قايسىبىر تېمىدا ئېيتقىنمدەك، ئېسىمنى بىلسەم  دادام چايخۇمار بىر ئادەم ئىدى. مەنمۇ دادامنىڭ ئىزىنى بىسىپ چايخۇمار  بىرى بولۇش سۈپتىم بىلەن ئۆيدە قەھۋە ئۈزۈلۈپ قالسا بولمىغىنىدەك ھەرخىل چايلىرىم ھەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ھەم بازارغا بارسام مەخسۇس قەھۋە-چاي دۇككانلىرىدىكى يېڭىچە چاي-قەھۋەلەرنى سېتىۋىلىشمۇ قىزىقىشىلىرىمدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، چايلارنىڭ ئىچىدە يېشىل چاينى راستىنى دېسەم، ياپوننىڭ نەم ھاۋاسىدا سوغىقىنى ئاشۇرىۋىتىدىغان چاي دەپ ئىچىپمۇ كەتمەيتتىم.

ئۆتكەن يىلى مەن داۋاملىق چاي سېتىۋالىدىغان دۇككاندىن قارا پۇرچاق ئارىلاشتۇرۇلغان يېشىل چاي سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ تەمنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم ھەم شۇندىن كېيىن ئۆيدىن يېىشل چاينىمۇ ئۈزمەس بولدۇم.  ھەم يېقىنقى يىللاردا ياپوننىڭ ئەنئەنىۋى چاي دەملەش ئۇسۇلىغا، چىنە-قاچىلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان بوپقالدىم ھەم مەخسۇس ماچيا دەملەيدىغان چوتكا، قاچىلاردىن تارتىپ سىتىۋىلىپ ئانچە-مۇنچە ماچچيالارنى ئۆزۈم دەملەپ ئىچىدىغانمۇ بولدۇم. ئۇنداقتا يېشىل چاينىڭ قانداق رولى بارلىقى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىپ  باقايلى.🍵

 

 

يېشىل چاينىڭ رولى

 

چاي-سىزنى ھايات ھەققىدىكى تىنچ تەپەككۇر دۇنياسىغا تەكلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

لىن يۈتاڭ (جۇڭگو ئەدەبىياتشۇناسى ۋە تىلشۇناسى)

ئاسىيالىقلار ئەسىرلەردىن بۇيان يېشىل چاي ئىچىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېشىل چاي غەربتىمۇ بارغانسېرى ئالقىشلانماقتا. ئەلۋەتتە، بۇنىڭمۇ يىتەرلىك سەۋەبى بار. چۈنكى، يېشىل چاينىڭ ئەقىل، بەدەن ۋە روھقا ھەيران قالارلىق پايدىسى بار.

بىرىنجىدىن، ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىلار مول بولغان يېشىل چاينىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، پاركىنسون كېسىلى قاتارلىق نېرۋا چېكىنىش كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇندىن باشقا قېرىغاندىكى دىۋەڭ بوپ قىلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

شۇڭا، ياپونىيەدىكى دوستلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە ياپوننىڭ يېشىل چېيى، ماچىيالىرىنى سوۋغا قىلىشى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.💚

ئىككىنجى، يېشىل چاينىڭ يەنە بېسىمنى يېنىكلىتىش خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا  يېشىل چاي ئىچىش بىلەن روھىي بېسىم ئوتتۇرىسىدا تەتۈر مۇناسىۋەت بارلىقى بايقالغان.

بۇنىڭدىن باشقا، يېشىل چايدىكى پولىفېنوللار  خۇشاللىق دوپامىننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. روھى كىسەلدىن ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرگە ئىجابىي   ئۈنۈمى بار.

ئۈچىنجى، دىققەت مەركەزلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت-ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، يېشىل چاي ئەڭ ياخشى چارە.

يېشىل چاي تەركىبىدىمۇ كوففېئىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى بىر ئىستاكان قەھۋەدىكىدىن خېلىلا ئاز، شۇڭا قەھۋەنى كۆپ ئىچىۋىتىپ ئۇخلىيالماسلىق، بىئارامسىزلىنىش بولمايدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېشىل چاينىڭ ئەنسىزلىككە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار، چۈنكى L-تېئامىن دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە ئامىنو كىسلاتاسى ئەقلىي ئىقتىدارلىقلىق ۋە دىققەتنى ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كوففېئىن ۋە L-تېئامىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېشىل چاي مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك.

يېشىل چاي ئىچكەچ توكيو خاتىرىلىرىدە«يېىشل چاي»ھەقىقىدە كوتۇلداش

 يېشىل چاي ئىچكەندە 

 

مىقدارى قانچىلىك بولسا بولىدۇ؟

ئەڭ ياخشىسى كۈنىگە كەم دېگەندە ئىككى ئىستاكان ئىچىش كېرەك. ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، كۈنىگە كەم دېگەندە ئىككى ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى 54%تۆۋەن بولغان.

كوففېئىننى ئازايتىشتا ئۈنۈملۈك

ئەگەر قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، كۈنىگە بىر ئىستاكان يېشىل چاي بىلەن ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ.  شەخسەن پىقىر ھەر كۈندە ئىچىدىغان قەھۋەرىمدىن ۋاز كەچمەيمەن. ئەمما، ئىككى ئىستاكان قەھۋەدىن سىرىت كەيپىمنى كۆتۈرىدىغان ئىچىملىك ئىچكۈم كەلگەندە يېشىل چاينى تاللايمەن.

يېشىل چاي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ياخشىلاپ، خىزمەت كۈنىڭىزنى توغرا باشلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىچىملىك.

كۆپ ئىچىۋەتسىڭىز ھېچقىسى يوق

ئادەتتىكى  قەھۋەدە ھەر 240 مىللىلىتىردا تەخمىنەن95مىللىگرامدىن 200 مىللىگرامغىچە كوفېئىن بولىدۇ. 240 مىللىلىتىر يېشىل چايدا پەقەت24 مىللىگرامدىن40 مىللىگرامغىچە كوفېئىن بار. شۇڭا، سىز كوفېئىننىڭ ئارتۇقچە ئىستېمال قىلىنىشىدىن ئەنسىرىمەي، قەھۋەدىن كۆپرەك يېشىل چاي ئىچسىڭىز بولىدۇ.

مەن ئادەتتە سائەت 4:00 دىن كېين ئامال بار قەھۋە ئىچمەيمەن. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كوفىنسىز چاي ئىچىمەن. ناۋادا سىزمۇ ماڭا ئوخشاش سەزگۈر تىپ بولسىڭىز، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېشىل چاي ئىچىشتىن ساقلىنىڭ.

ماچچىيانى سىناپ بېقىڭ

ماچچيانى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن ھە؟ ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا «ماچچيا»بىر ئېقىم بولۇپ قالغاندەك. قىززىق يېرى، بۇ يېڭى ماۋسۇملۇق تۇنجى دەرسلىكمۇ ماچچيا توغۇرلۇقكەن.

ماچچىيا-يېشىل چاي يوپۇرمىقىنى ئۇندەك ئېزىپ تالقان ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.يېشىل چايغا قارىغاندىمۇ پايدىلىق. ماچچيانى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلداماچچيا چېيى، ماچچيا لاتې تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشتىن باشقا ماچچيا تورتى، ماروژنا دېگەندەك ئۇسۇلدىمۇ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. بۈگۈن مەن ماچچيادا چىچىمنى ئاسراش مەلھىمى ياساپ چىچىمغا سۈرۈپ قويۇپ، يېشىل چاي ئىچكەچ بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن.

رەيھان قىز ئۆزى دەملىگەن ماچچيا لاتې

 

يېشىل چاي ئىچىشىنمۇ ئادەت  يېتىلدۈرۈش تەرتىپىگە كىرگۈزەمدۇق؟ ئەلۋەتتە، مەقسىتىمىز كىچىك-كىچىك ئۆزگىرىشلەر، كىچىك ئادەتلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشكە يېتىپ بېرىش. ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئەلۋەتتە بىزنىڭ يېتىلدۈرمەكچى بولغان ئادىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. خوش، بۇ ھەپتىلىك ئادىتىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ھەر ھەپتىدە پەقەت قىلالايدىغان كىچىك ئادەتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتىمەن، بۇنى داۋاملاشتۇرىۋاتامسىز؟كىتاب ئوقۇش، چىنىقىش دېگەندەك دەسلەپتە قىزغىنلىق بىلەن باشلاپ بىر ئايدىن كېيىنلا توختاپ قىلىۋاتامسىز؟

مەقسىتىمىز ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بېرىش، داۋاملاشتۇرالامسىز؟

 

****************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...