەزەر-دئىرىسى تېخىمۇ كەڭرى بولغان ئۆزى بولۇشتۇر.
5.ياشلىق دەۋرى
(13~26ياشقىچە)
ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنياسى خۇددى بارماق ئىزىغا ئوخشاش ئۆزگىچە. پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەم مەۋجۇت بولمىغىنىدەك، ئوخشاش بىر جۈملىنى ئوخشاش مەنادا چۈشىنىدىغان ئادەم مەۋجۇت بولمايدۇ… شۇڭا ، باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادىمىيلىك ئۇقۇمغا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماڭ.
***
بۇ دەۋىر بالىلار ئۈچۈنمۇ، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ تەس بىر دەۋر بولۇشى مۇمكىن.
بۇ مەزگىلدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئەينەك ئالدىدا سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى.
بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قىممەت قارشلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىر ئانا پاكىزلىقنى زىيادە ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ قىزى ئاز يۇيۇنۇش، ئۆي تازلىماسلىق، يالاڭ ئاياغ يەرگە دەسسەش…ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر دادا بىر خىزمەت مەستانىسى بولسا، ئوغلى ئوقۇش خوشياقمايدىغان، ھەتتا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسى دىنسىز بولسا، ئۇلارنىڭ ئوغلى ياكى قىزى ئاجايىپ ئىخلاسمەن، دىندار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەڭ مۇھىم مەسلىدىن بىرى، ياشلار دائىم ئائىلىنىڭ «قۇربانلىق قويى»بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئائىلىدىكى«بىمار»دەپ قارىلىدۇ-يۇ، ھەقىقى سەۋەبچىسى ساغلام بولمىغان ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.
مەن بىر قېتىملىق زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بولغۇچىلارنىڭ بىر پىروگىراممىسىغا قاتنىشىش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغان ياشلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ساغلام بولغان نىكاھى بولمىغان. يەنى، ئەسلى مەسىلىنىڭ يىلتىزى ئاتا-ئانىسىدا بولغان. ئۇلارنىڭ نىكاھى تېخى چوڭ بولمىغان«ئىككى يارىلانغان ئىچكى بالا»نىڭ نىكاھى بولۇپ، بالا ئاتا-ئانىسىنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆزى «بىمار» بولغان.
يۇقاردا ھەر بىر دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. مەلۇم دەرىجىدە يارىلانغان تۇيغۇلار يەنى «ئىچكى بالىڭىز»نى داۋالاش ئۈچۈن كىتابتا ئېيتىلغان ھەر بىر دەۋرىگە قايتىش تىنچلىنىش مەشىقى ئېلىپ بارىسىز. ھەر بىر دەۋىردىكى سۆيۈملۈك ئۆزىڭىزنى قۇچاقلايسىز، ئۇنىڭغا خەت يازىسىز. ئىچكى بالىڭىزغا ئىشەنچ بىرىدىغان مۇھەببەتلىك سۆزلەرنىڭ ئېيتىسىز.
سۆزنىڭ كۈچى زور. ياخشى سۆز ئادەمنىڭ پۈتۈن بىر كۈنىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە سەۋەب بولالىسا، تەنقىدىي سۆز بىزنى بىئارام قىلىدۇ. تاش-توقماقلار بەلكىم سۆڭەك-سۆڭەكلىرىڭىزنى ئۇرۇپ چىقىۋىتەلىشى مۇمكىن. ئەمما، زەھەرخەندە سۆز سىزنى تاش-توقماقتىنمۇ ئارتۇق يارىلاندۇرالايدۇ. ياخشى سۆزلەر بىلەن ئازابىمىزنى داۋالايلى. پام لېۋىن ھەتتا مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەتتا ھۇشسىز ياتقان ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمى، نەپەسلىرىگىچە تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىدۇ ۋە ھېسسىي جاراھەتنى ساقايتالايدۇ. قايتا-قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئوزۇقى بولۇپ، ئىچكى بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم قىلالايدۇ. ئىچكى بالىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سۆزلەرنى سىزدەك ئاق كۆڭۈل ، دانا ، پىشىپ يېتىلگەن ئادەمدىن ئاڭلىسۇن.
