كىتاب: بالاغەت مەزگىلىدىكى بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە

1,960 قېتىم ئوقۇلدى

 يېڭى بالاغەت مەزگىلىدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرەيلى. زىددىيەتكە، گۈزەل ئارمان، يېڭىچە تۇيغۇلارغا تولغان، ئاتا-ئانىمىزغا قويغان تەلەپلىرىمىز يۇقىرى بولغان، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىدىغان..بىر دەۋرىمىز بولغان، شۇنداققۇ؟

ئادەم ھاياتىدىكى ئىككىنجى قارشىلىق دەۋرى بولغان بالاغەت مەزگىلى مەيلى قايسى جەمىئەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بولسۇن، ئوڭۇشلۇق ھالقىماق قېيىن بولغان بىر دەۋىر ھېسابلىنىدۇ.  دىققەت قىلمىسا بالىلار ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ ۋە ياكى ھاياتىدىكى گۈزەل بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنىڭ بالاغەت مەزگىلىدىكى ئەسلىملىرىمىزگە قايتقاچ ھازىرقى دەۋرىدە ياشاۋاتقان بالاغەت مەزگىلىدىكى ئېنى-سىڭلىللىرىمىز، بالىلىرىمىزدا قانداق مەسىللەركۆرۈلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىللەرگە قانداق يۈزلىنىش كىرەككەن؟ تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسالنى ئوقۇغاچ ئويلىنىپ كۆرەيلى.

 

 

Hijirii warabe no Erisu

 

 

 بالاغەت مەزگىلىدىكى  بالىلارغا نارازلىقنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى

 

ئۇنىڭ 15 ياشلىق قىزى بار ئىدى. قىزنىڭ يېقىن دوستى قونۇپ قالغان كۈننىڭ ئەتىسى قىزىنىڭ پادىچىلار ئشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن مىتال فىلتىر تېپىۋالدى ھەم ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى تېزلا بىلىپ قالدى. (مەنمۇ ئېنىق كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم قانداق فىلتىر ئىكەنلىكىنى)

ئاپىسى ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا قىزىدىن بۇ ئىشنى سوراشنى ئويلىشىۋاتقاندا قىز ئۆز خىيالىدىكى ئىشلار ھەققىدە ئېغىز ئاچتى .
قىز: دادا، كېلەر ھەپتنىڭ ئاخىرى يېقىن دوستۇم دونا زىياپەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى، بارسام بولامدۇ؟

بۇ چاغدا ئاپىسى قىزىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا تۇيۇقسىزلا سورىدى:

قاچاندىن باشلاپ نەشە چىكىشنى ئۆگىنىۋالدىڭ؟

قىز: نېمە؟ مەن ئەزەلدىن ئۇنداق نەرسە چىكىپ باقمىدىم- دىدى ھەيران قالغان ھالدا.
ئاپىسى: ئەمسە بۇ نېمە؟ دەپ قولىدىكى ئىسپات مىتال فىلتىرنى كۆرسەتتى.
قىز : نېمە ئۇ؟
ئاپىسى: سېنىڭ ئىشتىنىڭنىڭ يانچۇقىدىن چىققان نەرسىنى ئۆزۈڭ بىلمەمسەن؟
قىز: كىيملىرىمنىڭ يانچۇقىنى ئاشۇنداق خالىغانچە ئاقتۇردىڭىزما؟
قىز قولى بىلەن يۈزىنى ئەتكىنىچە يىغلاپ تاشلىدى.
قىز: ئادەمنىڭ يانچۇقىنى خالىغانچە ئاقتۇرۇپ…نېمىدىگەن بىمەنىلىك! ئۇ نەرسىنى ئۇقمايمەن، بىرەرسى سەپ قويغان ئوخشايدۇ…
ئاپىسى: نەدە ئۇنداق ئىش باركەن!-دىدى تېزلا.
قىز: ھەممىمىزنىڭ ئىشتىنى ئوخشاش تۇرسا.
ئاپىسى: راست گەپنى ئېيتمىغۇچە سىرىتقا چىقىشىڭغا رۇخسەت يوق! دەرھال تېلىفۇنلىرىڭنى تاپشۇر!  تېلىفۇن، تىلۋىزور، خاتىرە كومپىيۇتىر..ھەممىسىنى ئىشلەتمەيسەن.
قىز قاتتىق ئاچچىقلىغىنىچە: دادامغىمۇ ئۆچ بولدۇم! چىرايىڭلارنىمۇ كۆرگۈم يوق! دىگىنىچە ئۆيدىن ئېتىلىپ چىققىنىچە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېرىپ ئىشىكنى قاتتىق ياپتى.
ئاپىسى قىزى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغاندىن كېيىنمۇ قايتا-قايتىلاپ بۇ ئىشنى سورىدى.

ئاخىرى ئاپىسى پىسخولوگ گايۋىنىچنىڭ داۋالاش مەركىزىگە كىرىپ بۇ ئىشتىن مەسلىھەت سوراپ كەلدى.
قىزىمنىڭ بۇ مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى بارمۇ؟

 

 

💡

يېڭى ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئونياشارلارغا ئاتا-ئانا بولغۇچى قانچىكى ئەنسىرەشلىرىنى ئېيتقانچە، بالىغا ھېچنىمە تەسىر قىلماس بولىۋالىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز تەلىپىنى، نارازىلىقلىرىنى ئېيتىشى، بالىنىڭ مۇداپىئەگە ئۆتۈشى، ئاتا-ئانا بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى، ئاتا-ئانىنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقتەك بۇ خىلدىكى پاراڭلىشىش ئۇسۇلى« تەلەپ-چېكىنىش خاراكتىرىلىك پاراڭلىشىش» دىيىلىدۇ.
مانا بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش-ھەر ئىككىلا تەرەپنى يارىلاندۇرىدىغان، ھېچقانداق پايدىسى يوق، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغان خاتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى.

بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆپ قوللىنىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ قەدىر-قىممەت ئېڭى تۆۋەن كىشىلەر بولۇپ، روھى جەھەتتىن ئەنسىز ھالەتتە بالىغا نارازىلىقنى ئېيتىش-ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپ بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىۋاتقان ئون نەچچە ياشلاردىكى بالىلار بىلەن نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاتا-ئانىلار بالىلار موھىم دەپ قارىغان مەسىللەرگە قۇلاق سالماي، ئۆزلىرى موھىم دەپ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا يۇقارقىدەك«پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قېچىش» كېلىپ چىقىدۇ.
بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ كۆز -قاراشلىرىغا قۇلاق سىلىشى زۆرۈر.

يۇقارقى مىسالدىكى ئانا بىلەن قىزئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ئالساق، ناشتا ۋاقتىدا ئالدى بىلەن قىز ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقاندا، ئاتا-ئانىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىكىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك ئىدى. ئاندىن سۆز تېمىسى تەبىئى ھالدا چىكىملىك مەسلىسىگە يۆتكەلگەن بولسا بولاتتى.

ئاتا-ئانىلار بالا بىلەن «تەلەپ ۋە قېچىش خاراكتىرىدىكى پاراڭلىشىش» لاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلالايدىغان مۇنداق ئىش بار.
يەنى، بالا ئۇششاق-چۈششەك، تىلغا ئالمىسىمۇ بولىدىغان بىرەر تېمىدا ئېغىز ئاچقان تەقدىردىمۇ، سىز بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر ھالدا پاراڭلىشىپ بېرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش.
شۇنداق بولغاندا، ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر تەرەپ ئۈچۈن موھىم دەپ قارالغان مەسىللەردە ئورتاق، باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ئونياشارلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش، غەيرى ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قىلىش، تاماكا چىكىش…دىگەندەك مۇشۇنداق ئېغىر تېمىلاردا پاراڭلاشقاندا ئاتا-ئانىلار:
ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرى، تەلەپ، پىلان، بالىنىڭ مەنپەئەتى، بالىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرى…دىگەنلەرنى پۈتۈن پاراڭنىڭ يېرىمىغا يېغىنچاقلاشقا دىققەت قىلغىنى تۈزۈك.

ھەممىدىن موھىمى، بالىنىڭ ئويلىرى، كۆڭلىدىكىگە قۇلاق سىلىش ھەم چۈشىنىش.
مانا مۇشۇنداق بالىنى چۈشىنىش ئارقىلىق بالا بىلەن ئوخشاش ئۆزىمۇ « ئون نەچچە ياشلىق بالا» بولۇش.
مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا بالىغا يېرىم قەدەم يېقىنلشىڭ، قالغان يېرىم قەدەمنى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېلىشىنى ساقلاشتىن باشقا ئامال يوق.

ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر ئەسكەرتسەك، بالا بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ قائىدىسى شۇكى:

ئەسكەرتمىلەرنىڭ 80% بالىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلەش، 20% كۆرسەتمە بېرىش ۋە تەلەپ بولسۇن.

 

 

*******************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابنىڭ ئاخىرقى بابىدىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

 

 

ئەسكەرتمە: Teenager، 10代 دىگەن ياپونچە، ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلار ئۇشبۇ يازمىدا كۆپلىگەن يەرلەردە ئونياشارلار دەپ ئېلىندى.

تارقىتىڭ...
  1. بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن، رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى