1

FEBRUARY

سىز زارىقىۋاتقان كىشى-دەل ئۆزىڭىز

مۇھەببەت ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن باشلىنىدۇ. قەلبىڭىز يارىلانغاندىمۇ، سىزنى ئەسلى ئۆزىڭىزگە قايتۇرالايدىغان، ھەتتا تېخىمۇ كۈچلۈك  قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم دەل ئۆزىڭىز.

سىز باشقىلاردىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلالمىغىنىڭىزدەك، ئۆزىڭىزدىنمۇ مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلالمايسىز. ئۆزىڭىزنى سۆيەلمەي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىنى تاما قىلىش ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك.

سىز ئىزچىل كۈتىۋاتقان ئادەم دەل ئۆزىڭىز. سىز زارىقىۋاتقان سۆيگۈ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن باشلىنىدۇ.  بۇ تەبىئەتنىڭ ئىلاھى قانۇنىيىتى.

ئۆزىڭىزنى قانداق سۆيىسىز؟ قايسى تەرىپىڭىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايسىز؟ ئۆزىڭىز بىلەن بولغان مۇھەببەتلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھەر كۈنى نېمىلەرنى قىلالايسىز؟

 

白い街と青いコートー手嶌

2

FEBRUARY

قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىك پاكىتى

ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىڭ. بىۋاستە سىزىمىڭىزغا ئىشىنىڭ. ھەر كۈنى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ. ئاز دېگەندىمۇھەپتىدە بىرەر قېتىم يالغۇز ئۇسسۇل ئويناڭ. (ۋاي ھېلىغۇ ھەپتىكەن، ئايئايلاپ مۇنداق ئىش يوقلا ھە!😆)

ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ يىغلىۋىلىڭ ھەم ئۆزىڭىز خالىغانچە ياشىۋىلىڭ. ئىمكانقەدەر پاتپات قاقاقلاپ  قاتتىق كۈلۈپ بېرىڭ. كىشلەرچۈشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىڭ.

باشقىلارنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى سۆيگىنىڭىزدەك ئەسلى ھالىتىدە سۆيۈڭ. مۇزىكىسىز ئۆزرېتىمىڭىزغا ئەگىشىپ ئۇسۇل ئويناپ بېقىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ھەر ھالىنى كەمسىتمەستىن، خېجىل بولماستىن قوبۇل قىلالىسىڭىز، باشقىلار تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىسز.

فىۋرالنىڭ تۇنجى سەھىرىدىكى چىچەك

3

FEBRUARY

مۇھەببەت دەرسلىكى

1. «مەن كۈتكەن ئادەم دەل مۇشۇ» دېگەن ئادەم سىز ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە ئەڭ ناچار ئادەم بولۇشى مۇمكىن.

2. «ھەي..مۇھەببەت دېگەندەپ دەسلىپىدىلا ۋاز كېچىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. مۇھەببەتتىن ئاسانلا ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەرئۆزى ئويلىغاندىن ئارتۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

3. ھەر قانداق ئادەم گۈزەل چۈش كەبى يۈكسەك مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ. گەپ سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر مۇھەببەتنى قارار قىلىشقىلماسلىقىڭىزدا.

4. مۇھەببەت مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دېيىلسىمۇ، ئەمما سىز ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئەڭ ئاددى شەرتمۇ ھازىرلانمىسا، يۈرىكىڭىز ئازار يىيىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرغان تۈزۈك.

5. مۇھەببەت ھەمىشە توسالغۇلار بىلەن بىللە كەلسىمۇ، «مۇھەببەتلا بولىدىكەن، باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ كېرىكى يوق» دەپ قاراش تولىمۇ تەبىئىي بولغان ھېسسىيات.

6. بىراۋنى پايدامەنپەئەتتىن خالى، شەرتسىز ھالدا ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرەلەيسىز.

7. مۇھەببەت ناھايتىمۇ تار بولغان بۇ دۇنيادىكى يۈكسەك ئەركىنلىك.

8. مۇھەببەتنىڭ توغراخاتالىقىنى پۈتۈن بەدەن ھۈجەيرھۈجەيرلىرىدىن ھېس قىلالايدۇ. سەزگۈلىرىڭىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ چىنلىقنى پەرق ئېتىڭ.

9. قاچانلاردىدۇر يۈرەك بىر مۇزلىدىمۇ، ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرالايدىغان بىردىنبىر نەرسە بولغان مۇھەببەتكىمۇ ئىشەنمەس بوپقالىمىز. مۇھەببەتكە، مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىڭ.

10. ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى، سىز سۆيۈشكە ئەرزىيسىز. يەنە قايتىلايمەنكى، سىز سۆيۈشكە لايىق!

4
FEBRUARY

ئادالەت موھىممۇ ياكى ئاق كۆڭۈللۈكمۇ؟

تولىمۇ ئەپسۇس، بىز كۆپىنچە توغرىلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋالىمىز!

غورور توغرا بولۇشنى، يۈرەك ئاق كۆڭۈللۈكنى خالايدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا، قەلبكە بويسۇنۇپ، ئاق كۆڭۈللۈكنى تاللاڭ. ئەلۋەتتە نەپسنى بېسىپ، قەلبكە يول بېرىش ئۈچۈن جاسارەت كېتىدۇ. قەلب بىلەن مېڭە(ئەقىل بىلەن تۇيغۇ)توقۇنۇشۇپ قالغاندا، ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى ئاددىي سوئالنى سوراپ كۆرۈڭ:

توغرلىقتا چىڭ تۇرىۋالغىنىم ھەقىقەتەن ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟ شۇنداق قىلسام بىرەر مەسىلە ھەل بولامدۇ؟ قانداق قىلسام قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا چىرايلىقچە يول قويالايمەن؟

يۇقارقى سۇئاللاردىن كېيىن چوقۇم ئاق كۆڭۈللۈكنى تاللىغان ئۆزىڭىزدىن ھەيران قالىسىز.

2023.02.05

چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ

قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا كەڭرى نەزەردە قاراڭ.

ھېچنىمىنى ئويلىماڭ، چۇڭقۇر نەپەس ئېلىڭ~

دەل ھازىرقى پەيت سىزدىكى بىردىنبىر نەرسە.

ئوپرا ۋىنفرېي

What I Know For Sureدىن ئېلىندى.

 

 

2023.02.06

ھازىرقى دەل مۇشۇ پەيت ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش

ھەر كۈنى يېڭى بىر سەھەرنى كۈتىۋالالىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۈرىكىمىزدىن مىننەتدار بولايلى. چۈنكى، دۇنيانىڭ قەيىردىدۇر ياشاش ئۈمىدىنى يوقاتقان، چۈشكۈن ھالدا ئويغىنىدىغان كىشىلەرمۇ بار.

باشقىلار سىزنى بىزار قىلغاندا، سىزنى بىزار قىلغان شۇ كىشىلەرنىڭمۇ مەلۇم مەسىلىسى بارلىقىنى ئويلاڭ.

سۆيگۈنىڭىزدىن گۇمانلانغىنىڭىزدا، بۇ دۇنيادا تەنھا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىقىنى ئەسكە ئېلىڭ.

ھەر قېتىم ئۆزىڭىزنى «ئەسكى»دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، سىزدە يېتىپئاشقۇدەك قەدىرقىممەت بارلىقىنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ.

ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر گۈزەللىكىنى قەدىرلەڭ. چۈنكى، بۇ گۈزەللىكلەرمۇ ھامان بىر كۈنى توزۇپ، يوقاپ كېتىدۇ.

 

2023.02.07

سەلبىي ھېسسىياتنى قوبۇل قىلىڭ

ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا كەم دېگەندە بىرئىككى قېتىم يۈرىكىنى پارەپارە قىلغۇدەك ئوڭۇشسىزلىقنىڭ تەمىنى تىتىپ باقىدىغان كەچمىشلىرى بولىدۇ. يوقىتىش ئازابى، قىيىنچىلىق، ئازابئوقۇبەتلەر…مانا مۇشۇنداق  كەينىكەينىدىن كەلگەن زەربىلەردىن ئۆزىنى ئۈمىدسىز، تەنھا ھېس قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.

ئەمما، ھېچقىسى يوق. ئەگەر قەلبىڭىزنى سەلبىي ھېستۇيغۇلار ئۈچۈن تاقىۋىلىپ، ئۆمۈر بويى قەلبىڭىزنىڭ قاراڭغۇ خانىلىرىدە كۆمۈلگەن پېتى قېلىشىنى خالىمىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىكى بارچە سەلبى ھېستۇيغۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قوبۇل قىلىڭ.

بەدەن سەلبىي ھېستۇيغۇلارنى ئىتىراپ قىلغاندىن باشلاپ، يورۇقلۇق چاقناشقا باشلايدۇ. يورۇقلۇق قەلبىڭىزنى نۇرلاندۇرغىنىدا، يەنە قايتىدىن تاشقى دۇنياغا يۈزلىنەلەيدىغان بولىسىز.

 

 

2023.02.08

سۆزنىڭ كۈچى زور

سۆز بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى بەلگىلەيدۇ.«قىلالمايمەن»دېسىڭىز، قىلالمايسىز.«قىلالايمەن» دېسىڭىز ، قىلالايسىز.

ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاڭ. ئېيتقان سۆزلىرىڭىز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا رېئاللىق ھاياتىڭىزغا ئايلىنىدۇ.

 

 

2023.02.09

سۆيگۈ دېمەك

سۆيگۈنى بىلدۈرۈش دېمەكتۇر.

سۆيگۈ ئاتا قىلىش دېمەكتۇر.

سۆيىدىغانلىقىنى ئېنىق يەتكۈزۈش دېمەكتۇر.

سۆيگۈنى ئۆگىتىش دېمەكتۇر.

بىرىنى سۆيمەك  گۈزەل بىر ئىشتۇر.

2023.02.10

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ

مۇھەببەت ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتلەردە ھەر خىل شەكىللەردە كېلىدۇ. مەيلى  ئۇ قايسى شەكىلدە كېلىشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسى تولىمۇ قىممەتلىك.

. ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى يېزىپ چىقىڭ. بىراۋنىڭ  يېزىش ئۇسلۇبىغا ئەگىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

سۆيگەن ئادىمىڭىزنى ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسۇلدا سۆيۈڭ.

ھەر دائىم مۇھەببەتنى تاللاڭ.

 

بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قار

2023.02.11

دۇنيا ئەمدى ئوخشاش نەرسىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس

ئەنسىرىمەستىن ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ئېيتىڭ.

كەيگۈڭىز بار كىيىمنى كىيىڭ.

كۆڭلىڭىز خالىغاننى قىلىڭ.

يۈرىكىڭىز ئىشەنگىنىگە ئىشىنىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشى بولسۇن.

باشقىلارنىڭ پىكىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سېلىش كېرەك بولسىمۇ، ئەمما بىسىملارغا باش ئېگىپ ئۆز پىكىرىڭىزدىن يانسىڭىز بولمايدۇ.

ئەسلى ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلالىسىڭىز، باشقىلارنىمۇ ئەسلى ھالىتىدە قوبۇل قىلالايسىز.

كىشىلەرگە ئوخشىماسلىقىڭىز دەل سىزدىكى قالتىسلىق.

دۇنيا سەمىمىي، ئادەتتىكىدىن ھالقىغان ئۆزگىچە بولغان روھنى ساقلاۋاتىدۇ.

ھەقىقى بولغان ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىڭ.

 

 

2023.02.12

سىز تاللىغان ئائىلە

بىز قانداق ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدىغانلىقىمىزنى تاللىيالمايمىز. تاللىغىلى بولىدىغان ئائىلە بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ دوستلۇق. شۇڭا، دوستنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللايلى ھەم بۇ دوستلۇقنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلايلى.

ھاياتىمىزدا بىز بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپيېتىلىدىغان ھەمدە بىرلىكتە ئۆزگىرىشلىرىمىزگە ھەمراھ بولىدىغان دوستلۇق بولغىنىدەك، چوڭ بولغانسىرى ئاخىرلىشىپ قالىدىغان دوستلۇقمۇ بولىدۇ.

ھەرئىككىلىسىنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، شۇنىڭغا قەدەر ئورناتقان  مۇناسىۋەتنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.

سىز بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپيېتىلىدىغان دوستلۇقنى يۈرىكىڭىزدىن قەدىرلەڭ، بۇ دوستلۇقنى ئۇنۇتماڭ. ئۇزۇن يىللىق دوستلۇقنىڭ ئاتا قىلغانلىرىنى تەلەي دەپ بىلىڭ.

ۋاقتى كەلگەندە تولۇپتاشقان قىزغىنلىق، مۇھەببەت ۋە ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن يېڭى دوستلۇقنى كۈتىۋىلىڭ. كىم بىلىدۇ بۇ دوستلۇق ئۆزىمىز تاللىغان ئائىلىمىز بولۇپ قالامدۇ تېخى.

مەندىن: «دوستلۇق»تىلغا ئېلىنغىنىدا ئالى مەكتەپتەپتىكى سەمىمى،مەنپەئەتتىن،ھېيلە-مىكىرىدىن خالى شۇ ساناقلىق دوستلىرىم ئېسىمدىن كېچىدۇ. ئۇلارنى ھېلىمۇ ھاياتىمدىكى چىن دوستلىرىم دەپ قارايمەن ھەم  ئۇلارغا يۈرۈكۈمدىن ياخشىلىق، گۈزەل تىلەكلەر تىلەيمەن.

2023.02.13

بۈگۈن يەنە بىر رەت كەلمەيدۇ

تۈنۈگۈننىڭ  بۈگۈنىڭىزنى  ئىسراپ قىلىۋىتىشىگە يول قويماڭ.

ۋىل روجېرس

* ۋىل روجىس (1879-1935)ئامېرىكىلىق كومېدىيە ئارتىسى، ساتىرىك يازغۇچى ۋە ئوبزورچى

 

2023.02.14

باتۇرلۇق ۋە جاسارەت

باتۇرلۇقكۈرەش قىلىش ئىرادىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

جاسارەت بولسا يېڭىش ئىرادىسى بولۇپ، ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلگەندە، جەڭ قىلىشقا باتۇرلۇق كېرەك. ئۇرۇشۇشقا ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك.

پۈتۈن دۇنيا سىزنى«قارا»قىلىمەن دېسىمۇ «يېنىڭىزدا مەن بار»دېيىەلەيدىغان بىرى بولسا كۇپايە.

 

2023.02.15

مۇھەببەت مۇراسىمى

سۆيۈش ھەم بارلىق كەمچىللىكى بىلەن سۆيۈلۈش تەشنالىقىدىكى سىز ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم قىلالايدىغان ئاددىي مۇراسىمنى تونۇشتۇرىمىز.

قىزىل ياكى ھالرەڭلىك شام ياندۇرۇڭ.

پۇتىڭىزنى جۈپلەپ، بېلىڭىزنى رۇسلاپ جىمجىت ئولتۇرۇڭ ياكى بەدىنىڭىزنى تۈزلەپ ئوڭدا ياتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاندىن تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇڭ ھەم ئىختىيارى تەكرارلاڭ.

مۇھەببەتنى ئۆزۈم تاللىسام، ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى ئىپادىلىسەم بولامدۇ؟

مۇھەببەتنىڭ روھىمنى ئويغىتىشىغا، يۈرۈكۈمدىن ئورۇن ئېلىشىغا يول قويالامدىم؟

بىراۋ تەرىپىدىن سۆيۈلۈشكە، شۇنداقلا بۇ سۆيگۈگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرالامدىم؟

مەن سۆيۈملۈك، شادخۇرام، چۇڭقۇر كۈزىتىشچان ۋە تەۋرەنمەس ئۆزۈم بولالامدىم؟

ھەمىشە مېنى گاڭگىرىتىدىغان ئالدىمدىكى لىققىنە يوللار ئىچىدىن يەنىلا مۇھەببەتنى تاللىيالامدىم؟

ئاندىن  مۇھەببەتنىڭ قەلبىڭىزگە بۆسۈپ كىرىۋاتقانلىقى ھېس قىلىڭ.

2023.02.16

ئۆزئۆزىڭىزنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇڭ

ھېچكىم سىز بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتلىرى ئۈچۈن قەلبىمىزنى ئېچىش موھىم بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭمۇ بىزنى ئۆزىمىز بىلگەنچىلىك بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى.

سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مۇتەخەسىسى. ھاياتىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس.

باشقىلار بىلەن ئوخشىماسلىقىڭىز ناھايتى قالتىس ئىش.

قابىلىيىتىڭىزگە ئىشىنىڭ.

بىۋاستە سىزىمىڭىزگە ئىشىنىڭ.

ئويپىكىرلىرىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىڭ.

بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزىڭىز بولىۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.

 

2023.02.17

روھداش دوستلۇق

بىز كۆپىنچە سۆيگەن ئادىمىمىز بىلەن روھلىرىمىزنىڭ تۇتاشلىقىنى تىلغا ئالىمىز. ھالبۇكى، سۆيگەنلىرىمىز  بىلەنلا ئەمەس، ئەڭ يېقىن دوستىمىز بىلەنمۇ روھداش بولالايمىز.

ئەگەر دوست بىلگەنلىرىمىز روھداش بولالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ نېمە؟ دوست دېگەن سىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى ئاشۇرۇپ كۆرىۋالمايدۇ. ئەكسىچە، سىزنى شۇ كەمچىللىكلىرىڭىز سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ.

دوستىڭىز بىلەن مەيلى سائەتلەپ بىللە بولۇپ بىرەر ئېغىز پاراڭلاشمىسىڭىزمۇ ۋە ياكى كېچەكېچىلەپ قىززىق چاي سۇنغاچ مۇڭداشسىڭىزمۇ، دوستىڭىز بار يەر سىزنىڭ كۆڭۈل ئۆيىڭىز بولالايدۇ.

بۇ كەڭرى دۇنيادا سىز ئۆزىڭىزگە ئوخشاش سەۋىيەدىكى قالتىس ئادەمنى تاپالىدىڭىز! دوستىڭىز بولغاچ ھاياتىڭىز كۆڭۈللۈك بولدى. مانا بۇ روھداشلىق بولماي نېمە؟!

 

2023.02.18

كۆپ خىللىق گۈزەللىكتۇر

  بىز ئۆسۈپ-يېتىلىپ، ئۆزىمىزگە راستچىل بولۇپ،بىر-بىرىمىزگە  كۆپ خىل بولۇش ئەركىنلىكى بېرىشكە ئىھتىياجلىق.  ئىىديە، ئەپۇچانلىق، قەدىر-قىممەت، خۇشاللىق، تەسەللى بولۇش ھەم ئىناق بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەللىكنى ئۆز-ئارا ئاتا قىلالايدىغان ھەم قوبۇل قىللالايدىغان ئەركىنلىككە مۇھتاجمىز.

ماكس دېرى

 

 

 

2023.02.22

باشقىلارنىڭ تەستىقى ھاجەتسىز

«خەق نېمە دەپ قالار؟» دەپ ئارتۇقچە ئويلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. دادىل بولسىڭىز كۇپايە.

قارار ئۆزىڭىزدە، بۇ دۇنيادا قانداق ياشاش، كىم بىلەن ياشاشنى قارار قىلىدىغان ئادەم ئۆزىڭىز.

سىزگە خۇشاللىق، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان، شۇنداقلا، سىزنى جەمىيەت بىلەن باغلاپ تۇرالايدىغان قانداقلا بىر ئىشنى قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا تەستىق سېلىشى ھاجەتسىز!

سىز ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى باشقىلارنىڭ ياخشى دەپ ئويلىشى ناتايىن، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. باشقىلار ئىتىراپ قىلمىسىمۇ، ئۆزىڭىز قىلىشنى قارار قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كۆرۈڭ.

 

2024.02.23

مىننەتدارلىق ۋە مۇكەممەللىك

ھايات ئويلىغىنىمىزدەك بولماي قالىدىغان، ئېيتسا بولمايدىغان سۆزلەرنى دەپ سالىدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماي ئۆزىمىزنى بولۇمسىز ئويلاپ قالىدىغان چاغلار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا ، مۇنداق ئويلاڭ.

ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس، بىز قانچىلىغان قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، يەنە كەمتەرلىك بىلەن خاتالىقلىرىمىزنى تونۇش ئارقىلىق ئورنىمىزدىن قايتا تۇرۇپ بۇ ھاياتنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. سىز قىلالايسىز. چۈنكى سىزگە بۇ ئىشلار تەقدىر قىلىنغان.

ئوڭۇشلۇق بولغان ئىشلار ئۈچۈن مىننەتدار بولۇڭ. مىننەتدارلىق بارچىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قانچە مىننەتدار بولسىڭىز ، شۇنچە خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز. ئاخىرىدا يەنە شۇنىمۇ دەپ قويايكى، ئۆزىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ مىننەتدار بولۇڭ.

 

2023.02.24

رېئاللىق بىلەن ئارزۇ مۇمكىنچىلىكلەر ئىچىدە تەڭلا مەۋجۇت

ئارزۇ بىزنى يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرگە باشلايدۇكى، ئارزۇ بىلەن رېئاللىق بىربىرىگە خىرىس قىلمايدۇ. ئىككىلىسى تەڭلا مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن ھەم ئەمەلىيەتچىل بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ،  يەنىمۇ پارلاق ، تېخىمۇ دادىل ھالدا تىرىشالمايسىز دەيدىغان گەپمۇ بولمايدۇ.

ئەمما ئارزۇ بىلەن رېئاللىقدىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە، ئەنسىرەش ھامان ئېھتىماللىقتىن يۇقىرى ئورۇنغا چىقىۋالىدۇدە، ئادەمئاسانلا ئۆز ئارزۇيىدىن ۋاز كېچىپ قالىدۇ. كەچمىشلىرىگە ئاساسەن «قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلىۋالىدۇ.

رېئاللىقنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىز ئۆز رېئاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. كىشىلەر مەسخىرە قىلغان، ئۆزىڭىز «قىلالمايمەندەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كەچىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ.

2023.02.25

ھەر بىر پەيتنى قەدىرلەڭ

ھەر بىر پەيتنى قەدىرلەڭ. موھىم دەملەرنىلا ئەمەس ، قىسقا دەقىقىلەر، قارىماققا ئانچە موھىم بولمىغان، جىمجىت دەقىقىلەرمانامۇشۇنداق پەيتلەر جۇغلىنىپ تولۇپتاشقان گۈزەل بىر ھايات بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

ئانچە مۇھىم دەپ قارالمىغان ۋاقىتنمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ. ئەكسىچە، دەل ئاشۇنداق ۋاقتىنى ئىزدەپ تېپىڭ ھەم قەدىرلەڭ.

دېيىلمىگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭ، سىزگە تېكىلگەن كۆزلەرگە نەزىرىڭىزنى بېرىڭ. قول ئېلىشقاندىكى تېگىشىشنى ھېس قىلىڭ. چىڭڭىدەقۇچاقلاش، ئازاب، ئاقكۆڭۈللۈكشۇنداقلا مانا مۇشۇنداق پەيتلەردىكى ھەر بىر ھېستۇيغۇلارنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

ھايات چوڭكىچىك دەقىقىلەر ئارىسىدىكى سېھىرلىك تاتلىققىنە قونالغۇ.

بىخۇدلۇق قىلماڭ. ئاخىرىدا، ئاشۇ پەيتلەر سىزدە قالغان ھەممىگە ئايلىنىدۇ.

سەھەردىكى گۈزەللىك

2023.02.26

مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن  سەپەرمۇ بىر قەدەمدىن باشلىنىدۇ

لاۋزى

رىم بىر كۈندە قۇرۇلمىغىنىدەك، ئارزۇيىمىزدىكى ھاياتمۇئەنە  شۇنداق بىر كۈندە تەل بولمايدۇ.

گەپ، ئالدى بىلەن دەل ھازىرقى ئورنىڭىز قەيەردە بولسا شۇ يەردىن ئىشنى باشلاش، يەنى دەسلەپكى بىر قەدەمنى ئېلىش، ئاندىن كېيىن قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلەش. ئىككى قەدەم ماڭسىڭىز، بەش قەدەم كەينىگە چىكىنىدىغان ئىشمۇ بوپقالىدۇ. سەبىربىلەن بەلنى باغلاپ، ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاستا ئىلگىرلەڭ.

«مىڭ چاقىرىملىق يول»سىز ئۈچۈن قانداق مەنا بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەربىر قەدەم ئالغاندا  ئۆزىڭىزنى «مىڭ چاقىرىم»ئىلگىرلىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىڭ.

 

بۇ كۈنى ئائىلىمىز ئۈچۈن موھىم بىر كۈن بولدى.

2024.02.27

ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ

تۇرمۇش بەزىدە سىزنى ئاۋارىچىلىقلار ئارىسىدا قويۇپ، پۈتۈن يوللىرىڭىز ئېتىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان، ئەتراپىڭىزنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆرەلمەي قالىدىغان چاغلىرىڭىز بولىدۇ.

مۇنداق ۋاقىتتا، سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈڭ. ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بىراق، ئالدى بىلەن قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولشىدىن قەتئىنەزەر يېڭەلەيدىغان ئىددىيەدە بولۇش زۆرۈر.

ئاۋارىچىلىقتىن قاچماستىن، قايمۇقماستىن، شۇنداقلا مۇرەسسەلەشمەستىن تىنىچقىنە ئولتۇرۇپ، ئىچىڭىزنى تىڭشاڭ.

كەچمىشلىرىڭىز سىزگە نېمىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ؟ سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ بۇلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟

مۇنداق قىلماق قىيىن بولسىمۇ، سىز قىلالايسىز ھەم قىلىسىز.ئاخىرىدا، ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان قەيسەرلىكىڭىز بىلەن قىيىنچىلقنىقارشى تەرىپىدە دەس تۇرغان بولىسىز.

2023.02.28

مۇكەممەللىك ھەققىدە

ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭكىنى مۇكەممەل دەپ ئويلاش ئاسان گەپ. ئەپسۇس، بىزگە مۇكەممەل كۆرۈنگەن نەرسلەر كۆپىنچە پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت، خالاس!

بۇ قارىماققا ناھايتىمۇ چىرايلىق بىر ئىمارەتنىڭ ئىچىگە كىرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك چىرايلىق ئەمەسلىكىنى،مۇكەممەللىكتىن يېراقلىقىنى بايقىغىنىمىزدەكلا ئىش.

مۇكەممەللىك قوغلىشىپ ھاياتىڭىزدىن قۇسۇر ئىزدەشنى توختاتسىڭىز قانداق؟خەققە مۇكەممەل ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۇرۇنۇشلىرىڭىزنى بولدى قىلىپ، ھەقىقى ئۆزىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز قانداق؟

2-ئاي مەن ئۈچۈن بەك ئالدىراش بىر ئاي بولدى. گەرچە كۈندىلىك بەتنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىشنى ئاساسەن قىلالىغان بولساممۇ، بىلوگىمغا رەتلەپ چىقارغۇدەك پۇرسەت بولماي قالدى.

خەير، 3-ئايلىق مەزمۇن بىلەن دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرىشىش نېسىپ بولغاي، ئامان بولۇڭلار~

***********************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

FEBRUARY

 

تارقىتىڭ...