«شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە  قانداق ھېسياتتا بولىۋاتىسىز؟»،-بۇدەرسىمنى باشلاشتىن بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىمدىن سورايدىغان سۇئاللىرىمدىن بىرى. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاۋابى: «مەن بەك خۇشال»بولىدۇ. دېمىسىمۇ بالىلاركۆپ ھاللاردا ھەقىقەتەن خۇشال. شاد-خۇراملىق بالىلارنىڭ تەبىئىيتى. ئەمما بەزىدە چىرايىدا ھېچقانداق خۇشاللىق ئالامىتى يوق بالىلارمۇ «مەن خۇشال»دېگىنىدە بالىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ«راستمۇ؟قەستەن خۇشال بولۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. كۆڭلۈڭ يېرىم بولسا، ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا سەمىمىيلىك بىلەن دېگىن. ئاچچىقىڭىڭ كەلگىنىنى، جىددىيلىشىۋاتقىنىڭنى ئېيتساڭ بولىدۇ. ئاەم دېگەندە ھەر خىل تۇيغۇلاربولىدۇ، مۇشۇ ھەر خىل تۇيغۇلىرىڭنى ئاڭلاش ھەم ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇشمۇ ئاجايىپ قالتىس ئۆگىنىش. بۇ گېپىمنى چوڭ ئادەم بولغاندىمۇ ئەسلەپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن،-دەيمەن.

شۇنداق، بىزنىڭ داۋاملىق ھىجاراپ خۇشال كەيپىياتقا كىرىۋىلىشىمىز ھاجەتسىز. تۇيغۇلىرىمىزغا سەمىمى بولۇشنىڭ ئۆزىلا-ئۆزىمىزگە سادىق بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمى.

ئۇنداقتا، بۈگۈنكى تېما نېمە؟🤓

ئىمكانقەدەر كۆپرەك كۈلۈپ بېرىڭ-بىزنىڭ بۈگۈنكى تېمىمىز ھەم بۇ ھەپتىلىك داۋاملاشتۇرىدىغان ئادىتىمىز.

‎ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى«ئىمكانقەدەر»دېگەن سۆزگە دېققەت قىلىشىڭىزنى، ئىمكانقەدەر كۈنلىرىمىزنىڭ كۆپرەك كۈلكىلەر بىلەن تولدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 


Indila – Derniere Danse

 

 

ھەر كۈنى ئىمكانقەدەركۆپرەك  كۈلۈپ بېرىڭ

 

كۈلۈش-يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆزىلا ئەمەس ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ بەخىت تۇيغۇلىرىدىن يۇقۇملاندۇرىدۇ.
كۈلكە- پۈتۈن بەدەننىڭ ھېچقانداق چىقىم كەتمەيدىغان تەبئى دورىسى!

🌻

ئادەم روھى بىسىملىرى ئارتىپ كەتكەن، ھېچبىر ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمىغان چاغلىرىدا كۈلۈمسىرەش دىگەنلەرنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ.

كۈلكىنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلىكى ھەمىمىزگە ئايان. ھەر قانداق بىر شارائىتتا مەيلى خىزمەت، ئائىلە ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا كۈلۈمسىرەشنىڭ ئادەمگە ھەيران قالارلىق پايدىسى بار! كۆپىنچىمىز ماڭا ئوخشاش ئازابلانغانلاردا، كۆڭۈل يېرىم چاغلاردا كۈلۈشنى بەك ساختىلىق دەپ قارىشى، كۈلەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، كانزاس ئونۋىرىستىتىدىكى  نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە كىچىككىنە كۈلۈمسىرەشمۇ بەدەن ۋە قەلب، پۈتۈن بەدەننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنەرمىش.
ھەتتا يالغان كۈلگەندىمۇ روھى بىسىمنى يىنىكلەتكىلى، يۈرەك سوقۇش قېتىمنى ئاستىلاتقىلى بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا كۈلۈشنىڭ كەيپىياتنىمۇ جانلاندۇرىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان. كۈلۈش يەنە بەدەننىڭ مەلۇم يېرىدىكى ئاغرىقىنى پەسەيتىدىكەن.

🌻

 

كۈلكە ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنىڭ بىر قانچە ئاددى ئۇسۇلى

 

🔺 ئىختىيارسىز كۈلدۈرىۋىتەلىگۈدەك نەرسىلەرنى كۆرۈش

يېقىملىق كۈلكە ئىچىدە بىر كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان بولسىڭىز، ئادەمگە كۈچ بولىدىغان جۈملىلەرنى ئوقۇش، قىزىقارلىق ۋىدىئو كۆرۈش قاتارلىق سىزگە ئىختىيارسىز كۈلكە ئاتا قىلىدىغان موھىتنى ھازىرلاپ بېقىڭ.

مەسلەن، پىقىرنىڭ ھەركۈنى ئوقۇيدىغان بىر جۈملىسى بار، كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ جۈملە ھەقىقەتەن ماڭا كۈچ بېغىشلايدۇ بەزىدە بۇ جۈملىلەرنى سىلەر بىلەنمۇ ئورتاقلىشىپ قويىۋاتىمەن سېخىيلىق بىلەن. ئۇندىن باشقا بەزىدە قىسقا سىنئالغۇلارىدىن قىزىقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىمەن، ئەمما سىرىتتىكى بولۇپمۇ مىتىرو، ئابتۇبۇسلاردا كۆرۈپ قالسام ھېلىقى كۈلكەمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشىدىن ئۆزۈمنى ئاران-ئاران تۇتۇپ  قىينىلىپ كېتىمەن.😅

🔺ئىجابى تەرەپتىن ئويلاش.
خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن  مىتىروغا چىققىنىڭىزدا«ئالدىراش بىر كۈنۈم باشلىنىش ئالدىدا بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىۋالغۇدەك پۇرسەت چىقتى» دەپ كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ. مەن شۇنداق، مىتىروغا چىقىپ بولغاندا بىر خىل ئارام ئالغاندەك تۇيغۇغا كەپقالىمەن.

🔺بالىلار ياكى ئەرمەك ھايۋانلار ئادەمگە تەبىئىيلا شادلىق بېغىشلايدۇ.
بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى بالىلار بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغان خىزمىتىم باركەن. دۇنيادا ئەڭ چوڭ شادلىقتىن بىرى بالىلاردىن كېلىدۇ.😁

🔺كۈلۈمسىرەش ھەرقانداق ئادەمنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
دىمىسىمۇ يۈرەكتىن چىققان كۈلكە بىلەن بىزەلگەن چىراي ھەقىقەتەن گۈزەل ھە!

سىىلەرگە راست گەپتىن بىرنى دەپ بەرگۈم كەلدى. قايسى كۈنى ئاچام ئۆتمۈشتىكى بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىمىزدىن بىرنى ئەۋەتىپ بەردى. بەلكىم تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىم بولسا كېرەك.. كىچىك ۋاقتىمدىكى ، ھازىرقى رەسىملىرىمدىكى ھېلىقى كۈلۈمسىرىگەن چىرايلىق رەيھانىم يوقتە! بەلكىم  شۇ چاغلاردا تازا ئۆزۈمگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغان مەزگىلىم بولسا كېرەك…قىزبالا دېگەنگە يەنىلا مۇشۇ كۈلۈمسىرەش نەقەدەر يارىشىدۇ دەيمەندە!🥳

 

🔺ئاۋازلىق قاقاقلاپ كۈلۈش.
قەلبتىكى ئەنسىزلىك، قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتلەر، ئۈمىدسىزلىك، ئۆچمەنلىك..دىگەندەك پاسسىپ كەيپىياتنى يوقىتىپ، ئادەمگە قايتىدىن ھاياتى كۈچ ۋە گۈزەل كەيپىيات بېغىشلايدۇ.

سىلەر قانداق بىلمىدىم. ماۋۇ ياپوندارچىلىقتا كۈنلەپ-كۈنلەپ قاقاقلاپ كۈلۈشنى ئۇنتۇپلا قالىمىزدە! ھېلىمۇ ئېسمدە. بىر يىلى ۋەتەنگە قايتقاندا ئاچىلىرىم بىلەن چاقچاقلار بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ«ھەقىقى كۈلكە يەنىلا ۋەتەندىمۇ نېمە؟»دەپ ئويلاپ قالغاندىم. ئەمما ھازىر ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيمەن. جاھاننىڭ نەرىدە ياشايلى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن زېمىنى دەپ يەنىلا كۈلۈپ ياشايلى دەيمەن.

ھازىرقى كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان رەيھان قىز

 

‏بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرىشىڭىز، بىر قېتىم بەخىتكە ئىرىشكىنىڭىز!

كۈلۈمسىرەش ئۈچۈن مۇرەككەپ سەۋەبلەر نەھاجەت؟
بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىدىڭىزمۇ؟

كۈلۈمسىرەڭ، بىللە بەخىتلىك بولىمىز.🌻

 

*********************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...