چۈشتىن كېيىنلىك دەرسىم باشلىنىشقا ئۈچ سائەت بار ئىدى. يالغۇز كىنوخانىدا كىنو كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان مەن ئەتىگەنلىك قەھۋەرىمنى ئىچكەچ بىر پۇخادىن چىقىۋالماقچى بولدۇم. ئىككىللەنمەستىن 2017-يىللىق ئەدەبىيات نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى  يازغۇچى كازىئو ئىشىگۇرونىڭ ««يىراق تاغلاردىكى نۇر» ناملىق  تۇنجى رومانىغا ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن ،2025-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ كىنونى تاللىدىم.

دەرۋەقە، كىنونى كۆرۈپ بولغان شۇ دەمدىن باشلاپ سىھىرلىنىپ قالغاندەك بوپقالدىم. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ سىھرى كۈچىگە، يازغۇچىنىڭ سىرلىق يېزىش ئۇسلۇبى، كىنو ئىشلىگەن رىژىسورنىڭ، رول ئالغۇچى ئارتىسلارنىڭ بەدئىي ماھارىتىگە قايىل بولدۇم.

بۇ ئىككىنجى قېتىم كازىئو ئىشىگۇرونىڭ ئەسىرى بىلەن ئۇچىرىشىشىم. ئۇنىڭ«مەندىن ئايرىلمىغىن»ناملىق رومانىنى ئوقۇپ، كىنوسىنى كۆرۈپمۇ تۈزۈك چۈشىنەلمىگەن مەن، بۇ قېتىممۇ بۇ كىنو تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتكەندە، خۇددى فىلىمنىڭ ئوتتۇرىدىن كىسىپلا تۈگىتىپ، داۋامىنى يەنە قويىدىغاندەك «ۋىيى، نېمە بولدى؟» لا دەپ قالدىم.

***

بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ كىنونى ئىككىنجى قېتىم كۆرۈپ چىقتىم. نېمە ئۈچۈن شۇنچە كىرىشىپ قالدىم،-بىلمىدىم…

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ ئىشلەنگىنى ئۈچۈن؟

ئارتىسلىرى، بولۇپمۇ باش پىرسوناژ ئېتسكونىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئوبرازىنى ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن؟

بەزى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىگىنىم ئۈچۈن؟!

ئېيتاۋۇر، ھەممە سەۋەب باردۇر…قىسقىسى، بۇ كىنونى كۆرگەن ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن بىرى كاللامدا مۇشۇ كىنو…بولدىلا، ئاخىرى بۇ توغۇرلۇق ئازراق يېزىپ ئارام تاپاي.

قىسقىچە مەزمۇنى

1980-يىلى، ئەنگىلىيە.

دەرىزىنىڭ يېنىدىكى كىرىسلودا چۈشلىرىدىن ئويغانغان  50لەردىن ئاشقان ئېتسىكو.

1952-يىلى، ناگاساكى.

يولدىشى تانجىروغا ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى بېرىپ ئىشقا ئۇزىىتىپ قويغاندىن كېيىن، دەرىزە ئالدىغا كېلىپ، ئاياللار مودا كىيىم ژورنىلىنى قولىغا ئېلىپ كۆرىۋىتىپ، يېراقتىكى ئامېرىكىلىق ئەسكەرنى قۇچاقلاپ كۈتىۋالغان ساچىكوغا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان ياش، گۈزەل ئېتسىكو.

كىنو مانا مۇشۇنداق ئىككى دەۋىر، ئىككى ئۆي، ئىككى خىل كۆرۈنۈش بىلەن  ناھايتىمۇ گۈزەل، تىنىچ باشلىنىدۇ.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللاردا توي قىلىپ بالىلىق بولغان ئېتسكو ياپونلۇق ئېرىدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيەلىك بىلەن توي قىلىپ تۇنجى ئەردىن بولغان قىزى كېيكونى ئېلىپ ئەنگىلىيەدە ياشايدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئەنگىلىيەلىك يولدىشىدىنمۇ ئاجىرىشىدۇ، چوڭ قىزى كېيكو ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. ئۇ ئەنگىلىيەدىكى ئۆيىدە يالغۇز ياشاۋاتقان كۈنلەردە كىچىك قىزى نىكى ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ.

يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىدىكى نىكى ئالى مەكتەپنى تاشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشىدۇ. نىكىنىڭ ئانىسى پەقەتلا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان، ناگاساكىدا ئۆتكەن ئۆتمۈشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىنى قايتا-قايتا ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن ئېتسىكو ئاخىرى يېراقتا قالغان كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكە باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ 1950-يىلىدىكى ناگاساكى بىلەن 1980-يىللاردىكى ئەنگىلىيە گىرەلىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.

***

ناگاساكىدىكى چاغلىرىدا ئېتسۇكو توكيودىن كەلگەن ساچىكو ھەم  ئۇنىڭ بەش ياشلىق قىزى مارىكو بىلەن تونۇشىدۇ. ساچىكو ئامېرىكىلىق ئەربىلەن ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكىدا بىر ئايال ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسە بار. خىزمەت، ياخشى تۇرمۇش، ئەڭ مۇھىمى ئاياللار ئەركىنلىكى. 

ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنى تۆۋەن بۇ جەمىيەتتىن قۇتۇلغۇسى، ئۆزى ھەم قىزىمۇ ئۆز غايسىدىكى خىزمەتنى قىلالايدىغان، ئەڭ مۇھىمى ئاياللىق ئورنىنى تاپقان جەمىيەتتە ياشاشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلىدۇ ھەم ئامېرىكانى ھەممە تەييار چۈشىدىكى «جەننىتى» دەپ بىلىدۇ. 

نەتىجىدە، ئامېرىكىغا چىقىش ئۈچۈن نامەلۇم بىر ئەرگە ئىشىنىپ ھاياتىنى دوغا تېىكىدۇ. قىزى مارىكونىڭ خالىماسلىقلىرىغا قارىماستىن، تەييارلىقىنى باشلايدۇ…

***

كىنودا بىرقانچە نۇقتا دېققەتنى تارتىدۇ. مەسلەن، جىرو ئاغىنىلىرى ئۆيگە كەلگەندىمۇ، ساچىكو ئىزدەپ كەلگەندىمۇ ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن«ھوي!»دەپ چاقىرىدۇ.

جىرو ئىشىكتىن چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئېتسۇكو شوينىسى ئېتىلمىگەن ئايىغىنىڭ شوينىسىنى ئېتىپ قويغىنىدا، ئايالىغا ھەتتا«رەھمەت»مۇ ئېيتمايدۇ.

بەش ياشلىق مارىكوغا ئاشخانىدا بىر ئەر شۇنداق قاتتىق مۇئامىلە قىلىدۇ.

گەرچە، ئەسەردە ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى توغۇرلۇق ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، شۇ چاغدىكى ياپون ئاياللىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئىززەت -ھۆرمىتىنى، ئاياللارنىڭ  ئەركىنلىككە، ئەركىن خىزمەت قىلىش، يېڭى زامان ئاياللىرىغا خاس مودا ياسىنىپ يۈرۈشكە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتكلى بولىدۇ.

شۇ سەۋەبدىن ئېتسۇكو، ساچىكودەك ئاياللار چەتئەللىك بىلەن توي قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى ھاياتىدىكى يېڭى بىر چىقىش يولى قىلىۋالغانمۇ-قانداق؟ دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

***

ئانىنىڭ سىرلىق ئۆتمۈشى، چوڭ قىزىنىڭ ئۆلۈمى، ئۆيىدە ساقلانغان ئۆتمۈشتىكى بويۇملار… ئانىنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ھەقىقى رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر سىرلىق يوچۇق باردەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

ئۆيدىكى يىللاردىن بىرى ساقلىنىپ قالغان بويۇملار ھەم ئۆلۈپ كەتكەن كېيكونىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رەسىمىدىن شۇنداق بىر ھەيران قالارلىق يەكۈنگە ئېرىشىپ قالىمىزكى، كېيكو ئەسلىدە مارىكو، ساچىكو بولسا ئېتسۇكو ئىنتىلگەن ئوبراز ھەم ئېتسۇكونىڭ ئۆزى.

ئاخىرىدا، ھېكايىمىزدىن خۇلاسە قىلمايمەن ھەم ئەسەردە ئوتتۇرىغا چىققان شەخسلەرتوغرىسىدا ئارتۇقچە باھا بەرمەيمەن.  پەقەت بىر قانچە سۇئال بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

*ئانا نېمە ئۈچۈن ئۆز قىزىغا يالغان سۆزلەيدۇ؟

*بەش ياشلىق مارىكو نېمە ئۈچۈن ئۆمىلەۋاتقان ئۆمۈچۈكنى كاپلا قىلىپ يەيدۇ؟ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ پاقالچىقىنى چىشلەشلىرى…ئەجىبا، ئۇ ئۆزىنى مۈشۈكتىن پەرقىسىز دەپ ئويلامدۇ؟

*ساچىكو ئېتسۇكونىڭ تەسەۋۋۇرى، ھەتتا، «ساچىكو » باش پىرسوناژ ئېتسۇكونىڭ ئۆزىمۇ؟

* مارىكونىڭ پۇت-قوللىرىغا باغلىنىدىغان ھېلىقى ئارغامچا زادى نېمە ئۈچۈن؟

*ساچىكونىڭ كىچىككىنە قىزىنىڭ كۆز ئالدىدا ئامراق مۈشۈكىنى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىۋىتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

*********

رەيھان ئابلەت

2025.10.04

تارقىتىڭ...