ئاچچىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟

( تودا كۇمىنىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن)

رەيھان ئابلەت

بىز ئاچچىقلىنىشنى ناچار قىلمىش دەپ بىلىمىز، شۇنداقلا ئاچچىقلىنىشلىرىمىزدىن نۇمۇس قىلىمىز. چۈنكى، بىزگە كىچىگىمىزدىن تارتىپ ئەنە شۇنداق ئۆگىتىلىپ كەلگەن ھەم رىئاللىقتىمۇ ھەر قېتىملىق ئاچچىقلىنىشلىرىمىز ناچار بىرھالەتنى پەيدا قىلىپ، ئاچچىقلىنىشنىڭ زادى  ئەسكى قىلمىشلىقى ئىسپاتلىنىپ كەلگەن. ئۇنداقتا، ئاچچىقنى يوقاتقىلى بولامدۇ؟ ئاچچىقلىنىش ھەقىقەتەن بىز ئويلىغاندەك ئەسكى ئىشمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئاچچىقلىنىش-ئادەملەردىكى خۇشاللىق، ئازاب، تەشۋىش، قورقۇنچ، ئىپتىخارلىنىش، كەمسىنىش…دېگەنلەرگە ئوخشاش تولىمۇ نورمال ھەم تەبىئىي بولغان ھېس-تۇيغۇلارنىڭ بىرى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاچچىقلىنىش- بىر تۈرلۈك ئۆزىنى قوغداش ھېسابلىنىدۇ. يەنى، قەدىر-قىممەت تۇيغۇمىز ھۇجۇمغا ئۇچىرىغاندا، ئاچچىقلىنىش ھىسياتى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئاچچىقلىنىشنى ئۇنچىلىك يامان ئىش دەپمۇ كەتكىلى بولمايدۇ. كىتابنىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان نوقتىسىدىن بىرىنى دەل مۇشۇ دىسىمۇ بولىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، ئاچچىقنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئۇنى زورلاپ بېسىۋىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ جاۋابىنى بىر جۈملە سۆزگە يېغىنچاقلىساق، ئاچچىق بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىمىز.

Historia De Un Amor

ئاچچىق بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش

 

ئاچچىقنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. بىرى، باشقا ھېس-تۇيغۇلاردىن  كۈچلۈك ئېنىرگىيەگە ئېگە بولىدۇ. يەنە بىرى، ئادەملەرئاسانلا ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئاچچىقنىڭ كەينىگە ئاسانلا كىرىپ كېتىشىنىڭ يەنە مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبى بولىدىكەن.

بىرىنجىدىن، نېمە سەۋەبدىن ئاچچىقىمىز كەلگىنىنى چۈشەنمەيمىز.

ئىككىنجىدىن، بىز ئەزەلدىن ئاچچىقلنىشنى ناچار قىلمىش دەپ ئويلىۋالىدىكەنمىز، بىز قانچىكى شۇنداق ئويلىغانسىرى تېزلا ئاچچىقلىنىپ سالىدىكەنمىز.

ئۈچىنجىدىن، «ئاچچىقلانسام بولمايدۇ» دەپ ئاچچىقمىزنى بېسىۋىتىشكە ئۇرۇنغانسىرى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ سالىدىكەنمىز.

كىتابتا، ئادەمدە پەيدا بولىدىغان ھەر بىر ئاچچىقلىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن كونكىرىت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەن تۆۋەندە ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان بىر قانچە نوقتىنىلا  يېغىنچاقلاپ سۆزلەپ ئۆتىمەن.

ئاچچىقنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا چىقىرىۋىتىش

 

ئاچچىقنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى-ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا چىقىرىۋىتىش.يەنى، ئاچچىقنى مەجبۇرى باستۇرىۋەتمەستىن، سىرىتقا چىقرىۋەتكەن تۈزۈك. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل يولى بار: بىرى، ئىشەنچىلىك، سىز بىلەن ئورتاق ھىسياتتا بولالايدىغان ئادەمگە مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرىش. يەنى، سۆزلەش جەريانىدا مۇرەككەپ ئويلىرىڭىز رەتلىنىدۇ ۋە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئويلىرىڭىزنى رەتلىۋىلىشىڭىزغا يارىدەم قىلالىشى مۇمكىن.

ئىككىنجىسى، يېزىش. يەنى، كاللىڭىزغا نېمە كەلگەن بولسا شۇ بويىچە يېزىپ بېقىڭ، يېزىش جەريانىدا ئويلىرىڭىز رەتلىنىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى چۈشىنەلەيسىز. يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ مەلۇم دەرىجىدە سوغۇققان ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئەمدى كىيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى، بۇ ئىش ئارقىلىق نېمىلەرنى ئۆگەنگىنىڭىزنى، يەنە مۇشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇنداق يېزىش ئارقىلىق چىقىرىش- شەخسەن مەن كۆپىنچە قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل.

بالىلىرىمىزغا ئاچچىقلانغاندا

ئادەمنىڭ ئەڭ ئاسان ئاچچىقلاپ قالىدىغىنى-ئەڭ يېقىن ئادەملىرى. يەنى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاچچىقلىنىپ قىلىشتىن ساقلانمىقى تەس، بولۇپمۇ بالىلىرىغا.

ئاپتۇر مۇنداق يازىدۇ: مەن بالامغا ئاچچىقىمدا دېسەم بولمايدىغان گەپلەرنى دەپ سالغىنىمدا قانچىلىغان قېتىم يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقىنىدا كەچۈرۈم سورىغانىدىم.. ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايمەن. «ئىسىت، بالىلىرىم كىچىك ۋاقتىدا ئاچچىقىمنى كونتىرۇل قىلىشنى بىلگەن بولسامچۇ» دەپ. ئاپتۇرنىڭ بۇ ھىسياتىغا مەنمۇ ئورتاقلاشتىم. مېنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق كەچۈرۈم سورىغان، ئۆزۈمنى ئەيىپلىگەن ۋاقىتلىرىم بولغان.

كىتابتا مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە  قىلىدۇ. بالىلىرىڭىز ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەندە ئالتىگىچە ساناڭ ھەم ئاغزىڭىزدىن ئاچچىقتىن گەپ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن مۇنۇ بىر قانچە خىل ئامالنى سىناپ بېقىڭ.

1.ئۆزىڭىزگە«ئۆزۈڭنى بىسىۋالغىن» دەپ ئاۋازىڭىزنى چىقىرىپ ئېيتىڭ.

2. ئۆزىڭىزگە«چوڭ ئىش يوق» دەپ ئاۋازلىق ئېيتىڭ.

3. ئاچچىقىڭىزكەلگەندە ئۇندىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكىلىرىڭىزنىڭ ئىسمنى دەڭ. مەسلەن، شاپتۇل، كاۋاپ، لەغمەن، پىشلاق…دېگەندەك. ھاھا ھا..بالىمىزغا ئاچچىقلايمىز دەپ تۇرغىنىمىزدا مۇشۇنداق دەپ كەتسەك نېمىدىگەن قىززىق!😄

ئۇندىن باشقا سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان، سىناقتىن ئۆتكەن ئاماللىرىڭىز بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ھەمراھىمىزغا ئاچچىقلانغاندا

ھەمراھىمىزغا مەلۇم سەۋەبلىك ئاچچىقىمىز كەلگەندە، ئۇنى ئىچىمىزگە يۈتىۋەتكەندە بۇ ئاچچىق بارا-بارا چوڭىيىپ، ئاقىۋەتتە بىراقلا پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاچچىقىمىز كەلگەن ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان تۈزۈك. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى شەخسى پىكىرىم، جون گوتمەننىڭ«بەخىتلىك نىكاھنىڭ يەتتە پىرىنسىپى»ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئويلىرىڭىزنى ئۇدۇل، ئوچۇق ئېيتىڭ

مۇناسىۋەتنى شۇنداقلا ئۈزىۋەتكىلى بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوتتۇرىمىزدا  بەزىدە  قورساق كۆپىكى بولۇپ قالىدۇ. قارشى تەرەپنى كەچۈرىۋىتەلمىگەن ئەھۋالدا يەنە داۋاملىق بېرىش-كېلىش قىلىش ئاسان ئەمەس. مۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە  نېمىگە خاپا بولغىنىڭىزنى ھەم قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىڭ. سىز گەپنى ئوچۇق  قىلغاندىن كېيىن ئىككى خىل نەتىجە چىقىشى مۇمكىن. بىرى، قارشى تەرەپ بىلەن ئوتتۇراڭلاردىكى ئازارچىلىق تۈگەپ مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا قارشى تەرەپ شۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىڭىزدىن يوقايدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يۇقارقىدەك سىز ئويىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئېنىق ئېيتقان بولسىڭىز، ئۆز ئىشىڭىز بىلەن مەشغۇل بولىۋىرىڭ، بەزى مەسىللەرنى ۋاقىت ھەل قىلىدۇ. قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەمدۇ ياكى شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتەمدۇ بۇ قارشى تەرەپكە باغلىق. بۇ ئىشلار ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئارتۇقچە  سەرپ قىلىش تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش بىلەن ياخشى بىر مۇناسىۋەت قۇرغىلى بولمايدۇ. قارشى تەرەپ بىلەن ھەقىقى مۇناسىۋەت قۇرغىڭىز بولسا، ئويلىرىڭىزنى ئۇدۇل يەتكۈزۈڭ. باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان گەپنى يەنى، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخىمۇ كۆيمەيدىغان گەپنى قىلىدىغان ئادەمدىن، بەزىدە«مەن ئۇنداق قارىمايمەن!» دەپ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوچۇق ئېيتالايدىغان ئادەم ئىشەنچىلىك بولىدۇ.

خۇلاسە-كالام

 

شۇنداق، بىرەر پارچە كىتاب، بىرەر پارچە ماقالە بىلەن ئاچچىقنى ئۇستىلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلالايدىغان ئادەم بولماق مۇمكىن ئەمەس، شۇنداققۇ؟ تودا كۇمى  ئېيتقاندەك  100 قېتىم، 300 قېتىم سىناپ باقالمىساقمۇ، ئۈچ قېتىم ئوتتۇز قېتىم سىناپ باقالىشىمىز مۇمكىن.

خەير، ئامان بولۇڭ! نېسىپ بولسا كېلەر قېتىملىق يازمامدا كۆرىشەيلى.

تارقىتىڭ...