ھايات بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدا شۇنداق بىر كۇتۇپخانا بار. كىتاب جاھازىسدىكى ھەر بىر كىتاب ياشىغۇڭىز بارھەرقانداق ھاياتنى ياشاپ بېقىش پۇرسىتى بېرىدۇ. ھازىرقىغا ئوخشىمىغان باشقىچە بىرھاياتنى تاللىسىڭىز قانداق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خوش، ئالدى بىلەن مۇنداق بىر سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ باقايلى.
سۇئال: سىزھازىر ئۆزىڭىز ھەقىقى ياشىماقچى بولغان ھاياتىڭىزدا ھەقىقى ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاۋاتامسىز؟ ۋاقىت ئوقىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا، ھازىرقىدىن پەرقلىق باشقىچە ھاياتنى تاللارمىدىڭىز؟
ماڭا يەنە بىر قېتىملىق تاللاش پۇرسىتى بولغان بولسا مەن يەنىلا گۈللەر بار ھاياتنى، ماڭا ئىشتىن قايتقاچ گۈل كۆتۈرۈپ كېلىدىغان ئەرنى، قەھۋە ئىچكەچ كىتاب ئوقۇيالىغۇدەك ۋاقىتنى، بىر قارىسا ئەس-ھۇشى يوقالغۇدەك بولمىسىمۇ ئەمما ئىچ-ئىچىدىن چىقىپ تۇرىدىغان تەبىئى گۈزەللىكنى، ساغلام بەدىنىمنى ئوخشاشلا تاللىغان بولاتتىم.
ئەلۋەتتە، ۋەتەندىن ئايرىلماسلىقنى، ۋەتەننىڭ تۇپراقلىرىدا قان-قېرىنداشلار بىلەن تاتلىق- ئاچچىقلاردا بىللە بولۇپ، ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى ئانا مەكتىپىم ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىريمنىڭ ھەم دوستى ھەم ئوقۇتقۇچىىسى بولۇشنى…مەكتەپ قوراسىدا ئىللىق بىر ئۆيۈم بولۇشنى، ۋەتەن تۇپرىقىدىكى خۇشپۇراق بىر گۈل بولۇپ قىلىشنى تاللاپ قالاتتىم…
يېقىندا مەت ھېييگنىڭ«تۈندىكى كۈتۈپخانا»ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. كىتاب قارىماققا بىر فانتازىيەلىك رومان بولسىمۇ، قەلبىمىزدىكى «مۇنداق بىر ياشاپ باققان بولسام…»دېگەن ئىستەكلىرىمىزنى قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن كەڭرى بوشلۇق بېرىدۇ. ئاقىۋەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تەقسىملەنگىنىنىڭ شۇ ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ماس كېلىدىغان ھايات ئېكەنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنە شۇ نۇقسانلارنىڭمۇ، مۇكەممەلسىزلىكنىڭمۇ بىر خىل گۈزەللىك ئېكەنلىكىنى، دەل ھازىرقى ھاياتىمىزنىڭ تولىمۇ قىممەتلىكلىكىنى سۆزلەيدۇ.
RAIN – Sulton Ali Rahmatov
تۈندىكى كۈتۈبخانا
مەن بولغۇم بار ھەممىلا ئادەم بولالمايمەن، ياشىغۇم بار ھەممىلا ھاياتتا ياشاپ بولالمايمەن. ئۆزۈمدە بار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارچە قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈپمۇ بولالمايمەن. نېمىشقىدۇر يەنىلا شۇنداق بولۇشىنى خالايمەن؟ ھاياتىمدا مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق رەڭ، ھەر خىل ئاھاڭنى تۇيۇپ باققۇم، ھەر خىل روھىي ۋە جىسمانىي ئۆزگىرىشلەردە ياشاپ باققۇم بار.
Sylvia Plath
ئۇ 19 يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم ئۆلىۋىلىشنى ئويلىغاندا، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغىنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ كۈتۈپخانى ئەلم خانىم بولىدۇ.
