ئۆچمەنلىك، رەھىمسىزلىك ئاجىزلىقتىن كېلىدۇ
رەيھان ئابلەت
«ناتسىسلار يالاپ ماڭغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئىنسانى ھۆرمىتىم، ئەركىنلىكىم، ئىتىقادىم، ئىشەنچىم شۇنداقلا ھاياتىمدىكى ھەممىنى يوقاتتىم، بىر كېچىدىلا ئادەملىكتىن ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىم..»
تۇيۇقسىز بىر توپ رەھمسىز تەلۋىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ-چەيلىنىپ، يالاپ ئېلىپ مېڭىلسا قانداق تۇيغۇلاردا بولۇش مۇمكىن؟! ئېدى ئۆزىدىكى شۇ چاغدىكى ئىچكى ھىسياتىنى ئەنە شۇنداق يازىدۇ. بۇ يەنە سانسىزلىغان ئاشۇنداق تىراگىدىيەگە يولۇققان، سۆزلەشكە ئىمكانىيتى بولمىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىچكى ھىسياتى…
1938-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئېدى ياش ھاياتىدا چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئۇ كۈنى ئاتا–ئانىسىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم ئۇلارنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىدۇ.
مەكتەپنىڭ تۈزۈمى قاتتىق بولغانلىقتىن ئوقۇغۇچى مەزگىللىرىدە خەۋەر كۆرۈش، ئاڭلاش چەكلىنەتتى. سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشمىغانلىقتىن، ئۇ ئۆزى سۆيگەن بۇ دۆلەتتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر ئىدى.
ئۆيگە كەلگىنىدە، ئىشىك قۇلۇپلاقلىق، ئۆي قاراڭغۇ ئىدى. ئۇ ئۆزىدە بار ئاچقۇچ بىلەن ئۆيگە كىرىدۇ. ئۆيدە ئامراق ئىتى لۇلۇدىن باشقا ئۇنى قارشى ئالىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. چارچىغان ئېدى سىرىتتا ئاڭلىنىۋاتقان قالايمىقان ئاۋازلار، ئاتا–ئانىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئارتۇق ئويلىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق بەش يىلدىن بېرى يېتىپ باقمىغان كارۋىتىدا ئۇخلاپ قالىدۇ.
ئۇ سەھەر سائەت 5:00 بولغاندا، تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئوندەك ناتسىس ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ،ئۇنى كارىۋاتتىن سۆرەپ چۈشۈپ قاتتىق ئۇرىدۇ. ئېدىنى قوغدىماقچى بولغان بىچارە ئىتى لۇلۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. 200 يىلدىن بىرى ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن ئەجدادلىرىنىڭ تەۋەرۈكى بولغان ئۆيى بىردەمدىلا ۋەيران بولىدۇ. «بۈگۈن ئۆلىدىغان بولدۇم!» دەپ ئويلىغان ئېدى ئۆلتۈرۈلمەستىن، ناتسىسلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ.
«ناتسىسلار يالاپ ماڭغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئىنسانى ھۆرمىتىم، ئەركىنلىكىم، ئىتىقادىم، ئىشەنچىم شۇنداقلا ھاياتىمدىكى ھەممىنىيوقاتتىم، بىر كېچىدىلا ئادەملىكتىن ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىم..»
ئۇ كېچە تارىخىتا«خىروستال كېچە» دەپ ئاتىلىپ، بىر كېچىدىلا سانسىزلىغان يەھۇدىي تۇتۇلىدۇ، ئۆيلىرىگە ئوت قويۇلىدۇ، ھەممە نېمىسى ۋەيران قېلىنىدۇ…
بالىلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە خورلىنىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئېزىلگەن بىچارە تۇرىقىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلىۋاتقىنى يالغۇز ئەسكەرلەرلا بولماستىن , ئاددى گىرمان پۇخرالىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئېدىنىڭ خوشنىلىرى، دوستلىرى، تونۇش–بىلىشلىرى…ئىدى.
ناۋادا مۇنۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن«نېمىشقا مۇنداق قىلىسىلەر؟ بەك ئاشۇرىۋەتتىڭلار، بولدى بەس!»دەپ ئوتتۇرىغا چۈشەلىگۈدەك جاسارىتى بار بىر قانچە كىشى سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقالىغان بولسا، تارىخ باشقىچە يېزىلغان بولاتتى.
تولىمۇ ئەپسۇس! ناھەقچىلىق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقالمايدىغان ھەتتا، ئەڭ ئاددى ئىشلار ئۈچۈنمۇ ھەق–ناھەق قارىشىنى ئىپادىلىيەلمەي سۈكۈتنى تاللىۋالىدىغان، مەۋقەسى–مەيدانى يوق قورقۇنچاقلار، «مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن» دەپ جاھاننىڭ رەپدارىغا كىرىۋالغانلارھەربىردەۋىرھەر بىرجەمىيەتتە ھېلىمۇ ھەم مەۋجۇت!
مەن نېمىسلارغا نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم، ئۇلار مېنىڭ دوستلىرىم ئىدىغۇ؟ بىر كېچىدىلا ئۇلارغا نېمە بولغاندۇ؟ ئۇلاردىن سورىغۇم كېلەتتى..«سىلەردىكى روھ قەنى؟ سىلەردە يۈرەك بارمۇ؟»
ئۇلار قورققانىدى، ئۇلار ئاجىز ئىدى! بۇ ئاجىزلىق ئۆچمەنلىككە يول قويىۋاتاتتى…
كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش قان بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى…شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ گىرمانىيەلىك بولغىنىدىن پەخىرلەنمەس بولدۇم!
دەرۋەقە، شۇندىن كېيىن ئېدى ئۆزىنىڭ گىرمانىيەلىك بولغىنىدىن ئىپتىخارلانمايدۇ ھەم ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تۇپراققا قايتا قەدەم باسمايدۇ.
ئۇ ئۇزۇن يىللار ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق رەھمسىزلىشىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىدۇ ھەم ئاخىرى مۇنداق جاۋابىنى تاپىدۇ.
كىشىلەرنى خورلاش، ئازابلاش بەدىلىگە خۇشاللىق تاپىدىغان كىشىلەردىكى رەھىمسىزلىك، شەپقەتسىزلىك، ئۆچمەنلىك ئاجىزلىقتىن كېلىدۇ.
ئالدىنقى قىسىملىرى:
http://tokyoxatiriliri.net/?p=10851
http://tokyoxatiriliri.net/?p=10934
******************************
كىتابنىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ھەر جۈمە كۈنى دىققىتىڭىز بىلوگىمدا شۇنداقلا ئىنىستىگرامدا بولسۇن.
رەيھان ئابلەت
ئەسكەرتىش: مەيلى بىلوگىم ياكى باشقا تاراتقۇلاردا بولسۇن، يوللاۋاتقىنىم ماڭا خاس ئىجادى ئەمگەكلەر، خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن رۇخسىتىمنى ئالغايسىز.
ئىنكاس يازىمەن