Schindlers list – Main theme

 

بۈگۈن مەن

ئۆزۈم ئۈچۈن يازىمەن!
كىملەرنىڭ يۈرىكىم ئۈچۈن يازمىغانلىرىنى تەرجىمە قىلمايمەن، كۆچۈرمەيمەن .
تۇيغۇلىرىمنى ئۆز ئەينى بايان قىلىمەن.

 

بۈگۈن مەن
بىر ئانىنىڭ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ھەسرەتلىرىنى ئۈنسىز بايان قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن. قايسى كۈنىلا ناتونۇش ئانىنىڭ ≪مەن بالىلىرىم ئۈچۈن جەم بولۇش ئۈچۈنلا ياشاۋاتىمەن !≫ دېگىنىدەك ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئاددى ئىھىتىياجىنىڭ سانسىزلىغان ئانىلار ئۈچۈن ئەڭ ئالى تىلەك بوپ قالغانلىقىنى بىلىمەن!

 

بۈگۈن مەن
بىر سىڭىلنىڭ كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتۈشنى خالىمايۋاتقان قەلبىدىكى ئىسياننى بىلىمەن!بىر يىگىتنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرىگە ئاچچىق-ئاچچىق كۈلىۋاتقىنىنى، ماھىيەتتە پۈتۈن دۇنياغا ئەرزىيىتىنى تۆكىۋاتقانلىقىنى، بىر نارىسىدىنىڭ ئانىسىز-دادىسىزلىقنىڭ ناتىۋان بىچارىلىكىدە توڭلاپ قالغانلىقىنى،مۇشۇ ئەسىردە ھېلىمۇ ھەم دۇنيانىڭ ئاتالمىش رەھمىسز دەھشىتىدە مۇزلاپ قىلىۋاتقان < سەرەڭگە ساتقۇچى بالىلار>نى بىلىمەن!

 

بۈگۈن مەن
قانچىلىغان جانلارنىڭ ئاددى قەلىممىدە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان پۇچۇلىنىشلىرىنى، ئەڭ قىممەتلىك غورورىنىڭ چەيلىنىۋاتقىنىنى، ئازابتىن سىرغىپ چىققان سۈزۈك تامچىلىرىنىڭ ئەرزىمەس سانىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن . . .

 

بۈگۈن مەن
ھەزىرتى يۈسۈپ ئەينى چاغدىكى ئاچ قالغان مىسىر خەلقى ئۈچۈن تويغۇدەك تاماق يىمىگەن پەزىلىتىنىڭ ئادەملەرگە يۇقىۋاتقىنىنى، بۇ يىللارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى بار دېيىلسە ئالدىغا كەلگەن ئىسسىق تاماقتىن چىممىدە بولغان يۈرىكىنى، ھەر بىر نېئمەت ئۈچۈن ھەتتا ، ئاخشىمى ئۇخلىغىنىدىكى يۇمشاق كارۋىتى ئۈچۈنمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان يۈرىكىدىكى ئاچچىقنى، ≪خەقنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ھەر نېمە بولسا ماڭا كەلمىدى ≫ دەيدىغان بەتبەختلىكتىن ھالقىغان ئادىمىيلىك بولغانلىقىنى بىلىمەن.

 

بۈگۈن مەن
نەپرىتىمنى ئۆلتۈرىدىغان غورۇرسىز مۇھەببەتتىن سۆز ئاچمايمەن!
ئىززەت -نەپسىمنى قىسىدىغان يالغان كۈلكىلەرنى كۈلمەيمەن!
ئازابلىرىمنى پەردازلايدىغان ساختا ئۈمىدۋارلىققا قارىمايمەن !

شۇنداق ، بۈگۈن مەن تۇيغۇلىرىمنى ئۆز ئەينى بايان قىلىمەن !

 

*****************************

 

ئالدەىنقى قېتىم ئېيتقىنىمدەك  يوقاپ كەتكەن يازملىرىمنى قايتا تولۇقلاپ قويىۋاتىمەن. سالامەت  تۇرۇڭلار.

رەيھان 2019/12/25

تارقىتىڭ...