ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالىنى ئۈنۈملۈك تەنقىدلەشتىكى ئىككى نوقتا(15)

4,733 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلارنى تەنقىدلىگەندە، ۋارقىراپ – جارقىراشلار، ئاچچىقلار، ھەتتا، قول تەككۈزۈشلەر بىلەن ئاڭلىتالمىغان سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.

魔女の宅急便

 

(15)

 بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا، بالا بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ، كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ، قىسقىلا سۆزلىسەك كۇپايە

 

بۇندىن كېيىنكى مەزمۇنلاردا بالىنى تەنقىدلەش ئۇسۇلىنىڭ بىر قانچە موھىم نوقتلىرى يەتكۈزمەكچىمەن. بالىنى تەنقىدلىگەندە، ئالدى بىلەن بالىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەيىپلەنگىنىنى بالىغا ئىنىق يەتكۈزۈش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

بىرسى،  بالا بىلەن  يۈزمۇ  ـ  يۈز، ئوخشاش تەڭپۇڭلىقتا، بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىش.

ئككىنجىسى،  گەپ قىلغاندىمۇ تەمكىنلىك بىلەن قىسقىلا سۆز قىلساق كۇپايە.

مىسالغا،بالىنىڭ تاماق ۋاقتىدا قوشۇق ياكى ئارىنى ئاغزىغا تىققان پىتى ئۇياقتىن- بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينىشىنى خەتەرلىك دەپ ئويلاپ بالىنى ئەيىپلىمەكچى بولدۇق دەيلى، بۇ ۋاقىتتا، سىزنىڭ ئالدى بىلەن قلىدىغىنىڭىز يۈگۈرۈپ يۈرگەن بالىنى توختىتىش بولسۇن. ئېنىقكى، ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ ئويناۋاتقان بالىغا سىز ھەرقانچە ۋارقىراپ گەپ قىلسىڭىزمۇ قۇلقىغا كىرمەيدۇ، شۇنداققۇ؟

يەنى، بۇنداق چاغدا بالىڭىزنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ توختىتىپ ئۆزىڭىزگە قارىتىڭ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ كۆز ئارقىلىق يەتكۈزۈش موھىم. ناۋادا ۋارقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلىسىڭىزمۇ بالا نەتىجىدە ئۆزىنىڭ نېمىگە  ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىنى،نېمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

ئاچچىقلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورققانلىقىنى بىلسىمۇ نېمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىدىغان ئەھۋاللار بالىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمەلىي مىسالغا كەتتۇق ئەمسە:

بالىغا يىراقتىن ئاچچىقلاپ توۋلىغاندا

بالىغا يىراقتىن ئاچچىقلاپ توۋلىغاندا:

تامىقىڭىز تېخى تۈگمىدىغۇ؟ دىدى ئانا تاماق شىرەسىدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەن بالىغا.

بالا ئۆزىنىڭ ئويۇنىغا كىرىشىپلا كەتتى…ئانىنىڭ ئاچچىقى كەلدى دە – تېز كىلىپ تامىقىڭىزنى يەڭ! -دىدى.

بالا بىر خىيالىدا يوق يەنە ئۆز ئويۇنى بىلەن ئالدىراش..ئانىنىڭ بۇ چاغدا راستىنلا جۇدۇنى تۇتتى..

نىمانچە ھەددىڭدىن ئاشىسەن؟ مۇشۇنداق ئاتا- ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىساڭ خۇش بولامدىكەنسەن؟! دەپ بوغۇلۇپلا قالدى.

گېپىڭىزنى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن ئاپا…،- دېدى باياتىندىن بېرى ئويۇنى بىلەن بوپكەتكەن بالا.

يۇقارقىدەك ئەھۋالدا گەرچە سوغۇققانلىق قىلىش ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ، سەل ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ، ئېنىق قىلىپ “ خەتەرلىك!جايىڭىزغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەڭ “ دەپ پېكىرىمىزنى يەتكۈزۈش ئۈنۈملۈكرەك.

بالىنى توختىتپ، كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سوغۇققانلىق بىلەن گەپ قىلغاندا

بالىنى توختىتپ، كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سوغۇققانلىق بىلەن گەپ قىلغاندا:

تامىقىڭىز تېخى تۈگمىدىغۇ؟ دىدى ئاپا تاماق شىرەسىدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەن بالىغا.

ئانا  قولىدىكى چوكىنى قويۇپ بالىنىڭ يېنىغا كەلدى ھەم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، بالىنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى:

قىزىم، ئويۇن دىگەننى تاماقنى يەپ بولۇپ ئوينايمىزغۇ؟  ئاۋۋال تاماق يەڭ، ئاندىن بىللە ئوينايلى بولامدۇ؟ كىلىڭە، جايىڭىزدا ئولتۇرۇڭ.

مەندىن:

كېيىنكى مىسالدا ئانىمۇ، بالىمۇ راھەت كەيپىياتتا بولالايدۇ، بالىمۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلەيدۇ، شۇنداققۇ؟

بالىنىڭ شۇ كەپسىزلىكى، قىلىقسىزلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ تەمكىن ھالەتتە گەپ قىلىش ئاسانمۇ؟

رىئاللىقتىكى ئىشلار بەك سەمىمىيلىك بىلەن دەۋەتكەندە، كىتاب يۈزىدىكى  نەزىرىيەلەردەك بولىۋەرمەيدۇ.

پەرزەنت تەربىيەلەش – بىز ئاتا – ئانىلاردىن  بىلىملىك، مۇھەببەتلىك بولۇشنىلا ئەمەس يەنە تەدبىرلىك بولۇشنى، سەۋرىچانلىقىنى، ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتا- ئانىلارمۇ پەرزەنتىنىلا ئەمەس ئۆزىنىمۇ ھەم تەربىيەلەپ ماڭىدۇ..

بىزھەممىنى نەزىرىيە بويىچە قىلالمىساقمۇ، تۇرمۇشىمىزغا ماس كېلىدىغان توغرا تەرەپلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرۈپ باقايلى، تېخىمۇ بەخىتلىك، نادىر پەرزەنتنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ باقايلى.

 تىرىشچانلىق – قەدەملىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل تەسەللىيدۇر.

魔女の宅急便

  ياپوننىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئىكې گامى ئەپەندى ھەر بىر قېتىم «بالىلار خەۋىرى» نى تەييارلايدىغان چاغدا قەلبىدە 10 ياشلىق ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ھەم مۇشۇ بالىلىق تەپەككۇر، بالىلىق قەلب  نوقتىسىدىن  تۇرۇپ  بالىلار چۈشىنەلەيدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا  مەزمۇن تەييارلايدىغىنىنى  ئېيتقىنىدەك، ھەر قېتىملىق «پەرزەنت تەربىيەسى» گە ئائىت مەزمۇننى  بالىلار ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاچ تەييارلىمىسام ئىلھامىم كەلمەيدىغان بوپقاپتۇ!😌

بۇ قېتىم يەنە مىيازاكى ئەپەندىنىڭ 1989-يىلى ئىشلىگەن، بالىلىقىمىزدا كۆرۈش نىسىپ بولمىغان بۇ كارتۇن فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاچ تەييارلىدىم. خالىسىاڭلار بالىلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ باققايسىلەر.

مىنىڭغۇ ئاۋۇ قىزچاقنىڭ ”毎日〜毎日“ دىگەن چاغدىكى ئوماق ئاھاڭىدىن باشقا مەزمۇنلىرى ئانچە ئېسىمدە يوق~😜

ياپونچىسى: 魔女の宅急便

ئىنگىلىزچىسى :  Kiki’s Delivery Service

كۈنلىرىمىزگە بەرىكەت ھەم تاساددىپى خۇشخەۋەرلەر بولسۇن ~💐

 

*************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. kozumge yax kald, ana bolup anamning kadrige yettim

    • بولۇپمۇ ياقا ـيۇرتلاردا دەڭە …..

      • دۇرۇس ، بۇ مۇساپىرلىق كىشىنى تاۋلىدى….

        پەرشتە سۈپەت ئانامنىڭ سىماسى، ئىسسق تامىقى، ئايالىمنىڭ ئىشتىن چۈشسەم ئائىلىدە يولۇمغا قاراپ كۈتۈشلىرى، قىزىمنىڭ دادا دادا دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقىشلىرى، تاتلىق ھىدى …

        ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ، ئىمكان بولسا سەپەرگە چىقىڭلار، دىيىشلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم…
        بۇ يوللار بىزنى ھەقىقىي ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىدى…

        رەھمەت، ھاياتىمىزدا مۇشۇ قىسقىغىنە مۇساپىرلىقنى پۈتۈلگەن تەقدىرگە.

        ھەممەيلەنگە يارەندىلىرى بىلەن جەمئىيلىك يار بولسۇن.

  2. راست ـ ھە …مۇساپىرلىقنىڭ بىزگە ئەڭ چوڭ بەرگىنى ئۆزىمىزگە يىقىنلىشىش بولدى …بىزنى نازۇك، ئويلىنىدىغان، ئازابلانساقمۇ تىرىشىدىغان ، توختاتمايدىغان قىلدى …
    جەم بولۇشلار نىسىپ بولسۇن سىزگە ھەم بىزلەرگە ~

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى