ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز قىلماڭ

رەيھان ئابلەت

كىمۇ سىخىيوننىڭ«ئۆزۈم بولۇپ ياشىدىم»ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىكى ئويلار

 

Because I`m woman

ئىستەمى ئىككىمىز بىرلىكتە بازار ئايلانغان كۈن ئىدى.  ماركىلىق سومكىلارنى كۆرىۋىتىپ بىر سومكىنى قولۇمغا ئېلىپ تاقاپ كۆرۈپ:

-ماۋۇ سومكىنى ئەپ بېرەمسەن؟-دېدىم  چاقچاق  قىلىپ.

-مىڭ يىن بولسا ئەپبىرەي-دېدى ئوغلۇم سەبىيلىك بىلەن.

-قارا، 148تۈمەنلىك(ياپون پۇلى)سومكىكەن-دېدىم باھاسىغا قاراپ.

-ئەمسە، كەلگۈسىدە داڭلىق پۇتبۇل چولپىنى بولغاندا ئەپبىرەي.

-كەلگۈسىدە داڭلىق پۇتبۇل چولپىنى بولساڭمۇ، بىر سومكىنى يۈزنەچچە تۈمەنگە ئالغاندىن كۆرە باشقا نەرسە سوۋغا قىلارسەن. جاھاندا يەيدىغانغا نەرسىسى يوق ئەخلەت تىرىپ يەۋاتقانلارمۇ بار،- دېدىم ھەم چاقچاق ھەم راسمىي يوسۇندا كىچىككىنە ئوغلۇمغا.

دەل شۇ كۈنلەردە «يەرشارىدىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى»ناملىق كىتابنى، لاگىردىكىلەرنىڭ زىمىستاننىڭ نۆلدىن تۆۋەن سوغىقىدا ئەسكى ئاياغ بىلەن  ئىشلىگەن، كېچىلىرى يوتقانسىز توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىرى، ئاچلىقتىن جان ئۈزگەنلىرى…دىن ئىبارەت رىئاللىقنى ئوقۇۋاتقان، بۈگۈنكى رىئاللىقتىمۇ ئۇ يىللاردىن سېلىشتۇرغۇسىز قىيىن  كۈنلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ بارلىقىغا، بىر ئىسىققىنە چاپانغا، ھەتتا  ھاجەتخانىنىڭ تازىلىق قەغىزىگە مۇھتاج ئادەملەر، ھېلىمۇ ھەم ئويلىسام بىئارام بولىدىغان كۆز ئالدىمدا ئەخلەتتىن يىمەكلىك تېرىپ يىگەن ھېلىقى قىزچاققا ئوخشاش بالىلارنىڭ ھېلىمۇ ھەم بارلىقىغا  ئىچىم سىيرىلىۋاتقان كۈنلەر ئىدى..

ئەلۋەتتە، مەنمۇ ماركىلىق بويۇملارنى ، كىيىملەرنى ياخشى كۆرىمەن. ئىقتىسادىم يار بەرسىلا ئامال بار ماڭا ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى، ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمەن ھەم شۇنىڭغا لايىق دەپ قارايمەن. بىراق، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، گۈزەللىكى، خۇشاللىقى ھەم قەدىر-قىممىتىنى نوقۇل ماركىغا باغلاپ چۈشىنىۋىلىشى بىچارىلىك دەپ قارايمەن.

بىز ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە كەچمۇ بولۇپ قالغانىدى، قازان بېشىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن  بىرەر ئىستاكان قەھۋەرىمنى ئىچىپ ئارام ئالغاچ تېلىفۇنۇمنى سىيرىشقا باشلىدىم.  بىرىنىڭ ئۆيىنى تونۇشتۇرغان ۋىدىئوسىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇياق ئۆزىنىڭ نەچچە قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك داچىسىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ، كىيىم-كىچەك،ئاياغ-سومكىلىرىنى قويىدىغان خاس ئۆيىدىكى قاتارىسقا تېزىلغان داڭلىق ماركلىق سومكىلار چىقىشقا باشلىغاندا ئىختىيارسىز«نېمانچە بەخىتلىك  ئايالدۇ بۇ!» دەۋەتتىم. ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقان ئوغلۇم«نېمە بولدى ئاپا؟»دەپ سورىدى. «ماۋۇ ئايالنىڭ  بۈگۈن بىز بازاردا كۆرگەن سومكىدىن بىرى ئەمەس نەچچە ئونى باركەن قارا»دېگىنىمدە. «ئاپامۇ جىيۇبۇن(ياپونچە يىتەرلىك دېگەن مەنىدە)بەخىتلىك»دېدى كىچىككىنە ئوغلۇم خۇددى ئاقىل بوۋايلاردەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.»

ئەقىللىق ئوغۇلچىقىمنىڭ سۆزى بىلەن دەرھال ئۆزۈمگە كەلدىم-دە«دېمىسىمۇ شۇ،-ھە! ئۆزۈڭ كىچىك بولغان بىلەن ئەقىللىق بوۋايدە سەن!»دەپ ئوغلۇمنىڭ سەبىي يۈزلىرىنى سىيلاپ ئەركىلىتىپ قويدۇم-دە، تېلىفۇنۇمنى قويۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم.

كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كۈزنىڭ ئاسمىنىدەك تولا ئۆزگىرىدىغان كۆڭلى! تېخى نەچچە سائەت بۇرۇنلا ئالىيجاناپ پەلسەپە سۆزلىگەن مەن توردىكى خەقنىڭ ھەشەمىتىنى كۆرۈپ بىردەمدىلا ئوغلۇمغا دېگەنلىرىمنى، ئەسلىدىكى ئۆزۈمنىڭ قىممەت قارىشىمنى ئۇنتۇپ نېمىشقىدۇر قارشى تەرەپنى شۇنداق بەخىتلىك ھېس قىلدىم-يۇ، ئۆزۈمدە بارلىرىنى ئۇنۇتتۇم…گەرچە، نەچچە مىنۇتلۇق ھىسيات بولسىمۇ، مەندە ئاشۇنداق ئوي بولغىنى راست. ئوغلۇمنىڭ سۆزى بىلەن دەرھال ئېسىمنى تاپتىم ھەم ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىغا، مۇھەببەت ھەم گۈزەللىككە تولغان ھاياتىمغا قايتتىم.

خوش، يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ ئۆزىمىزگە سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلىنپ باقايلى. تاشقى دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋىردىكى تور دۇنياسىنىڭ مۇشۇنداق ئىزىقتۇرۇشلىرىغا قەتئي ئىزىقمايمەن دېيەلەمدۇق؟ نورمال بىر ئادەمدە دەماللىققا مۇنداق سىلىشتۇرۇشنىڭ بولۇپ قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. گەپ شۇ چاغدىكى ئويىغا، پاسسىپ ھسىياتىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەم بۇ خىل پاسسپ ھىسياتتىن قانداق قىلىپ ئۆزىنى دەرھال ئېلىپ چىقىپ كېتىش.

دۇنياۋى داڭلىق ماركا شەنىلنىڭ ئىجادچىسى كوكو شەنىل مۇنداق دەيدۇ: گۈزەللىك سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بولىدۇ. گۈزەللىكنى ئىچىدىن تاپالمىغان كىشىدە ھەر قانچە پەردازلانسىمۇ گۈزەللىك ھەم جەلپكارلىق بولمايدۇ.

بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كورىيەلىك كىمۇ سىخىيوننىڭ«مەن ئۆزۈم بولۇپ ياشىدىم» ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋىتىپ دەل يۇقارقىدەك بىر مەزمۇننى ئۇچىرىتىپ قالدىم. يەنى، بۇ ئاپتۇرنىڭ ئىنستىگرامنى يېڭى ئىشلىتىشكە باشلىغان چاغلىرى بولۇپ،  رەسىملەر ئىچىدىن تولىمۇ گۈزەل، جەلپكار بىر ئايالنىڭ سۈرىتىگە قىزىقىپ ئۇنىڭ ئاكۇنتىغا قارىسا، نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچلىرى بار«تور چولپىنى»بولۇپ چىقىپتۇ. ئايالنىڭ يوللانمىلىرىنى كۆرىۋىتىپ، ئاپتۇرنىڭ بايىلا ماگزىندىن سېتىۋىلىپ ھووزۇرلىنىپ يىگەن ئونىگىرىلىرى بىلەن ئۆزىنى تولىمۇ بىچارە  ھېس قىپتۇ، تەخمىنەن900يىنغا خۇشاللىق بىلەن سېتىۋالغان پارقىراق سومكىسىمۇ كۆزىگە  سەت  كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ.

ئۇنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ، چەتئەل ساياھىتى قىلىپ يۈرىدىغان بۇگۈزەل ئايالنىڭ ئۇنىڭكىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنىدىغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى بولماستىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ شۇنچىلىك كۆپلىكى بولۇپتۇ.

كىمۇ سىخيون يەنە مۇنداق يازىدۇ:بۇرۇنقى زامانلار بولغان بولسا، دۇنيادا ئاشۇنداق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئايالنىڭ بارلىقىنى بىر ئۆمۈر بىلمەي ياشىغان بولاتتىم. ئەمما بۈگۈنكى دەۋىردە، تورلاردىن ئاۋۇ ئايالدەك باشقىلارنىڭ«مۇكەممەل» تۇرمۇشىنى ئۇچراتماق، باشقىلارنىڭ «بەختلىك ھاياتى»نى كۆزەتمەك ئۇنچىلىك تەس ئەمەس.باشقىلارنىڭ «مۇكەممەل»تۇرمۇشى ھەممىمىزنىڭ تەبىئىيلا ھەۋىسىمىزنى قوزغايدۇ. ئەمما، بۇ خىل ھەۋەس قىلىشنىڭ قانداق بەدىلى بارلىقىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟

«ئۆزىنى بەخىتسىز قىلىشنىڭ ئۇسۇلى»ناملىق كىتابتا، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزىنى بەخىتسىز قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئېكەنلىكى دېيىلگەن. بەلكىم، شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە سىزمۇ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپ، تورلاردىن ئۇلارنىڭ «مۇكەممەل ھاياتى»نى كۈزىتىۋاتقان، بەخىتسىزلىك بەدىلىنى تۆلەۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ خىل ھەۋەس قىلىش ئارقىلىق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمىز. باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىززىققۇدەك ۋاقتىمىز، قىزىقىش-ئېنىرگىيەرىمىزنى ئۆز تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكىنىمىز، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تاماشىبىنى  بولۇشنى توختاتقىنىمىز تۈزۈك.

بىر قانچە پارچە سۈرەت ئارقىلىق بىلگەن باشقىلارنىڭ يۈزەكى «مۇكەممەل»ھاياتىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ھاياتى تېخىمۇ قىممەتلىك. ئەمدى باشقىلارنىڭ يۈزەكى«بەختىيار تۇرمۇشى»نى ئۆزىڭىزنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز قىلماڭ.

ھەسەتنىڭ ئەڭ  قورقۇنچلۇق تەرىپى شۇكى، ئۆزىدە بار نەرسىلەرنى قىممەتسىز دەپ ئويلاپ قىلىشىدۇر.

شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ، باغچامدىكى قۇياش نۇرىدا گۈلۈمگە قاراپ ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختىيار ھېس قىلماقتىمەن…ھەر قانداق ئادەمنىڭ بەخىتنى ھېس قىلىش يولى ھەم ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئۆزىگە خاس خۇشاللىق، بەختىنى تېپىش ھەم ھوزۇرلىنىشمۇ ئۆزى بولۇپ ياشاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر.

تولىمۇ ئاددى بولغان مەن، كىشىلەرگە ھەسەت قىلماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭ سوغۇق نەزەرلىرىگە پەرۋا قىلماستىن، ئۆزۈم بولۇپ ياشاش-مېنىڭ نىشانىمدۇر.

كىتابدىن پارچە

 

كىمۇ سىخيون ئۆزى توغۇرلۇق مۇنداق يازىدۇ: كچىگىمدىن تولا سۇئال سورايدىغان بالا ئىدىم. ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنىڭ تولا«نېمىشقا؟» دېگەن سۇئالىمدىن بىزار ئىدى. چوڭمۇ بولدۇم. ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە، كۈچسىز ھېس قىلاتتىم. تۈزۈكرەك ئوقۇش تارىخىممۇ، قابىلىيىتىممۇ، پۇلۇممۇ يوق ئىدى، كەلگۈسۈم قاراڭغۇ،ئەنسىزلىككە تولغان ئىدى. مەن نېمىشقا مۇنداق ئادەم بوپقالىمەن؟!تۈزۈكرەك ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسام، ئوبدانراق يەردە تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسام ياخشى بولار بولغىيمىتى؟ شۇنچىلىك ئويلاپمۇ قەيەردە كەتكۈزىۋەتكىنىمنى  بىلەلمەيتتىم…

نۇرغۇنلىغان كىتاب ئوقۇدۇم. كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقىمدىن ئەمەس، سۇئالىمغا جاۋاب ئىزلەش ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغىمنىڭ، نېمە ئۈچۈن مۇكەممەلسىزلىكىمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى بىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدۇم. ئاخىرى، پۈتۈن دۇنيا مېنى قىممەتسىز دەپ قارىسىمۇ، ئۆزۈمنى قەدىرلىشىمنىڭ كېرەكلىكلىكىنى، ئۆزۈم بولۇپ ياشاشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندىم. تولىمۇ سوغۇق ئۇشبۇ دۇنيادا، بىز نېمىشقىدۇر ھېچقانداق گۇناھسىز ئۆزىمىزنى ئەيىپلىۋالىمىز. مەن ئۆزۈمگە ئوخشاش ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغانلارغا شۇنى ئېيتماقچىمەن. سىز ھېچنىمنى خاتا قىلمايۋاتىسىز، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاڭ!(يۇقارقى ئابزاس كىتابدىن ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىندى)

***

سىزمۇ بەزىدە يۇقاردا ئېيتىلغىنىدەك ھاياتىڭىزنىڭ قەيەرلىرىدىدۇر خاتا كەتكۈزىۋەتكەندەك، ھازىرقى دىشۋارچلىق ۋە ياكى بىئاراملىقىنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىڭىزدىنلا ئىزدەمسىز؟ ئوقۇش تارىخىڭىز خىزمەت ئورنىڭىزدىن قۇسۇر ئىزلەپ بۇنى ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنىڭ ئاساسى دەپ ئويلىۋالامسىز؟

بەزىلەردە سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان، قەدىرلىمەيدىغان كىشىلەرگىمۇ ياخشىچاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى«ئەسكى ئادەم» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشامسىز؟ ئۆزىنىڭ ئىززەت-نەپسىنى قوغداش ئۈچۈن، سىزگە قوپاللىق قىلغانلارغا قارشىلىق كۆرىستەلەمسىز؟

دۇنيادا بىر تەرەپ قىلماق ھەممىدىن قىيىنى-كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا كېرەك. بەزىلەر تۇرۇپلا سىزدىن يېراقلىشىدۇ. بەزىلەر ئاتالمىش«چاقچاق»لار بىلەن كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىدۇ. يەنە بەزىلەر سىز ئېيتقان سۆزلەرنى ئۆزىچە ئۆزى بىلگەنچە تەرجىمە قىلىۋىلىپ غۇم ساقلايدۇ ياكى سىزگە زەربە بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ..قىسقىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى راھەت ھالدا ئېلىپ مېڭىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

كىتابتا مۇنداق ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ:

ئاپتۇر ياخشى تونۇيدىغان بىر قىزچاق داۋاملىق يىگىتى ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى توردا ھەمبەھىرلەپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى نامەلۇم كىشىدىن«ئۆزىنىڭ بەختىنى توختىماي سازايى قىلغان، دۇنيادا بەخىتىسزلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلاپ قويايلى!»دېگەندەك ئىنكاس چۈشىدۇ. قىزنىڭ شۇنداق كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

ئەمەلىي  ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، تور دۇنياسىدا ھەقىقەتەن ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشلار، كۆپتۈرۈشلەر، ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدىغانلار يوق ئەمەس بولسىمۇ، قىزچاقنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش بولماستىن، پەقەت گۈزەل تۇيغۇلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، خاتىرىلەپ قويۇش ئىدى. يەنى، مەسىلە ئۆز خۇشاللىقىنى خاتىرىلەپ قويماقچى بولغان قىزدا ئەمەس، بەلكى  تۇرمۇشتىكى بىسىملىرىنى بىرتەرەپ قىلالماي، خەققە ھۇجۇم قىلغان ھېلىقى نامەلۇم كىشىدە.  سىزدىكى نىيەت دۇرۇس بولسا، سىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان كىشىلەرگە پەرۋا قىلماسلىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

يۇقارقى قۇرلارنى يېزىپ بولۇپ، ئىسنتىگرامنى ئاچسام مەن كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان نامەلۇم خانىمنىڭ يوللانمىسى چىقىپ قالدى. ئۇ خانىم ھەركۈنى سەھەردىكى مول ھەم گۈزەل دوستىخنىنى يوللايدۇ. پەسىللىك گۈللەر بىلەن بىزەلگەن ئۈستەلدىكى چەينەكتە قايناپ تۇرغان قىززىق قەھۋە-چايلار، گۈزەل سەنئەت تۈسىىدە تەييارلانغان مول ناشتىلىق ماڭا شۇنداق گۈزەل، ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدۇ ھەم بۇ ئايالنىڭ ئاياللىق سەنئىتىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن ھەم ئۇ خانىمنى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مول دوستىخىنىنى سازايى قىلىش ئۈچۈن يوللىدى دەپ قارىمايمەن.

ئەنە شۇنداق تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەرنى بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمبەھىرلەشمۇ بىر خىل خۇشاللىق. سىزدىكى توغرا نىيەت خاتا تەرجىمە قىلىنغاندا، ئازار يىگەندە ئەڭ ياخشىسى مۇنداق كىشىلەرگە پەرۋا قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك.  ئۆزى بولۇپ ياشاشنىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسىدىن بىرى، دۇنيادا ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان ئۆزىنى قەدىرلەش، ، ئۆزىگە ناچار مۇئامىلىدە بولغانلارغا  قارشى تۇرالايدىغان بولۇش، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشىچاق بولماسلىق. شۇنداقلا ئۆزىگە ئوقۇش تارىخى، ئېلىۋاتقان مائاشى، جەمىئەتتىكى ئورنى، ھەتتا تاقىۋالغان زىبۇ-زىننەت، كىيىم-كىچەكلىرى، تاشقى-جابدۇقلار ئارقىلىق باھا قويماسلىق ھەم مۇشۇنداق باھا قويىدىغان كىشلەردىن يېراق تۇرۇش، قەدىر-قىممىتىنى سان-سىفىرلارغا باغلىۋالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىلا ئادەم بولۇپ تۇغۇلغىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىگىلى بولمايدىغان بىباھا قەدىر-قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىش، ھاياتىنىڭ ھەر بىتىنى يېنىك ھەم  ئەسلى تۇيغۇلىرىدا ياشاش، ئۆزىدە بارلىرىدىن مىننەتدار بولۇش ھەم ئۆزىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا بەخىتكە ئېرىشتۈرۈپ ياشاش-ئۆزى بولۇپ ياشاش ھېسابلىنىدۇ.

باشقىلارنىڭ چەك-چىگرالىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكىمۇ بولمىغىنىدەك، ئۆزىمىزنىڭ چەك-چىگرالىرىنىمۇ قوغدىمىساق بولمايدۇ. ھەممىلا ئادەم بىلەن ياخشى ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ ھەممىدىن قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئادىمىمىز-ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز.

 

 

مەن بۇندىن كېيىن ئوقۇغان كىتابلىرىم ھەققىدە تەپسلىي توختالمايمەن، يۇقارقىدەك ئەمەلىي تۇرمۇشۇمغا تەدبىقلاش ئارقىلىق سۆزلەشكە تىرىشىمەن.

خەير، يەنە بىر قېتىملىق يازمامدا كۆرىشەيلى.

 

 

تارقىتىڭ...