باغچىلارغا بېرىپ گۈللەرگە، دەل-دەرەخ، قۇشلار، ھايۋانلارغا قاراڭ. ئۇلار ئالەمنىڭ بىر قىسمى. ياراتقۇچى ئۈچۈن مۇھىم يارالمىشلار. ئەلۋەتتە، سىزمۇ ھەم ئالەمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئۇشبۇ دۇنيا سىزنىڭ ئۆيىڭىز. سىز قارشى ئېلىنىۋاتىسىز.
ئىچكى بالىنى قۇچاقلاش
بارچە ئادەملەر ئىچىدىن سەندىن ئايرىلمايدىغان، پەرۋاسىزلىق قىلمايدىغان، تاشلاپ كەتمەيدىغان بىردىنبىر ئادەم-دەل ئۆزۈڭسەن.
كەچۈرىۋىتىش
ئاتا-ئانىلارمۇ ئەسلىدە يارىلانغان بالىلار
كەچۈرىۋىتىش-بىزنى چوڭ قىلىدۇ. ئۆتمۈشىمىزنى داۋالايدۇ. ھازىردا ياشىشىمىز ئۈچۈن ئېنىرگىيە بېرىدۇ.
ئۆچمەنلىك-بىزگە ئوخشاش ھېسسىياتنى قايتا-قايتا ھېس قىلدۇرىدۇ. بىزنى ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويىدۇ. ئېنىرگىيمىز ئۆچمەنلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىنغانسىرى، بىز ئۇلارغا باغلىنىپ قالىمىز. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز ئۆزىنىڭ يارىلانغان ئىچكى بالىسىغا مەسئۇل بولۇشنى رەت قىلسا ، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيتىڭىز-ئۆز ھاياتىڭىزنى ياشاش. سىز بۇ دۇنياغا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇلمىغان. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، جىسمانى جەھەتتىن ئاجىز ياكى مېيىپ ئاتا-ئانىلار كۆرسەتمەستىن، ئۆزلىرىنىڭ يارىلانغان ئىچكى بالىسىغا مەسئۇل بولمىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، قۇرامىغا يەتكەن ئۆزىمىز بىلەن ئاتا-ئانىمىز ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك چەك-چېگرا بولۇشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە مۇنداق يارىلانغان بالىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەپ-دەل ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ قۇرامىغا يەتكەن يارىلانغان بالىلارئېكەنلىكىدە. ئۇلارقارىماققا چوڭ ئادەم بولغان بىلەن، يەنىلا ئىچىدىكى يارىلانغان بالا سۈپىتىدە سىزگە ئاتا-ئانا بولىدۇ.
مۇنداق ئويلاڭ: سىزنى ئېغىرلىقى سىزدىن بەش ھەسسە كېلىدىغان 70 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بالا بىلەن ئېغىرلىقى سىزدىن تۆت ھەسسە چوڭ 55 كىلوگىراملىق يەنە بىر ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ بېقىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. شۇ چاغدا ئىچكى بالىڭىزنىڭ سەۋەبلىرى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بېقىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى. ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۈچ ياشلىق بالا ھالىتىدە قالغاچقا، تەلتۈكۈس ئاتا-ئانا بولالمىدى.
ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئىچكى بالىڭىز ھازىر سىزگە ئىشىنىدۇ ھەم سىزنىڭ قوغدايدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن ، يارىلانغان بالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئاتا-ئانىسى بىلەن يېڭى، گۈزەل مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىچكى بالىڭىزنىڭ يېڭىچە ئاتا-ئانىسى بولۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆتمۈشنى تاماملاپ ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشىغا ياردەم بېرىسىز.
ئىچكى بالىدا يېڭى ئۈمىد، روھى ھالەت، نىشان، مۇستەقىل، شۇنداقلا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ تۇيغۇسى يېتىلگەچكە ،ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تىكلىيەلەيدۇ ۋە ئاتا-ئانا بىلەن ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ.
ئىچكى بالىڭىزنى تىڭشاڭ
بالىلىقىڭىزدىكى ئۆزىڭىز بىلەن ئۇچراشقان بولسىڭىز ، نېمە قىلغان بولاتتىڭىز؟ گاڭگىراپ قالغان، بىئارام بولىۋاتقان ئەنە شۇ بالا ئۈچۈن ئاقىلانە،كۆيۈمچانلىقلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىش نېمە؟
بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش، سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش.ئۇنى بىسەرەمجان قىلىۋاتقان ئىشنى تېپىپ، ئۇنىڭ چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىش. ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ئۇنى ئىللىق قۇچاقلاش. مانا بۇ داۋالاشنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ھەقىقىي يولى.
بالىلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ئاددىي. ئۇلار ئۆزىنى تىڭشاشنى خالايدۇ. ئۇلار سۆيۈلمەكچى بولىدۇ. سۆزلەرنى چۈشەنمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى، ھۆرمەتلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
كەچۈرۈم سوراش
ئىچكى بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ۋە قابىلىيىتىڭىزنى مۇستەھكەملەشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى-يىللاردىن بىرى سەل قارىغان ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئىچكى بالىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراش. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدىن بىرى ئۇنىڭغا خەت يېزىش.
ئىچكى بالىنى تەربىيلەيدىغان يېڭىچە قائىدە مۇنداق:
بىرىنجى قائىدە: قانداق ھېس قىلغان بولسىڭىز، شۇنداق ھېس قىلىڭ. ھېس-تۇيغۇلارنىڭ توغرا -خاتاسى يوق. قانداق ھېس قىلىشنى ھېچكىم ئۆگىتەلمەيدۇ. ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرىش-ناھايتى ياخشى ئىش ھەم سۆزلەپ بېرىشكە تېگىشلىك.
ئىككىنجى قائىدە: نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بولىۋىرىدۇ. بۇنىڭغا ئىھتىياج بولسىڭىز بولىدۇ-بولمايدۇ دەيدىغان گەپ يوق. ئەگەر سىز كېرەكلىك بولغان ئىھتىياجىڭىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىزنى قوزغىيالىسا، بۇ ئاجايىپ چوڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ھېسابلىنىدۇ.ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بىرەر نەرسىگە ئىھتىياج بولۇش ياخشى ئىش.
ئاچچىقنى ئىپادىلەش
ئاچچىقلاش بىزدىكى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ بىر قىسمى. ئاچچىقلاشنى بىلمەسلىك بىزنى باشقىلارغا ئالدىنىدىغان ئەخمەق، باشقىلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈنلا ياشايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئەمما، بالىلىقىمىزدا ئاچچىقلاش خاتالىق، نۇمۇس دەپ قارىلىپ، ئاچچىقلىغىنىمىزدا جازاغا ئۇچراپ كەلگەن.شۇنداق، بالىلار ئاچچىقلانغاندا بولۇپمۇ ئاتا-ئانىغا ئاچچىقلىغاندا بۇ ئېغىر ئەدەبسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ ھەم بالىمۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا بولىدۇ.
ئەمدى سۇئال: بىز ئاشۇنداق «ئاتا-ئانىغا ئاچچىقلىنىش ئەدەبسىزلىك» دېگەن ئەقىدە بىلەن چوڭ بولغان. ئەمدى مۇشۇنداق تەربىيەلەنگەن بىزلەر بالىلىرىمىز بىزگە ئاچچىقلانغىنىدا«بالام، سېنىڭ ئاچچىقلانغىنىڭ توغرا» دەپ بالىنىڭ ھىسياتىنى چۈشىنەلىشىمىز ئاسانمۇ؟ بۇ تاغدىن قانداق ھالقىش كېرەك؟
يۇقارقى سۇئال توغۇرلۇق ئويلىنىپ كۆەيلى. تۆۋەندە ئاچچىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
ئاچچىقنى ئىپادىلەش مەشىقى:
بىرىنجى قەدەمدە، ئاچچىقىڭىز كەلگەندە بىر قەدەم كەينىگە چىكىنىڭ. ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. نېمىگە ئاچچىقىڭىز كېلىۋاتىدۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ نېمە ئىش قىلىشىنى خالايتتىڭىز؟ ياكى نېمە قىلماسلىقىنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىڭ.مەسلەن، دوستىڭىز يەكشەنبە 10:00 تېلىفۇن قىلىشقا ماقۇل بولدى. ئەمما، تېلىفۇن قىلمىدى. ئاچچىقىڭىز كەلدى.
