گۇنمانىڭ قارلىق سەھىرى❄️

918 قېتىم ئوقۇلدى

شۇنداق، ئۇ كۈنى ھەممە ئۇخلاۋاتقاندا، ئاستا ياتاقتىن چىقتىم ھەم بۇ گۈزەللىكلەرنى ئاددى تېلفۇنۇمنىڭ كۆزنەكلىرىدە خاتىرىلەپ قويدۇم.

ھەممە ئۇيقۇدىكى چاغدا مۇنداق گۈزەللىكتىن ھوزۇر ئېلىش قانداق بەخىت،-ھە!

 

Çalıkuşu – yıldızlara doğru

 

مەن ئۆزەمنى تەبىئەت ئىچىدە مۇساپىر دەپ بىلمەيمەن.

مەن تەبىئەت قوينىدا غېرىبلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمەن!

تەبىئەت بالىلىق قەلبىمنى،ئەسلى ئۆزۈمنى-ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

يارىلانغان تۇيغۇلىرىمنى داۋالايدۇ.

تەبىئەتنىڭ يۈرىكىمنى لەرزىگە سالالايدىغان مۆجىزىكار گۈزەللىكى ئالدىدا قەلبىم ۋە ئەقلىمدە تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانغا تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن سىزىلغان كاتتا ئەسەر ئىكەنلىكىگە يەنە بىررەت چىن پۈتىمەن.

 

 

 

 

 

 

يۇقارقىدىكىلەر رەيھاننىڭ ئاددى كۆزلىرىدە كۆرگەن، يانفۇنىدىلا تارتىلغان ياپون يېزىسىنىڭ قارياغقان سەھىرىنىڭ سۈرەتلىرى. ئۇشبۇ تېما  يوقالغان يازمىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قايتا يوللاندى.

 

2019.01.04 رەيھان

 

 

تارقىتىڭ...
  1. كۆرۈپ ئىچىم يورۇپ قالغاندەك بولدۇم. ئىستانبۇلنىڭ قارسىز قىشلىرى ماڭا قارنى سېغىندۇرىدۇ. بۈگۈن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ھۇزۇرلاندىم . رەھمەت سىزگە ،
    ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مەنزىرىلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

گۇنمانىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى