ئانىڭىزنى قۇچاقلاڭ!
رەيھان ئابلەت
ھاياتلىقتا ھەر بىر تىلغا ئېلىنسا، ھەر بىر ئەسلەنگىنىدە يۈرەك تىتىرەيدىغان ئادەم-دەل ئانا!
بۈگۈنكى مەزمۇن كىتابنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان، يۈرۈكۈمنى تىتىرەتكەن نوقتىسى.
چۈنكى، چەتئەلدىكى ھاياتىمدا مەن ئەڭ سېغىنغان ئادەمدىن بىرى دەل ئانام!
ھايات–ماماتلىقتىكى لاگىر ھاياتى
(بۇ قىسىملىرى ئېدى تىلىدا بايان قىلىنىدۇ)
شۇندىن باشلاپ مېنىڭ قارا چۈشلىرىم باشلاندى. ئۇلار بىزنى بۇخىنۋالددىكى لاگىرغا ئەكەلدى. مېنى قاتتىق ئۇرغانلىقىدىن ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدىم. مەن سىستىرا قىزدىن«قېچىپ كەتسەم قانداق بولار؟» دەپ سورىغىنىمدا، قىز قورققان ھالدا«15 مىنۇت ئىچىدە ئاتا–ئانىڭىز قەيەردە بولسا شۇ يەردىن تۇتۇپ لاگىرغا ئەكەپ بولىدۇ» دېگەن جاۋابى بىلەن قېچىش نىيىتىمدىن يالتايدىم.
ئاتا–ئانىسى، ئۇررۇق–تۇغقانلىرىنى جازالاش ئارقىلىق ئادەم كونتىرۇل قىلىش، تەھدىت سېلىش فاشىستلارنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك!
تۇتۇپ كېلىنگەن كىشىلەر لاگىرغا پاتماي قالدۇق. بىر كىشىلىك كارىۋاتتا بەش ئادەم خۇددى بىلىق كونسىرىۋاسىدىكى بىلىقتەك مىجىلىپ ئۇخلايتتۇق. تاماقنى قولىمىزدا يەيتتۇق. يامان يېرى، ھاجەتخانىنىڭ قەغىزى بولمىغانلىقتىن بەزىدە ھەتتا قول بىلەن ئېيتىشقا توغرا كېلەتتى. يۇيۇش ئىمكانىيىتى يوق ئاشۇ قولدا ئامالسىز يەنە تاماق يەيتتۇق…
ناچار مۇھىت، ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ئازابنى تارتىۋاتقان بىزلەر نېمە ئۈچۈن مۇنداق ئېغىر كۈنلەرنى كۆرىمىز؟! بىز نېمە گۇناھ قىلدۇق؟!
شۈبىھسىزكى، بىز ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنىدۇق. بىز ئاڭلىق پۇخرا ئىدۇق، نورمال خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇۋاتقان، ھاياتنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، ئەدەبىيات–سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار ئىدۇق! بۇ خورلۇقلارنى تارتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دوختۇر، ئادۇكات، ئوقۇتقۇچى…دېگەندەك بىلىملىك كىشىلەر ئىدى!
يوللارغا ئەخلەت تاشلىمايدىغان، ماشىنىدىن تاماكا قالدۇقىنى چۆرىمەيدىغان قائىدىلىك نېمىسلارغا تۇيۇقسىز نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم ھازىرمۇ چۈشىنەلمەيمەن..
ھەر كۈنى سەھەر ناتسىسلار مۇنداق بىر «ئويۇن» ئوينايتتى. ئەتىگەندە ئىشكنى ئاچقاندا ئىشك ئالدىغا كەلگەن ئىككى–ئۈچ يۈز كىشىنى خالىغانچە ئاتاتتى، ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىدىنى يالىڭاچلاپ خالتىغا قاچىلاپ ئۆيىگە«قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇندى» دەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى..
مانا بۇ 1938-يىلدىكى گىرمانىيە! بۇ جايدا ئەخلاق، ھۆرمەت، ئادىمى پەزىلەتمۇ قالمىغانىدى.
***
ئەنە شۇنداق كۈنلەردە ئەينى چاغدا بىللە ئوقۇغان نېمىس ساۋاقدىشىنى ناتسىس ھالىتىدە ئۇچىرىتىدۇ ھەم ساۋاقدىشى ئۇنى قۇتقۇزىۋالماقچى بولۇپ، مىخانىك بولۇپ ئىشلەشكە تەۋسىيە قىلىدۇ. ئېدى ئىشخانىغا چاقىرىتىلىپ، لاگىردا ئاچ قالمىغانلىقى، شۇنداق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىگە ئىسپات بەرگەن تەييار قەغەزگە قول قويغۇزۇلىدۇ ھەم دادىسىغا چاقىرىق ئەۋەتىپ ئۇنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويىدۇ.
1939-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 7:00 دە، دادام بەلگىلەنگەن ماشىنىدا مېنى ئالغىلى كەلدى. لاگىرغا كېلىپ دەل ئالتە ئايدا بۇخىنۋالدتىن چىقتىم. بۇ چاغدىكى ھىسسياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. دادام لاگىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا مېنى قۇچاقلاپ كۈتىۋالغنىدا ئۆزۈمنى بەئەينى جەننەتكە چىققاندەك ھېس قىلغانىدىم…بۇ ھىسسياتنى ھېلىمۇ ھەم ئەسلىيەلەيمەن ھەم ھەر دائىم شۇنداق دەيمەن: يەنە بىر كۈن، يەنە بىر سائەت، ھەتتا بىر مىنۇت ھايات ياشىىيالىساممۇ، ئازاب ھامان ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر كۈن يېتىپ كېلىدۇ.
***
كىتابنىڭ ئۇشبۇ بابى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. تۆمۈر قەپەز ئىچىدىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قەدىردانلىرىنى قۇچاقلايدىغان،جەننەتكە كەلگەندەك تۇيغۇلارغا ئېرىشىدىغان شۇ مىنۇتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز، ئۈمىد قىلىمىز!
ئاقكۆڭۈللۈكنى ھەممە يەردىن تاپالايسىز، ھەتتا ناتونۇش كىشىلەردىنمۇ
ئېدى بۇخىنۋالدتىكى لاگىردىن چىققاندا دادىسى ئۇنى ئېلىپ بىلگىيەگە قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. چىگرادىن ئۆتىۋاتقان يېرىم يولدا دادىسى تۇتۇلۇپ قىلىپ، ئېدى ئۆزى يالغۇز كېلىشكەن مىھمانخانىغا كېلىپ دادىسىنى كۈتىدۇ. دادىسى تۈرلۈك ئامال بىلەن قېچىپ ئوغلى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ.
يامان يېرى ئانىسى ھەم سىڭلىسى تېخىچە گىرمانىيەدە قالغان بولۇپ، ئۇلار تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئېدى ئۆيگە تېلىفۇن قىلغاندا، تېلىفۇننى بىرگىستاپو ئېلىپ دەرھال قايتىپ كەلمىسە، ئانىسىنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ. ئوغۇل ئانىسى بىلەن بىر ئېغىزپاراڭلىشىۋىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئانىسى تېلىفۇننى قولغا ئېلىپلا«ھەرگىز كەلمىگىن، كەلسەڭلا سېنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ!»دېگىنىدە، ناتسىس تېلىفۇن بىلەن ئانىسىنىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ. ئانىسىنى مۇشۇ ھالەتتە تاشلاپ قويۇشقا ۋىجدانى يول قويمىغان ئېدى قايتماقچى بولغىنىدا، دادىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىنى يەنە يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ناتسىسلار ئېدىنىڭ ئانىسىنى ئۈچ ئاي سولاپ قويۇپ بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا كىلىشكىنى بويىچە بۇرىسالىمغا يېتىپ كەلگىنىدە، بىلگىيە ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ئېدىنى«قېچىشقا ئۇرۇنغان گىرمانىيەلىك»دەپ قولغا ئالغان بولىدۇ. نەتىجىدە، ئانا–بالا يەنە كۆرىشەلمەيدۇ. قىززىق يېرى، ئېدى گىرمانىيەدىكى چاغدا ئۇنىڭغا «يەھۇدى»دەپ زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، گىرمانىيەنىڭ سىرتىدا «گىرمانىيەلىك» دەپتۇتۇپ لاگىرغا سولايدۇ. بۇ يەرنىڭ شارائىتى ھەر ھالدا بۇخىنۋالدتىكى لاگىردىن يامان ئەمەس بولۇپ تۇتقۇنلار كارىۋاتتا ئۇخلايتتى، ئۈچ ۋاخ تاماق بېرىلەتتى. ئېدى ئۆزى تەلەپ قىلىپ كۈندۈزى لاگىردىن 20 كېلومىتىر يېراقلىقتىكى ئونۋىرستقا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مىخاينىكا دەرسى بېرىدۇ ھەم بىر يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ.
1940-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى گىرمانىيەنىڭ بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەنلاگىردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى گىرمانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇلار جەنۇبى فىرانسىيەگە قاچماقچى بولىدۇ. قېچىش جەريانىدىكى مۇنداق بىر ۋەقە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
فىرانسىيەگە ماڭىدىغان پاراخوتقا پەقەت ئەنگىلىيەلىك ئەسكەرلەرلا چىقىشىغا يول قويىدۇ. ئۇنىڭ بەزى سەپداشلىرى ئۆلگەن ئەنگىلىيەلىك ئەسكەرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ پاراخوتقا چىقىۋالىدۇ. ئېدىمۇ مۇشۇ ئامالنى قوللانماقچى بولۇپ، بىرئۆلگەن ئەسكەرنىڭ ئۈستى كىيمىنى سالدۇرۇپ نۆۋەت ئاستىنى سالدۇرۇشقا كېلىپ،جەسەتنى ئۆرىگەن چاغدا ئوق تەككەن يەرگە كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. بىچارە ئەسكەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى غورۇرىنى دەپسەندە قىلىشقا رايى بارمىغان ئېدى كىيىمىنى سالدۇرۇشتىن يالتىيىدۇ ھەم پاراخوتقا چىقالماستىن بۇ ئۇزۇن يولنى پىيادە ماڭىدۇ.
ئىككى يېرىم ئاي پىيادە قېچىش جەريانىدا، ئەتىگەن كۈن چىقىشتىن–كۈن پاتقۇچە يول يۈرىدۇ. كىچىك، چەت يېزىلارنى ئارىلاپ ماڭىدۇ. ھەممىدىن تەسىرلىك يېرى، بۇ جەرياندا ئېدى بىرەر قېتىممۇ ئاچ قالمايدۇ. ئۇچىرىغانلىكى كىشىلەر ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن«بىرەر نەرسە يېدىڭىزمۇ؟ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ ياردىمىم كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ ئۇنىڭغا يىمەكلىك بېرىشىدۇ، ئۆيگە تەكلىپ قىلىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۇلارمۇ جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان دېھقانلار بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە ياۋرۇپانىڭ ھەممە يېرىدىكى خەلق يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى ئىچىنىشلىق ھالىتىنى بىلەتتى ھەم يارىدەم قىلىشنى ئويلايتتى…ئۇلار ئادالەتنى ياقىلايدىغان، ھەققانى كىشىلەر ئىدى…
ئاقكۆڭۈللۈك ھەممە يەردىن تېپىلىدىكەن، بىز ھەتتا ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ سۈزۈك، ئادىمىيلىك نۇرلارنى تاپالايدىكەنمىز…
ئېدى يولدا بىر تازىلىق ئۆيىدە بەدەنلىرىنى سۈرىتىۋالماقچى بولۇپ، چاپىنىنى خوجايىنغا گۆرۆگە بەرگىنىدە، ئۇنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىن ئۇنىڭ گىرمانىيەلىك ئېكەنلىكىنى بىلىپ، فىرانسىيەگە ئىشپىيونلۇق ئۈچۈن كەلگەن دەپ قارىلىپ، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى غەربىدە يەنە لاگىرغا سولىنىدۇ. يەتتە ئايدىن كېيىن، بەخىتكە قارشى گىتلىرنىڭ تەلىپى بويىچە لاگىردىكى يەھۇدىيلار پولشادىكى ئاۋشۋىتىس يەنى، ئەڭ چوڭ «ئۆلۈم لاگىرىغا» ئەۋەتىلمەكچى بولىدۇ.
ئاۋشۋىتىسنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىسىمۇ، بىراق ناتسسلارنىڭ ئەپتى–بەشىرسنى كۆرگەن ئېدى ئۇ يەرنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئېكەنلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئاۋشۋىستىسقا قاراپ ماڭغان يۈك پويىزى گىرمانىيە چىگراسىغا كىرىشتىن بۇرۇن، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق قېچىشى مۇۋەپىقىيەتلىك بولىدۇ ھەم بىر ئاماللارنى قىلىپ, بۇرىسالىمدىكى ئاتا–ئانىسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان ئۆيگە بارىدۇ. ئۆيدە ھېچكىم بولمىغانلىقتىن، دادىسىنىڭ ئىشەنچىلىك ئاغىنىسى ئارقىلىق ئاتا–ئانىسىنىڭ يوشۇرۇن تۇرالغۇسىغا بارىدۇ. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يەتتە يىلدىن كېيىنكى تۇنجى جەم بولىشى ئىدى.
ھېلىمۇ ھەم بەزى كېچىلىرى ئېدى ئۆز ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، بۇ بىر قانچە ئاينى ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرى دەپ قارايدۇ. چۈنكى،شارائىت شۇنچىلىك ناچار ھەم ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەردە ئىدى، ئۇ ھاياتىدا شىرىن چۈشتەك 11 ئاينى ياشىغان ئىدى.
ئۇ چاغلاردا سىرىتقا چىقىش، خىزمەت تېپىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ نەچچە ئادەم قورساققا يېمىسە بولمايتتى. ئېدى كېچىسى ئىشلەيدىغان بىر يەرنى تاپىدۇ ھەم خوجايىن بەرگەن تاماكىنى بىر ئاقكۆڭۈل خانىمنىڭ ياردىمىدە يىمەكلىككە ئالماشتۇرۇپ ئۆيدىكلەرنى باقىدۇ.
ئۇلارغا يېقىن بىر ئۆيدە يەنە بىر ئائىلىلىك يەھۇدىيلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، بىر كۈنى ناتسىسلار ئاتا–ئانىنى تۇتۇپ كېتىپ ئۈچ بالا يېتىم قالىدۇ. ئېدىنىڭ ئاتا–ئانىسى بۇ ئۈچ بالىنى ئەكىرىۋالىدۇ ھەم خۇددى ئۆز بالىلىرىدەك كۆرىدۇ.
ئاجايىپ ئىش، ئېدىنىڭ بۇخىنۋالدتىكى دوستى كۇرت بۇرسالدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئىككى دوست قايتا تېپىشىدۇ ھەم قېرىنداشتەك بوپكېتىدۇ. كۇرتنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. ئاتا–ئانىسى بىرلىندا ئۆلتۈرۈلىدۇ… بەزى جۈمە كۈنلىرى ئېدىلارنىڭكىگە كەچلىك تاماققا كېلىدۇ، ئېدىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغىمۇخۇددى يەنە بىر ئوغلىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
***
ئارىدىن 11ئاي ئۆتكەندىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى كۇرت تۇيۇقسىز غايىب بولىدۇ، شۇندىن كېيىن بۇ ئائىلىگە بەخىتسىزلىكنىڭ قاراكۆلەڭگىسى چۈشۈشكە تاشلايدۇ…
1943-يىلى بىر قىش ئاخشىمى، ئېدى ئىشقا كېتىپ تۇرۇشىغا، ناتسىسلار ئۆيگە باستۇرۇپ كېلىپ ئاتا–ئانىسى، سىڭلىسىنى تۇتۇپ كېتىدۇ ھەم ئېدىنى ئىشتىن قايتقۇچە بىر كېچە ساقلاپ ئۇنىمۇ تۇتىدۇ.
مۆجىزىدىن بېرى، ئېدىنىڭ ئاتا–ئانىسى يوشۇرۇپ قويغان ھېلىقى ئۈچ بالىنى ناتسىسلار سەزمەيدۇ ھەم بەخىتكە يارىشا ئامان قالىدۇ.
« ئۇلار ھازىرمۇ ھايات، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىنى دادامدىكى جاسارەت!»دەپ يازىدۇ ئېدى.
ئانىڭىزنى قۇچاقلاڭ
ئېدى، ئاتا–ئانىسى، سىڭلىسى تۇتۇلۇپ باشقا يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە يۈك پويىزى ئارقىلىق پولشادىكى ئاۋشۋىستىسقا ئېلىنىپ كېلىنىدۇ. ۋاگونلارغا ئادەمنى قىستاپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن، تار، تاماق ھەتتا سۇ كەمچىل ھالەتتە دەل توققۇز كۈندە مەنزىلگە كېلىدۇ. سەپەردىلا40% دەك ئادەم ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ياشقا چوڭراق كىشىلەر، بالىلارنى ئۇدۇل زەھەرلىك گازئۆيىگە يوللايدۇ. ئىشلەتكۈچىلىكى بار، قىينىساھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىرىنى قۇل قىلماقچى بولۇپ ئەپقالىدۇ.
دادىسى بىلەن ئېدى ئىككى تەرەپكە ئايرىلغاندا، بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگەن ئېدى دادىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن دادىسى بار گورۇپپىغا كىرىۋالىدۇ–يۇ، سىزىلىپ قىلىپ ئەسلى گورۇپپىغا قايتۇرۇلىدۇ. ئېدىنىڭ گورۇپپىسىدىكلەرنىڭ ئالدى بىلەن كىيمىنى سالدۇرۇپ يوللۇق كىيىم بېرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە نۇمۇر بەلگىلەپ، بىلكىگە ئويۇپ چېكىدۇ،چىچىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ.
***
ئاۋشۋىتىسقا كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، بىر ناتسىستىن ئاتا–ئانامنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغىنىمدا بېلىكىمدىن تارتىپ تۈتۈن چىقىۋاتقان مورىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ«ئاتا–ئاناڭ ئاشۇ يەردە!» دېدى. مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ يېتىم قالغىنىمنى بىلدىم.
مەن بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەمدىن كۈچلۈك، ئاقكۆڭۈل دادام ئەمدى قەلبىمدىلا قالغانىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قەبرىسىگىمۇ يوقلاپ بارالمايتتىم…
بىچارە ئانام، بۇ دۇنيادا مەن سۆيىدىغان ئەڭ يېقىن ئادىمىم بولغان ئانامغا«خوش» مۇ دېيەلمىدىم…ھېلىمۇ ھەم ئۇنى ئەسلىمەيدىغان، سېغىنمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق..ھەر كۈنى ئۇنى چۈشلىرىمدە كۆرىمەن، بەزى كېچىلىرى«ئانا!» دەپ ئويغىنىپ كېتىپ يىغلاپمۇ كېتىمەن…
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاش ، ھەر جۈمە كۈنى ئانام ئېتىپ بېرىدىغان ھالانى يېيىش ئىدى…
ئەمدى ئۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمايتتى.. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى ئەمدى يەنە بىر رەت كۆرەلمەيتتىم…ئۇ مەندىن تارتىۋىلىنغانىدى، يوقىتىلغانىدى، ئۆلتۈرۈلگەنىدى…
ئانامنى بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن پۈتۈن بارلىقىمنى بېرىشكە رازىتىم…!
ھازىرمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەندە: ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئانىسىغا «ئاپا، سېنى ياخشى كۆرىمەن»دېگەنلەرقول كۆتۈرۈپ بېقىڭلار،–دەپ سورايمەن.
بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە كەلسەم ئايالىم بىر خانىمدىن تېلىفۇن كەلگەنلىكىنى، تېلىفۇن قايتۇرۇشۇمنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى.
مەن تېىلفۇن قىلىپ «تىچلىقمۇ؟ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى خانىم؟»دېگىنىمدە، ھېلىقى خانىم«قىزىمغا نېمە دېگەنىدىڭىز ئەپەندى؟ بۈگۈن بىر مۆجىزە يۈز بەردى. داۋاملىق مەن بىلەن گەپ تالىشىدىغان 17ياشلىق قىزىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلقىمغا ”ئاپا، سىزنى ياخشى كۆرىمەن“ دېدى….»
ياشلارغا شۇنى يەتكۈزگۈم بار.
ئانىڭىز سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئىنسان. بۇ ئىنسانغا مىننەتدارلىقىڭىزنى، سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادىمىڭىزغا گەپ ياندۇرىسىز؟ تاكاللىشىسىز؟
شۇنىڭ ئورنىغا تالاغا چىقىپ يولغا ئەخلەت تاشلىغانلار بىلەن تاكاللىشىڭ. ئانىڭىزدىن باشقا سىز گەپ تالاشسىڭىز بولىدىغان ئادەم دېگەن نۇرغۇن!
ئەگەر شۇنداق پۇرسىتىڭىز بولسا، بۈگۈن ئۆيگە قايىتىپ، ئانىڭىزغا ئۇنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىۋىلىڭ…ئانىڭىز ئۈچۈن، ئانىسىنى ئەمدى يەنە بىر رەت قۇچاقلىيالمايدىغان يېڭى دوستىڭىز ئېدى ئۈچۈن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاڭ!
كىتابنىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ھەر جۈمە كۈنى كەچتە دىققىتىڭىز بىلوگىمدا شۇنداقلا ئىنىستىگرامدا بولسۇن.
*************************
ئېدى جەكۇنىڭ«يەر شارىدىكى ئەڭ خۇشال كىشى»ناملىق كىتابىدىن تەسىرات
رەيھان ئابلەت
ئەسكەرتىش: مەيلى بىلوگىم ياكى باشقا تاراتقۇلاردا بولسۇن، يوللاۋاتقىنىم ماڭا خاس ئىجادى ئەمگەكلەر، خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن رۇخسىتىمنى ئالغايسىز.
27/10/2023 6:42 چۈشتىن كېيىن
خۇددى مىنىڭ ئىچىكى ھىسياتلىرمىزنى ئىپادىلەپ بېرۋاتقاندەكلا ،كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايلا قالدىم ،رەھمەت سىزگە
28/10/2023 10:44 چۈشتىن بۇرۇن
مەنمۇ بۇ بۆلەكنى خۇددى مېنىڭ تۇيغۇلىرىم بىرلىشىپ كەتكەندەك، قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم…