سالام بىلوگىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، بىلوگىمغا سىلەر بىلگىنىڭلاردەك پەقەتلا رەيھاننىڭ يازمىلىرى، تەرجىمىلىرى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى يوللىنىپ كەلگەن. بۇ  قېتىم يېزىقچىلىق ئىلھامى بار قەلەم  ئېگىلىرىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش ھەم ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن«كىتابخۇمارلار ئارامگاھى»دىكى دوستىمىز دىلبەرنىڭ تولىمۇ تىتىملىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر~

 

さようならの夏

«ئادىتىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىز ئۆزگىرىدۇ»ناملىق كىتابتىن تەسىرات

دىلبەر ئابلىمىت

 

ھايات سۆزىنى تىلغا ئالغىنىمدادائىم، كىچىكىمدە تىلۋىزوردىن ئاڭلايدىغان «ھايات» دىگەن ناخشىنىڭ«ھايات يولى ئەگرى-توقاي»دىگەن مىسراسى ئاۋال ئېسىمگە كېلىدۇ.مۇشۇ مىسرادا ئېيتىلغىنىدەك،ھاياتىمنىڭ ئەگرى-توقايلىق يوللىرىدا سەنتۈرلۈپ كېتىۋېتىپ مارىك رېكلاۋنىڭ«ئادىتىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىز ئۆزگىرىدۇ»ناملىق كىتابىنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم.
كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىكى ، ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىنى ئۆزگەرتىشتىكى نېگىزلىك تىزگىنىكىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ، تۇرمۇشىتا كىچىك ، يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش بىلەن باشلىغاندا،ھاياتىنى ئۆز‌ ئارزۇيىدىكىدەك تېخىمۇ بەختلىك ،تېخىمۇ مول- ھوسۇللۇق قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان مەزمونلار ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى.
كىتاب يەتتە چوڭ تېمىغا،ھەر چوڭ تېما بىر قانچە كىچىك تېمىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ ،كىچىك تېمىلار قىسقا مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا «تارازىلىق»سۇئاللار ۋە قوللىنىشچان مەشىقلار قىستۇرۇلغانىدى.
چەكلىك ،بەكلا چەكلىك بىلىمىم بىلەن ئاپتور تىلغا ئالغان مۇھىم نوقتىلارنى توغرا، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ ،يارقىن يورۇتۇپ بېرەلمەسلىكتىن ئەندىشىلىنىپ ،تەسىرات يېزىشىتىن ۋازكەچمەكچى بولغان بولغان بولساممۇ، كىتابتىكى تۇرمۇشتىكى ھايات -ماماتنى بەلگىلەيدىغان ئوپىراتسىيە گە ئوخشاش ئىشلاردىن باشقا  نۇرغۇن ئىشلارنى ئەڭ مۇكەممەل ھالەتتە قىلىشتىن بەكرەك ئۆز ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئەڭ ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئىددىيەدىن  ئىلھام ئېلىپ،كاللامدىكى نەچچە كۈنلۈك «تالاش-تارتىش»لارغا خاتىمە بەردىم ۋە ئۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە قۇمدەك چېچىلغان تەسىراتلىرىمنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم.

***

ئۆزنى تۇنۇش، قۇبۇل قىلىش ۋە يېڭى ئادەت يىتىلدۈرۈش

ئاپتور كىتابتا ئېيتقىنىدەك، ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس. مۇكەممەل ئەمەس ئۆزىمىزنى ئاۋال ئۆزىمىز قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم.
مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش بىزنى ھەر ئىشنىڭ جەريانىغا ئەمەس، مۇكەممەل بولغان نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەغلۇپ بولۇشىمىزدىن قورقۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىدىغان، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيدىغان ھالەتنى شەكىىللەندۈرۈپ، ھاياتىنىڭ ھوزورىنى سۈرەلمەي ئەنسىرەش تەشۋىش ئىچىدە ياشاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەر ئىشتا ئىشنىڭ خەيرىلىك يېرىنى كۆرۈش، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنى تېخىمۇ ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ھەر كۈندىكى ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالىدىم دەپ ئويلىغان ئىشلارنى ،كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئەسلەپ چىقىش، كۈندىلىك خاتىرىگە يېزىپ خاتىرىلەپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا ئوقۇپ تۇرۇش ۋە ياكى ئەتىگىنى ئەينەككە قاراپ ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارمۇئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ئادەتلەر بولۇپ ، بەخىت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشتىكى ياخشى ئۇسوللاردۇر.

مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان روھىيىتىمىز مۇكەممەلمۇ؟«ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دېگەن ئەقلىيە سۆز بويىچە تەھلىل قىلساق،جىسمانىي ساغلاملىقىمىزچۇ؟
چىڭقالغان مىڭىمىز، تالغان بويۇن، كىرىشكەن مۈرىلىرىمىزنى يېنىكلىتىپ، سىرتلاردا ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ پىيادە مېڭىپ بېرىش، كەچتە تىلۋىزور،تىلفۇن قاتارلىق مېدىئالار سەۋەبلىك قانمىغان ئۇيقۇمىزنى، كۈندۈزلۈك ئۇيقۇ بىلەن قاندۇرۇش، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنىمىزنى ھېس قىلالايمىز.
ئەلۋەتتە،بىزنى مۇكەممەللىكنى قوغلاتقۇزۋاتقان يۇقۇرى بېسىملىق روھى ھالىتىمىز نىڭمۇ سەۋەبلىرى بار.
بالىلىق ھاياتىمىز،ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز كۆپىنچىمىزنىڭ روھى بېسىملىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر.
ۋاقىت جەدىۋىلىمىزگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىسخىكا ۋە ياكى باشقا ھەرخىل ژانىردىكى كىتابلار، لىكسىيەلەر، دەرىسلەر بىزنىڭ ئۆزىمىزنى چۈشۈنىشىمىز، پىسخىكا ساغلاملىقىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن سېلىنغان ئەڭ ياخشى مەبلەغلەر بولالايدۇ.

 

***

نىشان بەلگىلەش

،ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن نىشان بەلگىلەش، يەنى سائەتلىك،كۈنلۈك،ھەپتىلىك،ئايلىق ،بىر يىللىق،ئون يىللىق …..نىشان بەلگىلەش.
ھاياتىمىزدىكى كىچىك ،چوڭ نىشانلىرىمىز، بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ تەرتىپلىك،تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىزگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى نىشانلىرىمىز ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان« نەرسىلەر»دۇر.
بىر قاچا ئىسسىق سۇيقاش،ياكى رەتلىك-پاكىزغىنە ئاشخانا ياكى چىرايلىق گۈللىكى بار ئۆي ۋە ياكى مىھرى -مۇھاببەتلىك ئىللىق بىر ئائىلە.،…..
نىشانلىرىمىزنى تىنىچ ئولتۇرۇپ ئاۋال بىر قەغەزگە يېزىپ ،چوڭ -كىچىكلىكى، ئالدى-كەينى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىمىز دائىم كۆرىدىغان جايغا چاپلاپ قويساق،نىشانغا يېتىش قەدىمىمىزنى تېزلىتىشكە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇش،ۋاقىتنى كەينىگە تارتىش بىزنىڭ نىشانغا يېتىشىىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توساقلار ھېسابلىنىدۇ.
ھەربىر نىشانىمىزغا ئاساسەن لازىملىق «ماتىرياللارنى»، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كىتىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلارنىڭ ئىچىدىن، ئىش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋاقتىنى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشمۇ ياخشى بىر ئۇسۇلدۇر. مەسلەن،ئەتىگىنى مىڭىسى ئەڭ سەگەك تۇرىدىغان ئادەملەر، ئەتىگەندە ئادەتتىكىدىن بىر سائەت بالدۇر تۇرۇشنى ئۆزىگە يېڭى ئادەت قىلسابولىدۇ ياكى ئامىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تىلفۇندا سۆزلىشىش ۋاقتىنى بەش مىنوتقا قىسقارتىش قاتارلىق ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى كۆزىتىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلشلارمۇ بىزنى نىشانىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرالايدۇ.
يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەگتەك ئۇچۇپ يۈرگەن خىياللىرىمىزنىڭ يۆلىنىشىنى،كەلگۈسىدە نىشانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىكى شۇ شىرىن،گۈزەل مىنوتلارغا توغىرلايلى. چۈنكى ئوي -خىيال، كەيپىيات، قارار، ھەرىكەت، نەتىجە ئوتتۇرسىدىكى تەسىر كۆپىنچە  ۋاقىتلاردا تەسسەۋۇرىمىزدىن ھالقىغان ھالەتتە چوڭ بولۇپ، تامچە سۇنىڭ كۆل يۈزىدە يوغان -يوغان دولقۇنلارنى ھاسىل قىلالىغىنىدەك بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
قېنى دوستۇم،سىزمۇ نىشانلىرىڭىز نى بىكىتىپ بولدىڭىزمۇ؟ ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۆنسۇن، قەدەملىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن.

 

دىلبەر ئابلىمىت

تارقىتىڭ...