بالىلىقمدىكى ئۆيىمىزنىڭ ئالدى شۇنچىلىك چىرايلىق باھار چىچەكلىرىگە پۈركىنىپتۇ. مەن يېزىقچىلىق قىلىۋىتىپ، بۇ گۈزەل مەنزىرىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. ياق، ئۇ چىچەكلەر بۈگۈنكى قىستۇرما رەسىمدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىق ھەم غۇچچىدە.
ھېلىقى مەن داۋاملىق كىرىپ ئوينايدىغان، مەن بىلەن دېمەتلىك نەۋرىلىرى بار پەرىشتە سۈپەت موماي ھەم بوۋاينىڭ ھويلىسىدىكى دەرەخمۇ شۇنداق چىرايلىق (ساكۇرا چىچەكلىرى) ئېچىلىپتۇ..توۋا، كىچىكلىكىمدە ھەجەپ دېققەت قىلماپتىمەن، بۇ ھويلىدا مۇشۇنداق چىرايلىق چىچەك ئېچىلىدىغانلىقىغا! ھە-راست، چىچەكلەر تۆكۈلگەندە قويلار (ئۇلارنىڭ قويلىرى بار ئىدى)يەمدىغاندۇ؟ ياكى ئۇلار چاي قىلىپ ئىچەرمۇ؟
مەھەللىنىڭ بالىلىرى، بىز تورلاردىن رەسىملىرىنى ئاتايىن ئارزۇلاپ ساقلىۋالىدىغان ھېلىقى تىپىك ئۇيغۇر چىراي بالىلىرى شۇنداق بالىلىق شوخلۇقلىرىدا چىچەكلەر ئىچىدە ئويناۋىتىپتۇ..بۇ ئاجايىپ نادىر كۆرۈنۈشنى، نادىر سەنئەتنى رەسىمگە تارتىپ خاتىرلىۋالدىم! كىچىك چاغلىرىمدا بۇ نادىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانچىلىك قىممەتلىكىكىنى بىلمەپتىمەن، ئەمدى ھەر پەيتنىڭ گۈزەللىكىنى، قىممىتىنى چۈشەنگۈدەك بولغاندا قەدىرلىۋالاي، رەسىمگە تارتىپ ساقلىۋالاي…
***
كۆزلىرىمنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاچقىنىمدا تاڭ يورۇشقا باشلاپتۇ، سىرىتتىن يامغۇرنىڭ ئاۋازى كېلىۋىتىپتۇ..ئاھ، مۇنداق تاتلىق ھېسلارنى خاتىرلىۋىلىش، تاتلىق ھېسلار سۇسلاشماستا، ئۇنتۇلماستا خاتىرىلىۋىلىش كېرەك..
دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ، تېلىفۇنۇمنىڭ (ئادەتتە كەچتە تېلىفۇننى ياتاق ئۆيگە قويمايمەن) سائىتىگە قارىدىم. ئەتىگەن سائەت 4:43 بوپتۇ. بۇ قۇرلارنى يېزىشقا باشلىدىم…
مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە بالىلىقىم ھازىر مۇزىيىي قىلغۇدەك، تىپىك ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بولغانىدىم. بىر قانچە ئائىلە تۇرىدىغان بۇ ئۈژمىلىك ھويلىنى بىز بەلكىم مەن «ئۈژمىلىك كويلا»دەپ ئاتايتتۇق ياكى ئاتايتتىم. نېمىشقا ھويلىنىڭ «كويلا» بولۇپ قالغىنىنى ھاياتىمدا تۇنجى رەت بۈگۈن بۇ سەھەر ئويلاپ قالدىم..بەلكىم شۇ چاغلاردا مەن بەك كىچىك تەلەپپۇزنى توغرا قىلالماي شۇ ئىسىمغا كۆنۈپ قالغاندىمەن. پۇرسەت بولغاندا، ئۇنۇتماستىن ئانامدىن بىر سوراپ باقاي.
مەن ئەمدى بۇ ھويلىنى، بۇ مەھەللىنى ئەسلى ھالىتىدە يەنە بىر رەت كۆرەلمەيدىغىنىمنى بىلىمەن. بۇ سەھەر تاتلىق چۈشۈمنى مۇنداق ئاچچىق رىئاللىقتا بويىغۇم، ئىسراپ قىلغۇم كەلمىدى.. بەزىدە چۈش، ئوي-خىيال، رىئاللىقنىڭ نېمە پەرىقى؟! نېمە ئۈچۈن ئەڭ تاتلىق خىياللىرىمىزنىڭ، چۈشلىرىمىزنىڭ شىرىنلىكىىدىن ھوزۇرلانمىغۇدەكمىز؟!
تۇيۇقسىز ئادەم پىشىپ-يىتىلگەنسىرى ھەر پەيتنىڭ، ھەتتا چۈشنىڭمۇ شىرىنلىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى، قەدىرلەشنى بىلىدىغان بولىدىكەن. شۇنداق، تولىمۇ-تولىمۇ گۈزەل چۈش كۆرگەنىدىم! ماڭا چۈشۈمدە بولسىمۇ مەھەللەمنى باھار گۈللىرىگە پۈركىگەن، ئۇيغۇر بالىلىرىنى باھار خۇشاللىقىغا، كۈلكىلىرىگە تولدۇرغان ئاللاھىمغا رەھمەت ئېيتتىم ھەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بۇ قۇرلارنى ئاخىرلاشتۇردۇم.
ئويلاڭ، ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇ مەھەللىرى چىچەكلەرگە پۈركەنگەن، قەھۋەخانا شەكلىدە كوچىنىڭ بىر چىتىگە ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغان، بالىلار چىچەكلەر ئىچىدە ئويناۋاتقان…بۇ مەنزىرە نېمىدىگەن ئىللىق، نېمىدىگەن گۈزەل!
04/05/2024 10:03 چۈشتىن كېيىن
ۋە بۇ چۈشنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇ گۈزەل يۇرتلاردا ياشىغان ،سۈيىنى ئىچكەن ھىس قىلالايدۇ.