G Minor Bach  __ Jacob’s Piano

 

2022.12.16(Fri)

ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ھاياتنى قوغلىشىڭ

باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ھەم ئۆزىڭىز پەخىرلەنگۈدەك ھاياتتا ياشاڭ.

ياخشى ھەمراھراھلىرىڭىز بولسۇن. ئىجادىي ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتىڭ. خۇشپۇراق چايقەھۋەلەردىن ھوزۇرلىنىڭ.

يۈرىكىڭىزدىن كۈلۈمسىرەڭ، باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ ھەم قەدىرلەڭ، ئارزۇيىڭىز بولسۇن، ھاياتىڭىز مانا مۇشۇنداق گۈزەل تەكرارلارغا تولسۇن.

يۇقارقى جۈملىلەردە ئاپتۇر پەقەت مېنىڭ ھاياتىمنىلا دەۋاتقاندەك(ماۋۇ يەردە ئاقسا چىراي ئىپادىسى بار ھە) پىقىرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشلىرىدىن بىرى، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كىچىك گۈلزارلىقىمدىن، ئاپتاپتىن، قەھۋەرىمدىن ھوزۇرلانغاچ كىتابىمنى ئوقۇش، بۇ ھوزۇرنى خېلى-خېلى ئېسىل قايناق سورۇنلاردىن تاپالمايمەن.

2022.12.17

مەن قىلالايمەنمۇ؟

جاۋابى شۇكى:  شۇنداق، سەن قىلالايسەن، قىلالمىغۇدەك سەۋەبىڭ يوق. سەن چوقۇم قىلالايسەن، قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن ئەمەس. چوقۇم قول سېلىپ قىپ باققىن.

قابىلىيىتىڭدىن گۇمانلىنىپ قالغىنىڭدا،شۇنى ئەسكە ئالغىنكى، «شۇنداق، سەن قىلالايسەن

بۇ كۈنىنىڭ يارقىن نوقتىسى قىزىمنىڭ پىئانو ماھارىتىنى كۆرسىتىش سەھنىسىدە پىئانو چالغىنىدىن ھوزۇرلىنىش بولدى..

 

2022.12.18 (sun)

ئىچكى تەنقىدچى

ھەر قېتىم بىرەر ئىشقا قارار بېرىدىغان ۋاقتىمىزدا«مۇشۇنداق قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟» دەپ قوشۇق سالىدىغان ئىچىمىزدىن كېلىدىغان شۇ سادا دەل ئىچكى تەنقىدچىمىزدۇر. بۇ خىل ئىچكى تەنقىدچى تۇغما بولۇپ، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتالمايمىز. بىراق، ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

بېرىنجى قەدەمدە،  ئىچكى تەنقىدنىڭ  تەپەككۇرىڭىزنى توسۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايقاڭ. ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ قاتتىق سۆزلەرگە ئۇچىرىغاندا، بەدىنىڭىزدە قانداق ئالامەتلەر پەيدا بولدى؟

كېيىكى باسقۇچتا، ئۆزىڭىزمۇ تېخى ئىشىنەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىچكى تەنقىدنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولغان سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە ئېيتىڭ. مەسلەن: ئىچكى تەنقىدچىڭىز«تەجىرىبىلىرىڭ يىتەرلىك ئەمەس، بۇ ئىشنى باشلىشىڭغا تېخى بالدۇر.» دېگەن بولسا، سىز«مەندە قاچان باشلايمەن دېسەم باشلىيالىغۇدەك تەجىرىبىلەر بار.» دېيىشىڭىز كېرەك. مۇشۇنداق دەۋاتقىنىڭىزدا تەبىئي ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئېيتۋاتقانلىرىڭىزغا  ئىشىنىدىغان بولىسىز. ئىچكى تەنقىدچىنىڭ پاسسىپ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرغۇدەك بولغۇچە، ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، چىداپ مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئىچكى تەنقىدلىرىڭىزنىڭ سىزنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان سەلبى سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېقىن ئادىمىڭىزئۆزىنى چۈشۈرىدىغان سەلبى گەپلەرنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىدىغانلىقىڭىزنىمۇ يېزىپ قويۇپ، ۋاقىتى كەلگەندە، ئۇ سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بەك قالتىس ئىشلىنىپتۇ. كىنونى كىنوخانىدا 3Dسىنى كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

 

2022.12.19

قانداق ئويلىسىڭىز، كۆرگىنىڭىزمۇ شۇنداق بولىدۇ

باشقىلاردىن كۆرىدىغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىز. ئەسلى قىياپىتىڭىز ئاشكارلىنىپ قالغىنىدا، باشقىلاردىن كۆرىدىغىنىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتى بولىدۇ.

سىزنى چۇلغىۋالغىنى زېرىكىش ھەم باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش بولسا، باشقىلاردىن كۆرىدىغىنىڭىزمۇ ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇدە، بۇدۇنيا ئىشەنچسىزلىككە تولغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ھەر كۈندىكى تاللاشلىرىڭىز كىملىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئارلىشىۋاتقان دوستلىرىڭىز، ھاياتىڭىزدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقىنىڭىزدائىپادىلىنىدۇ.

مۇھەببەتكە مۇھەببەت بىلەن جاۋاب قايتۇرامسىز ۋە ياكى مەسخىرىلەرگە مەسخىرە قىلىش بىلەنمۇ؟ سىز زادى قانداق ئادەم بولۇشنى خالايسىز؟

 

2022.12.20

مۇكەممەل بولمىغان نەرسىلەردە گۈزەللىك بولىدۇ

مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەل.

ئەسلى ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ ھەم كىشىلەرنىڭمۇ ئەسلى ھالىتىنى سۆيۈڭ.

2022.12.21

قارمۇقارشىلىقنىڭ قىممىتى

 

يورۇقلۇقنىڭ قارشىدا قاراڭغۇلۇقنىڭ بولغىنىدەك، ھاياتنىڭمۇ ياخشىيامان چاغلىرى بولىدۇ. گاھلاردا بەختسىزلىكنىڭ چۇڭقۇرھاڭلىرىغا چۈشۈپ كەتكىنىمىزدەك، بەزىدە بەخىتتىن بەئەينى بېشىمىز كۆككە تاقاشقۇدەك خۇشاللىقلارغىمۇ چۆمىمىز.

قىيىن كۈنلەردىن ھالقىشنىڭ بىردىنبىر يولى، بۇ قىيىن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكۈچە بەرداشلىق بېرىش! بەخىتنى ھېس قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا، بەخىت بىلەن بىرلىكتە دەس تۇرۇشتۇر. مانا بۇ ھايات! يەنى،ئازابلانغاندا بەرداشلىق بېرىش، خۇشال بولغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇش كېرەك.

بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنەلىگۈدەك كۈچنى يېتىلدۈرەلەيمىز. ئورنىدىن دەس تۇرۇش ئارقىلىق قانات قىقىپ پەرۋازقىلىشنى ئۆگىنىمىز.

 

2022.12.22

باشقىلارنى  چاقناتقۇزۇش

باشقىلارنىڭ تېخىمۇ چاقنىشى ئۈچۈن كۈچ بېرىڭ. مۇنداق قىلىش تەس بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ. ئىنسانى مىھرمۇھەببەتكە ئىشىنىڭ. كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ھېسداشلىق قىلىڭ. ئەپۇ قىلىڭ.

ئەلۋەتتە، مۇنداق قىلىش ئاسان بولمىسىمۇ، بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز، باشقىلاردىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئېچىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن ۋەسلە بولالايسىز.

 

2022.12.23(Fri)

قانداق ئادەم ئىدىڭىز؟

باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى سىز بولۇشتىن ئىلگىرىكى سىز زادى كىم ئىدىڭىز؟ ئۇ ئادەم زادى قەيەرگە كەتتى؟  قايسى ئىشنى قىلغىنىدا كۆڭۈللۈك ھېس قىلاتتى؟

ئىچىڭىزدىن كېلىۋاتقان ساداغا ئىشەنگەن، قۇلاق سېلىۋاتقان ۋاقتىڭىز دەل ئۆزىڭىز بولغان ۋاقتىڭىز.

 

2022.12.24

سىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە

باشقىلارنىڭ ئىددىيەسىگە ئەگىشىپ كەتمەستىن، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىددىيىڭىز بولسۇن. ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ھەم ناچار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىڭ. باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ئوخشاش  ئۆزىڭىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭ. باشقىلارغا تايانماستىن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىدىن ئۆزىڭىز يول ئېچىڭ. بىلمەسلىكتىن قورقماڭ. باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا كۈچ بولۇڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ھەمدە ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاۋاتقانلىڭىزغا ئىشىنىڭ. مەغلۇبىيەتتىن قورقماڭ، باشقىلارنىڭ پىكىرىگىمۇ قۇلاق سىلىڭ. ئاخىرىدا، ھەر بىر مەغلۇبىيەتنىڭ غەلبىگە تۇتىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئۇنداقتا، شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدىكى كۆز ئالدىڭىزدىكى گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىڭ.

سىز بىرمۆجىزە. ئۆزىڭىزنىڭ مۆجىزە ئېكەنلىكىڭىزنى بىلىشىڭىز-سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز.

كەچكى شەپەق

2022.12.26

دوستلۇق نۇرى

دوستىڭىزنى قەدىرلەڭ. دوست ھاياتلىقىڭىزنىڭ ھەمراھى، ھايات نۇرىڭىز، خۇشاللىقىڭىزدۇر. جاھان قاراڭغۇلۇققا پاتقاندا، زىيادە يورۇقلۇق كۆزىڭىزنى چاققاندا، ئۇ كۆزىڭىزگە ئايلىنىدۇ. يېقىلغىنىڭىزدا يۆلەيدۇ. ھاياتنىڭ جىددى قەدەملىرىدە كېتىۋاتقىنىڭىزدا، يېنىڭىزدا سىز بىلەن بىللە بولىدۇ. مېڭىشقا تېگىشلىك يولىڭىزنى كۆرسىتىپ، سىزگە ھەقىقەتنىڭ نېمىلكىنى ئۆگىتىدۇ.

ئادەم ئۆزىنىمۇ ئاسانلا يوقىتىپ قويىدىغان ئۇشبۇ جاھاندا دوستىڭىز سىزگە يول كۆرسىتىدىغان كومپاس ۋە مۇھەببەت چىرىغىڭىز بولالايدۇ.

مەندىن: نېمىدىگەن گۈزەل ئىپادىلەش! يېنىدا مۇشۇنداق دوستى بارلار ئۆزىنى ئەڭ گۈزەل رىزىقتىن بىرىگە ئېرىشتىم دەپ بىلسە بولىدۇ.

بۇ كۈنى سەھەردىكى كۆڭۈلداشلىق

2022.12.27(Tue)

ئاق كۆڭۈل بولايلى

دۇنيا رەھىمىسز.

بىز كۆرۈنگىنىمىزدىنمۇ نازۇك بولۇپ، ئاسانلا يارىلانغۇچىلاردىن بىز.

كىشىلەرگە يېتىپئاشتى دەپ ئويلىغۇدەك ياخشى مۇئامىلىدە بولايلى.

مەندىن: دۇنيا رەھىمسىز ئەمەس، ئادەملەر رەھىمىسز! ئادەملەر رەھىمسىزلىكى، پەسلىكى بىلەن چىرايلىق، ئاق كۆڭۈللەرنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، دەسسەپ-چەيلەيدۇ…دۇنيانىڭ كۆرۈمسىزلىكى ھەم گۈزەللىكىمۇ ئادەملەر بىلەن ئەسلىدە…

 

2022.12.28

بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ

قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆزى ئاخىرىقى ھېسابتا  مۇھەببەتتۇر. ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماستىن، ئۇنى تىنچ قوغداشمۇ ئادەملەردىكى بىر تۈرلۈك ئەقىلپاراسەت.

قانچىلىك ئۆزگەرتكىڭىز بولسىمۇ، ئۆزگەرتەلمەيدىغان نەرسلەرنى بەرىبىر ئۆزگەرتەلمەيسىز. بۇنداق چاغلاردا، قوبۇل قىلىشئۆزىڭىزگە ئاتا قىلالايدىغان قالتىس سوۋغىڭىزدۇر.

2022.12.29

رەھمەت ئېيتايلى

ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلارغا ئۆچ بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا «رەھمەت» ئېيتايلى. شۇنداق، رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ.

«ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قىلالايدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت». «مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ساۋاق بولغۇدەك كەچۈرمىشلەرنى قالدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت». «ماڭا ئۆسۈپيېتىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت».

ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغىنىدا، كەچۈرمىشلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ.

2022.12.30

نېمىدىن خۇشال بولغان بولسىڭىز، شۇنى قىلىڭ

كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ. مەيلى تۇنجى كىچىك قەدىمىڭىز بولسۇن ياكى چوڭ سەكرەش بولسۇن، سىز خۇشاللا بولغان بولسىڭىز، توغرا يۆلىنىشتە ماڭغان بولىسىز. شۇڭا، شۇ يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

2022-يىلىدىكى ئاخىرىقى بەت

2022.12.31

ھاياتىڭىزنى قانداق ياشىماقچى؟

كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان مۇمكىنچىلىكلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن،  سىزگە ئەسقاتمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى تارتىشىپ ئولتۇرماي كەينىگە تاشلىۋىتىڭ. ئەمدى بۇ بىريىلنى ئەسلەپ كۆرەيلى.

بۇ يىل قانداق بىر يىل بولدى؟ بىرەر نەرسە ئۆگىنەلىدىڭىزمۇ؟ سىزنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك  بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ؟ كېلەر يىلى ئۆزىڭىزنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

يېڭى يىلدا يېتىشكە تېگىشلىك نىشاندىن ئۈچنى بەلگىلەپ بېقىڭ.

تېخىمۇ گۈزەل ياشايلى، خوشە!

ئەسسالام، بىلوگىمنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى، شۇنداق قىلىپ «ئەمدى كىتاب تەرجىمە قىلمايمەن» دېگەن رەيھان قىز بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەنە بېرىپ، يەنە بىلىپ-بىلمەي ئۇشبۇ كىتابنىڭ سىھرى كۈچىگە ئالدىنىپ كەتتى….ھەر كۈنى، ھەر كۈندىكى ئەڭ يارقىن جايدا، ئەڭ ياخشى كەيپىياتتا  ھەر كۈنلۈك بەت بىلەن ئۇچىرىشىش كۈنلىرىمگە خۇشاللىق بېغىشلىدى. شۇڭا، كىتابنىڭ ھەر بىر مەزمۇنى شۇ كۈننىڭ بىرەر پارچە خاتىرە سۈرىتى ھەم ئەسلىمىسى سۈپىتىدە كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ماڭدى. مەن 2023-يىلدا ھاياتىمغا ئارتۇق ئادەم، ئارتۇق ئىشلار، ئارتۇق روھى بىسىملارنى ئارتمايمەن. ئۆزۈمگە، ئائىلەم ۋە بالىلىرىمغا، ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كىشىلىرىمگە ۋاقتىمنى، زىھنىمنى بېغىشلايمەن ھەم بۇ بىر يىلدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە خۇشاللىق ھەم ئۆسۈپ-يېتىلگۈدەك پۇرسەتلەرنى ئالىمەن.

سىلەرچۇ؟ قانداق ئىددىيەدە بۇ يىلنى باشلىۋالدىڭلار؟

 

**************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...