پاكىز، يورۇق جاي

 

ئاپتۇرى: ئېرنىست ھېمىڭۋاي
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

Richard Clayderman – Serenade

 

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

تۈن كېچە، قەھۋەخانىنىڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شامالدا يىنىك تەۋرەنگەن شولىسى چۈشكەن ئورۇندۇقىدا ئەڭ ئاخىرقى خېرىدار جىمجىت بىراندى ئىچىۋاتاتتى. قارىماققا، ئۇنىڭ ئەسلا ئۆيگە قايتىش خىيالى يوقتەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ قۇلىقى گاس بولسىمۇ كېچىنىڭ جىمجىتلىقى ھەم قەھۋەخانا چىرىغىنىڭ شولىلىرى ئۇنىڭغا ئارامبەخش تىنچلىق تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلىۋاتاتتى.

بوۋاي تېخى ئۆتكەن ھەپتىسى ئېسىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولغىنىدا، جىيەن قىزى قۇتقۇزىۋالغانىدى.

ياش كۈتكۈچى ئۆيىدە ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئايالىنىڭ بارلىقى، تېزراق ئۇخلىۋالغۇسى كەلگەنلىكتىن ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرايتتى.
ئەكسىچە، ياشانغان كۈتكۈچى خېرىدارىنىڭ قاچانغىچە قەھۋەخانىدا ئولتۇرغۇسى بولسا ئولتۇرىۋىرىشىنى خالايتتى.
ئەسەرقەھۋەخانا خېرىدارى بولغان ياشانغان بوۋاي ھەققىدە قىلىشقان ئىككى كۈتكۈچىنىڭ پاراڭلىرى ئارقىلىق 3-شەخس تىلىدا بايان قىلىنىپ،ئاخىرىداشەخسنىڭ ئىچكى مونولوگىغا يۆتكەلگەن.
ئەسەردە ئىسپانچە سۆز «nada» مۇقەددەس ناخشا «تەڭرىنىڭ دۇئاسى» دىكى مەناسىدىن باشقىچە«يوقلۇق»مەناسىدىكى سىمۋوللۇق خاراكتىردە ئىشلىتىلىپ ئىنسان قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى غېرىبلىق، ھەسرەت، تېڭىرقاشلارنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

 

ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

«قېرىلىق» باش تېما قىلىنغان ئۇشبۇ ئەسەر يېزىلغان ۋاقتىدا ھېمىڭۋاي ئارانلا 33 ياشتا ئىدى.
ئەلۋەتتە، ئەسەردىكى باش پىرسوناژ بولغان 80دىن ھالقىغان بۇ غېرىب بوۋاينىڭ ئىچكى ھىسياتلىرى، ۋەقەلىك پەقەت ھېمىڭۋاينىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن دېيىشكە بولاتتى.
بىر ئەسەرنى ئوقۇش شۇنداقلا ۋەقەلىكنى چۈشىنىپ قويۇشلا ئەمەس يەنە ئەسەر يېزىلغان دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارىخى شارائىتىنىمۇ تەھلىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئەسەردە بىر جۈملىدە غىل -پاللا بىر ئەسكەرنىڭ بېشىدا شىلەپىسى يوق قىزنى قولتۇقلاپ قەھۋەخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.

شۇ چاغلاردىكى ياۋرۇپا جەمىيىتىدە ئادەتتىكى ئاياللار سىرىتقاچىققاندا باش كىيىمى كىيىش ئومۇملاشقان بولۇپ، باش كىيىمى يوقلار يولدىن چىققان ئاياللار ھېسابلىنىدىكەنتۇق. دىمەك، ئەسەردىكى ئەسكەر يۆتىلەپ ماڭغان قىز ئادەتتىكى قىزلاردىن ئەمەس دىيىشكە بولارمىش.

ئەسەردىكى ياشانغان كۈتكۈچى ئوقۇيدىغان ناخشىدا تىلغا ئېلىنغان «Nada» ئىسپان تىلدىكى سۆز بولۇپ « يوقلۇق، ھېچنىمە» دىگەن مەنادا بولۇپ، ياشانغان كۈتكۈچىنىڭ تىڭىرقىغان، ھەسرەتلىك ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنى«مەندىكى بۇ ھالەت ئۇيقۇسىزلىقتىن بولغان، خالاس!» دەپ ئۆزىگە دىئاگىنوز قويۇپ،ئۆزىدىكى ئازابنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلانماستىنلا ھىكايىمىز ئاخىرلىشىپ قالغان.
ياشانغان كۈتكۈچىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن دىئاگىنوزى توغرا بولدىمۇ؟
جاۋاب يەنىلا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە قالسۇن!

 

 

نېمىشقىدۇر كەچلىرى چىرىغى يورۇتۇلغان ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرىگە قاراشنى ياقتۇراتتىم. بۇ قانداقتۇر چۈشەندۈرگۈسىز ئىللىق سزىم بىرەتتى.

 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىم بولسا كېرەك. ئۇ چاغلاردا ئۆيدىن يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كېتىش، يېڭىچە ھاياتتا، موھىتتا ياشاپ بېقىش بىر چۈش ئىدى. بىر كۈنى بالىكوندا ئۆينىڭ دەرىزىسىنى ئېيتىۋىتىپ ئاپپاق يورىغان ئۆيىمىزنىڭ ھاۋىرەڭ پەردىلىرى ئىچىدە كارتۇن فىلىملاردەك چىرايلىق ئۆيدە ئۆيدىكىلەرنىڭ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ھالىتى شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلۇپ كەتكەنىدى ھەم ئىختىيارسىز :«ئۆيىمىز ھەجەپ ئىللىقكىنا، بۈگۈن سىزىپتىمەن! »دىگىنىم، بىر نەۋرە ئىنىمنىڭ «سەن تېخىچە بىلمىگەنمىدىڭ؟ »دەپ كۈلۈپ كەتكىنى ھېلىمۇئېسىمدە.
ھېلىمۇ ھەم كەچلىرى سىرىتلاردا بوپقالسام ئۆيلەرنىڭ دەرىزلىرىگە قارايمەن. بەزى ئۆيلەردىن تارقىغان غۇۋا غېرىب نۇرلارنى، بەزى ئۆيلەردىن تارقىغان ئىللىق، مۇھەببەتلىك نۇرلارنى سىزىمەن.
ھېلىمۇ ھەم ئانام-داداملار، قېرىنداشلار يېغىلغان ئائىلىمىزنىڭ شۇ ئىللىق مبنۇتلىرىنى دەرىزە سىرتىدىكى كىچىككىنە قىزچاقتەك كۈزىتىشلەرنى سېغىنىمەن.

بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ نېمە ئۈچۈن بۇلارنى ئويلاپ كەتكىنىمنى بىلمىدىم.
بىراق، بىلىدىغىنىم شۇكى:
روھىيتىمىزنىڭ چۇڭقۇر-چۇڭقۇرقاتلاملىرىغا كۆمۈلگەن تۇيغۇلار..غېرىبلىق، سېغىنىش ۋە تىڭىرقاشلار..ئېچىلىپ قالىدىغان، ۋۇجۇدىمىزئارام تاپىدىغان كىچىككىنە پاكىز ئىللىققىنە جايغا مۈكىۋىلىشنى ئىستەپ قالىدىغان چاغلار80 ياشلىق بوۋايلاردىلا ئەمەس ھەر قانداق بىر روھى ھايات ئىنساندا بولىدۇ.

نېسىپ بولسا ھەممىلا ئادەم قېرىيدۇ. ھەر بىر جان ئېگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ.
ئۆز تۇپرىقى، ئۆز قەۋىم-قېرىنداشلىرى، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتى ئىچىدە قېرىش، ئەسلى ئۇرۇقى كۆكلىگەن ئانا تۇپراقلارغا كۆمۈلۈش، يەنە شۇ زېمىنلاردا تارىغان روھ ھېدلىرىدىن كىيىنكىلەرگە نېسىۋە بېرەلىگەن ھاياتنى كەچۈرۈش مەرھەمەتلىك زاتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ نېئمىتى ھە؟!

 

*************

رەيھان ئابلەت

2020.04.03

تارقىتىڭ...