ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: نېمىشقىدۇر ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ قالغاندا(20)

7,033 قېتىم ئوقۇلدى

 

(20)

 

 نېمىشقىدۇركەيپىيات ناچارلىشىپ ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ قالغاندا

 

بالىنى ماختاش ھەم تەنقىدلەش ئۇسۇلى توغۇرلۇق يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇغان ھەم بىلىپ تۇرساممۇ نېمىشقىدۇر بالام ئالدىمغا كەلسىلا، ماختاش دىگەنلەرنى ئۇنتۇپلا قالىمەن. يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاسانلا چېچىلىپ، بىلىپ – بىلمەي سىلكىشلەپ قالىمەن-دە ئارقىدىن ئۆزۈمنىڭ بۇ خاتالىقلىرىم ئۈچۈن روھىم چۈشۈپ كېتىدۇ. زادى قانداق قىلسام بولار؟ دەپ سورايدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆپ ئۇچرىتىپ قالىمەن. مانا مۇشۇنداق ئاتا – ئانىلارغا تۆۋەندىكىنى يەتكۈزمەكچىمەن، – دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى.

 

Richard Clayderman – Hungarian sonata

 

«سىلكىشلەپ قىلىش- بالا بىلەن يىقىنلىقنىڭ بەلگىسى»، بالىسى بىلەن كارى يوق ئەھۋالدا بۇ خىل «سىلكىشلەپ تاشلاشلار» بولمايدۇ.

يەنى، ھەر كۈنى بالىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بىر ئاتا-ئانا «مۇنداقراق قىلغان بولسا..ئۇنداقراق قىلغان بولسا» دەپ ئويلايدۇ، – دە، ئويلىغاندەك قىلالماي قالغاندا ئاسانلا تېرىكىپ قالىدۇ، – دە ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ.

مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېيقاندا، بۇ خىل ئاچچىقلىنىشلارغا ئوكېي دەپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ تەرىپىدىن ئويلىغاندىمۇ، مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئىچىدە بالىمۇ چىدامچانلىقنى، خاراكتىردىكى ئىلاستىكىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ،

يەنى، ياخشى تەرەپتىن قارىغاندا، بالا كىچىككىنە قاتتىق مۇئامىلە ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەندەك تۈگشىپ كېتىدىغان زىيادە نازۇك خاراكتىر بولۇپ قىلىشتىن ساقىلىنىدۇ، قەلبىنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچى ئاشىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، دەماللىققا بالىنى سىلكىشلەپ قالساقمۇ، ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن بالىغا «مۇنداق سەۋەپتىن ئاچچىقلاپ قالدىم. بىراق، مەنمۇ بەكرەك ئاشۇرىۋىتىپ قالدىم، خاپا بولمىغىن» دىگەندەك ئاچچىقنىڭ سەۋەبىنى بالىغا چۈشەندۈرسەك، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى بالىغا ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ قالغان ئانىنىڭ ھىسياتىنى ئوقۇپ باقايلى.

 

 

بالىغا تىزلا ئاچچىقلىنىپ قالغاندا، سەل ئۆزىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن كۆڭلىمىزنى چۈشەندۈرەيلى

 

بالىنىڭ مەلۇم خاتالىقى ئۈچۈن تىزلا ئاچچىقلىنىپ قالغان ئانا بالىنىڭ دىلى سۇنغان ھالىنى كۆرۈپ يەنە ئۆزىنى ئەيىپلەشكە باشلىدى… «ھەجەپ بالامنى يەنە سىلكىشلەپ قالدىم.» دەپ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولدى.

كەچتە ئانا – بالا بىللە ۋاننىغا چۈشكەن پەيتتىن پايدىلىنىپ (بىر مەزمۇندا ئازراق قىستۇرۇپ قويغانىدىم، ئانا – بالىنىڭ بىللە ۋاننىغا چۈشۈشى ياپونلارنىڭ مەدەنيىتى، ئۇلاربۇ ئادىتىنى « ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ» دەپ قارايدۇ.)

بالىغا: «بۈگۈن بەك ئاشۇرىۋىتىپ قالدىم بالام، ئۇنچىۋالا خاپا بولۇپ كەتمىسەممۇ بولاتتى ئەسلى… خاپا بولمىغىن، سېنى سۆيىمەن يۈرەك پارەم !» دىگىنىچە باغرىغا باسىتى. شۇنداق قىلىپ ئانا-بالا ئەپلىشىپ قالدى.

 

 

شۇنداق! ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ بەزىدە كەيپىياتىنى كونتىرۇل قىلالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ قالغىنىدەك، بالىلارنىڭمۇ سەۋەبسىز يىغىلىرى، چۈشىنىكسىز ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى بولۇپ قېلىشىمۇ بەكمۇ تەبىئى بىر ئەھۋال دەپ ئويلىيالىغىنىمىزدا، بالىلىرىمىزغىمۇ، ئۆزىمىزگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالىشىمىز مۇمكىن.

(مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىسىل كىتابلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل مۇشۇنداق! يەنى، سۆزلەر بەك مۇرەككەپ، دەبدەبىلىك ئەمەس، بىراق، ئاددى سۆزلىرى بىلەن سىز تالاي مۇرەككەپ ئويلىرىڭىز بىلەن يېشەلمىگەن مەسلىنى ئاددىيلا يېشىۋىتەلەيدۇ.)

نىمىشقىدۇرئاسانلا ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسام، ئۇلاردىكى مۇنداق ئورتاقلىقنى بايقايمەن. ئۇلار ئەسلىدە بەكلا ئەستايىدىل، تولىمۇ تىرىشچان ھەم ئىشلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار- دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى.

ئۇلار بالىدىكى ھەر بىر سەۋەنلىك، كەمچىللىكنى پۈتۈنلەي ئۆزىدىن ھەم ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىكى خاتالىق دەپمۇئويلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنت تەربىيەسى تېخىمۇ قېيىنلىشىپ كېتىدۇ.

.شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىر بالا ئۈچۈن تەربىيە ھەقىقەتەن بەك مۇھىم بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يارالمىشىدىكى مىجەز-خاراكتىر.

ئوخشاش بىر ئاتا–ئانىنىڭ باغرىدا، ئوخشاش بىر ئائىلىدە، ئوخشاش تەربىيەدە چوڭ بولغان قېرىنداشلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىدىكى شۇنچە چوڭ پەرىقلەرمۇ دەل ئۇلارنىڭ يارالمىشىدىكى پەرىقلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

يارالمىشتىكى ئىنسان مىجەزئالاھىدلىكلىرى ئاللىقاچان مەلۇم دەرىجىدە بىكىتىلىپ بولۇنغان.

( يەنى، بىزدىكى «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دىيىلگىنىدەك، ئىنساننىڭ ئەسلى مىجەز-خۇيى ئۆزگەرمەيدۇ.)

«ئۇنداقتا يەنە نىمە ئۈچۈن بۇنداق پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت  كىتابلار يېزىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن؟!

(شۇ ھە؟! رەيھانمۇ سەھەردە ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي نىمىشقا بۇنداق كىتابلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىيدۇ؟!)

ئەلۋەتتە، تەربىيەنىڭ رولىغا سەل قارىيالمىساقمۇ، يەنىلا ئەسلى يارالمىشتىكى ئالاھىدىلىكنىڭ ئىگەللىگەن قسىمى بەكرەك موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىر بالىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشى تەڭداشسىز بىر مۆجىزە. ئۇلار ئاجايىپ تالانت، ئارتۇقچىلىق، ياخشىلىق بىلەن بۇ دۇنياغا كەلگەن. بىزنىڭ «بالا تەربىيەلەش» دىگەنلىرىمىز – بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلىدە بار بولغان تالانتنى، ياخشىلىقلارنى، ئارتۇقچىلىقلارنى، نۇرلارنى بايقاش ھەم ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىش دىگەنلىك بولىدۇ.

بىز دائىملا يېتىلگەن بىر ئادىميلىك كۈچىمىز بىلەن بالىنى ئۆزگەرتەلەيمىزدەپ ئويلىۋالىمىز. دەرھەقىقەتتە، بۇ خىل ئۆزگەرتىشكە ئۇرىنىشلىرىمىزنىڭ، ھەر بىر «ئۆزگەرتىمەن… ئۆزگەرتىمەن» دەپ ئۇرىنىشلىرىمىزنىڭ «سەن زادى بولمايسەن… زادى بولمايسەن!» دىگەن بالىلىرىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيەتلىك ئۆزلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئۈزلۈكسىز بىرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيمىز..

ئەلۋەتتە، بىر بالىنىڭ بىز ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى نۇرغۇن بولغىنىدەك، بىز زورلاپ ئۆزگەرتىشىمىز بىھاجەت بولغان يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بولغان بولىدۇ.

شۇڭا، بەك بالىمىزنى ئەيىپلىگىمىز، ئاچچىقلانغۇمىز كەپكەتكەندە «ھازىرقى ھالىتىدىمۇ شۇنداق ياخشىغۇ» دەپ ئويلاپ، يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈكلەرنى سەل يېنىكلىتەيلى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالىنى ئۆزگەرتىشتىن «ۋاز كېچىمىز». ۋاز كەچسەك قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.

بەزىلەردە بالىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى «بۇ بالىنىڭ مىجەزى ئەسلىدىلا مۇشۇنداق، مەن ئەمەس كىملا تەربىيەلىگەن بولسا يەنىلا مۇشۇنداق بولاتتى…» دەپ ئويلىغىنىمىزدا، ئەكسىچە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھازىرغىچە بىز بايقىمىغان ئارتۇقچىلىقىرى، تىرىشچانلىقلىرىنى بايقاپ قېلىشىمىز مۈمكىن.

بۇ جۈملىلەرنى يەنىلا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

 

 

ئىنكار قىلىش ئۇچۇرى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا

 

– تاماق ۋاقتىدا ئورنۇڭدىن تۇرساڭ بولمايدۇ، – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئوغلىغا.

– جىم ئولتۇرۇپ تامىقڭنى يىگىن. كەل-مەن يىگۈزۈپ قوياي، ئاغزىڭنى ئاچقىنە، – دىگىنىچە ئوغلىغا تامىقىنى يۈگۈزۈشكە باشلىدى.

بىراق، بالا يەنىلا «يىمەيمەن!» دەپ قەغىش قىلدى..

– نىمانچە ئەخمەق قىلىسەن مېنى؟! توختىماي ئادەمنى ئوخشاش گەپنى قىلدۇرىۋەرگەن، – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا.

ئالدىنقى قېتىم تىلغا ئالغىنىمىزدەك، بالىنىڭ بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالماسلىقى ئۇنىڭ ھىچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىدىن، پۈتۈنلەي ئەسكىلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھازىرچە قىلالمىغان بولسا،چوڭ بولغىچە ئاستا-ئاستا قىلالايدىغان بولىدۇ. ھازىر بەك قىلالمىغان ئىشىنى كۆزىگە كىرىۋالماستىن، بىر ئاز ۋاقىت بېرەيلى، ئۆزگەرتىشتىن ۋاقتىنچە «ۋاز كېچىپ» تۇرايلى.

 

 

ھازىرچە قىلالمىدى دەپ ساقلاپ بېقىش

 

تاماق ۋاقتىدا ئوغۇل تاماقلىرىنى شۇنداق تۆكۈپ تاماق ئۈستىلىنى بەسەرەمجان قىلىۋەتتىكى، ئانىسى «بوپتۇ، سەۋىر قىلاي، ھازىرچە بەك كىچىك ئەمەسمۇ؟ جىم ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلەيدىغان مەزگىلى ئەمەسقۇ، چوقۇم ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن بۇ قىلىقلارمۇ ئوڭشىلىدۇ.» دىگەن ئويلار بىلەن ئاچچىقلىرىنى باستۇردى.

لېكىن بالىنىڭ تامىقىنى يەپ بولۇپ «تامىقىمنى يەپ بولدۇم، رەھمەت» دىيىشلىرىدىن سۆيۈنگەن ئانا «مېنىڭ قالتىس ئوغلۇم !» دەپ بالىدىن خۇش بولدى.

دىمەك، پەرزەنت تەربىيەسىدە باشتىن-ئاخىرى بىزنى يېنىك ھەم خۇشال قىلىدىغىنى يەنىلا بالىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە كۆپرەك دىققىتىمىزنى بىرىشمىز ئىكەن، شۇنداقمۇ؟

 

ئاكې خاشى ئەپەندى بالىلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، تىرىشۋاتقان ھەم ئۆزىدىن رازى بولمايۋاتقان سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىلارغا مۇنداق دەيدۇ:

كۈندە كۆرۈپ تۇرغاچقا ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بالىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى تەربىيلىنىۋاتىدۇ. سىزمۇ ھەم تىرىشۋاتقان، قالتىس ئاتا-ئانا!❤️

 

****************************

 

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ مەزمۇنلار بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ، ئۇيغۇر ئانىلار كۆپرەك ئۆگىنىش قىلىشىمىز كېرەك،مەن دائىم كوچىلاردا بالىلىرىنى قاتتىق ئۇرىۋاتقان، ھەم ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەۋاتقان ئانىلارنى ئۇچرۇتۇپ قالىمەن ھەم ئىچىمدە نىم دىگەن بىتەلەي بالا موشۇنداق ئانىدىن تۆرەلگەن دەپ قالىمەن، يېقىندا تېخى بىرسى بالا تەربىيسى توغرىسىدا مەنبىلەن قاتتىق مۇنازىرلەشتى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بالىنى دائىم ئۇرۇپ تۇرۇش كېرەككەن، ئۇرۇپ تەربىلىگەن بالا ياخشى بالا بولارمىش، ئۇرمىغان بالا بۇزۇلۇپ كوچىغا چىقىپ كىتەرمىش..

  2. مەن دەل قاخشاپ بولۇپ ئۆزۈمادىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىش تۇيغۇسى بولىدىغان ئانا ئىدىم. ھېچ قاچان بىراۋغا بۇ توغرىلىق سۆزلىگىنىمدە بىرەر ئېغىز ياخشى گەپ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدبم. ھەممەيلەن بالا كىچىك تېخى، ئۇنداق قىلماڭ بولمايدۇ دەيدۇـ يۇ يىغلاپ قەستەن تەتۈرلۈك قىلغان قىزىمنى كۆرسە نىمانداق جايىل دۇ بۇ قىز كىچىككىنە تۇرۇپ دىيىشىدۇ. ئەزەلدىن بۇنداق راھەت بىر گەپ ئاڭلاپ باقمىغاندەك بولۇپ قالدىم. ئاللا رازى بولسۇن. ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىنى توپتوغرا دىمەيمەن. ئەمما ئىككى ياشلىق ئالاھىدە مۇستەققل مىجەز خارەكتېرلىك قىزىمنى ئەخلاقسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بەزىدە قاتتىقراق چىگرا ساقچىسى رولىنى ئالمىسام بولمايدىكەن. ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆامەيدىغان بىر ئانا بولۇپ يۈرگىلى خېلى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خىل پىكىر توقۇنۇشى راستىنى ئېيتقاندا ئادەمنى بەك چارچىتىپ ئەڭ ئاددى ئىشلادىمۇ دىلغۇل قىلىپ قويىدىكەن. چۈشكۈن بىر كەيپىياتتا چارچاپ ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان ئىدىم. بۇندىن كىيىن توغرا بىر ھالەتنى تۇرغۇزۋالالايدىغان بولدۇم ئىنشائاللاھ. رەخمەت سىزگە.

    • بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرىنى ھەم كىتابلىرىنى ياقتۇرۇشۇمنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. بۇ نەزىرىيەلەردە ئاتا-ئانىلارغا بەك مۇكەمنەللىك تەلىپى قويىۋالمىغان، ئەكسىچە ئۆزىنى بەك مۇكەممەل كۆرسىتىدىغان ئاتا-ئانىدا مەسىلە بار دىيىلگەن. ھەممىمىز پەرزەنت تەربىيەسىدە خاتالىشىشلار، تىڭىرقاشلار ئىچىدە ئۆسۈپ -يىتىلىۋاتىمىز. سىزگە راھەت تۇيغۇ بىرەلىگىنىدىن خۇرسەن بولدۇم~❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى