2023.09.01

باياشات ياشاش

لازىمەتلىكلىرىمنىڭ ھەممىسى تەل. مەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن. بارىغا رازى ۋە بەختلىكمەن.

 


Fahour-Tango

 

2023.09.02

ئىجابىي بولۇش مەشىقى

يامان ئىش يۈز بەرگەندىمۇ، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەيدۇ. مەغلۇبىيەتتىن ئىمكانقەدەر بىر نەرسە ئۆگىنىشكە تىرىشىپ باقىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولالايدۇ. قىسقىسى، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ.

ئاكتىپ مۇھىتتا ياشايدۇ،  ئىنتىلىشچان، تىرىشچان كىشىلەر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئۈمىدۋار بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈمىدۋار بولۇش ھەممىگە قادىر بولمىسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتەن قىممەتلىك.

ئىجابىي تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ئۈمىدۋارلىق ئادەمنىڭ ئىككىنچى تەبىئىتىگە ئايلىنىدۇ.

 

 

2023.09.03

ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى مەشىق قىلىش

ئادەم زىيادە كەمتەر بولۇپ كەتسە، ئۆزىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئارتۇقچە كەمتەرلىك قىلماستىن يېزىپ چىقىڭ!

دائىملا كەمتەر بولۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. ئۆزىدە بار قابىليەت ۋە ئىجابىي خاراكتېرنى ئېتىراپ قىلىش-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ ماختانچاقلىققا ئېلىپ بارمايدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، يازغان ھەر بىر ئارتۇقچىلىقىڭىزغا«مەن…»نى قېتىپ، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ. مەسلەن: «مەن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كەڭ قورساق»، «مەن چىرايلىق»، «مەن قالتىس ئانا»، «مەن دوستلىرىمغا سادىق» دېگەندەك. بولسا يۇقارقىلارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىڭ. لازىم بولغاندا ئاڭلاش ئۈچۈن ئۈنگە ئېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

ئىشتىن چۈشكەندىكى كەچكى شەپەق

 

2023.09.04

تەييارلىق پۈتمىگەن بولسىمۇ مەيلى

تەييارلىق بىر ئۆمۈر پۈتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇنى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭ.

 

ھەر بىرئۇيغۇر قەيەردە ياشىمىسۇن بالىلىقىدىكى  لەغمەننى سېغىنىدۇ…

2023.09.05

ئىشلار پىلاندىكىدەك بولمىغاندا

مەيلى ياخش ياكى يامان بولسۇن، ھايات ھەمىشە ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ.

ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندە، ئەڭ يامان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ سىناقتىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ.

قانداق ھايات كەچمىشلىرى سىزنى ھازىرقىدىنمۇ كۈچلۈك، مۇھەببەتلىك، ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي بىر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ  چىقالىشى مۇمكىن؟ ئويلىغانلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ قويۇڭ. كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن. بىراق، شۇنىسى جەزمەنكى، ئەھۋالنىڭ دەسلەپتە ئويلغىنىڭىزچىلىك يامان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.

 

يەنە بىر قېتىم ئېچىلىپ بەرگەن گۈلۈم

 

2023.09.06

ئىجابىي تەپەككۇر قىلىشنى مەشىق قىلىش

يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار سىزدە ئەمەس، سىز ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ.

-بايرون كەيتى*

ھاياتىڭىزدا يۈز بەرگەن ئىشلار سىزنى ئازابلاش ئۈچۈن بولماستىن، ئۆسۈپ – يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن يۈز بەرگەن دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، قانداق بولىشى مۇمكىن؟ ئىش – ھەرىكەتلىرىڭىز ئۆزگىرەمدۇ؟ قانداق ئۆزگىرىشى مۇمكىن؟ مۇنداق ئويلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئىجابىي تەپەككۇر قىلغاندا، ئىشلار يامان نەتىجىلەنگەن تەقدىردىمۇ، قوبۇل قىلالايدىغان بولىسىز.

* 1942-يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق يازغۇچى.«ئەسلى ھالىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغان 81 جۈملە سۆز»دىن ئېلىنغان

 

 

2023.09.07

ۋاز كېچىش

تۈنۈگۈن-ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ بولدى. دېگەنلىرىڭىز، قىلغانلىرىڭىز، ھەتتا ھېس قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى.

تۈنۈگۈنكى ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ ھەم ئەمدى قايتىلانمايدىغان تۈنۈگۈنىڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ئالغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئالغا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم ئېلىڭ.

 

 

2023.09.08

ئۈمىدۋارلىق خىتابنامىسى

چوقۇم ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.سەۋەبىنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ،دۇنيا ئۆز ئوقىدا چۆرگىلەۋېرىدۇ.

 

 

2023.09.09

ئۆزى بولۇشتىكى جاسارەت

ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، كىم ئىكەنلىكىڭىزنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ قويۇڭ.

ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتقان سىز-ھەقىقىي سىز ئەمەس.

دادىللىقىڭىز ۋە باشقا ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان تەرەپلىرىڭىزنىڭ سىزگىلا خاس قالتىس ئۆزگىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ. مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، باشقا قالتىس تەرەپلىرىڭىزنىمۇ بايقاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىش قانداقتۇر يۈزى قېلىنلىقتەك بىلىنسىمۇ، جاسارەت بىلەن شۇنداق قىلىپ بېقىڭ.

ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلالايدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان، ئەسلى قىياپىتىنى كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئادەمگە بىر خىل كۈچ بېرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن قىياپىتىدە گۈزەللىك بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى بىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا مەۋقەسى، مەيدانى، خاراكتېرى بولىدۇ.

ئەمدى شۇنداق كىشىلەردىن بولۇش نۆۋىتى سىزگە كەلدى. ھەقىقىي سىز-زادى قانداق ئادەم؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا نۇمۇسقا  قالماسلىق، كىشىلەرنىڭ سىزنى «ياخشى» دەپ ئويلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىڭىزنى يوشۇرۇپ، نىقاپلىنىپ كەلدىڭىز؟ يۇقارقى سوئالنىڭ جاۋابىنى تەپسىلى يېزىپ چىققادىن كېيىن، خىجىل بولماستىن بىراۋلارغا كۆرسىتەلەمسىز؟

نىقابسىز، ئەسلى ئۆزىڭىز بولۇپ ياشىشىڭىز، باشقىلارنىمۇ شۇنداق ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۆزىنى بارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى سۆيۈشتىن كەلگەن ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنىڭ. سىز شۇنىڭغا لايىق!

 

سەھەر

 

2023.09.10

شۇنداق ھوقۇق بار

 

كۈلۈمسىرەلەيسەن،

كۈلەلەيسەن،

بىراۋنى سۆيەلەيسەن،

بەختلىكمۇ بولالايسەن.

سەن ئۇشبۇ دۇنيادا بار بولغان بارچە ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇقسەن.

 

 

2023.09.11

ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ

كۈز كېتىپ قىش كەلگىنىدەك، ياشمۇ قېرىيدۇ، پىلە قۇرۇتىمۇ كېپىنەككە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى.

ئۇشبۇ ئالەمدىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ھەربىر كەچمىشى پەقەت ۋاقىتلىقلا بولىدۇ. شۇڭا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان ھەر پەيتتىن ھۇزۇرلىنىڭ. ئۆتمۈشكە پېتىپ قالماستىن، ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۆتمۈشتىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزۈڭ. مۇنداق ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ.ئۆزگىرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغاندا، ئۆزگىرىش پەيتىنىڭ كەلگىنىنى بىلەلەيسىز.

 

 

2023.09.12

ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ كۈچى

ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سۆھبەتلەردىن بىرى-دەل ئۆزى بىلەن بولغان سۆھبەتتۇر. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئۆزىگە سۆزلەۋاتقىنى ھەقىقىي ئۆزىدۇر.

ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ.

ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆزىڭىزگە سەۋرچان، كەڭ قورساق ۋە مۇھەببەتلىك بولۇڭ.

كەمتەرلىك بىلەن غۇرۇر بىر – بىرىگە زىددىيەتلىك ئۇقۇم ئەمەس. ئۆزى قىلالىغان ئىشلاردىن ئىپتىخارلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى كەمتەر تۇتقىلىمۇ بولىدۇ.

ئۆزىڭىزگە ئېيتقانلىرىڭىز رېئاللىقىڭىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىمىزگە ياخشى سۆزلەرنى قىلايلى.چۈنكى، سۆزدە كىشى ئىشەنگۈسىز قۇدرەت بار!

 

كىتابنىڭ ھەر بىر بېتى بىر ئىستاكان قەھۋەگە ھەمراھ

 

2023.09.13

جاۋاب ھامان تېپىلىدۇ

توختاپ قالغىنىڭىز يوق، پەقەتلا شۇ ۋاقتىنچە جاۋابىنى تاپالماي قېلىۋاتىسىز. توختاپ قېلىش ئۆزىنى چارىسىز، ئۈمىدسىز ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما سىز ئۈمىدنى يوقاتقىنىڭىز يوق.

ۋاقتى كەلگەندە جاۋابىنى تەبىئىيلا بىلىپ قالىسىز.ھازىر سەۋر قىلىش پەيتى، جاۋابىنى چوقۇم تاپىسىز.دۇنيا ئەنە شۇنداق.

 

 

2023.09.14

قايتىدىن باشلاش

ئۆتۈپ بولغان ئىشلار ئۈچۈن داۋاملىق «ئاھ!» ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەپ، قايتىدىن باشلاڭ.مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسۇلدا باشلىسىڭىز بولىدۇ. يېڭى باشلىنىشنى خىيال قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.

ئۆزىڭىزنى ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئۇپراتماي، يېڭى باشلىنىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭ.

 

 

2023.09.15

غەزەب-ئېغىر يۈك

غەزەب-ئادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يورۇق كەلگۈسىنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىدىغان ئېغىر يۈك. قەلبىڭىزدىكى ئاچچىق ئۇزۇن مەزگىل يوقالمىسا، خۇشالمۇ بولالمايسىز.

ئۆزگەرتەلەيدىغان نوقتىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىپ، خاتالاشقان تەرەپلەرنى تۈزىتىپ بېقىڭ.مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق غەزەبنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا رازىمەنلىك، خاتىرجەملىك ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

بۇ كۈن ناھايتى چىرايلىق بىر كۈن بولدى. بۇ كۈننىڭ خاتىرىسىنى ئايرىم يوللايمەن.

2023.09.16

ياق»نىڭ مۇھىملىقى»

«ياق» دېيەلىگەندە، «ماقۇل»دېيىشكە تېگشلىك ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ.

 

ئىككىگە بۆلۈنگەن ئاسمان

2023.09.17

ئەسلىڭىزگە كېلەلەيسىز

بېشىڭىزغا كۈلپەت كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

قەلبىڭىز يارىلانغاندا، قانغۇچە يىغلىۋىلىڭ. مەيلى، ئازاب بولسۇن، قەلبىڭىزدىكى بارچە تۇيغۇنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىڭ.

ھامان يۈرىكىڭىزمۇ تىنچلىنىدۇ ۋە چوقۇم ياخشى بولۇپ قالىسىز. مانا بۇ، تەبىئىي قانۇنىيەت.

 

ئاپتاپ، قەھۋە، كىتاب

 

2023.09.18

مۇھىم مەۋجۇتلۇقمەن

سۆزلىرىمنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە پىكىرلىرىمنى ھېچكىم تەستىقلىمىسىمۇ،يۇقىرى ئاۋازدا داۋراڭ سالمىساممۇ،ھەممە سۆزلىرىمنى تىڭشاۋاتىدۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ… بۇنى پەقەت ئۆزۈم سەزمىدىم، خالاس!

مەن مۇھىم مەۋجۇتلۇق.ھەرگىزمۇ سۇس كۆلەڭگە ئەمەسمەن!

 

秋桜

2023.09.19

دىشۋارچىلىقنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈۋالماڭ

بېشىڭىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە«ئۆزۈمنىڭ يامانلىقىمدىن بولدى» دەپ ئويلىۋالماڭ. قىيىنچىلىق سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. ئەرزىمەس، ئۇششاق -چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان بەردەملەردىن قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان پۇرسەت بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.كۈچلۈك، ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، چىدامچان قىلىدۇ.ئەڭ ناچار، قىيىن ئەھۋالدىمۇ چوقۇم ماڭغۇدەك يول چىقىدۇ.

ئۆزىڭىزدە قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىيالىغۇدەك كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ. دىشۋارچىلىقلاردىن ھالقىش ئارقىلىق ئىدراكىمىز ئۆتكۈرلىشىدۇ، ئۆزىمىزنى بىلىدىغان بولىمىز. كەلگۈسىدە قانداقلا قىيىنچىلىق بولمىسۇن، يېڭىپ كېتىشكە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

 

 

2023.09.20

خاتالىق – بىزنى ئۆزىمىز قىلغان

«خاتالاشتىم، ئەمدى تۈگەشتىم» دەپ ئويلىماڭ. خاتالىق سىزنى«سىز» قىلىدۇ. تېخىمۇ ئەقىللىق، كۈچلۈك قىلىدۇ. «باشقىلارغا تايانماستىن، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئىش قىلىشىم كېرەك» دېيەلەيدىغان قىلىدۇ!

ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى سۆز» ناملىق كىنوسىدىن ئارىيە

خاتالىق ئۈچۈن داۋاملىق ئەندىشە ئىچىدە ياشاشنىڭ ھاجىتى يوق. خاتالىشىش ئارقىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتى بېرىلگەنلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلايلى. سەمىمىيلىك بىلەن ئۆگەنگەندە، ئالغا باسىمىز. بىز مانا مۇشۇنداق ئۆسۈپ – يېتىلىمىز.

 

بۇ ئاي قارىغاندا قەھۋەدىنلا ھوزۇرلانغان بىر ئاي بولدىمۇ نېمە ھە!

2023.09.21

چېكىنسىڭىزمۇ بولىدۇ

بەزىدە چېكىنىشمۇ ئەڭ ياخشى تەدبىر. ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشتىنمۇ بەكرەك قەلبىڭىزنىڭ تىنچلىقى مۇھىم بولۇپ قالغىنىدا، ئۆزىڭىزگە يول بېرىڭ. ھازىرقى ھالەتنى قوبۇل قىلىش-بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بولۇپ قالغىنىدا، ئەڭ ياخشى چارە چېكىنىش دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بەلكىم توغرىسى شۇدۇر.

 

ھە-راست، مۇنداق بىر كىنو كۆرۈپ چىقتىم. گۈزەل مۇھەببەت ھېكايسى دېيىشكە بولىدۇ.

2023.09.22

 ئۈمىدلىنىش

ئۈمىدلەنگەندە، قەلبىمىزدىكى جاراھەت ساقىيىشىغا باشلايدۇ. مەيلى قەلب جاراھىتى بولسۇن ۋە ياكى روھنىڭ يارىلىنىشى بولسۇن، ئۈمىد- يارىلارنى داۋالايدۇ.

 

2023.09.23

ئەستايىدىل قاراڭ

تەپەككۇرىڭىزغا دىققەت قىلىڭ، تەپەككۇر سۆزگە ئايلىنىدۇ.

سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، سۆز ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ.

ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ھەرىكەت ئادەتكە ئايلىنىدۇ.

ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئادەت خاراكتېرگە ئايلىنىدۇ.

خاراكتېرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ

Frank Outlaw

 

 

 2023.09.24

 نەپەس مەشىقى 

 نەپەس ئالالىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ياشىيالايمىز – يۇ، نەپەس ئېلىشىمىز خۇددى  ئىنتايىن نورمال ئىشتەك، ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئېسىڭىزگە كەلسىلا، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. يۈرىكىڭىزدە تەشۋىش، ئاچچىق، چۈشكۈنلۈكنى ھېس قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى نەپەس ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىڭىزنى تىنچلاندۇرۇڭ.

ئالدى بىلەن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ قويۇپ بېرىڭ. ئاندىن، يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇرنەپەس ئالغاندا، بىر ئاق رەڭلىك نۇرشارچىسىنىڭ دۈمبىڭىزدە  تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئاستا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. قېينالمىسىڭىز نەپسىڭىزنى ئىككى سېكۇنت توختىتىپ، ئاندىن نەپسىڭىزنى قويۇپ بېرىڭ. بۇچاغدا ھېلىقى ئاق رەڭلىك نۇر شارچىسىنىڭ دۈمبىڭىزنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا  ئېقىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.

بۇنى 10 قېتىم تەكرارلاڭ. نەپەس قېتىم سانى ئاشقانسىرى نەپەسلىنىش ۋاقتىڭىزنىمۇ ئاستا – ئاستا ئۇزارتىپ بېقىڭ ھەم  كېيىنكى ئۆزىڭىزدىكى  ئۆزگىرىشلەرنى  ھېس قىلىپ بېقىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ خىل نەپەس ئېلىش قېيىن كەلگەنلەرئۆزىڭىزنى زورلىمىسىڭىزمۇ، ئادەتتىكىدەك نورمال نەپەس ئېلىپ، نۇر شارچىسىنىڭ ئاستى -ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. نەپەسلىنىشىڭىز تەبىئىي ئاستىلايدۇ.

 

سەھەر

 

 2023.09.25

ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى

ئادەم ئۆز ھاياتىدا نېمىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆزى بېكىتمىسە، باشقىلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە ياشايدۇ.

»ماھىيەتلىك تەپەككۇر بىلەن قىلىنغان ئەڭ كىچىك تەييارلىق ئەڭ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ«ناملىق كىتابتىن ئارىيە

  ھاياتىڭىزدا نېمىلەرنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىڭ. ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىڭ. بالىلارنى مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭ. دوستلىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ. ناتونۇش كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇڭ، سۆيگىنىڭىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىڭ.

 مەندىن: بۇ كىتابنىڭ ھەر بېتى شۇ كۈنلۈك ھاياتىمغا دەل چۈشۈپ قالدىغىنى قېززىق! تۈنۈگۈن 11~12 ياشلىق ئوقۇغۇچىلىمرىدىن دەل مۇشۇ سۇئالنى سوراپتىمەن، بالىلارنىڭ جاۋابلىرى شۇنچىلىك قىززىق!

مەن: ئەگەر بۈگۈن ھاياتىڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى بولسا نېمە ئىش قىلىسىلەر؟

ئوقۇغۇچىA: توكيوغا بارىمەن!(ھاھاھا، بۇ ئوقۇغۇچۇم چىبادا تۇرىدۇ، توكيوغا بېرىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ توكيوغا ئايروپىلاندا بارىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. قىسقىغىنە، 30 مىنۇتتا پويىز بىلەن شىنجىيۇكۇغا بارالايدىغىنىنى تاكى مەن بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلاشمىغۇچە چۈشەنمەيدۇ.)

ئوقۇغۇچىB: يىگۈم بار نەرسىلەرنى تويغۇچە يەۋالىمەن.

ئوقۇغۇچىC: دېسنى باغچىسىغا بېرىپ ئوينىۋالىمەن.

ئوقۇغۇچىD: ئاداشلىرىم بىلەن بىللە بولىمەن.

ئوقۇغۇچى P: ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمگە «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەۋالىمەن. ……..

مەن: ھېچقايسىڭلار ئاتا-ئاناڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىللە بولىمەن دېمىدىڭلارغۇ؟

ئوقۇغۇچى: بەرىبىر ئۆلۈپ كەتسەك، جەننەتتە يەنە كۆرىشىدىغان بولغاندىكىن!…..

ئاھ، بالىلىق تەپەككۇر نەقەدەر ساددا، نەقەدەر بىغۇبار ھە!شۇنداق قىلىپ مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى بولسا ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، يولدىشىم، بالىلىرىم بىلەن بىللە بولۇشنى، ئۇلار بىلەنبىللە ئاخىرىقى نەپسىمگىچە مۇھەببەت بىلەن بېرىشنى تاللىدىم. سىزچۇ؟

 

 

  2023.09.26

قەغەز توشقىچە يېزىپ چىقايلى

بىر ئىشلارنى كۆزدىن ياش چىققۇچە كۈلۈشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە زىيادە ئويلاپ كېتىش ھاجەتسىز.بەزىدە  ئورۇن – كۆرپىڭىزنىمۇ يىغماستىن، سىرتلارغا ئوينىغىلى چىقىپ بېقىڭ.

پۇتىڭىزنىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرماستىن، يالاڭئاياغ مېڭىپ بېقىڭ.

رەسىم سىزىپ، ئەڭ ئوچۇق رەڭنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.

ئۇياقتىن تاماق يەپ، بۇياقتىن ھاپىلا – شاپىلا قاچىلارنى يۇيىمەن دېمەستىن، بىردەم راھەتقىنە ئولتۇرۇۋېلىڭ.

دوستىڭىزنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆيىگە بېرىپ چاي ئىچكەچ مۇڭدىشىڭ.

كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان كىنودىن بىرەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغۇدەك بىرەر روماننى ئوقۇپ چىقىڭ.

خۇشاللىق ئۈچۈن ئالاھىدە ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت ھوزۇرلىنالايدىغان يۈرەك بولسىلا كۇپايە. ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ.

 

 

2023.09.27

بىز كونترول قىلالمايدىغان ئىشلارمۇ بار

ھەممىنى كونترول قىلىشنى ئويلىماڭ. نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىمىزنىڭ ئۆزى-ھايات. بىلگەن بولساق، ھاياتنىڭ قىززىقى قالمىغان بولاتتى.

 

 2023.09.28

باشقىلارنىڭ ياخشى نىيىتىگە ئىشىنەيلى

ئادەملەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئاق كۆڭۈل، كۆيۈمچان بولىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ياخشى نىيىتىگە ئىشنەيلى.ھەرقانداق ئىشنى ئىجابىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلساق، كۆز قاراشلىرىمىز بارغانسېرى ئىجابىيلىشىپ ماڭىدۇ.

 

 

 2023.09.29

بەزىدە توختاشمۇ مۇھىم

 كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تېز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا ماسلىشىپ بولالماي، باش قىيىپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا سۈكۈتنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ئىشقا سالايلى. يەنى، تۇرمۇش رېتىمىنى ئاستىلاتقىنىمىزدا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا بىزگە يەنە باشقىچە كۆرۈنىدۇ.

چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، سىرتنىڭ مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ. قەلبىڭىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى تۇيغۇلىرىڭىزغا قۇلاڭ سېلىڭ. زۆرۈر تېپىلغاندا تۇرمۇشىڭىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاستا رېتىمىنى تەكرارلاپ بېرىڭ.

 

 

 2023.09.30

باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇش ھاجەتسىز

سىز-ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىىسى ھەم ئەڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى. ھازىرقى ھالىتىڭىزدىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئېسىل، قابىلىيەتلىك سىز. قىلغۇڭىز  بار ئىشلارنى قىلالايسىز!  ياخشى نىيەت بىلەن مەسلىھەت بېرەلەيدىغان ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزدە بار كۈچكە، تاللىشىڭىزغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزگە خاس يول بىلەن خۇشاللىق تېپىڭ. چۈنكى، نېمىنىڭ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىلىقىنى بىلىدىغان ئادەم پەقەت ئۆزىڭىز..

ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى كۆرسىتىشنى خالايدىغان ئاشۇ كىشىلەر، ئەمەلىيەتتە سىز ئۈچۈن ھېچكىم ئەمەس كىشىلەردۇر. ھۆرمەت-ئېتىبارىڭىزغا ئەرزىيدىغىنى- سىزنى ئەسلىڭىزدە كۆرەلەيدىغان، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردۇر.

 

شۇنداق قىلىپ، بىر كىتابنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈنلەي ئاخىرىلاشتى!

ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ  سىندى سىپېگىلنىڭ «ھەر بىر كۈنگە ئاتالغان ئىجابى ئويلار»ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ بىلوگىمدا ھەر ئايدا ئېلان قىلىپ، بۈگۈن ئەڭ ئاخىرىقى ئايلىق تەرجىمە ئېلان قېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك تېما:

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9583

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9665

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9708

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9774

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9846

http://tokyoxatiriliri.net/?p=9924

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10057

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10127

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10292

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10425

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10502

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10586

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10792

http://tokyoxatiriliri.net/?p=10849

***********************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

 

تارقىتىڭ...