ئاغرىنىشلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ قەدىرلىك ئادىمىڭىزنى چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇلى

 

ياتاق ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن پەقەت ئالتە مېتىر يېراقلىقتىكى دەرىزىدىن بىناغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇشى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

دەرىزىدىن بىراۋلارنىڭ شەخسى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇش نىيۇيوركتا ياشاپ كەلگەن مەن ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئالاھىدە بىر ئىش ئىدى.

بولۇپمۇ كەچلىرى چىراق يورۇقىدا ھامان دەرىزىسى ئوچۇق تۇرىدىغان خوشنامنىڭ ئۆيدىكى پائالىيەتلىرى مانا مەن دەپلا كۆزىگە چىلىقىپلا قالاتتى. ھەممىدىن دىققىتىمنى تارتقىنى بۇ بىر جۈپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىدى.

يەنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قارىماققا پەۋقۇلئاددە ياخشى ئىدى. ئۇلارنىڭ دائىم بىللە تاماق قىلىۋاتقان، كىرىسلودا بىر-بىرىگە يۆلەنگىنىچە تىلۋىزور كۆرىۋاتقان، بىللە كۈلۈشىۋاتقان ھالىتى كۆزگە چىلىقىدىغان بولۇپ گەپ تالاشقان، ئۇرۇشقانلىرىنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم.

ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ياكى ئەمەسلىكىگە سىرىتتا تۇرۇپ كۆزەتكۈچى مېنىڭ ھۆكۈم قىلالىشىم ناتايىن بولسىمۇ، ھەر ھالدا 20 يىللىق تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، بىر جۈپلەر داۋالاش بۆلىمىمگە كىرگەن بىر نەچچە مىنۇتتىلا بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كەلگۈسى بارمۇ-يوق ھۆكۈم قىلىپ بولىمەن.

بىر جۈپلەر ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك چۇڭقۇر، مۇرەككەپ مەسلىنىڭ مەۋجۇت بولىشى موھىم ئەمەس.
موھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پاراڭلىشىشنىڭ يوق بولغىنى!
ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە مەيلى بىر تەرەپ تالاغا قاراپ قالغانچىلىك چوڭ مەسىلە بولسۇن ۋە ياكى مۇنچىدا ھۆل لۆڭگىنى تاشلاپ قويغانچىلىك ئاددى مەسىلە بولسۇن…بۇلار ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرۇش -داۋاملاشتۇرالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

يەنى، بىر جۈپلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ئۆتەلىشى ئۇلارنىڭ نېمىگە گەپ تالىشىپ قالغىنى، نېمىگە رەنجىگەنلىكلىرى بولماستىن، قانداق گەپ تالىشىشى، ئۆز نارازىلىقلىرىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشىگە، نارازىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا باغلىق!

 

 

Ay yulum- Nadihe

 

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى بۇزىدىغان خاتالىقلار

 

نىكاھ مۇتەخەسىسىسى دەپ تونۇلغان گوتمەن ئەر-ئايال ئاسانلا ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان، مۇھەببەتلىك مۇناسىۋەتنى بۇزىدىغان مۇنداق كونكىرىت تۆت خاتالىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان:

بىرىنجى خاتالىق: قارشى تەرەپنى تەنقىد قىلىش

ھەر قانداق نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا نارازىلىق ھەم تەنقىدلەشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. گەپ تەنقىدلەشنىڭ قېتىم سانىدا.

يەنى، ھە-دىسىلا بىر-بىرىنى تەنقىد قىلىپ تۇرىدىغان ئەر-ئايالنىڭ نىكاھتىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، نىكاھنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ.
نارازىلىقنىڭ بولىشى بىلەن تەنقىدلەش قەتئى ئوخشىمايدۇ. تەنقىدلەش ھامان قارشى تەرەپنى يارىلاندۇرىدۇ.

*

ئىككىنجى خاتالىق : مۇداپىئەگە ئۆتۈش

گوتمەننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا تۆت خاتالىقنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قالغانلىرىمۇ باش كۆتۈرىدىكەن. مەسلەن، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا تەنقىد بولىدىكەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.

ھەمراھى تەرىپىدىن قىلغان ئىشىمۇ، خاراكتىرىمۇ ناچار دەپ تەنقىدلىنىپ تۇرسا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىنىدىغىنى «مۇداپىئەگە ئۆتۈش» بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ.

*

ئۈچىنجى خاتالىق: گەپ تالىشىشتىن چېكىنىش

ئەر: بەلكىم، مەن ياخشى ئەر بولالمىدىم. خىزمىتىم ئالدىراش بولغانلىقتىن، بەزى كۈنلىرى تاماق ئېتىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن كۈنلىرى ئايالىمدىن ھال سورىغۇدەك كەيپىياتمۇ قالمايدۇ.
ئايالىم ماڭا مۇھتاج بولغاندا، ئامال بار يېنىدا بولساممۇ، كەيپىياتى ناچار چاغلاردا بەكرەك ئاچچىقلىنىپ كېتىشلىرىنى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلالمايمەن. مۇنداق چاغلاردا ھەقىقەتەنمۇ ھېچنىمنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئامال يوق-دە……

ئايال: ئەجىبا «مەندىن ھال سورىمىدى» دەپلا سەندىن خاپا بولامدىمەن؟ ساراڭمۇسەن؟ بىرەر قېتىم قايسى ھالدا ياشاۋاتقىنىمنى سوراپ باقتىڭمۇ؟
قاچانلا قارىسا «ئالدىراش…چارچاپ كەتتىم» دەپلا يۈرگەن ياكى بولمىسا تېلىفۇنغا قارىغان!
سېنىڭ نەزىرىڭدە ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم يوق، مەن خىيالىڭغىمۇ كىرىپ چىقمايمەن!
بىلىپ قوي، مەن سېنىڭ ئايالىڭ! سەن ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئادەم!
توي قىلغاندا « ئالىمەن!» دىگەن بولغىيتتىڭ؟!
سېنى سۆيىمەن دىگەنلىرىڭ مۇشۇمۇ؟!
نۇمۇس دىگەننى بىلەمسەن زادى؟!
ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان پەسكەش!

بۇ چاغدا ئەر ئايالىنىڭ شۇنچە ئېغىر تەنقىدلىرىگە، ھاقارەتلىرىگە جاۋابمۇ قايتۇرمايدۇ. مانا بۇ «تالاش -تارتىشتىن قېچىش» دېيىلىدۇ.

ئەگەر مانا مۇشۇنداق بىر تەرەپ سۆزلەۋەرگەندە، قارشى تەرەپ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسا، بۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇش مۇمكىنچىلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.

ئەگەر ئەر-ئايال ئۇرۇشۇپ قالغاندا، بىرەرسى ئاجىرىشىپ كېتىش، ئايرىم تۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى نەچچە يىلدىن بىرى ئويلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قارشى تەرەپنىڭ قەلب دەرۋازلىرى يېپىلغىچە قاقشاۋىرىش- نارازىلىقنى يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ناچار ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
قارشى تەرەپ دۈمبىسىنى قىلىۋالغان، سىز بىلەن تەڭ گەپ تالاشمىغان، ئۇرۇش-تالاشتىن ئۆزىنى ئەپقاچقان بولسا،
ئەڭ ياخشىسى ئارتۇق قاقشىمىغان، سۆزلەشنى توختاتقان تۈزۈك. مۇنداق چاغدا مىڭ سۆزلىسىمۇ پايدىسى يوق!

*

تۆتىنجى خاتالىق: پىسەنت قىلماسلىق

پىسخولوگ گايۋىنىچ ئەرگە:

ئايالىڭىزنىڭ سىزنى « ئۆزىدىن باشقا ھېچنىمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان پەسكەش!» دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ بىئارام بولدىڭىز، شۇنداققۇ؟
يۈرىكىڭىزنىڭ ئاغرىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئايالىڭىزغا ئېيتىپ بېرىڭ. بولمىسا ئايالىڭىز سىزنى ئۆزىگە تولىمۇ پەرۋاسىز قارايدۇ، ماختىسىمۇ، تىللىسىمۇ ئوخشاش دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ.
ئايالىڭىزغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېيتىڭ.

ئەر: مەن سىز بىلەن بىللە تۇرسام سىزگە ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا ھېچنىمە بېرەلمەيدىكەنمەن.
سىز مېنىڭ دوستلىرىمنىمۇ، ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ، مەندە بار ھەممە نەرسىنىمۇ ياقتۇرمايسىز.
يېنىڭىزدا تۇرسام ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئەرزىمەس چاغلاپ قالىدىكەنمەن….

:ئەر شۇلارنى دىگەچ يىغلاپ تاشلايدۇ. ئايالىدا قىلچە ئېرىگە ھىسداشلىق ھەم ئەنسىرەش ئىپادىسى تېپىلمايدۇ ھەم يولدىشىغا
نېمىگە مىشىلداپ يىغلايسىز؟ سىزمۇ ئەرمۇ؟ مۇشۇنداق مىچىلداپ يىغلاشتىن نۇمۇس قىلمامسىز؟ ئەكسىچە مەن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن!

بۇ چاغدا گايۋىنىچمۇ ئۇلار ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنكى ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بىئارام بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، سىرىتتا بىر-بىرىگە مۇشۇنداق مۇئامىلىدە بولغان يەردە ئۆيدىن ئىبارەت بۇ شەخسى بوشلۇقىدا مۇناسىۋەت بۇنىڭدىنمۇ سوغۇق بولىشى تۇرغانلا گەپ..

ئەقەللىي ئادىمىيلىك مىھىر-شەپقەتتىنمۇ ئايرىلغان رەھىمسىز سۆز-ھەرىكەتلەر نىكاھ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەجەللىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئەر-خوتۇننىڭ قانداقلارچە ھازىرغىچە بىر ئۆيدە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلەندىم. ئەگەركۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىدى.

*

بەشىنجى خاتالىق: قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقغا سەل قاراش

يۇقارقى تىلغا ئالغان بىر جۈپلەر ئارسىدا ئورتاق ھىسيات، مىھىر كەمچىل.

بۇ يەردە قەلبى يارىلانغىنى كەمسىتىلگەن، يىغلىغان ئەرلا بولماستىن، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان ئايالىمۇ بار. ئۇمۇ ئۆزىنى بۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىدىغان، قەدىرسىز ھېس قىلغان.
يۇقارقى ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى ئوخشاشلا تۆۋەن دىيىشكە بولىدۇ.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ قەلب ئىھتىياجى قانمىغاندا، بۇ خىل نارازىلىقنى ئاچچىق بىلەن چىقىرىپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
ئەگەر قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىش نىيىتى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھىسياتىنى كونتىرۇل قىلىش تىخنىكىسىنى قوللانغان، ئامال بار تەمكىنلىك بىلەن مەسلىنى ھەل قىلغان تۈزۈك.

 

 

بۇزۇلغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟

 

ئالدىدا تىلغا ئالغان ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتىدە يۇقارقى تىلغا ئالغان بەش ئامىلنىڭ بىرىمۇ يوق.
بەزى كىشىلەر توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە ئۆچ بوپ كېتىدۇ. بۇ ئىككىسى دەل شۇنداقلاردىن.

ئەر: ئايالىم دائىم تەنقىدلا قىلىدۇ. ئايالىم يېنىمدا بولسا بىئارام بولىمەن ھەم ئۆزۈمنىڭ بولۇمسىزلىقىمدىن ئازابلىنىمەن، دەپ قارايدۇ.
ئايال: يولدىشىم تەرىپىدىن قەدىرلەنمىدىم.  ئۇ شۇنچىلىك سوغۇق، بىپەرۋا، بىر ئۆيدە ياشايدىغان ناتونۇش كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىدۇ،-دەپ نارازى بولىدۇ.

پىسخولوگ گايۋىنىچ: ھەر ئىككىڭلارنىڭ يوللۇق. بىراق، ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭكىنىلا يوللۇق دەپ قارىغىنىدا مەسىلە ھەرگىز ھەل بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش يارلىنىدۇ. قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىگە
قۇلاق سالمايدۇ. ماڭا بىپەرۋا قارايدۇ. مەۋجۇتلۇقۇمغا سەل قارايدۇ. دەپ ئويلايدۇ.
ئۆزىنى سۆيۈلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلغاچ، ھەر ئىككىلا تەرەپ يارىلانغان بولىدۇ. شۇڭا، قاچانلا قارىسا ئۇرۇش-جىدەل تۈگىمەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ.
بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ ھەم يوقىتىپ قويغان قەدىر-قىممىتىنى قايتا تېپىش ئۇزۇن سەپىرىنى باشلايدۇ.

دىمەك، ھەر قانداق ئەر-ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدا زىددىيەتنىڭ بولىشى نورمال.
زىددىيەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى موھىم ئەمەس. موھىمى، نارازىلقىنى قايسى خىل يوسۇندا يەتكۈزۈش.
نارازىلىق خاتا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلگىنىدە ھىسياتمۇ، قەلبمۇ چۇڭقۇر يارەلىنىدۇ.

 

 

 

 

ئەر-ئايال، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن يەتكۈزۈش ئۇسۇلى

 

يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئەر-ئايال، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولۇپ قالىدىغان، نارازىلىق بولىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نارازىلىقنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ھەرقانداق ئەر-ئايال تىرىشسىلا ئۆگىنىپ كىتەلەيدۇ.

*

بىرىنجى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى: قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراش

ئايالى كۆڭلىدىكى ئاغرىنىشلارنى دەۋاتقاندا، ئەرنىڭ ئايالىغا تىكىلىپ تۇرغان ۋاقىتى ئۇزۇن بولسا، مۇنداق ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھتىن رازى بولۇش دەرىجسى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەكسىچە، ئايالىنىڭ سۆزلەش پۇرسىتى ئېرىنىڭكىدىن كۆپ بولسا، بىر-بىرىگە باراۋەر سۆزلەش پۇرسىتى بېرىدىغان ئەر-ئايالغا قارىغاندا، نىكاھتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدىكەن.

قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەش، رەنجىشلەرنى سۆزلەش پۇرسىتىنى قارشى تەرەپ بىلەن باراۋەر، ئوخشاش نىسبەتتە ساقلاش مەيلى نىكاھ، مەيلى مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە نىسبەتەن بولسۇن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىشنىڭ موھىم ئامىلى ھېسابلىنىدىكەن.
مىسالغا، يولدىشىڭىز ياكى ئاشىقىڭىز قىسقىلا سۆزلەيدىغان تىپ بولغاندىمۇ، سۆزلەش پۇرسىتى يەنىلا باراۋەر بولمىسا بولمايدۇ.

*

ئىككىنجى خىل ئۇسۇل: قارشى تەرەپكە شەپقەتلىك بولۇش

بىر تەرەپ يىغلىغاندا، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئىنكاسى بەك موھىم.
مەيلى قانچىلىك زىددىيەت بولغان بولسۇن قارشى تەرەپ يىغلىغاندا، مۈرىسىنى سىيلاش، قۇچاقلاش، قەغەز ئەكىلىپ بېرىش…بۇ نورمال بىر ئىنساندىكى ئەقەللىي شەپقەت.
ھەر قانداق قاتتىق خاپا بولۇشۇپ قالغاندىمۇ، قارشى تەرەپكە شەپقەت بىلەن مۇئەمىلە قىلىش ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتىنى ياخشىلايدىغان ئىككىنجى ئامىل. ئادەم ھېلىغۇ نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشىغان جۆرىسىكەن، سىرىتتا تونۇمايدىغان يات بىر ئادەم يىغلىسىمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، يېشنى سۈرتۈپ قويغۇسى كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۆز ھەمراھى يىغلاۋاتسىمۇ، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىق- بۇ قانداق شەپقەتسىزلىك؟!

*

ئۈچىنجى ئۇسۇل: يۇمۇرلۇق كەيپىيات

بىر-بىرىگە قاقشاۋاتقان ئەر-ئايال گەپنى قىزىقارلىق بىر ئۇسۇلدا ئېيتىش، ياكى بىرەر چاقچاق بىلەن جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش خېلى ئېغىر بولغان كەيپىياتنى يېنىكلەشتۈرىدۇ، قاتتىق مۇناسىۋەت يۇمشايدۇ.

*

تۆتىنجى ئۇسۇل: مۇھەببەت تۇيغۇسىدا بولۇش

بىر-بىرىگە ئاغرىنىشلىرىنى سۆزلەۋاتقان پەيتتە، ئەر-ئايالنىڭ بىرلىكتە كۈلۈشى ھەقىقەتەنمۇ ئەسلىدە بار بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ.

بىر-بىرىگە مۇھەببىتى كۈچلۈك ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلسىمۇ، ئۆز تەلەپلىرىنى، مەسىللىرىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قايىل قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مۇناسىۋەتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن زىددىيەت كېلىپ چىققاندا، مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئەسلىتىش ھەقىقەتەنمۇ كام بولسا بولمايدۇ.
بۇ ئارقىلىق تويدىن بۇرۇنقى ئارلىشىۋاتقان كۆڭۈللۈك دەملەرگە قايتقىلى، تويدىن كېيىن بالا بېقىش، خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقان ئەر-ئاياللارمۇ ياخشى ئۆتكەن  كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىغا قايتىپ، بىللە بەخىتىتىن كۈلگۈدەك دەملەرنى يارىتالايدۇ.

*

بەشىنجى خىل ئۇسۇل: ئورتاق قىزىقىش بولۇش

ئەر-ئايال ئوتتۇرىسدا ئورتاق قىزىقىشنىڭ بولىشى، ئۈمىدسىزلىك، نارازىلىق ھەم باشقا ھىسسيات بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئۆزى ئەڭ خۇشال بولالايدىغان ئىشلاردا بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش ئارقىلىق قەلبلەر تېخىمۇ بىرلىشىدۇ.

مەسلەن، ئورتاق قىزىقىشى يېزىقچىلىق بولسا، بىر تەرەپ يازغاندا ئۇنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى، ھوزۇرلانغۇچىسى، تەكلىپ بەرگۈچىسى قارشى تەرەپ بولسا نېمىدىگەن ياخشى!

شۇنڭغا ئوخشاش كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىتاب ئوقۇش، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش، سۈرەتكە تارتىش …دىگەندەك تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىش ئۇسۇلى، قىزىقىشلىرىنىڭ ئوخشاش بولىشى بىر جۈپلەرنىڭ ئوتتۇرىىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.

 

 

*******************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابنىڭ ئاخىرقى بابىدىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

 

 

تارقىتىڭ...