يىللار بولدى ئۆزۈمگە ئەتىرگۈل، ئۈستىقۇددۇس، رەيھان، قوۋزاق دارچىن…قاتارلىق ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ھەمراھ قىلىپ كەلگىلى…قۇياشتىن، دېڭىزدىن، گۈل-چىچەك، دەل-دەرەخلەردىن ھاياتى كۈچ ئېلىپ ياشاۋاتقىلى…
ئەلۋەتتە، بۇ مەن چوڭ بولغان ئائىلە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ ئۆيدە دادام ئاشۇنداق تەبىئەتخۇمار، چايخۇمار، چاينىمۇ شۇنداق پەيزى دەملەيدىغان ئادەم ئىدى. دادام دەملەپ بەرگەن چاي دورىلىرى، زەپەر، زەنجىۋىل تالقانلىرى بىلەن تەمى ئاجايىپ خۇشپۇراق چىققان ناۋات چېيى ھېلىمۇ تىلىمدا.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن تىبابەت، يىمەكلىك ئارقىلىق مىجەز تەڭشەش، ئۆسۈملۈك چايلىرى، ئۆسۈملۈك-گۈللەرنى ئىستىمال قىلىش رىتسىپى دېگەنلەرگىمۇ خېلى قىزىقتىم ھەم بۇ توغۇرلۇق ماتىرياللارنى كۆرۈپ تۇردۇم. تېخى ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن «ئېلىم تەھسىل قىلىدىغان»يولدىشىمنى“غازىبايغا يېتىشىپ قالدىڭىز، ئەمدى چىراقنى ئۆچۈرۈڭ“دېگۈزىۋىتىدىغان تىبابەتكە ئائىت كىتابىم بار دەيمەن !😂
خوش، گېپىمىزگە كەلسەك، بۇ ئايدا يازغۇچى، ئۆسۈملۈك تەتقىقاتچىسى سۇگاۋارا ئايۇمى خانىمنىڭ تېخى يېقىندىلا يەنى، 2024-يىلى 11-ئايدا نەشىردىن چىققان«بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك رىتىسپى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتاب تاش مۇقاۋىسىدىن تارتىپ ئىچىدىكى رەسىملەرگىچە ئادەمگە ئۆزگىچە گۈزەللىك، خۇشاللىق بېغىشلايدىغان كىتاب.
كىتابتا ئۆسۈملۈك چايلىرىنى دەملەش، ئۆسۈملۈك-گۈللەردىن تاماق تەييارلارش، ھەتتا، تەبىئىي گۈل-ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن تۈزەش، تېرە ئاسراش، چاچ ئازىلاپ كېتىش، مەسلىكنى يېىشىش، ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش..قاتارلىق تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ھەم روھىنى ئاسراش رىتىسىپى بېرىلىدۇ.
پىقىر يېقىندا تەۋىسيە قىلىنغان چاي رىتىسىپىدىن پايدىلىنىشتىن سىرىت، چېچىمنى ئاسراش رىتىسىپنى ئەمەلىيەتتىمۇ قوللىنىش ئۈچۈن مەلھەم ياساش تەتقىقاتى ئۈستىدە.😄
Tango To Evora
ئۆسۈملۈك-گۈل چايلىرىنى ئېچىش
تەبىئەتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە، يىمەك-ئىچمەككە ئۆسۈملۈك-گۈللەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىش مەلۇم دەرىجىدە بەخىت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئېنىق. مەسلەن، قايسى كۈنى باش شىركەتكە يېغىنغا بېرىپ قايتىش يولىدا كىچىك بىر كۆكتات دۇككىنىدىن مۇشۇ 1-ئايدا قويۇپ قويۇلغان قارا ئۈجمە بىلەن مالىناغا كۆزۈم چۈشۈپ، سېتىۋىلىپ، كەچتە ئالما، گۈللەر بىلەن چاي قىلىپ ئىچكەنىدىم، بۇ خىل چاي مىجەزىمگە بەك ياقتىمۇ ئىچىم شۇنچىلىك راھەت ھەم خۇش بولدى. دېمىسىمۇ شۇ، بەدىنىڭىزگە ياققان ئوخشىغان يىمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن بىر خىل بەدىنىڭىزمۇ، كۆڭلىڭىزمۇ خۇش بەخىتكە تولىدىغۇ؟! دەل شۇنداق ھېسىيات.
كۈندىلىك ئىچىملىكىمىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۆسۈملۈك چېيى ئىچىشنى ئادەت قىلغاندا ساغلام، گۈزەل بولغىلى، روھى جەھەتتىنمۇ ئاسرالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە خانىم-قىزچاقلارغا پايدىلىق چاي رىتىسىپىنى ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ چاينى ئۆزۈممۇ دەملەپ ئىچىۋاتىمەن، تەمى بەك خۇشپۇراق، پەيزى چىقىدۇ.
رولى:ئاياللىق ھورمۇننى تەڭشەش، مىجەزنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش
ماتىرياللار:
Marigold-سەبدەر
Angelica root-كىرەش
Basil – رەيھان
Lemon balm-لىمون يوپۇرمىقى
Raspberry leaf-مالىنا يوپۇرمىقى
ئۆسۈملۈك-گۈل جەۋھىرىدىن پايدىلىنىش
بەش سىزىمنىڭ ئىچىدە پۇراش سىزىمى بىۋاستە مېڭىگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا، كەيپىيات ئېگىز-پەس بولغاندا، خۇشپۇراقتىن پايدىلىنىش پەۋقۇلئاددە ئۈنۈمگە ئېگە. بۇنىڭدا تەۋسىيەلىك پۇراق: ئۈستىقۇددۇس (lavender )بىلەن بابۇنە(chamomile )جەۋھىرىنىڭ پۇرىقى. ئۆسۈملۈك جەۋھىرى ئارقىلىق ئۆز كەيپىياتىنى ئۆزى كونتىرۇل قىلغىلى بولىدۇ، تىنىچ روھى ھالەت ئاتا قىلالايدۇ. «شۇنچىلىك ئىشلارغا ئاچچىقلاپ يۈرۈپ، ھاياتىمنى ئىسراپ قىلىۋەتتىم-دە!» دەپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ئۆتكۈزىۋىتەلەيدىغان ئاياللاردىن بولايلى-ھە؟
قەھۋەنى قانداق ۋاقىتتا ئىچسە مۇۋاپىق؟
قەھۋە-پەۋقۇلئاددە ئۆسۈملۈك. قەھۋەنى ئەتىگەندە ئويغىنىپ 90 مىنۇتتىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 ئىچسە مۇۋاپىق.
بەزىلەر ئەتىگەندە ئويغىنىپلا قەھۋە ئېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ بۆرەككە بىسىم بولىدۇ. بىز يەنە بەزىلەرنىڭ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇنمۇ قەھۋە ئىچسە يەنە خاتىرىجەم ئۇخلىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەلۋەتتە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ. مەن 4:00 دىن كېيىن قەھۋە ئىچسەم ئۇخلىيالمايدىغىنى. ئادەتتە بەدەندىكى قەھۋەنىڭ تەركىبىدىكى كوفىيننىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن 5~8 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، ماڭا ئوخشاشلارچۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 ئەتراپىدا ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىقكەن.
مېنىڭ قەھۋخۇمار ئېكەنلىكىم ئىنستىگرامدىكى ئەگەشكۈچىلىرىمگە مەلۇم. مەن ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئوخشىتىپ قەھۋە دەملەپ بېرىش ۋە ياكى مۇھىتى ياخشى قەھۋەخانىلارغا بېرىش ئۆزۈمنى سۆيۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ھەرقانچە قەھۋەگە ئامراق بولساممۇ، كۈنىگە ئىككى ئىستاكانلا ئىچىپ قويىمەن. ئارتۇق بولسا ئۈچ ئىستاكان. ئاساسلىقى ئەتىگەن ھەم چۈشتىن كېيىن. ئەتىگەندە سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا ئىچكەن ئەتىگەنلىك قەھۋەرىم بەئەينى مەن ئۈچۈن روھىم ھەم بەدىنىمنى ئويغىتىدىغان دورا. بۇ يىلىقى ئەڭ مۇھىم نىشانىمدىن بېرى- بېرىپ باقمىغان قەھۋەخانىدا ئىچىپ باقمىغان تەمدىكى قەھۋەنى تىتىپ بېقىش.
تەبىئەت بىلەن ئۇلىنىش
ئۆز كۆڭلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشىدا ياشاش، ئۆزىنى قەدىرلەش ئادەمنى تېخىمۇ بەخىتلىك قىلىدۇ. ئۆزىنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى، ئۆيىدە يېشىللىق بولۇش. يەنى، ئۆيىنى كىچىك باغچىغا ئايلاندۇرۇش. «ئەجىبا، شۇنچىلىك ئىشما؟» دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىنى قەدىرلىمەيدىغان ئادەمدە يېشىلچىق بىلەن ھەپىلەشكۈدەك بوشلۇقى بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، يېشىل ئۆسۈملۈك، گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ئۆيدە ياشىغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى مۇھەببەت، بەخىت ھورمۇنى قويۇپ بېرىپ، بەخىت كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ.يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرسىىمۇ، لوڭقىغا گۈللەرنى چىلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. ھەركۈنى ئۆسۈملۈك چېيى ئىچىش، تاماققا كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلىشمۇ «كىچىك باغچا»نىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
تەبىئەت بىلەن ئۇچىرىشىش
ھەپتىدە كام دېگەندە بىر قېتىم بولسىمۇ تەبىئەت بىلەن ئۇچىرىشىش يەنى، باغچىلارغا، دېڭىز ساھىلىغا بېرىش، يالاڭ ئاياغ تۇپراققا دەسسەش، دېڭىزغا چۈشۈش، ھېچ بولمىغاندا ئارشاڭغا بېرىش، مەھەللىلەردىكى دەل-دەرەخلەرنى تۇتۇشمۇ بەدەندە ساقلىنىپ قالغان زەھەرنى ئالىدۇ، چارچاشنى تۈگىتىپ، ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.
يىلنىڭ تۇنجى كۈنى تۇنجى قۇياشنى كۆرۈش ئۈچۈن دېڭىز بويىغا باردۇق. تۇنجى قۇياش نۇرىنىڭ زېمىنغا يايغان گۈزەل نۇرى بىلەن بۇ يېڭى يىلنى باشلىۋالدۇق. بۇ يىلقى يەنە بىر پىلانىم-قۇياش نۇرى بىلەن، تەبىئەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچىرىشىش، تەبىئەت بىلەن تېخىمۇ باغلىنىش.
بۇ سەھەر11 يىل كۆرمىگەن ۋەتەننى، سەككىز يىلدىن بىرى ئالاقەم ئۈزۈلگەن ساۋاقداش- ياتاقداشلىرىمنى چۈشەپ ئويغىنىپ، قەلبىمدىكى سېغىنىشنى قۇچاقلىدىم، تەبىئەت توغۇرلۇق بۇ قۇرلاردىن تەسەللىي تاپتىم، بىر ئىستاكان قەھۋەرىمدىن دورىلىق كۈچ ئالدىم….
بىز تەبىئەتتىن كەلدۇق، تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى بىز. شۇڭا، تەبىئەتتە كۆكلەيمىز، ساقىيىمىز، پۈتۈنلىنىمىز.
*******************
رەيھان ئابلەت
2025.01.22 (چارشەنبە)
ئىنكاس يازىمەن