ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: «ھەرىكەت» ۋە «كۆڭۈل»(17)

4,074 قېتىم ئوقۇلدى

 

 

Berna- raka raka

 

(17)

بالىنى تەنقىدلەش ئۇسۇلى (3 )

 

مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىستۇرۇپ قويساق، پەندى – نەسىھەتلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاسانغا توختايدۇ

 

 بىرەر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرگىنىمىزدە، گەپنى شۇنداقلا دەپ قويماستىن قارشى تەرەپنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بىرەر ئېغىز گەپنى قىستۇرۇپ قويۇش ئاجايىپ ئۈنۈملۈك بولۇپ، بالىنىڭ كاللىسىدا «ھە – ئۇلار مېنىمۇ ئويلايدىكەن، ھەر ھالدا مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىكەن» دەيدىغان ئىشەنچ بولىدۇ دە پەندى – نەسىھەتلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاسانغا توختايدۇ.

 «كۆڭۈل» بىلەن «ھەرىكەت» نى ئېنىق ئايرىپ، «ھەرىكەت» كە تۈزىتىش بەرسەكمۇ «كۆڭۈل» نى  ئېتىراپ قىلايلى، چۈشىنىشكە تىرىشايلى.

بۇ قانداق گەپ؟ ئاددى يول بىلەن چۈشىنىش ئۈچۈن يەنىلا تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىي كارتىنىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىمىز.

بۇنى ئەپبىرىڭە….،- دىدى ئاپىسى بىلەن بازارغا چىققان قىزچاق بىر قونچاققا ئېسىلىپ.

قىزىم، بۈگۈن پەقەت بىرلا نەرسە ئەپبىرىمەن دەپ كېلىشكەنغۇ؟ گىپىمىزدە تۇرمىساق بولمايدۇ.

قونچاققۇ راستىنىلا بەك ئوماقكەنتۇق،- ھە قىزىم، شۇڭا ئالغۇڭىز كەپكەتنلىكىنى بىلدىم. لېكىن،بۈگۈن ئالالمايمىز، سەبىر قىلىڭ ھە!- دېدى ئانا بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.

گەرچە قىزچاقنىڭ شۇنچىلىك ئالغۇسى بولسىمۇ، ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گېپىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

 

مەندىن:

يۇقاردىكى مىسالدا ئانا بالىنىڭ نامۇۋاپىق تەلىپىنى رەت قىلىشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ شۇ قونچاقنى ئالغۇسى كەپكەتكەنلىك ھىسياتىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، «كۆڭلى» نى ئېتىراپ قىلدى ھەم چۈشىنىدىغانلقىنى بىلدۈردى. مانا مۇشۇنىڭدىكىدەك  بالىلار نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى قويغاندا، خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئۇلارنىڭ  «ھەرىكىتى» نى تەنقىد قىلساقمۇ، تۈزەتسەكمۇ، شۇ چاغدىكى «كۆڭلى» نى چۈشىنىش بالىغا نىسبەتەن ھۆرمەت ھەم مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بالا ئۆز كۆڭلىنىڭ چۈشىنىلىشكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان پەيت – دەل قەلبى بىز ئۈچۈن ئېچىلغان دەملىرىدۇر.

بىز چوڭلارمۇ شۇغۇ؟! خاتالىقلىرىمىز، گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈنلەي قارا بولۇپ كېتىشنى، ئەيىپلىنىپ كېتىشنى  خالىمايمىز، خاتا بولسىمۇ شۇ «كۆڭلىمىز»نىڭ چۈشىنىلىشى-ئۆزىمىزنى چۈشۈرمەى،غورۇرىمىزنى سۇندۇرماي  تۇرۇپ گۇناھلىرىمىزنى، خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىزگە گۈزەل مەدەت ۋە كۈچ بولالايدۇ، شۇنداققۇ؟!

بالىلارنىڭ بۈگۈنكى كۆڭۈل سوۋغىسى

*****************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. Nimdigan yahxi gaplar Bu harbir kitim ukisam bir akil tapiman kop rahmat sizga

  2. راس.. سىزنى توختىماي خۇش پۇراق تارقىتىپ تۇرىدىغان گۈلگە ئوخشىتىمەن
    سىز بىلەن تۇنۇشۇشنى خالايمەن..

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى