ئادەم ئاتىمىزنى تۇپراقتىن ياساپ ئۆزىنىڭ روھىدىن پۈۋلىگەن قۇدىرەت ئېگىسىنىڭ مۇقەددەس روھى قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، ئەڭ ئېغىر ئازاب ئىچىدە، يارالمىشىمىزدىلا بىز ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان ئەنە شۇ مۇقەددەس نۇر ئۆز مەۋجۇدىيتىنى نامايەن قىلىپ قايتا چاقنايدۇ.
ھەر بىر باش باھار، ھەر بىر يېڭى ئېچىلغان چىچەكلەر، ھەر بىر يېڭى چىققان قۇياش…يەنىلا ۋۇجۇدىمىزدا قايتىدىن ئۈمىد نۇرلىرىنى ئويغىتالايدۇ، ھاياتتىن تەزگەن كۆڭۈللىرىمىزگە يەنە قايتىدىن شادلىق، سۆيگۈ بېرەلەيدۇ. ئادالەتسىز دەپ بىزنى سەسكەندۈرگەن ئۈشبۇ دۇنيا يەنىلا گۈزەل كۆرۈنىدۇ…
ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر بىر شادلىق، ھەر بىر ئۈمىد، ھەر بىر كۈچ-دەل شۇ مۇقەددەس روھنىڭ قۇدىرىتى.
كۆك ئاسمانغا ياراشقان ئاق چىچەكلەر، شوخ قۇشلار، چىرايلىق پارلىغان قۇياشتىن شائىرانە تۇيغۇلارغا چۆمىۋاتقىنىمدا يېنىمدىكى بىر توپ مومايلارنىڭ چىچەكلەرگە قاراپ زوق-شوق بىلەن ۋىچىرلاپ كەتكەنلىرىدىن، ھاياتىنىڭ قىش پەسلىدە ياشاۋاتقان بۇ مومايلارنىڭ بالىلارچە باھار گۈزەللىكىدىن يەنىلا خۇشاللىققا چۆمەلىگىنىدىن، ھاياتقا بولغان سۆيگۈسىنىڭ يەنىلا چاقناپ تۇرغىنىدىن زوقلاندىم.
ئۇلار سۆيەلىگەن، قىيالمايۋاتقان ھاياتتىن بىز نېمىشقا زوق ئالالمىغۇدەكمىز؟ نېمىشقا سۆيەلمىگۈدەكمىز؟
شۇ تاپ قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئىچىدە ئۇشبۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپتىمەن ھەم سىلەرگە 2-ئايدا ئوقۇپ تۈگەتكەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى مەدىھلەنگەن بىر كىتابنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
بۇ ئايلاردا بىۋاستە مەنپەئەت بېرىدىغان، يېنىك، ئوقۇغانسىرى كۆڭۈل ۋاللىدە يورۇيدىغان كىتابلارنى كۆڭلۈم خالايدۇ. شۇ ۋەجىدىنمىكىن 2-ئايدا ئوقۇپ چىققان خسېي كوتارونىڭ «ئۇشبۇ دۇنيا ئەڭ گۈزەل جاي بولغۇسى»ناملىق كىتابىنى ھەر كۈنلۈك قەھۋە ۋاقتىمدا گاھ گۈللەر بىلەن گاھ مىتىورودىكى گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن ھوزرۇر ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، ھەر قېتىمقىدەك مۇھىم قۇرلارنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى، تەرجىمىسىنى ئىنستادا قىسقا ھېكايە شەكلىدە كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتمىدىم. ئوكەي، ئەمسە كىتاب ئوقۇۋىتىپ خاتىرىلەپ قويغانلىرىمنى بىلوگىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇرمەنلىرى بىلەنمۇ ئورتاقلىشاي.
Johannes Linstead – Estellas Sobre
كىتابدىن پارچىلار
«پۇلنىڭمۇ كۆڭلى بار، پۇلمۇ خەجلەشنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىشنى خالايدۇ» دېيىلىدىكەن. ياپونلاردا«خېرىدارى كۆپ ئاشخانىغا ئەمەس، چۆلدەرەپ قالغان ئاشخانىغا كىرسەڭ يېنىڭدىكى پۇل خۇش بولىدۇ، ئامىتىڭ كېلىدۇ» دەيدىغان گەپ باركەن. خۇددى بىز ئالى ماگزىنلاردىن ئەمەس، باققاللاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالساق، شۇ كىشىمۇ، ئۆزىمىزمۇ خۇش بولغاندەك…
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا كىيوتوغا بارغاندا، چۈشتە قورسىقىمىز ئېچىپ، خېرىدارى ئانچە كۆپ بولمىغان بۇ سوباخانىغا كىردۇق. ئاشخانا ئىچىمۇ ئىللىق، سوبامۇ شۇنداق ئوخشىغان، ئۇستاممۇ بىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولغان. بىز كىرگەندىن كېيىن ئەسلىدە چۆلدەرەپ قالغان بۇ ئاشخانىغا ئارقا-ئارقىدىن ئادەم كىرىپ لىق تولغانىدى. چىقىپ كېتىدىغان چاغدا بىزمۇ، ئاشخانا خوجايىنىمۇ خۇشاللىق بىلەن رەھمەت ئېيتىشقانىدۇق.
***
بەدىنىمىزگە رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنى قەدىرلەش ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئۆزىمىزنى قەدىرلىگەنسىرى، قىزىقارلىقى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرمۇ بىزنى قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.
بىز ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز خىزمەت قىلىۋاتقان يۈرىكىمىز، ئاشقازىنىمىز، ئۆپكىمىز، قول-پۇتىمىز، ھەتتا، چاچلىرىمىز ئۈچۈنمۇ مىننەتدار بولايلى.
***
كۆپىنچە ئۇتۇق قازانغۇچغۇچىلارنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشى مۇنداق ئۈچ سەۋەبتىن بولىدىكەن. كېسەللىك، ۋەيران بولۇش، يەنە بىرى سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قىلىش.
بەخىت-قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىك بىلەن ھېسابلانمايدۇ. بەخىت-قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزقەلبىمىزگە ئەگىشىپ، يۈرىكىمىزنى قانچىلىك ئىپادىلىيەلىدۇق دېگەنگە كۈچ سەرپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
***
باشقىلارنى جازالىماسلىق-ئۆزىنى جازالىمىغانغا باراۋەر. بىز ئىچىكى دۇنيارىمىزدا باشقىلارنى ئەيىپلەش-جازالاشنى توختاتقىنىمىزدا، تاشقى دۇنيادىمۇ ئۇرۇش-جىدەللەر يوقاشقا باشلايدۇ.
شۇ تاپتا ئالدىڭىزدا تۇرغان ئادەم، دەل ھازىرقى مۇھىت، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى سىزگە ئەڭ ماس كەلگىنى ھەم يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردۇر.ھازىرقى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز سىزگە ماس كېلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ.
ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەكسى چۈشكەن ئەينەككە ئوخشايدۇ.ھېچۋاقىت ئالدى بىلەن ئەينەك كۈلمەيدۇ. ئۆزىمىز ئۆزگەرسەك، ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن دۇنيامۇ ئۆزگىرىدۇ.
***
يېنىڭىزدا يوق ئادەمنى ئەمەس، ئۈچ مېتىر ئارلىقتىكى ئادەمگە دېققىتىڭىزنى قارىتىڭ. سىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەم.
***
يۈز بەرگەن ئىش ئوخشاش بولسىمۇ، تەرجىمە ئوخشىمغاندا كەيپىياتمۇ ئوخشىمايدۇ.
مەسىلە سىرىتتا ئەمەس،ئىچىڭىزدە. سىزنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدە.
تەقدىر-ماڭغۇڭىز بار يولدا بولماستىن، ماڭغان يولىڭىزدا.
ئىشلار ئويلىغىنىڭىزدەك بولمىغاندا، سىز ئويلاپمۇ باقمىغان گۈزەل ئىشلار كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.
ھايات-غەلبە قازىنىشنى مەقسەت قىلغان سەپەر بولماستىن، ئەسلىمە قالدۇرىدىغان ئىكىسكۇرسىيە جەريانىدۇر.
***
چۈشىنىلمەسلىك-بەخىتسىزلىك بولماستىن،چۈشىنلىنىشنىڭ ئۆزى مۆجىزە.
مېڭە تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مېڭىسىدە پەقەت 20% ئورتاقلىق بولۇپ، پەقەتلا 20%ئەتراپىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىلىشسە نورمال ھېسابلانغۇدەك. مۇبادا 21% چۈشىنلىنىش بولسىغۇ بۇنى مۆجىزە دېسە بولىدىكەن.
ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس،كەچۈرەلمەيدىغان ئادىمىنىڭ بولۇشى ئەسكىلكتىن ئەمەس.
***
بۆيۈك ئارزۇلاردا بولغاندا، قاچانلاردىدۇر كىچىك ئارزۇلارتەبىئىي ھالدا ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ. شۇڭا، چوڭ چوڭ ئويلاڭ، بۆيۈك ئارزۇلاردا بولۇڭ.
***
جان ئېكەككە كەپقالغۇدەك كۈنگە قالغان ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ.
پەرزەنت تەربىيلەش=ئاتا-ئانا يېتىشتۈرۈش
پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەننەتتىن كەلگەن پەرىشتىلەردۇر. بالا دېمەك، ئاتا-ئانىنىڭ دۇنياسى، مىھرى-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىن كەلگەن مىھماندۇر.
ئاتا-ئانىلار كۆرەلمەيدىغان كەلگۈسى دۇنيادا ياشايدىغان، ئۆتمۈشنى بىلىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىن كەلگەنلەر-دەل پەرزەنتتۇر.
مىننەتدارلىق
تۇغۇلغان كۈنى-ئانىسىغا، ئۆزىنىڭ ئەسلى يىلتىزىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كۈنىدۇر. بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولىشىڭىز، سىز يارىتالايدىغان مۆجىزە بولماستىن، ئاللاھ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ياراتقان مۆجىزە.
ئاتا-ئانىڭىزغا بىۋاستە رەھمەت ئېيتالمىسىڭىز، خەت ئارقىلىق بولسىمۇ رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ھېچ بولمىسا ئاسمانغا قاراپ،(بىزدەك مۇسۇلمانلار دۇئايىڭىزدا بولسىمۇ) رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئۇلارغا يېتىپ بارىدۇ.
ئۆسۈپ-يېتىلىش دېگىنىمىز چوڭ بولۇش بولماستىن، كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ مىننەتدار بولالايدىغان بولۇش.
شۇ تاپتا كىتاب ئوقۇۋاتقىنمدا چۈشۈپ تۇرغان ئىللىق ئاپتاپتىن، يېنىمدىكى چىرايلىق گۈلدىن، قەھۋەدىن، يېنىمدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆيدە بولسا ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان يولدىشىمدىن، تۈنۈگۈن ئۆيگە كېلىپ خۇشاللىق ئاتا قىلغان دوستلىرىمدىن، ھوزۇرلىنالايدىغان قەلبىمدىن مىننەتدارمەن.
ھەر قانچە ناچار كىشىنىڭمۇ ئاشۇنداق بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان«يەتتە خىل ئادەت»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى كوۋى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇ پويىزدا ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئۇياقتىن-بۇياققا چىپىپ شۇنداق بىر كەپسىزلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بىر غېمىدا يوق سىرىتتىكى مەنزىرىلەرگە قاراپ تۇرغان بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ«بالىلىرىڭىزغا جىم ئولتۇرۇشنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز بولاتتى» دەيدۇ. بۇ چاغدا دادا ئېسىگە كەلگەندەك كوۋىگە قاراپ«شۇنداق، شۇنداق..ئۇلارنى ئەسكەرتىشىم كېرەك ئىدى…كەچۈرۈڭ» دەپ ئەپۇ سورايدۇ ھەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ..
«بۈگۈن ئايالىم تۈگەپ كەتتى…مەن شۇ تاپتا بالىلىرىمغا ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى قانداق يەتكۈزۈشنى ئويلاۋاتاتتىم…»بۇ گەپنى ئاڭلىغان كوۋى تۇرغان يېرىدە تۇرۇپلا قالىدۇ…
ئەنە شۇنداق بىز كۆرگەن بەزى تاشقى ئىشلارنىڭ تېگىدە بىز بىلمەيدىغان چۇڭقۇر سەۋەبلەر بولىدۇ..شۇڭا، ھېچكىمگە ئالدىراپ بىر نېمە دېگۈلۈك ئەمەس.
ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
بىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە تەرىپىنى، تۇيغۇلىرىنى قوبۇل قىلىڭ دېگەننى كۆپ ئاڭلايمىز-يۇ، قانداق قوبۇل قىلىشنى بىلمەي قالىمىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئۆچ تەرەپلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى:
مەن(ئۆزىڭىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئويىڭىز، تۇيغۇڭىز) ئويلىغان ئۆزۈمنى قوبۇل قىلىمەن، ئىتىراپ قىلىمەن، كەچۈرىۋىتىمەن، سۆيىمەن.
شەخسەن مەن بالىلىرىمغا ئاچچىقلايدىغان ئۆزۈمنى ياقتۇرمايمەن. بۇ چاغدا: مەن بالىلىرىمغا ئاچچىقلايدىغان ئۆزۈمگە ئۆچ دەپ ئويلىغان ئۆزۈمنى قوبۇل قىلىمەن، ئىتىراپ قىلىمەن، كەچۈرىۋىتىمەن، سۆيىمەن.
ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز، ئويلىرىڭىزنى «مۇنداق ئويلىسام بولمايتتى..»دەپ ئەيىپلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئالدى بىلەن نېمنى ھېس قىلسىڭىز، نېمىنى ئويلىسىڭىز ھۆكۈم قىلماستىن ھېس قىلىپ بېقىڭ. ئۆزىنىڭ ھەقىقى كۆڭلىنى قەدىرلەشنى باشلىغاندا، خاسلىق شەكىللىنىدۇ.
***
ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى«ياخشى-يامان»دەپ باھالىماستىن، ئەسلى ھالىتىدە سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىش-پاسسىپ ئۆزىمىزنى قوبۇل قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئەڭ چوڭ قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. يەنى، پاسسىپ خىياللىرىمىزنى، يېقىمسىز تۇيغۇلارنى ئىنكار قىلماستىن، ئۇلارنى جىمجىت ھېس قىلغىنىمىزدا، قىزىقارلىقى بۇ تۇيغۇلار پەسىيىدۇ. بىئارام بولغان مەلۇم ئورۇننى بىسىپ تۇرۇپ دېققىتىمىزنى شۇ ئورۇنغا بەرسەكمۇ بولىدۇ.
بولسا بۇ تۇيغۇلىرىڭىزغا ئىسىم قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ. مەسلەن:«ئالا كۈچۈكۈم، نېمىگە شۇنداق ئاچچىقىڭ كەپ قالدى؟ نېمىدىن قورقىۋاتىسەن؟ نېمىگە شۇنداق بىئارام بولدۇڭ؟» دېگەندەك. شۇ چاغدا پاسسىپ تۇيغۇلار سىزگە ئۆزىنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئېكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، چۈشىنىلىشكە ئېرىشىدۇ. بۇ چاغدا پاسسىپ خىياللار ئەكسىچە دوستىڭىزغا ئايلىنىپ سىزگە ئېنىىرگىيە بېرىدۇ. شۇنداق، ھېس-تۇيغۇلار بىزنى ئازابلاش ئۈچۈن ئەمەس، بىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمىز ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ.
پىسخولوگىيە-ئۆزىنى كۈزىتىش تېخنىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسالغا بالىلىقىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولغان كىشىلەر كېيىنچە بۇ توسالغۇدىن ھالقىيالىغىنىدا، ئەسلىمىسىدە ئاتا-ئانىسىمۇ، ئۆزىمۇ بولىدۇ. ھالقىيالمىغانلارنىڭكىدە بولسا، ئەسلىمە ئىچىدىن ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ. مانا بۇ دەل ئۆزىنى باشقا بىر ئادەم نۇقتىسىدىن كۈزىتىشنىڭ تەبىئىي ھالدا ساقايتىش كۈچىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت.ئۆزىمىزدىكى مەسىلىنى بايقىيالىغىنىمىزدا، تاللىغىلى بولىدۇ. ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
سىز قانچە ياش؟
«…ياشقا كىرىپ قالدىم» ئەمەس، «تېخى…ياشقا باردىم» دېيىش ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى 10 يىل ئۇزارتارمىش.
ئادەم ھاياتىنى 80 يىل دېسەك،
20 ياش-ئەتىگەن سائەت 6:00
30 ياش ئەتىگەن سائەت 9:00
40 ياش دەل چۈش ۋاقتى 12:00
40 ياشلىق چاغلار تېخى ھاياتنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى..تېخى يېڭى-يېڭى باشلىنىشلارنىڭ، ھەر خىل تەۋەككۇلچىلىقنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرى بار.
ھاياتىڭىزدا سىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى نېمە؟
ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ياشاشنىڭ ئۆزى-بەخىت.
كىتابنىڭ بۇ قۇرلىرىنى ئىشتىن قايتىش يولىدىكى مىتىرودا ئوقۇغان بۇ قۇرلارنى كەچتە بىللە تاماق يىگەن 60 ياشلار چامىسىدىكى ئىككىيلەندىن سوراپ كۆردۈم. ئىككىلىسىنىڭ جاۋابى-ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ساغلاملىق. ساغلاملىق بولمىسا ھېچنىمە بولمايدۇ.دېمىسىمۇ نېمىدىگەن ئەمەلىي جاۋاب.
پىقىرنىڭ بۇ سۇئالغا بەرگەن جاۋابى ئۇلاردىن پەرىقلىق بولۇپ، مەن ئۈچۈن ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە-مۇھەببەت. ساغلاملىق مۇھەببەت ئىچىدىكى ئۆزۈمگە بولغان مۇھەببەتنىڭ بىر تۈرلۈك يولى.
ئۇنداقتا، سىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى نېمە؟
بەدىنىڭىزگە ئېنىرگىيە بېرىڭ
بەزىدە ھېچ ئىش خوشياقمايدىغان چاغلىرىڭىز بولامدۇ؟ مۇنداق چاغدا گۇناھنى ئۆزىڭىزگە قويامسىز؟
ھېچ ئىش خۇشياقماسلىق-سىزنىڭ گۇناھىڭىز ۋە ياكى قەلبىڭىزدىكى مەسىلە بولماستىن، بەدەنگە يىتەرلىك ئېنىرگىيە ھەم مۇكاپات بېرىڭ.
قانغۇچە ئۇخلاش، ئارشاڭلارغا بېرىش، مەنزىرىسى گۈزەل يەرلەرگە ساياھەتكە بېرىش، ئېسىل كىيىم، سومكىلارنى ئېلىش، قانغۇچە ئۇخلاشتىن سىرىت يەنە ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا پىيادە مېڭىش…دېگەندەك.
يۈرەكنىڭ چارچىشى=بەدەننىڭ چارچىشىغا باراۋەر. يۈرەك چارچىغاندا، بەدەنگە ئارام بېرىش بۇ چارچاشلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ تېز، ئۈنۈملۈك چارىسى.
بەخىت ۋە بەخىتسزلىك
ئادەم دېگەن ياخشى سۆزدە كۆكلەيدۇ دەيدىغان گەپ بار. سۆزدە سىز ئارزۇ قىلغان بەخىتنى تارتىپ ئەكىلەلەيدىغان قۇدىرەت بار.
بەخىتنى ئىزدەش توغرا كەلسە، بۈگۈن تاماق يىيەلىدىم. ماڭالىدىم. كۆزۈم كۆرەلىدى…دېگەندىك ئەڭ ئاددى ئىشلاردىن بەخىتنى ھېس قىلالايدىغان بولۇش.
بەخىتلىك كىشىلەر ئەڭ كىچىك ئىشلاردىنمۇ بەخىتنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەردۇر.بەخىتسىز كىشىلەر-ئەڭ كىچىك بەخىتسىزلىكنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەردۇر.
بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرىق-نېمىنى كۆرۈشتە.
***
ئۆچمەنلىك، ئاچچىقلىنىش دېگەندەك ھىسياتىنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان «تەرجىمىڭىز» بولغان بولىدۇ.بىرەر نەرسىگە ئاچچىقىڭىز كەلگەن، ئۆچلىكىڭىز كەلگەن ۋاقىت -ئويلىرىڭىز، قىممەت قارىشىڭىزنى چۈشىنىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.
مۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزدىن مەن نېمە سەۋەبدىن مۇنداق ئاچچىقلىنىپ كەتتىم؟ نېمىشقا ئۆچلۈك قىلىمەن؟ دەپ سوراپ كۆرۈڭ. شۇ چاغدىكى ئويلىرىڭىزنى، نېمە سەۋەبتىن ئاچچىقىڭىز كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلسىڭىز كۇپايە. ئۇنىڭغا ياخشى-يامان دەپ باھا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەجبۇرى ئىجابىي بولۇۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەقىقىي ئىجابىيلىق دېگىنىمىز-پاسسىپلىقنىمۇ ئەسلى ھالتىدە قوبۇل قىلىش، ئىتىراپ قىلىشتۇر.
ئادەم ئۆزگىرىدۇ!
يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ باشقىلارنىڭ، ھەتتا، ئانامنىڭمۇ«سەن پەقەت ئۆزگەرمىدىڭ، مۇشۇ يەردىن كەتكەن 25 ياش ۋاقتىڭدىكىدەكلا» دېگەندەك سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئەلۋەتتە، ئەتراپىمدىكلەر مېنى ياخشى كۆرگەچ، مېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق دەيدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئادەم 100%ئۆزگىرىدۇ! ھەتتا، ھەر بىر دەقىقىدە ئۆزگىرىدۇ. ھەر كۈنى يېڭى بىر «مەن»بولىدۇ.
سىز ئۈچ ئاي بۇرۇنقى سىز بىلەن ھەرگىز ئوخشىمايسىز. ئەلۋەتتە، 5 يىل، 10 يىل بۇرۇنقى سىز بىلەن تېخىمۇ ئوخشىمايسىز. سىز ئۆزگەردىڭىز، بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ پىشىپ-يېتىلدىڭىز، تېخىمۇ جاسارەتلىك، تېخىمۇ جەزبىدار، تېخىمۇ ئىش بىلىدىغان بولدىڭىز.ئۆزگەرمىگەندەك كۆرۈنگەن سىزدە خۇددى چاچلىرىڭىزنىڭ ئۆسكىنىدەك ئۆزگىرىش ئاستا-ئاستا بولغاچقا، بۇنى سەزمەيلا قالدىڭىز، خالاس!
كەلگۈسى بەلگىلەيدىغان نەرسە
كەلگۈسى«ئويلىنىدىغان» نەرسە بولماستىن، بىز«بەلگىلەيدىغان» نەرسە. نېمىنى كۆرگىڭىز بار، قانداق ياشىغۇڭىز بار؟ دېگەندەكلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ.
يەرلىك ئامېرىكانلاردا مۇنداق بىر ھېكايەت بار:
ئىككى بۆرە ئۇرۇشۇۋاتىدۇ.ئۇنىڭ بىرى، قورقۇنچ، ئاچچىق، ھەسەت، قايغۇ، پۇشايمان، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق، بېخىللىق، گۇناھكارلىق، نارازىلىق، كەمسىتىش، شۇنداقلا نەپسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەنە بىر بۆرە بولسا، دوستلۇق، ھېسداشلىق، كەڭ قورساقلىق، ھەقىقەت، كۆيۈمچانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ سىمۋولى.
بالا ئۇرىشىۋاتقان بۇ ئىككى بۆرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇتىدىغانلىقىنى بوۋىسىدىن سورايدۇ. بوۋاي دەيدۇلەركى: سەن قايسىسىغا يەم بەرسەڭ شۇ ئۇتۇپ چىقىدۇ.
يۇقارقى ئىككى بۆرىنىڭ ئۇرۇشىشى سىزنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ قەلبىدە يۈز بېرىدۇ. سىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.سىزنىڭ تاللاشلىرىڭىز رىئاللىق بولىدۇ.
شۇڭا، ئەنسىزلىكنى ئەمەس ئۈمىدنى، قورقۇنچنى ئەمەس مۇھەببەتنى تاللايلى.
ھازىر مۇنداق، ئۆتمۈش ئۇنداق دېگەن سەۋەبلەر بىلەن كەلگۈسىنى سىزىۋالماستىن، «مېنىڭ راستلا مۇنداق بولغۇم بار!» دەپ تۇرۇپ ئەڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تاللايلى.بۈگۈنگە ئەڭ گۈزەل كەلگۈسىدىن قاراپ، بۈگۈندە ياشايلى.
100 يىلدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن
يەرلىك ئامېرىكانلادا ھەر بىر قارارىنى يەتتە ئەۋلادىنىڭ بەختىنى ئويلىشىپ قارار قىلىدىكەن. ھەتتا بىر دەرەخنى كەسسىمۇ يەتتە ئەۋلادىنى ئويلىشىپ كېسىپ، بىر دەرەخ كەسسە ئورنىغا يەنە بىرنى قويىدىكەن.
شۇنداق، بىزنىڭ دەقىقىلىق قارارىمىز بۇندىن كېيىنكى 100 يىلنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.ئۇشبۇ پىلانتنىڭ كەلگۈسى دەپ بىزگە تاپشۇرۇلغان.100 يىلدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى دەل ھازىر بىز تاللىيالايمىز.
ئۇشبۇ پىلانتتا تۇغۇلۇشىڭىزنىڭ سەۋەبى شۇكى-مۇھەببەتنى ئۆزىڭىزدە نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇشبۇ يەرشارى مۇھەببەتنى ئۆگىنىدىغان مۇقەددەس جايدۇر.
ھاياتتا ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىل ۋاقىت بولىدۇ. بىرى، خۇشال ۋاقىت.يەنە بىرى، ئۆگىنىۋاتقان دەملەر.ھاياتنىڭ ئەڭ ئېغىر دەملىرى ئەڭ قىتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىڭىز.
مەيلى قانچىلىك قېيىنچىلىق، ئازابلىق ئىشلار بولسۇن، يا مەيلى خۇشاللىق، كۆڭۈللۈك ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى ھامان بىر ياخشى كۈنلەر ئۈچۈن يۈز بەرگەن.
*************
ھەر بىر كۈنۈمدىكى كىتاب ئوقۇش ۋاقتىمدا خاتىرىلەپ قويغانلىرىممۇ ئاز بولمىغاندەك تۇرىدۇ. يېغىپ ئېيتساق، شۇنداق قىلىپ 2-ئايلىق كىتاب خۇلاسەم مۇشۇ يەردە تامام.
باھار ئايلىرى بىلەن باشلانغان خۇش-مۇبارەك كۈنلەردە ھەممىمىزگە بەرىكەتلىك، مەنىلىك كۈنلەر نېسىپ بولسۇن.
قەلەمدە: رەيھان ئابلەت
ئىنكاس يازىمەن