ئىككىنجى: ئاچچىقلاشنى مەشىق قىلىڭ. يەنى، ئاچچىقلايدىغان ئادىمىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەمگە، مەسلەن دوستىڭىزغا ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىشنى مەشىق قىلىڭ. مەسلەن، «مەن سېنى تېلىفۇن قىلىدۇ دەپ ساقلىدىم، ئەمما سەن قىلمىدىڭ!»دېگەندەك.
ئۈچىنجى، ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن ئادەمگە بىۋاستە ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتىڭ.
تۆتىنجى: ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋىلىڭ.
بەلكىم، بۇ ئاچچىق ئۆتمۈشىڭىز سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا ئېنىق بولسا ئۇنىمۇ دەۋىتىڭ. مەسلەن، ئۆز ۋاقتىدا دادام تېلىفۇن قىلمەن دەپ قىلمايتتى. شۇ چاغدا بەك ئازابلىناتتىم. شۇڭا، سېنىۇ تېلىفۇن قىلىمەن دەپ قويۇپ قىلماسلىقىڭمۇ مېنىڭ بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئەسلىدە ۋاقتىدا قىلغان بولساڭ بولاتتى.
بەلكىم، قارشى تەرەپتىن سىز كۈتكەن جاۋاب كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇمۇ مەيلى. ئەڭ مۇھىمى سىز ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋالدىڭىز.
ئۆيگە قايتىش
فانتازىيە-ئەپسانىلەردىكى «ئۆيگە قايتىش» بىر دراماتىك ھادىسە. مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكىلىرىنى چالىدۇ، سېمىز كالا گۆشى كاۋىپى تەييارلىنىپ، كەچلىك زىياپەت باشلىندۇ ھەم يولدىن چىققان ئوغۇلنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكى تەبرىكلىنىدۇ.
ئەمما رېئال دۇنيادا سەرگەردانلىق ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېلىقىدەك دراماتىك كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ يوق.
تۇمانلار يوقاپ، دۇنيا ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.ئىزدىگەنلەر تېپىلىپ، نارازىلىقلار قانائەتكە يول بېرىدۇ. ھېچنەرسە ئۆزگەرمەستىن، بارچە ئۆزگىرىدۇ.
***
سۆيۈلمىگەن بالا ئۆزىنى قانداق سۆيۈشنى بىلمەيدۇ. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان بالىسىنى بېقىشى ۋە ئۇنىڭغا ئانىسىدەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
سىز بىلىدىغان بارچە ئادەملەرگە مۇھەببەت بېرىڭ. ھەممىمىزنىڭ نۇرغا ئىنتىلىۋاتقان «بالا» ئېكەنلىكىمىزنى، ھەتتا ئاتا-ئانىڭىزنىڭمۇ «يارىلانغان بالا»ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ.
ھەمىمىمىز ئىللىق ئالتۇنرەڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈشكە تەشنامىز. ھاياتىڭىزدا ئۇچراتقان بارلىق ئادەملەرنى مىھر-مۇھەببىتىڭىز بىلەن قۇچاقلىغىنىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ… ھەر بىر ئىنسان دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە موھتاج كىچىك بالا.
***
قالتىس بالا-سىزنىڭ بىر قىسمىڭىز. ئىلاھى كۈچ-قۇدىرەتنىڭ ئىنساندا ئىپادىلەنگەن مەلۇم تەرىپى. ئۇ-ئىجادى يېڭى بىر كۈچ.
ئىجادچانلىق ئىنسان بولۇشتىكى بەخت. ئۆز ھاياتىنى يارىتىش ئۈچۈن يېڭىچە ياشاش جاسارىتى تەلەپ قىلىدۇ. ئىجادچانلىق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە ، مۇۋەپپەقىيەت دېگىنىمىز-بىرلا قېتىم ياشايدىغان ھاياتىمىزدا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشتۇر.ھاياتىدا قىلىغۇسى بار ئىشنى قىلىش ئۆز بەختىنى تېپىش ھېسابلنىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ يۇلتۇزىڭىزغا دۇئا قىللالىغۇدەك جاسارىڭىز بولسا، ئۇشبۇ ئالەمگە يېڭىچە بىر سوۋغا ئاتا قىلالايسىز. ئىجادچانلىق يۈكسەك شەرەپ بولۇپلا قالماستىن ، ئۇ يەنە تەڭرىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازى. ئىجادچانلىق-ھاياتىمىزنى بەئەينى سەنئەت ئەسىرى سۈپتىدە ياشىتالايدۇ.
سىز يەنە بىر رەت تەكرارلانمايدىغان تەڭرىنىڭ يىتۈك ئەسىرى. سىزدە پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا خاس بولغان تەقدىرىڭىز بار. سىزدىكى «قالتىس بالا» ھەممىنى بىلىدۇ. ئۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭىزنى، ھايات نىشانىڭىزنى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى بالىسىنى بايقاش تۇنجى قېتىم قەلب ئۆيىنى تاپقانغا باراۋەر.
بىز مەۋجۇتلۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن كەلدۇق. يەنە مەۋجۇتلۇق تەرىپىدىن قايتىش ئۈچۈن چاقىرىلىۋاتىمىز. بىز خۇدادىن كەلدۇق، خۇداغا قايتىمىز.
ئەي رەببىم، بىزنى ياراتتىڭ، قەلبىمىز پەقەت سەندىلا ئارام تاپىدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ ھەقىقىي ئۆيىمىز.
ئۇشبۇ كىتاب توغۇرلۇق ئاخىرىقى قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا قەلبىمدە يىنىكلىك، ئازادىلىك پەيدا بولدى…ئاپتۇر ئاخىرىقى ھېسابتا ئىنساننىڭ ئۆيگە قايتىشىنى ئۆز قەلبىگە ، ياراتقۇچىغا قايتىشى، ئىچكى بالىسىنى قۇچاقلىشى دەپ قەيت قىلىۋاتاتتى….
شۇنداق، دۇنيادا ئۆز قەلبىگە قايتىشتىن ئۇلۇغ قايتىش بولمىسا كېرەك…دۇنيادا ئەسلى يارالمىش ئۆزىنى تونۇغان ھالدا ئۆلۈم ئىشىكى ئارقىلىق قايتا ياراتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن ئارتۇق ئىلاھى ۋەزىپە بولمىسا كېرەك…
ئاخىرى بۇ كىتاب توغۇرلۇق يېزىشلىرىممۇ تۈگىدى…ھازىرغا قەدەر 8 يىلدىن بىرى ھەقىسز، داۋراڭسىز ھالدا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۈنسىز يەتكۈزىۋاتقان ئۆزۈمگە رەھمەت ئېيتىمەن.
رەھمەت ئۈنسىز-داۋراڭسىز تىرىشىۋاتقان سۆيۈملۈك ئۆزۈم!
سېنى مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلايمەن!
*******************
جون بىرەدشونىڭ«ئۆيگە قايتىش-ئىچكى بالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»ناملىق كىتابىدىن خاتىرىلەر
رەيھان ئابلەت






















































20/01/2026 7:47 چۈشتىن كېيىن
مەن بۇ يازمىڭىزنى كېيىنچە ئوقۇيمەن دەپ ساقلاپ قويغان ئىدىم ، بۈگۈن ئوقۇش نىسىپ بوپتۇ . شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم ، شۇنچىلىك ئۈمىدلەندىم ، شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھېس قىلدىم . گۈزەل قەلبىڭىزگە ۋە گۈزەل قەلىمىڭىزگە ئىچىمدىن رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى،
ھارمىغايسىز ، بەرىكەتلىك بولغايسىز
24/01/2026 3:40 چۈشتىن كېيىن
كۈنلەر بوپتىكەن بىلوگىمنى ئاچمىغىلى..بۈگۈن ئېچىپ ئىللىق ئىنكاسىڭىزدىن مەنمۇ خۇش بولدۇم.
مەنچە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يازىدىغانلار ئوقۇرمەنلەردىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ئورتاقلىشىش، مانا مۇشۇنداق سەمىمى يۈرەك سادا.
❤️سىزگە ھەم رەھمەت