قانچىلىك ئېسىل كىينىپ، چىرايلىق گىرىم قىلسىڭىزمۇ،  قەلبىڭىزدە قاداق بولسا ھەقىقىي دەرىجىدە گۈزەل كۆرۈنمەيسىز.

يۇقارقى جۈملە مەن بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا  ئوقۇپ چىققان كىتابىمدىكى مەن ياخشى كۆرگەن جۈملە.

راست ئەمەسمۇ؟ قەلبىدە تىنچلىق، راھەتلىك، خۇشاللىق، ئىچىدىن كېلىدىغان گۈزەللىك  بولمىسا ئادەم ھەرقانچە قىممەت ماركىلىق كىيىملەرنى كېيىپ، پەچەت گىرىم قىلىۋالىسىمۇ ھەقىقى دەرىجىدە گۈزەل كۆرۈنمەيدۇ. بىر ئايالدىكى  گۈزەللىك تۇغما گۈزەللىكلا بولۇپ قالماستىن، يەنە يىللار يېتىلدۈرگەن ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە گۈزەللىكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. ئۇنداقتا بۇ خىل گۈزەللىك قانداق يېتىلىدۇ؟

بىر ئايالنىڭ ھاياتى قىز بوۋاق بولۇپ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، قىزچاق بولۇپ، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل ياش قىزدىن توي قىلىپ ئانا بولۇپ… قاچانلاردىدۇر ھاياتنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالىدىكەن..بىر قىزنىڭ ھاياتى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئادەت كۆرگەندىكى ئاغرىق، تۇغۇتتىكى جان تالىشىش، ئانىلىقتىكى تىڭىرقاش، ئىزدىنىش، ئۆزىنى بېغىشلاش…لار بىلەن كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىمۇدېڭىز  دولقۇنلىرىدەك ھېلى كۈچىيىپ، ھېلى پەسىيىپ دولقۇنلىنىپ تۇرىدىكەن…بىر ئايال ھەم بەخىتلىك ھەم قىيىن مۇشۇ ھايات مۇساپىسىدا روھى ھەم جىسمانى ساغلاملىقىنى قانداق ئاسىرىشى كېرەك؟ 

ياپونىيە كىنو ئارتىسى مېگۇمىنىڭ«قەلبىڭىزگىچە تەسىر قىلالايدىغان گۈزەللىك»ناملىق ئۇشبۇ كىتابىدا 40 ياشتىن ھالقىغان ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ روھى ۋە تاشقى گۈزەللىكىنى ئاسراۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان بويۇملىرىنى  تونۇشتۇرىدۇ. 

پىقىر كىتابنىڭ بىز قوبۇل قىلالايدىغان، بىزگە ماس كېلىدىغان قىسمەن تەرەپلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى ۋە چۈشەنچىسى بىلەن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.  مېگۇمىدەك بەش تۈمەنلىك گۈزەللىك تابلىتىكىسى يىمەي تۇرۇپمۇ گۈزەللىكىمىزنىڭ جۇلالىنىدىغىنىغا، داۋاملىق پىسخىكا دوختۇرى ئىزدىمىسەكمۇ روھىمىزنىڭ ساغلام، جۇشقۇن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

Fuyumi Sakamoto- また君に恋してる

 

ئۆز يارىلىرىڭىزنى كۆرۈڭ

 

بىزئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا تۇرمۇشنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئىچىدە ئۆزىمىزنى  تىڭشاشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەتىگىنى كۆزىمىزنى ئېچىپلا بىر كۈنىمىز«بالىلىرىمنىڭ ناشتىلىقىغا نېمە تەييارلىسام بولار؟ چۈشلۈك تاماق قاچىسىغا نېمە قىلارمەن؟»دېگەندەك خىياللار بىلەن باشلىنىپ كۈنىمىز بالا، ئائىلە، خىزمەت بىلەنلا ئۆتىدۇ. بۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن«ئۆزۈمگە كىچىككىنە تىنچلانغۇدەك ۋاقىت ئاجىرىتاي» دەيدىغان چاغلىرىمىز يوق دېيەرلىك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق دەۋرىم بولغان. بولۇپمۇ يېڭى ئانا بولغان مەزگىلىمدە… 

25يېشىمدىلا ھەممە نېمىسى ناتونۇش يات ئەلدە ئانام يوق يەردە ئانا بولۇپ، ئۆزۈم يالغۇز(يولداش ئىشقا كېتىدۇ-دە)بالا باقماق ئەمدى ئارقامغا قارىسام، ھەقىقەتەن ئاسان بولماپتىكەن. ئاجايىپ يىللارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە، مېنى بۈگۈنگە ئەكەلگەن، بۈگۈنكى مېنى مەن قىلغان دەل شۇ يىللارنىڭ ئاتا قىلغانلىرىكەن. (تۇنجى ئانا بولغان ھېسلىرىمغا قىززىقسىڭىز بىلوگىمدىكى مۇنۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇغايسىز.

http://tokyoxatiriliri.net/?p=8524

ئەمەلىيەتتە ھاياتلىقتا ھەممىدىن ۋاقىت ئاجىرىتىشقا تېگىشلىكى-دەل ئۆزىمىز، ئۆزىمىزنى تىڭشاش، ئۆز ئىھتىياجلىرىمىزنى چۈشىنىش، قەلبىمىزدىكى يارىلارنى  كۆرۈپ يېتىش ئىكەن. بىر قارىسام، مەن بۇ نۇقتىنى ھاياتلىق سەپىرىمدە تولىمۇ كىچىكىپ چۈشىنىپ يەتكەندەك . يەنە بىر قارىسام، چەتئەلدىكى  مۇساپىرلىق ھاياتى ماڭا  بۇرۇنلا ئۆگىتىۋەتكەندەك…نېمىلا بولسۇن، ھازىرقى مەن بۇ دۇنيادا مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ، چۈشىنىشكە، پەپىلەشكە، كۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئادەمنى ئۆزۈم دەپ بىلىمەن.

كىتابنىڭ تۇنجى بابىدىمۇ دەل ئۆز يارىلىرىڭىزنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ زۆۈرۈرلىكىنى، ئۆزىنى تىڭشاشنىڭ بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈنمۇ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. پىقىر رەيھانمۇ ئۇشبۇ قۇرنى ئوقۇۋاتقان ھەر بىر دوستقا بۇنوقتىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەكىتلەيمەن.

تىرىڭىزنى ئاسراش-قەلبىڭىزنىمۇ كۈچەيتىدۇ

 

يېڭى يىل بايرىمىدىكى ساياھىتىمىزنى تۈگىتىپ  ئۆينى تاپقىنىمىزدا ئەتىگەن سائەت 2:00 دىن ئاشقانىدى. پۈتۈن بەدىنىم سىرىقىراپ ئاغرىپ شۇنچىلىك ھارغانلىقىمنى بىلىمەن-يۇ، چىشىمنى چوتكىلىمىسام، يۈزۈمنى يۇيۇپ تىرە ئاسراش مايلىرىمنى سۈرۈپ ياتمىسام يەنە خاتىرىجەم ئۇخلىيالمايدىغانلىقىمنى يەنە بىلىمەن. شۇڭا، تەييارلىقلىرىمنى تۈگىتىپ ئاندىن ئۇخلىدىم. ئەنە شۇنداق ھەر قانچە ھېرىپ-چارچاپ كەتسەممۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزۈمنى يۇيۇپ تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈرۈپ يېتىش ئۇزۇن يىللىق ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، تېرەم 20 ياشلىق قىزلارنىڭكىدەك ياخشى تۇرغاندە مېنىڭ. (ماختىنىۋالاي ھە😜)

مېگۇمى كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ.  20 نەچچە ياشلىق دەسلەپكى سەھنىگە چىققان مەزگىللىرىدە، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ تىرىسىنى، گىرىم قىلىشلىرىنى مەسخىرە قىلىشلىرى، ھەتتا «مېگۇمى قېرى خوتۇن»دېيىشلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بوپتۇ ھەم بىر دوستىنىڭ تەكلىۋى بىلەن تېرە ئاسراشنى باشلاپتۇ ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگەن مېگۇمى شۇندىن كېيىن تېرە ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بوپتۇ.ئەلۋەتتە، مەن بۇ ئارتىس خانىمنىڭ ئىشلەتكەن تىرە ئاسراش بويۇملىرى، تابلىتكىلىرىنى سېتىۋىلىش كېرەك دەپ قارىمايمەن. مەنچە بىر ئايال گۈزەللىك ئۈچۈن ئىشلەتكەن بويۇملىرى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ تېرىسىگە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلگىنى تۈزۈك دەپ قارايمەن

ئېسىمنى بىلسەم، ئانام تاۋۇز-قوغۇن يېسەك شاپىقىنى، بەزىدە تۇخۇمنىڭ ئېقى، سۈت دېگەنلەرنى سۈرىۋالاتتى. شۇڭىمىكىن، ياشلىقى ھازىرقىدەك قىممەت باھالىق تىرە ئاسراش بويۇملىرى يوق زاماندا ئۆتكەن ئانامنىڭ  تىرىلىرى يەنىلا شۇنداق سۈزۈك، چىرايلىق.

