جاھان قانچىلىك ئۇلۇغ، يېڭى تەسىراتلار قانچىلىك شادىيانە تۇيۇلسۇن، ئەگەر ئېڭىڭ ۋە خاتىرەڭدە نوقۇتتىنمۇ كىچىك ئاغرىق نوقتابولىدىغان بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى تېتىمايدۇ، ئەقلىڭگە، يۈرۈكۈڭگە ھالاۋەت بېغىشلىمايدۇ. شۇ ئاغرىق نوقتا يوشۇرۇنچە، بېلىندۈرمەستىن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە بولىدىغان مۇناسىۋەتنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
كىتابدىن
قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ «قىيامەت»ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىقى بېتنى ئەتىگەن پويىزدا تۈگەتتىم. ھەر بىر قېتىم كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ياپقاندىكى تۇيغۇ باشقىچە…بولۇپمۇ چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى ئاجايىپ بىر نوقتىدا ئاخىرلىشىدۇ.
ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈچ رومانىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن. ئۈچىلا روماندا مۇنداق ئورتاقلىقنى بايقىدىم. ئەسەر دەسلەپتە ئاددى ۋەقەلىك بىلەن باشلىنىدۇ. رىۋايەت تۈسىنى ئالىدۇ، تەبىئەت بىلەن ئادەملەرنىڭ باغلىنىشى، ھازىرقى زامان تىخنىكىسى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتى، ئۆرپ–ئادەت، يىلتىز ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، جاھان تەرەققى قىلىپ ئادەملەردىكى پەزىلەت، ئەڭ موھىمى تەبىئەت بىلەن باغلىنىشتىن ئىبارەت بۇ بۆيۈك باغنى دەپسەندە قىلىش، ئاقىۋەتتە ئادەملەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى،ياۋۇزلىقى، تەبىئىتىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبىدىن تەبىئەتمۇ ھالاك بولىدۇ.
دەسلەپتە كۆپىنچە كىتابلارغا ئوخشاش بۇ كىتابنىڭ ئىچىگە كىرەلمەي، ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە قىزىقىپ قالدىم. نەشە توغرىسىدىكى بەزى قۇرلار ئىسىمگە بەزى ئىشلارنى سالدى.
يېقىن تۇغقانلىرىمىزدىن بىرى ياتلىق بولغان ئائىلىدىكى يولدىشىنىڭ ئانىسى بولمىش ياشىنىپ قالغان روماللىق موماي چىكەرمىشكەنتۇق،ھەتتا ئۈچ ئوغلىنىڭ نەشىلىرىنى ئانىسى بېرەرمىشكەنتۇق. ھازىر ئويلىساممۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدىمۇ ئەقىلگە سىغدۇرالمايدىغان ئاجايىپ–غارايىپ ئىشلار باركەنتۇق.
بىز كىتاب بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن يازغۇچى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
Yalghuz Kishilik Olturush-Mevlan
چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋ 1928 يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىنىڭ شىكەر يېزىسىدازىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ10-كۈنى گىرمانىيەدە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. (يازغۇچىنىڭ قاچان، نېمە سەۋەپتىن گىرمانىيەگە بارغانلىقى، ئۇ يەردە ۋاپات بولغانلىقىغا ئائىت توردىن باشقا ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىدىم.) ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسچە ھەم ئانا تىلى بولغان قىرغىز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 1958-يىلى نەشىر قىلىنغان«جەمىلە»، 1962-يىلى يېزىلغان«تۇنجى ئۇستاز»، 1963-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئانا يەر»، 1963-يىلى ئېلان قىلىنغان «تۆگىنىڭ كۆزى»، «ئەلۋىدا، گۈلسارە!» (1966)، «ئاق پاراخوت» (1970) ، «جەڭچى ئوغلۇم»(1974)، 1980-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» قاتارلىقلار بار.
چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ خېلى كۆپ كىتابلىرى ياپونچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھېلىمۇ ھەر خىل تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىئارقىلىق دۇنيا تەرىپىدىن ياد ئېتىلمەكتە.
«قىيامەت» ناملىق ئۇشبۇ رومانى 1987-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەن كىتابتىن ئالغانلىرىمنى مۇنداق ئۈچ نوقتا بىلەن بايان قىلماقچىمەن.
مويىنقۇم چۆلى ۋە بۆرىلەر پاجىئەسى
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ خەرىتىسىدە سۇس سېرىق رەڭدە بويالغان بىر جاي بولۇپ، بۇ ئادەمزات ئايىقى تېخى كۆپ تەگمىگەن، تەبىئەتنىڭ گۈزەل نېممەتلىرىدىن بىرى بولغان مويىنقۇم چۆلى ئىدى. تەبىئى گۈزەللىكلىرى، ئۇ يەردە ياشايدىغان تەبىئىي ھايۋانلار، يەنى توپ–توپ ياشايدىغان كېيىكلەر، باتۇر كۆزلىرى كۆك بۆرە ئەكبەرە، ئۇنىڭ جۈپتى تاشچاينار ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئىلاھى كۈچ ئاتا قىلغان ھايۋاندىكى ئانىلىق مۇھەببەت…مويىنقۇم چۆلىدە مانا مۇشۇنداق ئەزەلدىن–ئەزەل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىرىكچىلىكنىڭ قانۇنىيىتى داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى.
جاھان تەرەققى قىلدى. «تەرەققى قىلغان» ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ بۇ قانۇنىيىتىنى ئىزىدىن چىقاردى. ئاخىرى ئادەملەر بۇ چۆلنى قىستاپ كېلىشكە باشلىدى. قاناللار قېزىلىپ، يوللار ياسالدى. ئاسمىنىدا تىك ئۇچارلار ئۇچۇپ، ئۇ يەرلەردە تىنچ ياشاۋاتقان ھايۋانلارنى ئۆرە–توپا قىلىۋەتتى. تۇيۇقسىز ماشىنلىق قىرغۇچىلار كېلىپ«ھۆكۈمەتكە گۆش تاپشۇرۇش ۋەزىپىسى» ئۈچۈن كىيىكلەرنى ئاپتۇماتقا تۇتتى. ئۆلگەن، چالا ئۆلگەن كىيىكلەرنى ماشىنىنىڭ ئارقىغا باستى. قانغامىلەنگەن كېيىكلەر كوزۇپلارغا تاغدەك دۆۋلەندى.
جان تالىشىۋاتقان كىيىكلەرنىڭ خىرقىراشلىرى، جان تالىشىشلىرى، پۇتىدىن تۇتۇپ كوزۇپقا تاشلىنىشلىرى ئاجايىپلا دەھشەتلىك كۆرۈنۈش ئىدى. مانا بۇ يەر يۈزىنىڭ قىيامىتى ئىدى.
مويىنقۇم چۆلىدە يەنە چەكسىز كەتكەن كەندىر بولۇپ، نەشە سودىگەرلىرى ماي ئېيىدا بۇ يەرلەرگە نەشە گۈللىرىنى يېغىش ئۈچۈن باراتتى. تەبىئەتنىڭ بۇ خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكى ئادەملەرنىڭ كەيىپ–ساپا قىلىدىغان، روھىنى چىرىتىدىغان زەھىرىگە ئايلانغانىدى ھەمدە بۇ روھنىڭ بۇزۇلىشى ياش–ئۆسمۈرلەرگىچە بېرىۋاتاتتى. ئادەملەر تەبىئەتنى بۇزۇش بەدىلىگە يەنە ئۆز روھلىرىنى چىرىتىۋاتاتتى، تەبىئەتنى يەنە بارچە بۇزۇقچىلىق، ياۋۇزلۇقنىڭ مەنبەسى قىلىۋالغانىدى.
ئەكبەرە ھەم تاشچاينار مويىنقۇم چۆللىكىدە تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولۇپ ياشايدۇ، بالىلىق بولىدۇ. مويىنقۇم چۆلىدىكى قىرغىنچىلىق بۇ بىر جۈپ بۆرىلەرنىڭ بالىلىرىدىن جۇدا قىلىدۇ، تىنچ ھاياتىنى ھالاك قىلىدۇ ھەم ئىسسىقكۆل تەرەپكە كۆچۈپ بېرىپ يەنە بالىلىق بولىدۇ.
ئۇلار ئوۋغا چىقىپ كەتكەن بىر كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھاراقكەش، بەدبەخت بازارباينىڭ ئۇۋىدىكى بالىلىرىنى ئوغۇرلاپ كېتىشى بىلەن بۆرىلەرنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ، بالىلىرىدىن ئايرىلغان بۆرىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق نالىلىرى، غەزىپى ئادەم يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدۇ.
ئاخىرىدا، بالىلىرىنىڭ دەردىدە پۇچىلانغان، ئادەملەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، ياۋۇزلىقى سەۋەبلىك ئۇۋىسى چۇۋۇلغان بۇ بىر جۈپ بۆرە يەنە ئادەمنىڭ ئوقىدا ھالاك بولىدۇ.
ياخشىلىقنىڭ ھالاكىتى
خۇداغا مۇھەببەت بىلەن تولمىغان دىل ئىللەتلەرگە تولىدۇ.
ئىنسانغا مۇھەببەت بىلەن لىق تولمىغان دىلمۇ شەكسىزكى، ئۆلۈكتۇر!
جىمىكى ئىنسان خۇدانىڭ يەردىكى جۇلاسىدۇر.
كىتابدىن
ئەسكەرتىش: كىتابنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا توختالماسلىقنىمۇ ئويلىغانىدىم. بىراق، يەنىلا كەمتۈك بوپقالىدىغىنى ئۈچۈن بۇ نوقتىدىمۇ توختىلىشنى لايىق كۆردۈم. كىتابنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا يازغۇچىنى «ئاتېئىست»، بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا خىرىستىئان دېنى ئەقىدىلىرى بىلەن ئۇچراشقان دەپ ئالغان. راست شۇنداقمۇ-يوق مەن چىڭگىز ئايماتوۋنىڭ ئىتقادىغا ھۆكۈم قىلمايمەن! ئۇشبۇ كىتابتىمۇ تەرغىپ قىلىنغىنى خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدىن بىرى بولغان ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشلىرى ھەم بۇ ئەقىدىلەرنىڭ يېڭى زاماندا يېڭىچە ئوتتۇرىغا چىقىشى. پىقىرى ئۇشبۇ تىمامدا دىنى جەھەتتىنمۇ توختالمايمەن. پەقەت باش پىرسوناژ ئاۋدىي ئۈستىدە توختىلىمەن ھەم كىتابتا ئېيتىلغىنىدەك، خۇدا توغۇرلۇق ئەركىن تەپەككۇرغا يول بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
مويىنقۇم چۆلىدىكى قىرغىنچىلىقىدىكى ئالتە كىشى ئىچىدە ئاۋدىي ئىسىملىك ياش يىگىتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىنجىلدىن ئېلىنغان، دادىسى پوپ ئىدى. يىگىت كونا ئەقىدىلەرنى تاشلاپ، ھازىرقى زامانغا ماس كېلىدىغان دېنى ئەقىدىلەرنىڭ بولىشىنى، ئەسىرلەر بويى قېتىپ قالغان ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىنسان روھىغا ياراتقۇچىنى تېخىمۇ كەڭرى دائىرىدە تەپەككۇر ئەركىنلىك بېرىشنى تەرغىپ قىلىدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئۈستىدە دىيانەت ۋە مىھر–شەپقەتنىڭ ئەڭ ئالى ھاكىمى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىقىغا، خۇدانىڭ ئىنسانلاردا ياشايدىغانلىقى، ئىنساننىڭ ئىرادىسىدە نامايان بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك «دىنغا كۇپۇر قىلغۇچى»دېگەن نام بىلەن دېنى مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ.
ئاۋدىي مۇخبىرلىق قىلىپ يۈرگەن مەزگىلدە، جەمىيەتتىكى ئىچىملىك–چىكىملىككە بېرىلىپ كەتكەن ياش–ئۆسمۈرلەرنى قۇقۇزىۋىلىشنى ئويلايدۇ ھەم شۇ سەۋەپتىن نەشە سودىگەرلىرىنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ مويىنقۇم چۆلىگە نەشە يېغقىلى بارىدۇ. روماندىكى 16 ياشلىق لىيۇنكا بىر بەخىتسىز ئۆسمۈر. ئۇ مۇشۇ يېشىدا ئاتا–ئانىسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتقان، تۈزۈك ئائىلە تەربىيەسىگە ئېرىشەلمىگەن بالا كىچىكلا تۇرۇپ نەشىگە ئۆگىنىپ قالغان. ئەتراپىدىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ، پۇل ئۈچۈن نەشە سودىسىغا چۈشكەن.
نەتىجىدە، ئۇلار بىلەن ئىچقۇيۇن-تاشقويۇن بولۇپ بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى، نەشە توپلاش يوللىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاۋدىي بۇتوغۇرلۇق ماقالە يېزىپ، كۆپلىگەن ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ھەم جەمىيەتتىكى بۇ بۇزغۇنچىلىقنى ئاممىنىڭ كۈچى بىلەن يوقىتىش، بۇ تۇيۇق يولدىكى كىشىلەرنى ياخشى يولغا قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاۋدى ئۇلار تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ ئۆلۈمجان ھالدا پويىزدىن تاشلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ھەزىرىتى ئەيسا پونتىي پىلاتقا «مېنى قۇتقۇزىۋال!» دېگەن بىر ئېغىز سۆزى بىلەن جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالمىغىنىدەك، ئاۋدىمۇ گىرشانغا شۇ بىر ئېغىز گەپنى دېيىشتىن ئۆلۈمنى ئارتۇق كۆرىدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ جان بەدىلىگە يازغان ماقالىسىمۇ نەشىرىيات تەرىپىدىن مەلۇم سەۋەبلىك باستۇرۇلۇپ قويۇلىدۇ.
ئاۋدى كېيىن بىلىپ–بىلمەي كېيىك قىرغىنىغا قاتنىشىپ قالىدۇ ھەم بۇ ياۋۇزلۇقنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان ئاۋدى بۇ بەش كىشىنىڭ ۋەھشىلەرچە دۇمبالىشىغا، ھەتتا يالغۇز چۆللۈككە سويۇلغان قوينى ئاسقاندەك ئېسىپ قېينىشىغا دۇچ كېلىدۇ ھەم جان ئۈزىدۇ. قىسقىسى، ئاۋدى ئادەملەردىكى ۋەھشىلىكنى، ياۋۇزلۇقنى، رەھىمسىزلىكنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئادەملەرمانا مۇشۇنداق ئۆزى ياشاۋاتقان زىمىننى, تەبىئەتنى بۇلغاش ھەم ياخشىلىققا يىتەكلىگۈچىلەرنى خورلاش ھەم ئادەم قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىك بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈشى بۇ دۇنيانىڭ قىيامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بوستۇن ۋە قىيامەت
ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندىمۇ، ئانىنىڭ دەھشەتلىك ئازابى بەدىلىگە تۇغۇلىدۇ. ئۆلگەندە ئۆزىنىڭ دەھشەت ئازابى بىلەن ئۆلسە كېرەك…
ئۆلۈم ھەر بىر تېرىك جان ئۈچۈن تۈگىمەس زۇلمەت.
ئاخىرىقى زامانننى ئادەملەرنىڭ بىر–بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىتابدىن
ئاۋدى ئىككى قېتىم بۆرىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بىرى، كەندىرلىكتە بۆرە بالىلىرىنى ئۇچىرىتىپ ئۆزىگە ئەركىلەپ يېقىنلاشقان بۆرە كۈچۈكلىرى بىلەن ئويناشماقچى بولغىنىدا، ئەكبەرە بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەيدۇ.
ئىككىنجى قېتىم، چۆللۈكتە قىرغىنچىلار تەرىپىدىن ئېسىلغاندا، ئاخىرىقى تىنىقىدا بۆرىلەرنى كۆرىدۇ. بۇ قېتىممۇ بۆرىلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئادەملەرنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋەھشى، ياۋايى ھايۋاندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
مويىنقۇم چۆلىدىكى قىرغىنچىلىق بۇ بىر جۈپ بۆرىلەرنىڭ بالىلىرىنى يوقىتىدۇ، تىنچ ھاياتىنى ھالاك قىلىدۇ ھەم ئىسسىقكۆل تەرەپكە كۆچۈپ بېرىپ يەنە بالىلىق بولىدۇ. ئۇلار ئوۋغا چىقىپ كەتكەن بىر كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھاراقكەش، بەدبەخت بازارباينىڭ ئۇۋىدىكى بالىلىرىنى ئوغۇرلاپ ماڭغىنىدا، بۆرىلەر ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىدۇ ھەم تەلىيىگە يارىشا بازار باي شۇ يەردىكى مالچى بوستۇننىڭ ئائىلىسىگە ئۇلىشىدۇ–دە، قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بىراق، بالىلىرىنى ئوغۇرلىغان ئوغرىنىڭ مۇشۇ قورۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن بۆرىلەر بۇ قورۇ ئەتراپىدىن كەتمەيدۇ، نالە قىلىپ ھۇۋلايدۇ، ئاچچىق، ھەسرەتلىك يىغلايدۇ….
بالىسىدىن ئايرىلغان ئانا قانداق بولىدۇ؟؟ ماڭا كىتابتا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى–دەل بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئانا بۆرىنىڭ ھەسرىتى بولدى!
ئەكبەرە گەرچە تىلسىز–زۇۋانسىز ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئانىلىق يۈرەك، تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز جاننى كۆيدۈرگۈچى ئازابى ئۇنى كېچىلىرى ئازابلىق ھۇۋلاشقا، يىغلاشقا، ھەسرەتلىك پىغان قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ...
بوستۇن ھاراقكەش بازار بايغا بۆرە بالىلىرىنى قايتۇرىۋىتىشنى ئېيتسىمۇ بۇ بەتبەخت ھاراقكەش بوستۇنغا بولغان ھەسىتى ھەم ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ. بۆرىلەر بۇ قورۇنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەي كېچىلىرى ھۇۋلاشلىرى توختىمايدۇ.
بۆرىلەرنىڭ داد–پەريادلىرىغا چىدىيالمىغان بوستۇن ئۇلارغا يارىدەم قىلىپ بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. كېچىلەردىكى بۇ ئەنسىزلىكتىن جاق تويغان بوستۇن ئاخىرى بۇ بۆرىلەرنى يوقاتماق بولۇپ، تاشچاينارنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ھايات قالغان، بالىلىرىدىن، جۆرىسىدىنمۇ ئايرىلغان ئەكبەرە ئەسلىدىكى بۆرىلىك تەبىئىتىنى يوقىتىدۇ. بۇرۇنقى ھەيۋىسى، كۈچى ھەم ھاياتى كۈچى سۇنىدۇ.
ئۇ بىر كۈنى ھويلىدا ئويناۋاتقان بوستۇننىڭ ھاياتىدىن ئەزىز كۆرىدىغان جان پارىسى ئوغلى ئىككى ياشلىق كەنجەشنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن بوستۇن بۆرىگە ئوق ئاتقاندا، بۇ ئوق بالىدىن ئۆتۈپ ئاندى بۆرىگە تېگىدۇ. نەتىجىدە بالىمۇ، بۆرىمۇ جان ئۈزىدۇ. بوستۇن ئۆز قولى بىلەن ھايات نۇرىنىڭ قاتىلى بولىدۇ…ئۇ بۇ ئەلەمدە بۇ پاجىئەنىڭ باش جىنايەتكارى، بۆرىلەرنىڭ ئىللىق ئۇۋىسىنى بۇزۇپ بالىلىرىنى ئوغۇرلىغان، بۆرىلەرنى بۇ جۇدالىق ئازابىغا گىرىپتار قىلغان لەنەتگار بازار باينىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
جاندىن تويغان بوستۇن بۇ ئەلەملىك ئالەمدىن، لەنەتكار ئۆزىدىن جۇدالاشماق بولۇپ ئىسسىقكۆلگە قاراپ يول ئالىدۇ.
مەن كىتابتىكى «قىيامەت» ئۇقۇمىنى دەل ئادەملەرنىڭ دەھشەتلىك گۇناھلارغا چۆمگىنى، يەر يۈزىدىكى ياۋۇزلۇق ۋە ئادالەتسىزلىكنى دەل «جەھەننەنىڭ قىيامەت كۈنى» دەپ چۈشەندىم.
خۇلاسە-كالام
باقى ئالەمدە روھلار خۇددى سۇ ئۈستىگە چۈشكەن سايىلاردەك ئاۋازسىز كېزىپ يۈرىدۇ. بۇ بىلگىلى بولمايدىغان ماكانلاردىكى بىلگىلى بولمايدىغان خىياللارنىڭ نامايان بولىشى بولۇپ، ئۇ يەرلەرگە ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدلىرى يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇ ماكانسىز جايدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىمۇ باشقىچە، ئۇنى يەر ۋاقتى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ.
كىتابدىن
بىزكىتابنى ئۇنىڭدىكى بارچە ئىددىيەنى سۈمۈرىۋىلىش، قارا-قويۇق مەدىھلەش ئۈچۈن ئوقۇمايمىز. شەخسەن، پىقىرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى، ئىددىيەسى مەيلى كىتابلاردىكى بولسۇن، مەيلى تاشقى دۇنيانىڭ بولسۇن ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلىش ئەمەس. مەيلى مەن بولاي، مەيلى چىڭگىزئايتماتوۋدەك يازغۇچىلار بولسۇن، ئەمەلىيەتتە قەلەم ئېگىلىرىنىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپى ئۇلار ئۆز ئوي-پىكىرىنى، ئىددىيەسىنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاشقا پىتىنالايدۇ. بىراق، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ خالىغانچە ماركا چاپلاشلىرىنىڭ، ھۆكۈملىرىنىڭ ئوبىكتى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
2- ئايلىق كىتابىمنىڭ خاتىرىسى مۇشۇ يەردە ئاخرىلاشتى. خەير، كېلەر قېتىملىق كىتابىمىزدا كۆرىشەيلى.
مۇناسىۋەتلىك تېما، چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» ناملىق ئەسىرىhttp://tokyoxatiriliri.net/?p=8636
******
رەيھان ئابلەت
2023.03.05
ئىنكاس يازىمەن