ئاپتاپتا قەھۋەرىمنى ئىچكەچ كىتاب ئوقۇش شۇنچىلىك خۇشياقتى. ھازىر ئوقۇۋاتقىنىم دەل ئۆزىنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەشكە مۇناسىۋەتلىك قۇرلار بولۇپ، دەيدۇلەركى: مەيلى قانچە ياش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھاياتى كۈچكە تولغان، تەسىرلىنەلەيدىغان قەلبكە ئىگە كىشىلەر قارىماققا چوڭ بولمىغان قىزچاق، ئوغۇل ھالىتىدە تۇرۇپ قالغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ماھىيەتتە مۇنداق كىشىلەردە چۇڭقۇر ئەقىل-پاراسەت بار بولغان بولىدۇ.

يۇقارقىدەك ئادەمگە يېنىك، گۈزەل كەيپىيات بېغىشلىيالايدىغان بۇ كىتابنىڭ ئىسمى«ھەر دائىم خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى»ناملىق كىتاب.

بۇ كىتابنى ئوقۇشنى تاللاپ قىلىشىم قىززىق بىر جەريان. خىزمەتكە سەل بۇرۇنراق يولغا چىققان بىر كۈنى سەھەردە، ئازراق ئېشىنچە ۋاقتىمدا مىتىرو بېكىتىدىكى كىتابخانىنى يوقلاپ كىرىپ، بۇ كىتابقا كۆزۈم چۈشتى ھەم خالىغان بەتنى ئېچىپ ئوقۇغۇنىمدا، بۇ بەتتىكى مەزمۇن دەل ئەتىگەنلىك ئادەتكە ئائىت مەزمۇن بولۇپ چىقتى. يەنى،«مەيلى سىزنىڭ ئەتىگەندە يۈگۈرىدىغان، بەدەن چىنىقتۇرىدىغان ئادىتىڭىز بولسۇن، مەيلى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش بولسۇن ئەڭ مۇھىمى ئەتىگەنلىك ئادەت كىشىگە بىسىم ئەكەلمەستىن، خۇشاللىق ھەم ئېنىرگىيە بېرەلىشى كېرەك» دېگەن قۇرلار ماڭا شۇنداق  ياقتى.

ئىككىنجى كۈنى قولۇمغا ئېلىپ شۇنداقلا ئاچقان بېتىم يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئائىت مەزمۇن بولۇپ، «كۆڭلىڭىزنىڭ تارتقىنى ، ئاغزىڭىزغا تىتىپ ھوزۇرلىنىپ يېگىنىڭىز كۆڭۈلگىمۇ، بەدىنىڭىزگىمۇ پايدا قىلىدۇ» دېگەن قۇرلار بولۇپ چىقتى ھەم ئۆزىنى بەك فورمۇلاغا كىرگۈزىۋالمايدىغان بۇ ئىددىيە ياراپ قالدى-دە، كىتابنى سېتىۋىلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىت خۇشال، بەخىتلىك بولىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرى روھى ھالەتنى، خۇشاللىقىنى يوقاتمايدىغان بەخىتلىك كىشىلەر ھەقىقەتەن بار. ئۇشبۇ كىتابتا دەل ئاشۇ خىل كىشىلەرنىڭ 88 خىل ئادىتى يېزىلغان بولۇپ،  مەن پەقەت كىتابنى ئوقۇۋاتقاچ خاتىرىلەپ ماڭغان ئويلىرىمنى ھەم مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

Vivaldi-Autumn

 

پىيادە مېڭىش بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ

بەش مىنۇت پىيادە ماڭغاندا، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ. 20 مىنۇت ماڭغاندا، دوپامىننىڭ تەسىرىدە ئادەمنىڭ ئاكىتىپلىقى ئاشىدۇ. 30 مىنۇت ماڭغاندا، ئاجىرلىپ چىققان سىروتونىننىڭ تەسىرىدە، جىددىيلىك، روھى بىسىم يىنىكلەپ، كەيپىيات تۇراقلىشىدۇ. تەبىئىي پىسخىكىلىق دوختۇرنىڭ يېنىغا بارغاندەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مېڭىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈسكۈنە كەتمەيدۇ. خىزمەتكە بارغۇچە 10 مىنۇت، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن 10 مىنۇت، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغۇچە 10 مىنۇت بولۇپ كۈنىگە 30 مىنۇت پىيادە مېڭىشنى ئادەت قىلسىڭىز، پىسخىكا دوختۇرىغا ئىھتىياجىڭىز بولمايدۇ.

