ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. قىزلىرىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تۈركەنئاينىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويىۋاتقىنىمدا، ئۇ تاتلىق كۈلۈشىنى ھەدىيە قىلدى. ئىككى قىزىمنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ ياتاق ئۆيدىن چىقىۋاتقاچ سائەتكە قارىغىنىمدا سەھەر 4:30 بولغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. گەرچە كۈنىگە كورونادىن يۇقۇملانغان ئادەم سانى ياپوندا 500دىن ئېشىۋاتقان ئامال بار سىرىتقا چىقماسلىق تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، سەھەردىكى ئادەمسىزكوچىلاردىن، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ھەم بۇنى بىر كۈنلۈك ھاياتىمنىڭ كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتىم. بەزى كۈنلىرى چۇرقىرىشىپ كىچىكلىرىممۇ ماڭا ھەمراھ بولاتتى.
ھالبۇكى، بۈگۈن يامغۇر.
تۈنۈگۈن يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرىمدا ئەتىگەنلىك چاي ئۈچۈن نان پىشىۋاتاتتى دۇخاپكىدا.
مەن سەھەردىكى ئوچۇق قەلبىمدىن كېلىۋاتقان مۇنداق ئاۋازنى خاتىرىلەپ قويدۇم.
Serenity – Murat Tugsuz
يالغان نىقاب، سەمىمىيەتسىزلىك، تۈرلۈك رەڭ، تۈرلۈك ئىسىم بىلەن ئەسلىنى يوشۇرۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن ھەرقانداق نەرسە، جۈملىدىن دوستلۇق، مۇھەببەت، ياخشى نام,شۆھرەت …كىشىگە چىن خۇشاللىق بىرەلمەيدۇ. ئىككىلا دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەت بەرمەيدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ نىقاب ئىچىدىكى رەسۋا ھالىتىنى كۆرۈشمۇ دۇنيانى يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ.
بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئۇنچىلىك ساپ، توزان قونمىغان گۇناھسىز پاك ئەمەس، ئەلۋەتتە، سەبىيلەردىن باشقا!
بىز ئانچە مۇكەممەل بولمىغان ھەم گۈزەل ھەم كۆرۈمسىز، ھەم يورۇق ھەم قاراڭغۇ ئۆزىمىزدە مۇكەممەللىككە، گۈزەللىككە، يورۇقلۇققا قاراپ كىتىۋاتقۇچىلارمىز، ئىنتىلغۇچىلارمىز!
مەيلى كىم بول
نىقابسىز ھالىڭدا كەل،
ئەسلى -باربم بىلەن مېنى قوبۇل ئەت!
قالىدىغىنى ئاز بولسىمۇ مەيلى،
بىراق، ئۇ ئەسلىسى بولسۇن!
2020/04/13 سەھەر
ھەر كۈنى سەھەر ئۆينىڭ تىنىچ ۋاقتىدا ئۆگىنىش قىلىش، چۈشتىن كېيىنلىك ۋاقىتتا يېزىقچىلىق قىلىش دىگەندەك ئۆيدە ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە كۈندىلىك خاتىرە شەكىلىدە بۇ كۈنلەرنى بىلوگىمدا قالدۇرۇپ قويسام دەيمەن. ئەمسە سالامەت بولايلى، ھەر كۈنى رەيھاننىڭ بىلوگىغا بىر قارىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ~
*****************
2020.04.13 رەيھان ئابلەت
ئىنكاس يازىمەن