سالام دوستلار، ئالدىنقى قېتىم تىلغا ئالغىنمىدەك ئېدى جەكۇنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال كىشى» ناملىق ئۇشبۇ كىتاب ماڭا چۇڭقۇرتەسىر قىلغان، پىكىرىمنى ئويغاتقان بىر كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا تەسىر قىلغان نوقتىلار ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىمەن ھەم ئۇزۇندىن بىرى يېزىش خۇشياقمىغان ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن سەمىمى ئورتاقلاشماقچىمەن.

دادام بەرگەن ھاياتلىق دەرسى

پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەربار

 

رەيھان ئابلەت

 

مەن بۇ يىللاردا ئۆگەنگەنلىرىمنى تولىمۇ قەدىرلەيمەن. ئەمما، ئائىلەمدىن يېراقتا ئۆتكەن بۇ يىللار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆكۈنىمەن

دادام ئېيتقاندەك، دۇنيادا پۇل بىلەن سېتىۋالالمايدىغان، قىممىتىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بار. ئۇ بولسىمۇ بىرىنجىسى ئائىلە،ئىككىنجىسى ئائىلە، ئۈچىنجىسى يەنە ئائىلە.

                                                                            ئېدى جەكۇ

ئېدى جەكۇ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقى گىرمانىيەدىكى لېيپزىگ شەھرىدە يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ ئائىلە ئالدى بىلەن ئۆزىنى «گىرمانىيەلىك»، ئاندىن يەھۇدىي دەپ بىلىدۇ ھەم گىرمانىيلىك بولغىنىدىن  پەخىرلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، مانا مۇشۇنداق دۆلىتىنى سۆيىدىغان ئائىلە يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا بۇ دۆلەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرايدۇ.

ئۇنىڭ دادىسى ھەم ئانىسى قولىدىن كىلىشىچە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يارىدەم بېرىدىغان،  تولىمۇ مۇھەببەتلىك، سەمىمى كىشىلەر ئىدى.

ھەر جۈمە كۈنى مومىسى، ئاپىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى بولغان ھالا ھەم بىرقانچە خىل پىچىنەپىرەنىكلەر بىلەن مول دوستىخان ھازىرلايتتى. ئالتە ياشقا كىرگەن ئېدى« بىزنىڭ ئۆيدە ئارانلا تۆتلا ئادەم تۇرساق نېمىشقا مۇنچىۋالا تاماق پۇشۇرىمىز؟»دېگىنىدە، دادىسى باشقا ئىھتىياجلىق يەھۇدىيلارغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

دادىسى ھەر دائىم مۇنداق دەيتتى: بەخىتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش بەك  مۇھىم. باشقىلارغا بېرىش باشقىلاردىن ئالغاندىنمۇبەكرەك كىشىنى خۇرسەن قىلىدۇ. بىز ياخشى نەرسىلەرنى، خۇشاللىقنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىشمىز كېرەك. دۇنيادا ئائىلە، دوست، ئۇرۇقتۇغقان پۇلدىنمۇ قىممەتلىك..

ئەينى چاغلاردا گۆدەك ئېدى دادىسىنىڭ مۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، دادىسىنى ئەخمەق چاغلايتتى. ھالبۇكى، بېشىدىن كۆپ ئىسسىقسوغۇق ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ توغرىلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەم دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ھايات ئەقىدىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئېدىنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەم ئائىلىسى

1933-يىلى گىرمانىيەنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ كۈنلەردە پۇل بولسىمۇ يىمەكئىچمەك سېتىۋىلىش بىر گەپ بوپقالىدۇ.

ئېدى 13 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە دادىسىنىڭ «قانداق سوۋغا تاپشۇرىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىسەن؟»دېگەن سۇئالىغا«ئالتە دانەتۇخۇم، ئاق بۇغداي بولكىسى، ئاناناس» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئويلاپ باقايلى، بۈگۈنكى كۈندىكى13 ياشلىق بالا تۇغۇلغان كۈنىدە نېمىلەرنىڭ سوۋغا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن؟ جەزمەنكى،ھەرگىز تۇخۇم، بولكا ئەمەس!

ئۇ چاغلاردا بۇلارنى تاپماق شۇنچىلىك قىيىن بولسىمۇ، ئوغلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن دادا بىر ئاماللارنى قىلىپ تېپىپ كېلىدۇ ھەم بۇلارئېدى ئۈچۈن ھاياتىدا يىگەن ئەڭ تەملىك يىمەكلىك بوپقالىدۇ.

شۇ يىلى ئېدى شەھەردىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدۇ. ھالبۇكى، ناتسىسلار يەھۇدى مەكتەپلىرىنى تاقايدۇ.

1933- يىلى 13ياشلىق ئېدى «نېمىس يىتىم بالا» دىن ئىبارەت يالغان سالاھىيەت بىلەن ئۆيىدىن پويىزلىق توققۇز سائەت كېلىدىغان يەنەبىر شەھەر  ۋالتىېردىكى ئىنژىنىرلىق كەسپى مەكتىپىگە ئوقۇشقا بارىدۇ. ئۇ ئاتائانىسى بىلەن بەكمۇ ئاز ئالاقىلىشىدۇ، خەت يېزىش، تېلىفۇن قىلىش دېگەنلەر خەتەرلىك ئۇ يىللاردا ئۇ بەش يىل شۇنچىلىك غېرىبلىق ئازابى تارتىدۇ.

ھەتتا، مەكتەپنى ئالى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ئالى تىخنىكلار گورۇپپىسىغا كىرگەن، ئالقىشسادالىرىغا چۆمگەن، ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك پەيتتە يېنىدا ئاتائانىسى يوق كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولىدۇ. ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ بەش يىل ئەسلى سالاھىيتىنى يوشۇرۇپ، ئاتائانىسىز، ئۇرۇقتۇغقانسىز ھەتتا، ئالاقىسىزياشىشى ئاسان ئەمەس!

بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىرىمىز ئېدىنىڭ بۇ ھىسياتىغا ئورتاقلىشالايمىز. چۈنكى، بۇ يىللاردا كۆپىنچىلىرىمىز ئائىلىمىز،ئاتائانىمىز، ئۇرۇقتۇغقان، دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقىسىز ياشاۋاتىمىز..بۇ يىللار بىزگىمۇ ئاسان بولمىدى

ئېدى ئۇزۇندا بىر ئۆيدىكىلەر بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشكەنلىرىدە، ئۆزىگە بۇ كۈنلەرنىڭ بە كمۇ ئېغىر كەلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا دادىسى«بالام،ساڭا ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. غەيرەت قىلغىن، ھامان بىر كۈنى مېنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىرىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىسەن» دەيدۇ.

دەرۋەقە، ئېدىنىڭ بۇ قىيىن بەش يىلدا ئۆگەنگەنلىرى، دادىسى بەرگەن مائارىپ پۇرسىتى ئۇنىڭ ھاياتىنى قانچىلىغان قېتىم قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

ئاۋشۋىتىستا ئۇ ئۈچ قېتىم زەھەرلىك گاز ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، كىرىشكە 20مېتىر قالغاندا سالاھىيتىنى تەكشۈرگەن ساقچى ئۇنى ئېلىپ قالىدۇ، ئۈچ قېتىممۇ ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە مانا مۇشۇنداق ئامان قالىدۇ.

ئۇنىڭدا تىخنىكا بولمىغان بولسا ئىدى،ھاياتىدا تالاي قېتىم ئۆلتۈرۈلۈپ بولغان بولاتتى. ئۇ ھەر قېتىم مانا مۇشۇنداق ئۆزى ئالغان مائارىپنىڭ كۈچى بىلەن ئامان قالغىنىدا دادىسىغا يۈرىكىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.

ئېدى باشقىلارغا يارىدەم قىلالىغان چاغدا دادىسىنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە قالغانلارغا يارىدەم قىلىش بەخىتلىك كىشلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى، ئالغاندىن بەرگەن ياخشىدېگەن سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىدۇ.

ئېدى كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئاقكۆڭۈللۈك يۈكسەك بايلىق. قەلبىڭىزدىكى زەررىچىلىك ئاقكۆڭۈللۈك ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ ئۇشبۇ دۇنيادا ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئاقكۆڭۈللۈك، كەڭ قورساقلىق، ئائىلىگە بولغان مۇھەببەت، دوستلارغا بولغان ئىشەنچنىڭ پۇلدىنمۇ قىممەتلىكلىكى  دادامنىڭ ماڭا ئۆگەتكەنئەڭ دەسلەپكى ھەم ئەڭ ئاخىرىقى دەرسى. دادام مانا مۇشۇ خىل شەكىلدە ھەر ۋاقىت يېنىمدا ھەم بىر ئۆمۈر مەن بىلەن بىللە بولىدۇ.

كىتابنىڭ ئۇشبۇ بابى مېنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇپ قويدى. ھاياتىمغا ۋەزنى ئېغىر سۇئال تاشلىدى.

ئاتائانام بۇ يىللاردا ياشىنىپ قالدى. مەن دەسلەپتە ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدىلا 50 نىڭ قارىسىنى ئالغان ئانامداداملارنىڭ چىچىغا ئاق كىردى..

بۇ يىللاردا ئۇلارنىڭ خۇشاللىققايغۇلىرىغا بىللە بولالمىدىم..تالاي قېتىم ئاغرىپ قالغانلىرىدا، مۇھتاج بولغانلىرىدا يېنىدا بولالمىدىم..تاماققائۇستا بوپكەتكەن بولساممۇ ئۇلارغا ئېتىپ بېرەلمىدىم.. ئىككى قەۋەتلىك چىرايلىققىنە ئۆي تۇتقان بولساممۇ بىرەر قېتىم تۆرگە باشلىيالمىدىمبولۇپمۇ بۇ يەتتە يىلدا، ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر يىللىرىدا ئۇلارنىڭ ئازابلىرىغا ھەمدەم بولالمىدىمئۇلارنىڭ بۇ ھاياتى يەنە بىر قېتىم كەلمەيتتى..ئۇلارغا ھەمراھ بولالمىغان بۇ يىللىرىمنى مەن يەنە تولدۇرالمايتتىم..

بۇ يىللاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى ھەممىسى جەم بولۇپ، بىر دوستىخاندا تاماق يېيىشنىڭمۇ ھاياتتىكى نەقەدەر قىممەتلىك دەملەر ئېكەنلىكىنى،ھەممىز جەم بولغان، دادامنىڭ دۇتار چىلىپ ناخشا ئېيتقان، ئانام يېنىدا ئولتۇرغان، بىز ئالتە قېرىنداش كوتۇلداشقاچ ناخشا ئاڭلىغان،ئۇسۇلغا چۈشكەن كۆرۈنۈشنىڭ قانچىلىك يېراقتا قالغانلىقىنى، قانچىلىك قىممەتلىكىلىكىنى تولىمۇ، تولىمۇ سېغىنىش ئىلكىدە چۈشىنىپ يەتتىم.

ئۆزۈمدىن سوراپ قالدىم…24 يېشىمدا ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم قارارنى ئىككىللەنمەستىن بەرگەن ئۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بولغان، ۋاقىت چاقىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا،  يەنە شۇ يولنى تاللار بولغىيمىتىم؟!

ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت، بولۇپ بولغان ئىشنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىكەن، بىز ئادەملەر ئۇنى«تەقدىر»گە ئارتىپ قويۇپ قەلبىمىزگە تەسەللىي تاپىدىكەنمىز…!

ئاخىرىدا، ماڭا تۇنجى ھاياتلىق دەرسى بەرگەن مىھرىبان ئانام-داداملارغا سېىغنىش ئىلكىدە  يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

 

ئېدى جەكۇنىڭ«يەر شارىدىكى ئەڭ خۇشال كىشى»ناملىق كىتابىدىن تەسىرات

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...