2023.01.01

ھازىرقى ئورنىڭىزغا لايىق سىز!

قەيەردە بولۇڭ، بولۇشقا تېگىشلىك جايدا سىز.

بەلكىم، ئۇ يەر قورقۇنچلۇق جاي بولۇشى ياكى زېرىكىشلىك جاي بولىشى مۇمكىن. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان جاي بولىشى ۋە ياكى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىدىغان جاي بولۇشىمۇ ھەم مۇمكىن.

مەيلى ئۇ قانداق يەر بولسۇن، شۇ يەردە بولۇڭ. پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قېچىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، يەنىلا شۇ يەردە بولۇڭ. ھەر بىر پەيتنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىڭ، ھەقىقى تىتىپ باققاندىن كېيىن بولسا، ئۇنتۇپ كېتىڭ ھەمدە بۇ پەيتلەردىن ھوزۇرلىنىڭ.

شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە قەيەردە بولۇڭ، شۇ يەر سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇندۇر.

2023-يىلنىڭ تۇنجى قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرۈش مېنى بەك خۇش قىلدى، ئوساكا

東京ーー東京

 

2023.01.02

قاداقچىلىقنىڭ ھېكمىتى

«كىنتسۇگى» يەنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «قاداقچىلىق»ياپونىيىدە قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فار-فۇر، ساپال بۇيۇملارنى رېمونت قىلىش ئۇسۇلى. دەز كەتكەن ياكى چاك كەتكەن ساپال بۇيۇملارغا لاك يەملىنىپ، ئالتۇن زەر چېچىلىدۇ. دەز كەتكەن يەرلەرنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا ، تېخبمۇ كۆزگە چىلىقىدىغان قىلىپ، يېڭىچە بىر ئەسەر سۈپىتىدە قايتا ياساشنى كۆرسىتىدۇ.

قاداقچىلىق-بىزگە كەمچىلىك ۋە مۇكەممەلسىزلىكلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، قايتىدىن پۈتۈنلىنىشنىڭ مەنىسىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. قاچاقۇچىلاردىكى ھەر بىر دەزنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆتمۈشى بار بولۇپ، بىر قېتىم چېقىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ ئەسلىگە كېلەلەيدۇ.

يىقىلسىمۇ، ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ، پارچەپارچە بولۇپ كەتسىمۇ..ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستى-بېشىدىكى توپاچاڭنى قىقىۋەتسە بولىدۇ. شۇنداق، قايتاقايتا قانچىلىغان قېتىم يېقىلسىڭىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز.

شۇنداق قىلغاندا، ئىلگىرىكى ئۆزىڭىزگە ئوخشىيالمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئەسلىڭىزگە كېلەلەيسىز. بۇ كەچۈرمىشلەر سىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ. مۇكەممەل بولماسلىق سىزنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن ئۆزىڭىزگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئەسكەرتمە: كىنتسۇگى-قاداش دەيدۇ، بۇكەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى قاداقچى، بۇ كەسىپنى قاداقچىلىق دەيدۇ.

مەندىن: بۇ مەزمۇن ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە مەزمۇن ھېسابلاندى. مەن ھازىرغا قەدەر ئەڭ نەپىس، قىممەتلىك نەرسىلەر نازۇك بولىدۇ، ئاسان چېقىلىدۇ. بىر چېقىلدىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ،-دېگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىپ كەلگەنىدىم. يۇقارقى مەزمۇن مېنىڭ «مۇكەممەلپەرەس»لىكىم ئۈچۈن يېڭىچە تەپەككۇريولى ئاچتى. دوستلۇق، مۇھەببەت، ھەم ئەڭ قىممەتلىك ئۆزىمىز چىقىلساقمۇ، يېقىلساقمۇ، خاتالاشساقمۇ…بۇلارنى ئارتۇقچە يوشۇرۇش ھاجەتسىز. چېقىلغانلىرىمىز، شۇ گۇناھلىرىمىز ھەم كەمچىلللىكلىرىمىز بىلەن بىز تېخىمۇ گۈزەل ھەم جەزبىدار، كۈچلۈك بولىمىز.

 

2023.01.03

تەشەببۇسكار بولۇش

باشقىلارنىڭ سىزنى بەخىتلىك قىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ. بەخىت ئۆز قولىڭىز بىلەن قولغا كەلتۈرىدىغان نەرسە.

ئەلس ۋوكېرー*

 

 

2023.01.04(Wed)

ئەبەدىيلىك مەۋجۇت ئەمەس

ھەر بىر كەچۈرمىش ھاياتتىكى ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچىدىن باشقىسى ئەمەس. مەيلى شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە قىيىنچىلىقتا بولۇڭ، ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بولۇڭ ۋە ياكى راھەت ياشاۋاتقان بولۇڭ، بۇ پەيتلەر ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ.

شۇنداق، بۇ قانۇنىيەت ھەممىگە ئۇيغۇن. ياخشى بىلەن يامان، زۇلمەت بىلەن يورۇقلۇق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىكمۇھەممىسىھەممىسى  پەقەت ۋاقىتلىق.

«ھازىر» دىن ئىبارەت بۇ دەقىقە ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىيالايدىغان بولۇش ئىنسانلارنىڭ پەزىلىتى ھەم ئەقىلپاراسىتى.

2023.01.05

ئۆزىڭىزنىڭ قۇياشى بولۇڭ

خۇشال بولماقچى بولسىڭىز، خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىڭىزدا تۇتۇڭ. باشقىلارنىڭ سىزنى خۇشال قىلىشىنى ساقلىماڭ. ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسۇلدا ياشىسىڭىزلا، كۇپايە.

سىز پەقەتلا سىز. خاسلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئەتراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز، نۇرغۇن ھەيران قالارلىق بايقاشلارنى تاپالايسىز. يامغۇردىن كېيىن، ھەسەنھۈسەن چىقىدۇ.ھاياتنىڭ چۈشكۈنلۈك پاتىقىغا پېتىپ قالغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قۇياشى بولۇڭ. مۇنداق قىلالايدىغان ئادەم پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىز.

 

2023.01.06

تەپەككۇر تەرىپىدىن كونتىرۇل قىلىنماسلىق

تەپەككۇر سۇبيېكتىپ بولۇپ، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىرەر نەرسىنى تاللىغاندا، ئويپىكىرلىرىڭىزنىڭ خالىغانچە سىزنى كونتىرۇل قىلىشىغا يول قويماڭ.

پاسسىپ ئويلار كاللىڭىزغا كەلگەندە، ئىجابى تەپەككۇرغا ئۆزگەرتەلەيسىز. بىرەر ئىجابى ئىش قىلۋاتقاندىمۇ، پاسسىپ خىياللارنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، دەرھال تۈزىتىش ئارقىلىق ئىجابى تەپەككۇرقىلالايدىغان بولىسىز. بۇ ئەمەلى مەشىق قىلىشقا موھتاج بولۇپ، سىناپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

بىز كۈنىگە 50 ~ 70 مىڭ خىل ئىشلارنى ئويلايمىزيۇ، مەيلى قانداق ئويلار بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھاياتىمىزنى كونتىرۇل قىلىۋىلىشىغا ئەرزىمەيدۇ.

2023.01.07

ئۈمىد كۈتۈش= ئوغرىنى خۇش قىلغانغا باراۋەر

كىشىلەردىن ئۈمىد كۈتمەڭ. شۇنداقلا، ئۆزىڭىزدىنمۇ بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەتمەڭ.

ئۈمىد كۈتۈشناتونۇش يېڭىلىقلارنى بايقىغىنىمىزدىكى ھاياجان ۋە خۇشاللىقلىرىمىزدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

2023.01.08

ھاياتىڭىزغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەم دەل ئۆزىڭىز

بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە ۋەھىمە بىلەن بىرگە يەنە جاسارەتمۇ ئاتا قىلىدىغان ھەقىقەت.

باشقىلارنى ئەيىبلەش، خاتا پەرەزلەرگە ئەگىشىش، شۇنداقلا قىلچە پايدىسى يوق باھانىلەرنى كۆرسىتىشنى توختىتايلى. ئەلۋەتتە، بۇ بېشىڭىزغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنىڭ سەۋەبچىسى ئۆزىڭىز دېگەنلىكمۇ ئەمەس، لېكىن بەخىتسىزلىككە بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتسەك، بىز بەختسىزلىك دەپ بىلگەنلىرىمىزمۇ بەختسىزلىك بولماسلىقى مۇمكىن.

مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە شۇ يەردە بولىشىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ يېزىپ چىقالايمىز.

سەھەردىكى قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشىدىن ھوزۇرلىنىش

 

2023.01.09

مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىش

مەغلۇبىيەتلەردىن مۇستەسناسىز ئاددى ئادەملەردىن بىز. مەغلۇبىيەتتىن نېمىنى ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە باغلىقبەزىدە مەغلۇب بولغىنىمىزدا، غورورىمىز قاتتىق ئازار يەيدۇ،شۇنداقمۇ؟

ھەممىنى بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا ھەر دائىم توغرا جاۋابقا ئېرىششىمىزمۇ ناتايىن. ۋاقتى كەلگەندە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىمىز، خالاس.

كەمتەرلىك بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭايلى. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىپ، خاتالىقىمىزدىن ئۆگىنەيلى.

 

2023.01.10

ئىشىنىش

قىلچىمۇ شەك كەلتۈرمەستىن، ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىش. راستلىقىغا چىن پۈتۈپ، قىلچىمۇ گۇمان قىلماسلىق.

ئۆزىمىز ھەم باشقىلارغا بولغان ئىشەنچ ئاڭسىز ھالدا تەبئى شەكىللىنىدۇ. پاتپات«مەن ھاياتىمدا نېمىلەرگە  ئىشىنىپ كەلدىم؟ مەندىكى ئېتىقاد بولغۇم بار ئۆزۈم بولۇشۇم ئۈچۈن پايدىلىقمۇيوق؟» دېگەنسۇئالنى يۈرىكىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنگەنلىرىگە دېققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ.

مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، ئادەم نېمىگە ئىشەنسە، شۇنداق ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

 

2023.01.11

ياخشى ھەمراھلىرىڭىز بولسۇن

ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىپ، ئۆزىڭىزگىمۇ ئىشنەلمەي قالغان چاغلاردا، سىزنى قوللايدىغان، سىزگە ئىشىنىدىغان، شۇنداقلا سىزگە ئارتۇقتەرەپلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىڭىزنى بېرىڭ.

ئەسلىدىكى سىزنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرگە ئىشىنىڭ، مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ ھەمدە بۇ خىل مۇناسىۋەتنى  قەدىرلەڭ.

2023.01.12

ماختىلىشقا ئېرىشىپ تېخىمۇ ئىلگىرلەيلى

ماختىلىشقا ئېرىشكەن بولسىڭىز، بۇ ماختىلىش سۆزلىرىگە ئىشىنىڭ.

مەندىن: بىر چاغلاردا ساۋاقداشلار توپىدا مەلۇم بىر ئىش سەۋەبلىك ساۋاقداشلارنىڭ ماختاشلىرىغا ئېرىشىپ قالدىم. مېنىڭ شۇ چاغدىكىئىنكاسىم خېجىل بولۇپ «ۋاي ئۇنداق ئەمەس» بولغانىدى.(بىز ماختالغاندا، نېمىشقىدۇر بۇ ماختاشقا لايىق ئەمەس دەپ ئويلاپ كېتىمىز..)شۇ چاغدا مىجەزى ئۆزگىچە ئېينىشتىيىن لەقەملىك ساۋاقدىشىم«ماختاشنى قوبۇل قىلغان تۈزۈك» دېگەندى.

يېقىنقى يىللاردا پىسخولوگىيەگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ھېس قىپتىمەن. دەرۋەقە، باشقىلارنىڭ سەمىمى ماختاشلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەككەن.

 

2023.01.14

چوقۇم ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ

دۇنيا دۈشمىنىڭىزدەك، ھېچبىر ئىشىڭىز ئاقمايۋاتقاندەك چاغلىرىڭىز بولىشى مۇمكىن. ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتماي، ئۆزىڭىزنى بىتەلەي ھېس قىلىدىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولۇپ قالىدۇ. مۇنداق ۋاقىتلاردا ئەڭ ياخشى ئامال رىئاللىقنى ئۈنسىز قوبۇل قىلىش. يىغلىۋالسىڭىز، ۋاقىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، تۇيغۇلىرىڭىزنى شۇ پېتى ھېس قىلغاندىن كېيىن، رىئاللىقنى قوبۇل قىلىڭ.

قاچان، قايسى خىل شەكىلدەئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئارامسىزلىقلارمۇ تۈگەيدۇ.قەلبىڭىزدىكىيارىلارمۇ ساقىيىپ، قەلبىڭىز ئۆز ئارامىنى تاپىدۇ. ئىشلارنىڭ چوقۇم ياخشى بوپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

كىچىك يېگىتىم بىلەن بىللە سەھەر سەيلىسى

2023.01.15

ئۇياتقا قالماي دېسىڭىز

باشقىلارنىڭ ئالدىدا نۇمۇسقا قالماي دېسىڭىز، نۇمۇسقا قالغۇدەك ئىشنىمۇ قىلماڭ، نۇمۇسقا قالغۇدەك گەپنىمۇ ئاغزىڭىزغا ئالماڭ.

2023.01.13

ئادەم ئۆز كۈتكىنىنى تاپىدۇ

ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمدىن گۇمانلىنىپ قالغىنىمدا، بىر ئوقۇتقۇچۇمدىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھېكايەتنى ئەسلەپ قالىمەن ھەمدە ئويپىكىرلىرىمگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تىرىشىمەن.

***

مەلۇم بىر ئايال سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەرگە كىرىشتىن بۇرۇن، دەرۋازا ئالدىدىكى كىشىدىن سوراپتۇ: –  بۇ شەھەردە  قانداراق ئادەملەرياشايدۇ؟

ئەر جاۋابەن ياندۇرۇپ مۇنداق سوراپتۇ: سىز بۇرۇن ياشىغان جايدىكى كىشىلەر قانداق ئىدى؟

ئايال دېدىكى: «ئۇلار زومىگەر، قوپال، ئىچى تار كىشىلەر ئىدى».

ئەر: بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ شۇنداق كىشىلەر،دەپتۇ.

بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، يەنە بىر ئايال كېلىپ ئوخشاش سۇئالنى ئۇ ئادەمدىن سوراپتۇ:   بۇ شەھەردە قانداراق ئادەملەرياشايدۇ؟

ئەرمۇ ياندۇرۇپ ئوخشاش سۇئالنى سوراپتۇ: سىز بۇرۇن تۇرغان يەردىكى كىشىلەر قانداق كىشىلەر ئىدى؟

ئايال جاۋابەن: ئۇلار ئاق كۆڭۈل، مۇھەببەتلىك، سەمىمىي ھەم ئىنتايىن يېقىشلىق كىشىلەر ئىدى.

ئەر دەپتۇكى: بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ ئاشۇنداق كىشىلەر.

                         ***

يۇقارقى ھېكايىدە ئېيتىلغىنى دۇرۇس. ئەمەلىيەتتىمۇ قانداق ئويلىساق، كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ.

گۈزەل دوستلار ئۇچىرىشىشى

2023.01.16

يەنە قايتىدىن باشلىيالايسىز

سەبرىلەر چېكىگە يەتكەن، يۈرىكىڭىز ئېغىر يارىلانغان، ئەمدى ماڭغۇدەك يول، قىلغۇدەك چارە قالمىغان ئېغىر كۈنلەردە  قىلىشىڭىزمۇمۇمكىن. مۇنداق چاغلاردا ۋەھىملەنمەستىن شۇ چاغدىكى ھېس قىلغانلىرىڭىزنى جبمجىت قوبۇل قىلىڭ، ئاندىن ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.

شۇنداقتىمۇ يەنە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلار تەكرار چىقىپ تۇرىشى مۇمكىن. ئەمما، سىز كۈچلۈك، قايتىدىن ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز،قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىپ تېخىمۇ گۈزەل بولالايسىز.

نۇر پەقەت ۋە پەقەت سۇنغان قەلبلەرنىڭ ھاڭلىرىدىلا چاقنىيالايدۇ. شۇنداق، سىز يەنە قايتىدىن باشلىيالايسىز.

ئايدا بىر قېتىم ئارشاڭغا بېرىشنى ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى قىلىۋالدىم.

 

2023.01.17

رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىش

«بولدى، رەھمەت»،

«ھازىر بولماسمىكىن»،

«مۇمكىن ئەمەس»،

«ياق».

رەت قىلغۇڭىز بولسا، ماقۇل بولۇشنى توختىتىڭ. سىزنىڭ  ھەر ۋاقىت رەت قىلىش ھوقۇقىڭىزبار. قىلغۇڭىز بار ئىشلارغا ماقۇل بولۇڭ، رەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى رەت قىلىڭ.

مەندىن: بىزدە «كۆڭۈل ئاياش»، «ئادىمگەرچىلىك» دەيدىغان چىرايلىق ماركا چاپلاپ تۇرۇپ، ئۆزىمىز قىلغۇمىز يوق ئىشلارنى قىلىپ تاشلايدىغان، خەققە ياخشىچاق بولىمەن دەپ ئۆزىمىزنى قىيناپ قويىدىغان ئەھۋال ھەقىقەتەن بار. رەت قىلىشقا تېگىشلىك، ئۆزى خالىمىغان ئىشلارنى چوقۇم رەت قىلغان تۈزۈك.

2023.01.18

ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز نۇرلاندۇرۇڭ

باشقىلارنىڭ سىزگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭ. ھاياتىڭىزغا نۇر قوشۇپ، چاقنىتالايدىغان ئادەم ئۆزىڭىز.

 

2023.01.19

ھايات ھەيرانلىققا تولغان

ھايات بىزنى ئەڭ سەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ھەيران قالدۇرۇپ تۇرىدۇ. ھەيران قىلىشقا تېگشلىك چاغلاردا ھەيران بولسىڭىز بولىدۇ.

ھەيران قىلىشلار، ئاق كۆڭۈللۈك, تۇيۇقسىز ئاتا قىلىنغان ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.ئۇلارغا ئېرىشكەندە، قوبۇل قىلىڭ.

2023.01.20

ئۆزىڭىزنىڭ قەدىرقىممىتىنى ئۆزىڭىز بېكىتىسىز

ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق قەدىرقىممەتلىك سىز! ئەمما،  ئاخىرىقى ھېسابتا بۇنى بېكتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز.

2023.01.21

كەچۈرىۋىتىش

باشقىلارنى كەچۈرىۋىتىشنى بىلىش كېرەك.

بىراۋنى كەچۈرىۋەتكۈدەك كۈچلۈكلۈك بولمىغان ئادەمدە، يەنە بىراۋنى سۆيگۈدەك قۇدىرەتمۇ بولمايدۇ. ئەڭ ناچار ئادەمنىڭمۇ مەلۇم بىر ياخشى تەرىپى بولغىنىدەك، شۇنداق ئېسىل كىشىلەرنىڭمۇ ناچار تەرەپلىرى بولىدۇ.

بۇنى چۈشەنگەندە، ئادەمنىڭ ئۆز دۈشمىنىگە بولغان ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىمۇ پەسىيىپ قالىدۇ.

2023.01.22

«بەخىت» تېرىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس

خۇشاللىققۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن دېڭىز ساھىلىدىن، كوكتېلدىن ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستلىرىدىكى باشقىلارنىڭ يۈرەك بېرىشلىرىدىن كەلمەيدۇ.

خۇشاللىققوغلىشىدىغان ۋە ياكى ئىزدەيدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇنى دەل ھازىرقى ئورنىڭىزدا ئۆزىڭىز پەيدا قىلالايسىز. بەخىتكۈندىلىك تاللاشلىرىمىزنىڭ  توپلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ.

ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ، سىزگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئىشلارنى قىلىڭ، ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان ياشاش ئۇسۇلىدا ياشاڭ. بىللە بولسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىڭىزنى بېرىڭ ھەم ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

خۇشاللىق يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلغاندىكى، ئاتا قىلىنغان«مۇكاپات» دۇركى، ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن ئۇچراپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس.

2023.01.23(Mon)

يېنىمىزدا ساقلايدىغان مۆھۈر

كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. تۇرمۇش ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، قېيىنچىلىق تارتىۋاتقان يالغۇز سىزلا ئەمەس.

سىزنىڭ ھەقىقىتىڭىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈن. باشقىلارنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈچۈنمۇ قەلبىڭىزدىن ئورۇن بېرىڭ. ئادەملەرگە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنىڭ. بۇ دۇنيا ئەسلىدە شۇنچىلىك گۈزەل. بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزىڭىز بولىۋاتقانلىقىڭىزغا، مېڭىۋاتقان  يولىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىڭقانداقلا بولمىسۇن ، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

مەندىن: ئادەملەرگە ئورتاق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ئەقەللىي ئىش. ياخشى مۇئامىلىنى ئېگىلكەنلىك دەپ ئېشىۋالدىغان، ھۆرمەتنى ھۆرمەت بىلەن قايتۇرالمايدىغانلارغا يەنە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىز دالاي لاما ئەمەسقۇ ئاخىر.

 

2023.01.25

قارشى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش

باشقىلارنىڭ ئازابئوقۇبەتلىرى ئۈچۈنمۇ قەلبىڭىزنى ئېچىڭ. ھاياتنىڭ ئىسسىقسوغۇقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئادەمدە ئورتاقلىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەگەر«ئورتاقلىشىش» سىزنىمۇ زەخمىگە ئۇچراتسا، ئۇ«ئورتاقلىشىش»نىقابىغا كىرىۋالغان ساختا ھىسداشلىق، نومۇس ۋە قورقۇنچدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئورتاقلىشىش دېگىنىمىز، ئۆزىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلالىساق، بۇدۇنيا تېخىمۇ يېقىشلىق، ياشىغۇسى كېلىدىغان ئىللىق بىر ماكانغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئورتاقلىشىش.

2023.01.26

ھەقىقىتىنى بىلىڭ

كىشىلەرنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ئۇلارنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىڭىز سىزنىڭ ئىشىڭىز.

—Wayne W. Dyer

2023.01.27

«كەچۈرۈڭ»، «مېنى ئەپۇ قىلىڭ»نىڭ مەنىسى

بىر «كەچۈرۈڭ» بىلەنلا، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىز ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدىغان ئىش يوق. قارشى تەرەپ كەچۈرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنىڭ زىدىلەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

كەچۈرۈم سوراش ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلمەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما كەچۈرۈم سوراش ئۆزنەپسىڭىزدىنمۇ بەكرەك، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە مۇناسىۋىتىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى.  قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىق بىلەن يوقاتقان ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغىنىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

ئۆزىدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈنمۇ جاسارەت كېرەك. تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن تېخىمۇ جاسارەت كېرەك.

2023.01.28

پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ھاياتىڭدىن ھوزۇرلانغىن

پەقەت بىرلا قېتىم ياشايسەن! ھەرقانداق كىشەنلەر بىلەن ئۆزۈڭنى چۈشەپ قويماستىن، ئۆزۈڭ قىزىقىدىغان ئىشلاردىن ھوزۇرلانغىن.

دادىل ۋە ئىجادچانلىق بىلەن ياشىغىن. كىشىلەرنىڭ قانداق قارىشىغا پەرۋا قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى قويۇپ بېرىپ ئۇسۇلغا چۈشكىن، ئوينىۋالغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ ناخشا ئېيتقىن.

ئۇنداقتا، ھاياتىڭغا «ئارزۇ»ئېسىملىك بۇ سىھرنى قاتقىن.