گېپىمىزگە كەلسەك، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تېرە ئاسراشنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بار.  كۈندىلىك ئاددى ئىشلار ئارقىلىقمۇ تېرىڭىزنى ئاسىرىيالايسىز. مەسلەن، ئاشخانىدا ئەتىگەنلىك ناشتا تەييارلىغاچ چاققان تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئازراق ھەسەل، لىموننى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىڭىزگە سۈرىۋالسىڭىز تەبىئىي، ئادددى تېرە ئاسراش ھېسابلىنىدۇ. ھەپتىدە بىرەر كۈن گىرىم قىلماي تىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرسىڭىز، كەچتە 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلىۋالسىڭىز بۇمۇ قالتىس تېرە ئاسراش ھېسابلىنىدۇ.

تېرە چىرايلىق تۇرسا، ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشىدۇ. ئۆزىگە ئىشىندىغان ئاياللارنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچى ئادەتتىكى ئاياللارنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.

 

 

قەلبىڭىز يارىلانغاندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى

كۆڭلىمىز يېرىم چاغلاردا  پەقەت ئىرادىگە تايىنىپلا خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بەزىدە تاشقى ئامىللار ئارقىلىق روھىي ھالىتىمىزنى تەڭشەشكە، ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۆز-ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ئۇسۇللىرىڭىز بولسۇن. مەسلەن، گۈزەللىك-ئۆز-ئۆزىگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ئايال ئۈچۈن  ئەڭ چوڭ خۇشاللىقتىن بىرى. كەيپىياتىڭىز ناچار چاغلاردا ھەر ۋاقىتتىكىدىن كۆڭۈل قويۇپ تېرە ئاسراش، قىززىق ۋاننىغا چىلىنىش، ۋاقىت سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىش، چىرايلىق كىيىنىش…دېگەندەك. ئۇندىن باشقا تۆۋەندە بىر قانچە قوللىنىشچان ئۇسۇلنى قالدۇرۇپ قويىمەن. سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇللىرىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئورتاقلىشايلى. 

كەيپىياتىڭىزنى تۇتقۇنى ئۆز قولىڭىزدا بولسۇن

كۆپ ئاڭلىغان، ئەمەلگە ئاشۇرماق قىيىن ئىش، شۇنداقمۇ؟

باشقىلاردىن كۆڭلىمىزنى چۈشىنىشىنى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۆرۈشىنى، ئانچە-مۇنچە ماختاپ قويۇشىنى كۈتۈپ قالىمىز.ئەمما، كۆپىنچە ۋاقىتتا كىچىك چاغلىرىمىزدىكىدەك ھەردائىم بىزدىكى ھەر بىر كەيپىياتنى چۈشىنىدىغان ئادەم يېنىمىزدا بولىۋەرمەيدۇ.شۇڭا، بىراۋنىڭ قەلبىمىزنى چۈشىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماستىن، ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇتقۇنىنى ئۆزىمىز تىزگىنلەيلى، كەيپىياتىمىزغا ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلەيلى. ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلىگەن كۆيۈمچان ئۆزىمىزنى ماختاپ تۇرايلى. ئادەم بارغانسىرى بىر ھەقىقەتنى بىلىپ قالىدىكى، بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ياخشى قوللىغۇچىڭىز، سىردىشىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىز.

ناچار كەيپىياتنى يېزىپ چىقىرىۋىتىش

قانداق ئىشنىڭ كەيپىڭىزنى بۇزغانلىقىنى يېزىپ چىقىڭ. يېزىش جەرياندا كەيپىيىڭىزنى بۇزغان ئىشنى كۈزەتكۈچى ئورنىدا تەھلىل قىلالايسىز. مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ ھەم ئاسانلىشىدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرىۋىتىڭ، بىردىنلا يېنىك بوپقالىسىز. بۇ مەن كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇلدىن بىرى. 

ئادەم بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا، بۇ مەسىلىنى سىزنىڭ مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ ھەقىقى چۈشىنىدىغان ئادەم يەنىلا ئۆزىڭىز بولىدىكەنسىز. پاسسىپ ھىسياتىڭىزنى باشقىلارغا چىقارغاندىن كۆرە، قەغەز يۈزىگە چىقىرىپ، كۆيدۈرىۋىتىڭ ياكى يىرتىپ-يىرتىپ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋىتىڭ. بۇ مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ، ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بەك ياخشى چارىسى.

تەپەككۇر مەشىقى

ھەر قېتىم ئوخشاش پاسسىپ ئوي، ناچار كەيپىيات شەكىللىنىپ قالغاندا، ئالدى بىلەن بايقاش مۇھىم. ناچار كەيپىياتىڭىزنى بايقىسىڭىز«يەنە كەلدى ماۋۇ! ماڭ كەت، ئەمدى ماڭا كېرىكىڭ يوق!» دەپ بۇ كەيپىياتتىن ۋاز كېچىش مەشىقىنى سىناپ  بېقىڭ ھەم سىناپ باقايلى.

 

سۈپەتلىك ئۇيقۇ

تېرە، كەيپىيات، چارچىغان بەدەن بىر كېچىلىك سۈپەتلىك ئۇيقۇ بىلەن ئاساسەن ئەسلىگە كېلىدۇ. كېچىنىڭ ئۇيقۇسى ھەرقانداق قىممەت تېرە ئاسراش بويۇملىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك گۈزەللەشتۈرۈش دورىسى. كەچلىرى بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش كاللىڭىزغا كىرىۋالغاندا«ئالدى بىلەن ياخشى بىر ئۇخلىۋالاي، ھەممىدىن سالامەتلىكىم، ئۆزۈم  مۇھىم، ئەتە ئويغانغاندا بىر گەپ بولار» دېيىش ئادىتىتىنى يېتىلدۈرۈش. 

ياتاق ئۆينىڭ مۇھىتى، راھەت ئۇخلاش كىيىمى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان ئۆي خۇشپۇراق چىرىغىنى يېقىپ قويۇپ، بىرەر بەت ساغلاملىق كىتابىنى ئوقۇپ ئۇخلاش…يەنى راھەت بىر كېچىلىك ئۇيقۇمۇ ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىق، ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. ياش 35دىن ئاشقاندىن كېيىن، كېچىنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ  نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان، بالدۇر ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇم. يان تېلىفۇننى ياتاق ئۆيدە قويماسلىقنى ئادىتىمگە ئايلاندۇردۇم. ئۇندىن باشقا ھەر قانداق ئىش بولسا«بولدىلا، ئۇخلاي، ئەتە بىر گەپ بولار» دېيىشنى ئۆگەندىم ھەم ئۆگىنىۋاتىمەن.  

ساغلام يىمەك-ئىچمەك ئادىتى

ئۆزۈمنى خۇددى مەلىكىلەردەك كۈتۈش-قاچانلاردىدۇر ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ئېكەنلىكىنى چۈشەنگىنىمدىن باشلاندى. بۇنىڭ كۈندىلىك ئۇسۇلىدىن بىرى- ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى.

ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ناشتىلىق-بىر كۈنلۈك ئېنىرگىيەرىمىزنى تولۇقلاپ، بەخىت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرىدۇ. ئۆيدە ئۆزىمىز يالغۇز قالساقمۇ  گۈللەر بىلەن چىرايلىق دوستىخان ھازىرلاپ، يىگۈمىز كەلگەن تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىپ يىيىشمۇ بىر خىل ئۆزىنى سۆيۈش. كۆپرەك ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ئىچىپ بېرىش، يېڭى كۆكتاتلارنى، پەسىللىك مىۋىلىرىنى يەپ بېرىشمۇ ئۆزىنى سۆيۈش. 

ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق ۋاقتتىن ھوزۇرلىنىش

قانچىلىك كۆڭلىڭىز پاراكەندە بولسىمۇ، ئىشكنىڭ سىرتىغا چىقىپلا كەتسىڭىزلا ھېچۋاقىت  ھېس قىلىپ باقمىغان گۈزەللىكلەرنى، خۇشاللىقلارنى  بايقاپ قالىسىز. قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى، گۈللەرنىڭ جىلۋىسى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى…كەيپىياتىڭىز تۆۋەن ۋاقىتتا، باغچىلار، مەنزىرىسى گۈزەل يوللارنى ئايلىنىپ بېقىڭ. بۇ تەبىئەتتىن كۈچ ئېلىشنىڭ بەك ياخشى ئۇسۇلى ھەم رەيھان قىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدىن بىرى.

ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىز  يالغۇز كىنوخانىدا كىنو كۆرۈش، بازار ئايلىنىش، كىرىپ باقمىغان قەھۋەخانىغا كىرىپ بېقىش…دېگەندەك ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

مۇنداق ئىشلارنىمۇ سىناپ بېقىڭ

*كەيپىيات ناچار بولغاندا، قىلغۇڭىز بولمىسىمۇ ھەتتا، بىر مىنۇت بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىش.(ئولتۇرۇپ-قوپۇش ھەركىتى..دېگەندەك)

*ھەر ۋاقىتتىكىدىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېرىنى ئاسراش.

*قىززىق ۋاننىغا چىلىنىش.

*يەپ باقمىغان تاماق يەپ بېقىش.

*تېرە ئۇۋلىتىش. (مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقماپتىمەن، بۇ يىل سىناپ بېقىش پىلانىمدىن بىرى مۇشۇ)

*ئىشىنىدىغان بىرەر ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىش. (چەتئەلدە مۇنداق ئادەمدىن بىرەر-ئىككىسى بولسا سىزنىڭ بەختىڭىز، شۇنداققۇ؟)

*كالىغا پاسسىپ خىياللار كېلىۋالغاندا، بەدەن تىمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتەرمىش. مۇنداق ۋاقىتتا قوساق، بەل، پۇت دېگەندەك ئاسان مۇزلايدىغان جايلارنى گىرىلكا..دېگەندەك ئىىسق ئۆتكۈزگۈچلەر بىلەن ئىسسق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە تەبىئىي ھالدا پاسسىپ خىياللار سەل پەسىيەرمىش. شەخسەن مەن سەل كەيپىياتىم ئېگىز-پەس بولغاندا ۋاننىغا چىلىنىپ بېرىمەن. ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بار. كېلەر قېتىم ئاشۇنداق ئەھۋالدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى مەنمۇ سىناپ باقاي.

ئاياللىق سەنئەت

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە ماھىر ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىنى، ئىھتىياجلىرىنى، ھەتتا كۆڭلىگە كەلگەن ئىشلارنى ئىپادىلەشكە، كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماھىركېلىدۇ.

مېنىڭ ئۆزىمۇ چىرايلىق ھەم ناھايتى ئىش ئۇقىدىغان بىر دوستۇم ھەر دائىم تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى يولدىشىنىڭ ئەپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىم يولدىشى پۇل تۆلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى، ئەتىۋارلىنىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بەخىت ئىچىدە  سۆزلەپ بەرگەنىدى.

شۇنداق، ئەسلىدە ئاياللارچىرايلىق كىيىملەرنى، بويۇملارنى، گۈللەرنى ئۆزلىرىمۇ سېتىۋالالايدۇ. ئەمما، يولدىشى تەرىپىدىن تاپشۇرىۋالغاندا تېخىمۇ خۇش بولىدۇ. ئەرلىرى پۇل خەجلەپ ئەپبەرگەندە تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، قەدىرلنىش تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

شۇڭا دەيمەن، بىر ئايالنىڭ  ئەنە شۇنداق ئېرىشكۈسى بار نەرسىنى ئۆزىگە بېرەلەيدىغان،  يەنە ۋاقتى كەلگەندە يولدىشىغىمۇ ئۆز ئىھتىياجىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان، يولدىشى ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان بولۇشى-بىر خىل ئاياللىق بەخىت، ئاياللىق سەنئەت.

 

يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىش

 

كىشىلەر تولىمۇ جەلىپكار دەپ ئويلايدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنداق ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار: ئۇلار پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتى بولىدۇ. ئۆزىنى خۇشال قىلىشنى بىلىدۇ ھەم خۇشاللىقتىن چاقناپ تۇرىدۇ.

مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئۆزىدىن، ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ھەر دائىم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ھەم بىر خىل جەلپكارلىق ئۇرغۇپ  تۇرىدۇ.

مۇنداق بىر جۈملە ئېسىمدە، «ئۆزۈم يالغۇز بولساممۇ، شۇنچىلىك بەخىتلكمەن. سەن يېنىمدا بولساڭ تېخىمۇ بەخىتلىكمەن».

***

مىتىرودا دەرىزە يېنىدا ئۆرە تۇرغان مەن ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ يۈزلىرىمگە چۈشكەن ئىللىق نۇرلىرىدىن كۆزمنى يۇمۇپ ھوزۇرلاندىم، ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىدىم….

مەيلى ئاياللىقىنىڭ قايسى باسقۇچىدا ياشاۋاتقان بولۇڭ ئاياللىقتىن تولۇق ھوزۇرلىنىپ ياشىغان بولسىڭىز، سىز بەخىتلىكسىز!

*********************

رەيھان ئابلەت

2026.01.31

تارقىتىڭ...