دېققەت، ماڭغاندا قەددىڭىزنى تىك تۇرۇپ، مەيدىڭىزنى كىرىپ، قورسىقىڭىزنى ئىچىگە تارتىپ ماڭغىنىڭىزدا، ھەر بىر قەدەم ئالغىنىڭىزدا، مېڭە «ئۆزۈڭگە ئىشىنىپ، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ» دېگەن بۇيرۇقنى بېرىدۇ ھەم ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ. پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ئىجابى تەپەككۇر بىلەن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشنى تەبىئىي چىنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

***

كىتاب ئوقۇغاندا، مەزمۇنىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈڭ

كىتاب ئوقۇش-تېخىمۇ چۇڭقۇر بەخىتنى تېتىش ئۈچۈن ئۆزىگە سېلىنغان مەبلەغدۇر. (پاھ، كىتاب ئوقۇش توغۇرلۇق دېيىلگەن مۇنداق چۈشەنچنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمكەن، بەك يارىدى بۇ جۈملە)

كىتابنى ئۆزىڭىز ئوقۇپلا بولدى قىلسىڭىز تولىمۇ ئىسراپچىلىق. ئوقۇغانلىرىڭىزنى، تەسىراتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز، كىتابنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ئېسىڭىزدە قالىدۇ. يەنى، كىتاب ئوقۇسىڭىز ئېسىڭىزدە قالىدىغىنى20% ، مەزمۇنىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەندە ياكى يازغاندا 70%، باشقىلارغا ئۆگەتكەندە بولسا 90% ئېسىدە قالىدۇ. 

ئۆگەنگەنلىرىڭىز باشقىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىسە، بىلىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك.

مەندىن: دېمەك ئوقۇغان كىتابلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ مېڭىۋاتقان مەندىكى بۇ ئادەت نەقەدەر ياخشى ھە! (ماۋۇ يەردە پوچىلىق بىلەن قارا كۆزەينەك بىلەن تۇرغان ئىپادە  بار ھە)

***

ئەتراپىڭىزدىكى  ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاڭ

«يەنە ئىشلىتىپ قالارمەن»، «قىممەت ئالغان تۇرسام»دەپ يىللاپ ئىشلەتمەيدىغان، كەيمەيدىغان  كىيىملەرنى تاشلىۋىتەلمەي قالامسىز؟ مەنمۇ دەل شۇلاردىن بىرى.

ئىشلەتمەيدىغان، سىزگە راھەت بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى «يەنە ئىشلىتىپ قالارمەن»،«قىممەت ئالغان تۇرسام»دەپ ئولتۇرماي تاشلىۋىتىپ، ئەتراپىڭىزدا پەقەت كۆڭلىڭىزگە راھەتلىك ئېلىپ قالىدىغان نەرسىلەرنىلا قالدۇرسىڭىز، بەخىت تۇيغۇڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

بەخىتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تاللاشلىرى بولىدۇ. مەسلەن، قەھۋە پۇرچىقىنى ئۆزى ئېزىپ قەھۋە دەملەش، ئۆي تاللىغاندا قۇياش نۇرى چۈشىدىغان، مەنزىرە كۆرگىلى بولىدىغان بولۇش…دېگەندەك. ۇ.بەخىتلىك كىشىلەرئەتراپىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللايدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىگە خاس تاللاشنى قوغلىشىدىغان كىشلەردۇر.

مەندىن: مۇشۇ مەزمۇننىڭ ئىلھامى بىلەن نەچچە يىلدىن بىرى كىيىلمەي قالغان، تاشلاشقا قىيالماي كەلگەن بىر تاغار كىيىملەرنى «كونا كىيىملەر دۇككىنى»غا ئۆتكۈزىۋىتىپ، قولۇمغا قانچىلىك پۇل كەلدى دېمەمسىلەر؟ 225 يىن! كىچىك چاغلىرىمىزدا كەيمەيدىغان كىيىم-كىچەكلىرىمىزنى يېزىدىكى تۇغقانلارغا بېرەتتۇق. ھازىرئۇ شارائىت يوق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە يېڭى، ئەمما كەيمەيدىغان كىيىملەرنى سۇنغىلى بولمىغان…شۇنىڭ بىلەن تاشلىۋىتىشكە تېخى قىيمىغان…دېگەندەك ھەر خىل باش قېتىنچىلىق بىلەن «كونا كىيىملەر دۇككىنى ھېچ بولمىسا، قىيىنچىلىقتا قالغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرەر»دېگەن ئۈمىدتە شۇ يەرگە ئاپىرىپ بەردىم.

***

ئازابلانغىنىڭىزدا

قەلبىڭىزنى تىنچلاندۇرۇپ ئالدىغا سىلجىتىىشنىڭ ئۈچ قەدەم-باسقۇچى:

  1. ئۆزىڭىزنىڭ پاسسىپ ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوبۇل قىلىڭ.
  2. بولغان ئىشنى ئۆز پېتى كۆرۈپ يېتىڭ.
  3. قانداق قىلغۇم بار؟ شۇ تاپتا نېمە قىلالايمەن؟ دېگەن نۇقتىدا قىلالايدىغان ئىشىڭىزغا دېققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ.

باشقىلاردىن كۆڭلىڭىز ئاغرىغاندا، قەلبىڭىزنى ئەنسىزلىك قاپلىغاندا…بۇ پاسسىپ ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى باستۇرىۋەتمەستىن ياكى ئىتىبار بەرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالماستىن، ئالدى بىلەن شۇ ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزنى ئىتىراپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ ھەم شۇنىڭغا دېققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز يارىلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىمىزنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغان نەرسە.

***

كۆڭۈل ئاغرىقلىرى، ئەنسىزلىك بولسۇن، ھەتتا سەۋەبسىز ئىچى سىقىلىشلارنىمۇ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ چىقىڭ، بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولىسىز. مەسلىنىڭ نېمە ئېكەنلىكى ئايدىڭلاشقاندا، جاۋابىمۇ ئۆزلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. جاۋابى تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ بىرەر كېچە ئۇخلاپ ئەتىسى ئويغانغاندا«بولدىلا، ئۇنچىلىك ئىشنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟»،« بولدىلا، خىزمەت ئالمىشايچۇ» دېگەندەك تېخىمۇ ياخشى يول چىقىدۇ.

ھەقىقەتەن ئازاب ئىچىدە قالغىنىڭىزدا ئائىلىڭىزدىكىلەر، بىرەر دوستىڭىز ھەتتا يات ئادەمگە ئىچىڭىزنى تۆكىۋالسىڭىزمۇ يېنىكلەپ قالىسىز. ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ چىقىرىۋالغاندا ئىچىڭىز راھەتلىنىپ قالىدۇ.

ئۈزۈندىلەر

*ئادەملەر ئۆزلىرى بەخىتلىك بولغاندىلا، خۇشال قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولماستىن، خۇشال سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكتىن، بەخىتلىك بولالايدۇ.

*ھەقىقى سۆيگۈ پەقەت خۇشاللىقنىلا ئەمەس، ئازابتىمۇ ئورتاقلىشىشتۇر.بەخىتلىك كىشىلەر خۇشاللىقىنمۇ، ئازابىنىمۇ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان كىشىلەردۇر.

*خۇشاللىقنى ئورتاقلاشقاندا خۇشاللىق ھەسسىلەپ خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ. ئازابنى ئورتاقلاشقاندا، ئازاب يېرىملايدۇ.

*نېمىلەرنىڭ ئۆزىنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى بىلىش-ئۆزىگە بولغان خاسلىقتۇر.

*ئەتىگەنلىك ياخشى بىر ئادەت بىلەن يېڭى كۈن باشلانغىنىدا، ھەر بىر كۈندىن، يەنە بىر رەت كەلمەيدىغان بۈگۈندىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ ياشىغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم ھاياتلىقتىكى بەخىت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىدۇ.

*ئۆزىنى بەخىتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى-ئۆزىگە سەمىمىي بولۇش. ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىنى خۇشال قىلالايدىغان كىشىلەر باشقىلارنىمۇ ھۆرمەت قىلالايدۇ، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشالايدۇ.

*قەلب-ھەر ۋاقىت يول كۆرسەتكۈچى ماياكتۇر. جاۋاب سېرىتتىن ئەمەس، ئىچىمىزدىن كېلىدۇ.

*قايتا-قايتا چۇڭقۇر نەپەس ئالغاندا، خۇشاللىق ھورمۇنى بولغان سىرتونىن ئاجىرىلىپ چىقىپ، ئادەمدە ئاكىتىپلىق ھەم بەختىيارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ھېس-تۇيغۇلىرىمىز نەپەسلىرىمىزگە تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، نەپەسلىرىمىزمۇ ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

*ئۆزى يالغۇز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش-ئۆزىنى يېتىلدۈرىدىغان، كىشىلىك خاراكتىرنى تاۋلايدىغان قىممەتلىك پۇرسەت.

*ئۆزىنى قوبۇل قىلالايدىغان، كەچۈرىۋىتەلەيدىغان ئادەم باشقىلارنىمۇ كەچۈرىۋىتەلەيدۇ.

ئارىكاۋا مايۇمى

يازغۇچى، فوتوگراف ئارىكاۋا مايۇمى كاگوشىمادا تۇغۇلغان بولۇپ، تەيۋەن دۆلەتلىك تېخنىكا ئونۋىرىستىتىنىڭ ياپون تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن.(ياپونلۇق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ياپون تىلى كەسپىدە ئوقۇغاندۇ؟)

ئۇ گىرىم بويۇملىرى، كىيىم-كىچەك ساھاسىدىمۇ ئىشلىگەن. كىمونو كىيىش يىتەكچىسى، كۇرس ئوقۇتقۇچىسىمۇ بولغان. ئۇ ھەر خىل ساھادە ئىشلەش جەريانىدا خېلى كۆپ كىتابلارنى يېزىپ  چىققان ھەم نەچچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇشبۇ كىتاب 2022-يىلى 8-ئايدا تۇنجى نەشىردىن چىققان.

خەير، كىتاب توغۇرلۇق ئورتاقلاشقىنىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن. يېقىندىن بېرى، ئۆزۈمنىڭ ئويلىرىنى كۆپ يازغۇم كەلمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلھامىم كەلمەيدىغان بوپقالدى. بۇنىڭمۇ سەۋەبى باردۇر بەلكىم.

كېلەر قېتىملىق يازمامغىچە يېراق-يېقىندىكى ئۈنسىز ئورتاقلاشقۇچىلىرىم، دوستلىرىم ئامان بولۇڭلار.

********************

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...