مەيلى جاھاننىڭ قەيىرىدىلا بولسۇن، يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلاردا ئېغىر مەسىللەر مەۋجۇت.
مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا بۆلۈملىرىدە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش نەتىجىسىدە شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى، 10 ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ئەمەلىي رىئاللىقى بىلەن چوڭلارنىڭ بالىلىرى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك چوڭ ھاڭ بولغان .
بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندا شۇنى چۈشىنىمىزكى :
قوپاللىق – روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابلىق ھىسياتنىڭ سىرتقا ئىپادىلىنىشىدىن.
بېكىنمىچىلىك – يەنى، كۈن بويى ھىچ كىشى بىلەن ئارلاشماي ئۆيگە بېكىنىۋىلىش بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى يارىلاندۇرىدىغان، ئازار بىرىدىغان رىئاللىق بولغانلىقىدىن.
يالغانچىلىق – راست گەپ قىلسا تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغانلىقتىن.
ھىچ ئىش خوشياقماسلىق – قىلغۇسى بار ئىشنى ئېيتسىمۇ، قىلالايدىغان بىرەر ئىشنى قىلسىمۇ ھامان ئىنكار قىلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن.
Despacito -Temburda Repqet
10 ياش مەزگىلى بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى 2- قېتىملىق كۈچلۈك قارشىلىق مەزگىلى ھەم بالىلارنىڭ ئىددىيەسى ئاسانلا تەۋرىنىدىغان مەزگىل.
مانا مۇشۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشى، ئىنسانى قەلبىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن بىز ئاتا – ئانىلار نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
بالىلارنىڭ ناتوغرا يوللاردا مېڭىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ قايسى ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك؟
ئەگەر بالىمىز ھازىر شۇ خاتا يوللارغا كىرىپ بولغان بولسا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
شۇنداقلا قىزغىن، قىممەتلىك ھاياتتا ياشاۋاتقان بىر ئادەمنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىز چوڭلار نېمە قىلالايمىز؟
بۇ مۇرەككەپ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇ مەزگىلدىكى بالىڭىزغا يۈزلىنىشتىكى تۆۋەندىكى نوقتىلار ئېسىڭىزدە بولسۇن.
يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى 10 مۇھىم نوقتا
- بالىلارنى چوڭلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دىگەن قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، زىممىڭىزدىكى يۈكنى يىنىكلىتىڭ.
- ”نېمە ئۈچۈن…مۇنداق… قىلمايدۇ؟!“ دىگەندەك بالىلارغا بولغان نارازىلىق، ئەنسىرەشلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
- بالىڭىزدا دەل ھازىر مەۋجۇت بولغان ياخشى تەرەپلەرنى، بالىلارغا خاس تىرىشچانلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ.
- بالىڭىزغا يول – يورۇق بىرىش، بۇيرۇق قىلىش، زىيادە شەخسى ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشلارنى توختىتىڭ.
- بالىڭىز بىرەر گەپ قىلغاندا، ھەممە ئىشىڭىزنى توختىتىپ ئەستايىدىل ئاڭلاڭ.
- بالىغا بىرەر ئىشقا ۋەدە بەرگەندە گېپىڭىزدە تۇرۇڭ.
- بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن سىزدىن ئۆتكەن خاتالىقلاردا، بالىڭىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ.
- بالىنى تەھدىت ھەيۋىلەر، قورقۇتۇپ، ئۇرۇپ – تىللاش بىلەن بىرەر ئىشنى قىلدۇرغىلى بولىدۇ دىگەندەك ئويلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
- ھەقىقەتەن ئەنسىرەشكە تىگىشلىك ئىشلارغا دادىل يۈزلىنىڭ ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
- بالىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئامال بار ”رەھمەت“ دىيىشنى ئۇنۇتماڭ.
نىمە ئۈچۈن يۇقارقىلارنىڭ مۇھىملىقىنى كېلەركى باپتىن تارتىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن،- دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى.
دۇنيادا بىر ياپون پەرزەنت تەربىيەسى، بىرلا ئاكې خاشى يوق. لېكىن، بۇ ئەپەندىچاقنىڭ كىتابلىرىنى، ئىددىيەسىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرىمەن. شۇڭا، يەنە تېپىۋالدىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى…😎
ئۇشبۇ كىتاب ھالقىماق مۈشكۈل بولغان 10 ياشلىق مەزگىلىدىكى يىتىلىۋاتقان بالىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن قىممەتلىك، ئەمەلىي، قوللىنىشچان پىكىرلەر سۆزلەنگەن كىتاب.
بىز قايسى ھالدا بولايلى، بالىلىرىمىزكۈندىن – كۈنگە چوڭ بولىۋىرىدۇ. ئۇلار مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا زاماننىڭ، دەۋرنىڭ، ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە چوقۇم ئۇچرىماي قالمايدۇ، شۇ ئەمەسمۇ؟!
بالىلىرىمىزنىڭ يېتىلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت نازۇك مەزگىلىگە ئائىت بىلىملەرنى مەن بىلەن بىللە ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئاتا – ئانىلار دىققىتىڭىز داۋاملىق بىلوگىمنىڭ يېڭى – يېڭى مەزمۇنلىرىدا بولسۇن!🤓
**********************
مەنبە : 10代からの子育てハッピーアドバイス
تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت
21/06/2018 3:46 چۈشتىن كېيىن
ئەلۋەتتە ئۇگۇنۇشنى خالايمىز رەھمەت بىز ئۇچۇن ئەجىر سىڭدۇرگىنىڭىزگە
21/06/2018 4:13 چۈشتىن كېيىن
☕❤
21/06/2018 8:02 چۈشتىن كېيىن
رەيھان خانىم ياخشىمۇسىز ئۈشبۇ ۋاقتىڭىز خەيرىلىك بولسۇن سىزگە قەلبىمنىڭ ئەڭ بۈيۈك سالاملىرىم كەتتى ھارماڭ قىزىم 6كىرەي دەپ قالدى ئۆزىگە ئىشىنىشى تۆۋەن سىرىتتا ئەڭ يىقىن دۇستىدىن باشقا قىزلاغا، ئاسانلىقچە يقىنلاشمايدۇ ئۇ قىزلا قىزىمنىڭ يىنىغا كىلىپ ئوينامسىز دىگەندە ئاندىن خىجىل بۇلۇپ قۇيۇپ ئاندىن چىقىشىپ ئۇينايدۇ بۇلمىسا ئۆزى باشقا بالىلاردەك بىرىپلا قىتىلىپ ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلالمايدۇ مەن قىزىمنىڭ ئەركىن چۇڭ بۇلۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن يەسلىدىمۇ شۇنداقراق دەيدۇ مۇئەللىم بۇ خىل ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلدۇرمەن
21/06/2018 10:42 چۈشتىن كېيىن
سىزگە ھەم سالاملىرىم بولسۇن.
3-4 يىل بۇرۇن ئوقۇغان پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت بىر كىتابتا مۇنداق دىيىلگىنى ئىسىمدە.
بالىلارنىڭ مىجەزىنى چوڭ جەھەتتىن 大人タイプ、子供タイプ ، يەنى، چوڭلارغا خاس مىجەز ، بالا مىجەز دەپ ئىككىگە ئايرىغان.
بالا مىجەز تىپىدىكى بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى – يىتىرقاق، يات كىشىلەرگە ئالدىراپ يىقىنلاشمايدۇ، تارتىنچاق، يىغلاڭغۇراق، ئاپىسىنىڭ يىنىدىن كەتمەيدۇ، لىكىن ، كىشىنىڭ ئامراقلىقى كەلگۈدەك ئوماق.
مىنىڭچە قىزچاقنىڭ ئەسلى مىجەزى مۇشۇ بالا مىجەز تىپىدا بولىشى مۇمكىن. ئاپتۇر بۇ ئىككى خىل مىجەزنىڭ بىرى ياخشى بىرى يامان دىگىلى بولمايدۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ھەم بۇ مىجەز 70 ياشلىق بوۋاي – موماي بولغاندىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ دىگەن.
گېپىمىزگە كەلسەك، بىزدىمۇ تاش مىجەز ، ئىچ مىجەز دەپ ئايرىلغاندەك، ئەسلى يارىتىلىشتىكى ئىچ مىجەز كىشىلەرنى ئوچۇق -يورۇق، ئەركىن، شوخ بولىسەن دىسەك ، ئۇ مەڭگۈ بولالمايدۇ.
قىزچاقنىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلايلى، چوڭ بولغاندا نازۇك ، قىزلارغا خاس لاتاپەتلىك قىز بولغۇسى.
ئۇندىن باشقا ، پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت تەرجىمىلىرىمنىڭ ئەڭ مەركەز نوقتىسى ھەم مەقسىتىمۇ بالىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئننسانى قەدىر – قىممىتى بىلەن ياشايدىغان ئىنسان بولۇپ يىتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ۋاقتىڭىز يار بەرگەندە بارچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ئاددى سۆزلەر ئىچىدىن خېلى كۆپ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز.
گېپىم يەنە ئۇزىراپ كەتتى، ئوقۇرمەن دوستلار ئىچىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ، تېخىمۇ مۇۋاپىق جاۋاب بىرەلەيدىغان دوستلار بارلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم بىلىگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئامان بولۇڭ، مەنمۇ ئۇخلاپ قالاي ئەمدى، خەيرىلىك كەچلەر ~ ⏱❤️
23/06/2018 1:35 چۈشتىن بۇرۇن
رەھمەت سىزگە رەيھان خانىم ماڭا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ھازىر كۆرۈپ ئوقۇپ چىقتىم كىچىكىپ قالدىم كەچۈرۈڭ ئۇنداقتا بۇ خىلى مىجەزىدە ئانچە كۆپ ئۆزگۈرۈش بۇلمىسا كىرەك چۈشەندىم مەن قىزىمنىڭ بۇ خىل مىجەزىگە ھۆرمەت قىلاي بىئارام كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى كۆپ رەھمەت سىزگە شۇنداق مەنمۇ ئوقۇپ چىقىۋاتىمەن ناھايىتى گۈزەل جاۋاپلارنى تېپىپ پايدىلنىۋاتىمەن خەيىرلىك كەچ ياخشى ئارام ئېلىڭ
21/06/2018 5:52 چۈشتىن كېيىن
سىزگە كۆپ رەھمەت !
ئەجرىڭىز زىيادە بولسۇن !
21/06/2018 6:12 چۈشتىن كېيىن
ئەسلى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشتىن خۇشاللىق تىپىۋاتىمەن، سىزگە ئوخشاش كۈچ بىرىۋاتقان دوستلاردىن بەكمۇ مىننەتدارمەن، يازما ،تەرجىمە توغۇرلۇق پىكىر – تەكلىپلىرىڭىزنن ئايىمىغايسىز ❤️
22/06/2018 12:05 چۈشتىن بۇرۇن
كۆپ ئەجىرلىك بولۇڭ بولۇگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى بەك ياقتۇرىمەن
22/06/2018 9:17 چۈشتىن بۇرۇن
رەھمەت ☕️❤️
22/06/2018 1:35 چۈشتىن بۇرۇن
ئىزدىنشلىرىڭىز بەرىكەتلىك، مەنپەئەتلىك بۇلسۇن خانىم، تەكىلىپىم بالىلار مەسلىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋەھەل قىلش تەلىم تەربىيە نۇقتىسنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قۇللىنشچانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ بەرسىڭىز
22/06/2018 9:16 چۈشتىن بۇرۇن
ماقۇل، تىرىشىپ باقاي☕️
27/06/2018 1:52 چۈشتىن كېيىن
سالام رەيھان، يوللىغان يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئون ياشتىن ھالقىپ بولغان قىزىمدا جىق يەرلەردە خاتا قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ھەقىقەتەن بەزى چاغلاردا نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ دەپ كىرىشىۋالغان جايلىرىم ھەم 10ياش دەپ بەك چوڭ تەلەپلەرنى قويۇپ، بەك بىسىم قىلىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بوپتىكەن…… تىمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن.
27/06/2018 7:58 چۈشتىن كېيىن
سىزگىمۇ ھەم سالاملىرىم بولسۇن~
بۇ كىتابدىكى مەزمۇن كۆپ ئاتا – ئانىلار بايقىمىغان، بىراق، بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر دەپ قارايمەن.
ئامال بار ھەپتىدە بىر مەزمۇن يوللاشقا تىرىشىمەن،بىللە ئۈگىنەيلى~☕️♪(๑ᴖ◡ᴖ๑)♪