شۇنداق، كىتابنىڭ تۇنجى بېتى ئۇ ئۆلىۋىلىشنى ئويلىغان19يىل بۇرۇنقى ئەنە شۇ كۈندىن، مەكتەپ كۈتۈپخانىسدا شاھمات ئويناۋاتقان ئوقۇغۇچى قىزچاق بىلەن ئەلم خانىمنىڭ سۆھبىتى بىلەن باشلىنىدۇ.ئەلم خانىم ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغۇسى بار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ…
19 يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر رەت ئۆلۈۋىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇ ھاياتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىدۇ. دادىسى كۈتكەن ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولالمايدۇ. ئۆزى كۈتكەندەك ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ناخشا چولپىنىمۇ بولالمايدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرنىڭ ئايالىمۇ، بىرەر بالىنىڭ ئانىسىمۇ بولالمايدۇ.ھەتتا بىردىنبىر قېرىندىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېراقلىشىدۇ…قىسقىسى، ھەممىدىن ئايرىلغان، ھېچقانداق ئۇتۇق قازىنالمىغان، ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئاچىقالمىغان، قولدىن ئىش كەلمەيدىغان ئۇ ئۆزىنى بۇ دۇنياغا كېرەكسىزدەپ قارايدۇ..شۇنداق، ئۇنىڭ يەرشارىدا ياشىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟!
ئۇ ئۆلۈۋىلىشنى قارا قىلغان شۇ كېچە دەل 00:00 بولغاندا، مۆجىزە يۈز بېرىدۇ.ئۇئۆزىنى كۈتۈپخانىدا كۆرىدۇ. كۈتۈپخانا ئۇ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا داۋاملىق كىرىدىغان ھېلىقى مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئەمەس. ئەمما، ئۇ يەردە ئەلم خانىم بار ئىدى…بۇ دەل ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئارىسىدىكى ھېلىقى كۈتۈپخانا ئىدى. كۈتۈپخانىدىكى ھەر بىر كىتاب دەل ئۇ ھاياتىدا ياشىغۇسى بار ھايات ئىدى. ئۇھەربىر ھاياتنىڭ تەمىنى تىتىيالايتتى، ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھاياتتا، ھەقىقى ئۆزى بولغۇسى بار ئۆزىدە تۇرۇپ قالسا، مۇنداقچە ئېيقاندا، شۇخىل ھاياتنى تاللىسا بولاتتى. ھەقىقەتەن شۇنداق بىر ھاياتتا ياشىغۇسى بولسا، ئاشۇ خىل ھاياتنى خالايدىغانلىقىنى، ھەقىقەتەن خالايدىغانلىقىنى قارار قىلغان ھامان بارلىق نەرسىلەر، جۈملىدىن تۈن كېچىدىكى كۇتۇپخانىمۇ شۇنچىكى مۈجىمەل، ئېنىقسىز بىر ئەسلىمىگە ئايلىناتتى ھەم ئاشۇ خىل ھاياتتا تۇرۇپ قالاتتى. دېمەك، ئۇنىڭ ھاياتى ئەمدى باشلىناتتى.
ئۇنىڭ كۈتۈپخانىدا تۇنجى قولغا ئالغان كىتابى-دەل ھاياتىنىڭ«ئۆكۈنۈش»لىرى ئىدى.
ئۇ دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقانلىقىغا، دادىسغا«دادا، سېنى ياخشى كۆرىمەن»دەۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ. ئۇ ئاممىۋى تاراتقۇلار ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىۋەتكىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ. ئۇ كامبىرىجنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتلىقىغا ئىلتىماس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ. ئالى مەكتەپ ھاياتىدا كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ. ياشلىقىدا كۆپرەك ئۆزىنى خۇشال قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ…ۋاھاكازا. ئەجىبا، سىزھەم مېنىڭ يۇقارقىدەك ئۆكۈنۈش-پۇشايمانلىرىمىز يوقمۇ؟! بار! بىزنىڭمۇ ھاياتتا قانچىلىغان ئۆكۈنۈشلىرىمىز بار..گۇناھكارلىق تۇيغۇسى، پۇشايمان ۋە قايغۇنىڭ ئېنىرگىيەسى ئېغىر ھەم كۈچلۈك.
شۇنداق، ئۇ بارچە ئۆكۈنۈشلىرىنى، ئۆز ۋاقىتىدا قىلالمىغانلىرىنى قىلىدۇ. دادىسى كۈتكەن ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ ياشاپ باقىدۇ. ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك مىليونلىغان مەستانىلىرى بار كۆز چاقناتقان ناخشا چولپىنى بولۇپ، ئۆزى چوقۇنىدىغان كىنو چولپىنى بىلەنمۇ مۇھەببەتلىشىدۇ. ئۆزى كۈتكەن ئەرنىڭ ئايالىمۇ بوپ باقىدۇ. شىمالى قۇتۇپتا ئىكىسپىدىتسىيەچى بولۇپ، شىمالى قۇتۇپ ئېيقىغا ئۇچراپ قىلىپ، ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممىتىنى، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆلگۈسى يوقلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئۇ ئۆزى كۈتكەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تۇرمۇشتىمۇ ياشاپ باقىدۇ. كامبىرىجنىڭ پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنى سۆيىدىغان ئېرى، ئوماق قىزى ھەم مۇكەممەل بىر ئائىلىسىمۇ بولىدۇ….قىسقىسى، ئۇ ياشاپ بېقىش ئىستىكىدە بولۇپ باققان بارچە ياشاش ئىمكانىيىتىدە، ھەر خىل ھاياتتىكى ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىسىدا ياشاپ باقىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزى يۈرىكىدىن كۈتكەن ھايات ئەمەسلىكىنى تۇيۇقسىز بايقايدۇ-دە، ئەسلىدىكى ھاياتىغا، ئۆزى قاقشىغان، مۇكەممەلسىز ھاياتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان بىردىنبىر ھايات ئېكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ھەم ئەسلىدىكى ھاياتىغا يېڭىچە ئۆزى بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى نۇسخسىىدا ياشاۋاتامسىز؟
كىمدۇر بىرى ئادەملەر بىرلا ھاياتتا ياشايدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇغان ئادەم ھەر خىل ھاياتتا ياشىيالايدۇ،-دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن…ھازىر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى نۇسخڭىزدا ئەسلى ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاۋاتامسىز؟
ئۆزىڭىز بولمىغان بىرى بولۇش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشسىڭىزمۇ، ھەمىشە مەغلۇپ بولىسىز. ئۆزىڭىز بولۇشقا تىرىشىڭ. ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كۆرۈنۈشكە، ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئويلاشقا تىرىشىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ھەقىقىي نۇسخىسى بولۇشقا تىرىشىڭ. ئۆزلىكىڭىزنى قۇچاقلاڭ، ئۇنى قوللاڭ. ئۇنى ياخشى كۆرۈڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىڭ.
راستىنلا بۇ يەردە بولۇشنى خالامسىز؟
رەيھان كىچىككىنە باغچىسىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ خىياللىرى ئاچىسىغا كەتتى…10 يىلدىن بىرى ئۇ مۇشۇنداق قەھۋە ئىچىپ، كىتاب ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ، ئۇخلاپ، تاماق يەپ، بازار چۆگىلەپ…ياشاپ كەلدى…ئۇ بىر يۇتۇم قەھۋەسىنى ئىچكەچ كىتابقا قارىغان دەل شۇ پەيتتە ئاچىسى نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
ئۇنى مۇھىتى بۇلغانغان بىر زاۋۇتتا توپا تەرەت ئىچىدە ئىشلەۋاتقان، ئاللقانداق ئېغىر كەيپىيات ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلدى…ئۇ نېمىشقىدۇر ئاچىسى بىلەن تۈزۈك ئۇلىنالمايۋاتقىنىنى، بۇ ئېغىر يىللارنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدەك ئازابلانماس بوپقالغىنىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاكىسىنى خىيالىغا ئېلىپ قەلبىدە ئاچچىق بىر ھەسرەت پەيدا بولغانچىلىك ئاچچىقنىڭ يېقىندىن بىرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى. ئازاب ئۇزۇنغا داۋاملاشقانسىرى تەسىر قىلماس، ئازابنى سەزمەس بوپقالامدىغاندۇ كىشى؟!
«راستىنلا بۇ يەردە بولۇشنى خالىمىسىڭىز، ھەرگىزمۇ بۇ يەردە بولمىغان بولاتتىڭىز.»
ئەجىبا، ئاچام ئاشۇ يەردە بولۇشنى خالىغان بولغىيتمىتى؟! ۋىكتور فىرانكلنىڭ «ئىنساننىڭ ھاياتتىن مەنا ئىزدىشى»ناملىق كىتابىدىكى ۋىكتورنىڭ لاگىردىكى ھاياتى توغۇرلۇق توختىلىپ، بۇھاياتىنىڭ، ئازابلىرىنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ روھىنى چاقناتقان ئەڭ قىممەتلىك نۇر بوپقالىدىغىنىدەك قۇرلارماڭا تەسەللى بولغانىدى. ئازابلىنىپ چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ياشاشنىڭ ئەڭ ياخشى يول ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدىم…
بۈگۈنمۇ چۈشۈمدە ۋەتەندىكى ئاچامنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى قەھۋەخانىدا ناشتا قىلىش ئۈچۈن كىتىۋىتىپ چۈشىدىم ھەم ئەتىگەندە بۇ چۈشۈمنى ئوغلۇمغا ئېيتىپ بېرىپ «رىئاللىقتىمۇ قەشقەر بىلەن توكيو ئاشۇنداق بىرلىشىپ كەتكەن بولسىچۇ! خالىغان چاغدا بېرىپ-كىلەلىسەم…»دېدىم.
شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە مەن توكيودا. ئەسلىدە مەن مۇشۇ زېمىندا ياشاشنىمۇ خالايمەنكەن. شۇڭا مەن بۇ يەردە. خوش، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە سىز قەيەردە؟
ئۆز ھاياتىغا قايتىش
ھەممىلا ئادەم بولىۋىلىش، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم بولغانلىق بىلەن باراۋەر. سەن ئەسلى ھاياتىڭنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىسەن. نېمىنىڭ ساڭا پايدىلىق، نېمىنىڭ پايدىسىزلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىسەن…سەن ئۆز پۇشايمانلىرىڭنى ھەم ئۇنتۇۋاتىسەن…
***
ئەڭ ئېسىل رېستورانلاردا غىزالنىشىڭىز، رەڭگارەڭ ھېسسىي لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولىشىڭىز، سان پاۋلودىكى يىگىرمە مىڭ كىشىلىك مەستانىلىرىڭىز تولغان سەھنىدە ناخشا ئېيتالىشىڭىز، ئالقىش سادالىرىغا چۆمەلىشىڭىز، يەرشارىنىڭ يەنە بىر چېتىگىچە ساياھەت قىلالىشىڭىز، توردا مىليونلىغان مەستانىلىرىڭىزنىڭ بولۇشى، ھەتتا ئولىمپىكدا ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن…ئەمما مۇھەببەت بولمايدىكەن، بۇ ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى قۇرۇق، مەنىسىزدۇر.
***
ۋولقاننىڭ پارادوكسى شۇكى، ئۇ پەقەت ۋەيران قىلىشنىڭلا ئەمەس، يەنە ھاياتلىقنىڭمۇ سىمۋولى ئىدى. لاۋا ئۆچۈپ سوۋۇغاندىن كېيىن قاتىدۇ، ئاندىن پارچىلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۇپراققا باي، مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىدۇ.
ئۇ قارا ئۆڭكۈر بولماسلىقىنى قارار قىلدى. ئۇ بىر ۋولقان ئىدى. ۋولقانغا ئوخشاش ئۆز-ئۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۇ ئەنە شۇ ئەسلى ئورنىدا قىلىپ، ئاشۇ چۆللۈكنى پەرۋىش قىلىشى كېرەك ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسدا ئورمان يىتىشتۈرىدۇ.
ئۇ ئەمدى ئۆز تەبىئىتىدىن ھەرگىزمۇ نۇمۇس قىلمايدۇ.ئاغرىقلىرىدىن قاچمايدۇ، ئۆزىنى غايىۋى مۇكەممەلپەرەسلىكنىڭ بېسىمى بىلەن زەھەرلىمەيدۇ. ئۇ ئەمدى ئۆز ئازابلىرىنى كۆرەلەيدۇ، چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا ئەمدى ھاياتنى مۇتلەق ئاكىتىپ، خۇشاللىقلار بىلەنلا تولغان بولۇشى كېرەك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋالمايدۇ.
ئۇ ئەزەلدىن قوبۇل قىلىپ باقمىغان ھاياتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى باشقىچە بىر ئۇسۇلدا، يەنى مەغلۇبىيەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلۈكنىڭ بىر قىسمى، يېڭىلىنىش، ئۆسۈپ-يېتىلىش شۇنداقلا مەۋجۇدىيەتنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىد، ھەتتا بۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
شۇنداق، نورا ئۆز ۋاقىتىدا ئۆكۈنگەن ئىشلىرىنى، قىلالمىغانلىرىنى قىلىدۇ. «مۇنداق بىر ياشاپ باقسام بولاتتى»دېگەنلىرىنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ يۈرىكىدىن ئارزۇ قىلغىنى يەنىلا ھازىرقى ھاياتى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ ھازىرقى ھاياتىدىكى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ ياخشى قىلمىغىنىنى، ئۆزىدە بار بولغانلىرىغا سەل قارىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
«ئەلكىمىست»دە سانتىياگو شۇنچە ئۇزۇن يول، جاپالىق مۇساپىلەردىن كېيىن ئەسلى بايلىقنىڭ ئۆز ھويلىسىدا، ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ.
«تۈندىكى كۈتۈپخانا»دىكى نورا قىلغۇسى بار شۇنداق نۇرغۇن كەسىپلەرنى قىلىپ بېقىپمۇ، ھەر خىل ئۆزىدە ياشاشنىڭ تەمىنى تىتىپ بېقىپمۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھاياتىنى تاللايدۇ…
سىز بىلەن مەنمۇ ھاياتىمىزدا نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۇق، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمىدۇق، ئۆكۈنۈش-پۇشايمان دەپتىرىمىز ئۇنچە يېنىك ئەمەس…شۇنچە مۇكەممەلسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ دەل ھازىرقى مۇكەممەلسىز ھاياتىدا ئاجايىپ چاقناپ تۇرغان تەرەپلەر بارلىقىنى بىز كۆرەلىدۇقمۇ-يوق؟
بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ دەل ھازىرقى ھاياتىمغا، ھاياتىمدا بار بولغانلىرىغا مىننەتدار بولدۇم، قەلبىم تىنچلىققا تولدى. بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىزگىمۇ ھەر بىر كۈنىڭىزدىن گۆھەرلەرنى تونۇش، قەدىرلەشلەر نېسىپ بولسۇن🦋
*******************
رەيھان ئابلەت
2026.06.10(چارشەنبە)


















































ئىنكاس يازىمەن