سەھەردە قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن ھوزۇرلىنىش نەقەدەر گۈزەل.

2023.01.29

ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاڭ

باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان ئەھۋالدا، قانداق ئىشلارنى قىلاتتىڭىز؟

«مۇنداق ئىشلارنى قىلغان بولسام بەك پەيزى بولاتتى» دەپ ئويلىغان ئىشلىرىڭىزنى تەرتىپى بويىچە بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ. ئاندىن قەغەزگە يېزىپ چىققان قىلغۇڭىز بار شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

ئەنە شۇنداق ئۆزىڭىز تاللىغان ھاياتتىن پۇخادىن چىققۇدەك ھۇزۇرلىنىڭ.

 

2023.01.30

بىر كۈننى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خاتىمىلەڭ

بىر كۈنىڭىز ئاخىرلاشقاندا، شۇ كۈننى شۇ يەردە تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

بۇ بىر كۈن ئىچىدە قىلالايدىغان ئىشنى قىلدىڭىز. مەغلۇب بولغان ۋە ياكى كۆڭۈلسىز ئىشلار كاللىڭىزغا كىرىۋىلىشى مۇمكىن. ئەمما يەنىلا ئۇلارنى دەرھال ئۇنتۇپ كېتىڭ. تاڭ بىلەن يېڭى بىركۈن كېلىدۇ.

تىنچ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يېڭى بىر كۈننى باشلىۋالىسىڭىز، تۈنۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئورۇن  قالمايدۇ.

– Ralph Waldo Emerson

2023.01.31

«مىننەتدارلىق» مەشىقى

ھايات قەلبىمىزدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ھەممە ئىشلىرىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋاتقاندا مىننەتدار بولۇش دېگەن ئاسان گەپ. ناۋادا جاپالىق، ئازابلىق كۈنلەردىمۇ مىننەتدار بولالىساق، مىننەتدار بولۇشنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى پايدىسىنى كۆرىمىز. مىننەتدارلىق ئازابئوقۇبەت، قايغۇلارنى يوقىتالمايدۇ، ئەمما، دىققىتىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايدىغان ئىشلارغا يۆتكىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى مەشىق قىلىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق ئىشقا ئوخشاش، ئادەم قانچىكى مەشىققىلغانسىرى شۇنچىكى ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ. مىننەتدارلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەندە، قەلبىمىزدىكى بەخىت، ئورتاقلىشىش تۇيغۇلىرى تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ.

شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نېمىلەر ئۈچۈن  مىننەتدار بولىۋاتىسىز؟ بۈگۈن يۈز بەرگەن ئۈچ ياخشى ئىشنى قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ ھەمدە بۈگۈندىنباشلاپ 10 كۈن ھەر كۈنى كەچتە مىننەتدارلىق تىزىملىكى تۇرغۇزۇشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرىۋىتىڭ. 10 كۈندىن كېيىن، مىننەتدارلىق تىزىملىكىڭىزنى ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوستلىرىڭىزدىن ئۈچ ئادەمگە كۆرسىتىڭ. مەركەزلىك مەشىق قىلىشنىڭھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ كۆرۈڭ.

مەندىن: ئۇزۇن بولدى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوغلۇم ئىستەمى بىلەن شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئۈچ ياخشى ئىشنى دېيىشىمىز ھەم مىننەتدارلىق،خۇشال كەيپىياتتا ئۇخلاپ قالىمىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى. مەن ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئوغلۇم ئۈچۈنمۇ.

ئۇندىن باشقا ھەر قېتىملىق دەرس باشلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بۈگۈن يۈز بەرگەن ياخشى ئىشتىن كام دېگەندە بىرنى ئېيتىپ بېرىشىنىتەلەپ قىلىمەن ھەم ئۆزۈممۇ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئېيتىپ بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى كەيپىياتتا دەرسكە كىرىمىز.

ياخشى ئىشلارنى تىلغا ئېلىش، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل كەيپىيات ئۈچۈن ئۈنۈمى بار.

 

 

***************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

JANUARY

 

تارقىتىڭ...