ئادەم بۇ ھاياتىدا ھەمكارلىقسىز، باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ياشىيالمايدۇ، شۇنداققۇ؟

بولۇپمۇ «نارازىلىق» ئىسىملىك ھېچكىم خالى بولالمايدىغان مەسىلە ھامان باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز، ھەمكارلىقسىز ھەل بولمايدۇ.

 

 

Francis Goya – Rann Na Mona

 

قارشى تەرەپكە سۆزلىرىم تەسىر قىلسۇن دېسىڭىز

 

قارشى تەرەپكە سۆزلىرىم تەسىر قىلسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى قائىدە ئېسىڭىزدە بولسۇن:

بىرىنجى قائىدە شۇكى: قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ

كۆڭلىڭىزدىكى نارازىلىقنى موھىم كىشىلىرىڭىزگە يەتكۈزمەكچى بولسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ.
قارشى تەرەپ مەيلى ئۈچ ياش بولسۇن، 30 ياش ھەتتا، 90 ياش بولسۇن ئۇشبۇ قائىدە ھەممىسىگە ئورتاق. (بالىلار پىسخولوگىيەسىدىمۇ بالىلارغا گەپ ئاڭلىتىشنىڭ ئۇسۇلىدىن بىرى دەل ئوخشاش تەڭپۇڭلۇقتا بالا بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەش تەكىتلىنىدۇ.)

بىزدە «كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى» دەيدىغان سۆز بار، قارشى تەرەپنىڭ كۆزلىرىدىن يۈرىكىنى تىڭىشغاچ، تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىرىڭىزنى، نارازىلىقلىرىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئاچچىغىڭىز يانمىغان، تەمكىن بولالمىغان چېغىڭىزدا ئەڭ ياخشىسى نارازلىقىڭىزنى ئېيتماي تۇرغىنىڭىز تۈزۈك.

 

ئىككىنجى قائىدە: بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا نارازىلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ.

كىملا بولسۇن بىر قېتىمدا قارشى تەرەپنى قاقشاشلارغا كۆمىۋەتسىڭىز قارشى تەرەپ بىلەن قەستەن توقۇنۇشقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىپ تۇرۇپ، نارازىلىقلىرىڭىز ئىچىدىن بىرنى تاللاپ ئېيتقىنىڭىزدا قارشى تەرەپتىنمۇ ياخشى ئىنكاس كېلىدۇ.

 

 

تۇنجى كۆرۈشكەن ئادەم ياكى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك يولى بار:

 

بىرىنجىدىن:  كەيپىياتتىن پايدىلىنىش

مۇنداق بىر تەجىرىبە ئېلىنىپ بارغان.
ئالى مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىغا پىچىنە بېرىلىپ، بىر قىسىمىغا بېرىلمىگەن. ھەم مەلۇم بىر ئىشقا ھەمكارلىشىش تەلەپ قىلغاندا، پىچىنە بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى بېرىلمىگەنلىرىگە قارىغاندا يۇقىرى بولغان ھەم ھەمكارلىق ئېڭى يۇقىرىراق بولغان.

 

ئىككىنجىدىن: كۈلگەن چىراي

ھەقىقى كۈلگەن چىرايدىكى كۆز قۇيرۇقىدىكى قېنىق قورۇقلاردىنمۇ ئارتۇق بەخىتنى سۆزلىگۈچى بولماس.

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بالىلىق چاغلىرىدىكى كۆپلىگەن سۈرەتلىرى كۈلۈپ چۈشكەن چىراي ئىپادىسى بىلەن تولغان كىشىلەرنىڭ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش خاتىرە رەسىمىدە ھەقىقى كۈلكىگە يېقىن كۈلۈمسىرەشلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن كىشىنىڭ رەسىمدىكى كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىنىڭ پۇرۇلۇش دەرىجىسىگە قاراپ، ئانچە كۈلۈپ كەتمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، نىكاھتىن ئاجىرىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان.

كېلەر قېتىم مۇنداق بىر ئىشنى سىناپ بېقىڭ.
قەلبىڭىزدە نارازىلىق بار شۇ كىشىگە يۈرىكىڭىزدىن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز نارازىلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ.
قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىڭىزنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاڭلاۋاتقىنىنى بايقايسىز.
بۇ خىل يۈرەكتىن چىققان كۈلكە كۈچلۈك قۇرالغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مەشىق قىلىپ يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.

مەسلەن، پىركازچىك، ئابتۇبۇس شوپۇرى، پوچتىكەش قاتارلىقلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا مەشىق قىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تېخىمۇ يۇقىرىراق دەرىجىدە مەشىق قىلىش ئويىڭىز بولسا، پوچتىخانىنىڭ مۇلازىمەت ئېغىزىدىكى خادىم، مىترو خادىملىرى…دىگەندەك  كىشىلەرگە ئۆزىڭىز نارازى بولغان بىرەر ئىشنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كىشى كىمگە يۈرىكىدىن كۈلۈپ باقسا، قارشى تەرەپمۇ يۈرىكىدىن كۈلۈپ قارايدۇ.
ئەگەر، قارشى تەرەپتىن كۈلكە قايتمىغان بولسا، سىزنىڭ كۈلكىڭىز يالغان!
كۆزنىڭ جىيەكلىرى پۈرۈشمىگەن كۈلكە ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق ساختا كۈلكە.

 

ئۈچىنجىدىن: قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىش

نارازىلىقىمىزنى يەتكۈزمەكچى بولغان قارشى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولساق، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىش، قارشى تەرەپنىڭ ئويلىرى، كۆز-قاراشلىرىنى چۈشىنىش ھەر قانداق تەدبىردىن ئۈنۈملۈك.

قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلانغىنىڭىزدا، نارازىلىق خېتىڭىزنى ئۈنلۈك قىلىپ ئوقۇپ چىققىنىڭىزدا، قارشى تەرەپكە قانداق تەرىزدە ئاڭلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.
ئەگەر قارشى تەرەپ ياخشى تەسىردە قوبۇل قىلالمايدىغاندەك بولسا، رىئاللىقتىمۇ شۇنداقراق بولىدۇ.
ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى تۈزىتىپ، قايتا ئوقۇغاندا قۇلاققا خۇش ياققۇدەك بولغاندا، بۇنى راسمى ئوقۇيدىغان قارشى تەرەپمۇ ھەمكارلىق تەرەپكە ئۆتۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ.

ئاخىرىدا نارازىلىقىڭىزنى ئېيتقاندا دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك مۇنداق نوقتىنى تونۇشتۇرىمەن.
مەيلى بىرەر مەھسۇلاتنى قايتۇرۇش، پۇل قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىللەردىكى نارازىلىقىڭىز بولسۇن، تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز ئېنىق بولسۇن.

 ھىسسيات بىلەن ئەمەس، ئەستايدىللىق بىلەن كونكىرىت ھالدا نېمىگە نارازى بولغىنىڭىزنى ئېنىق ئېيتىڭ. كۆرۈشكەن، خوشلاشقان چاغدا يۈرەكتىن چىققان كۈلكىڭىز بىلەن نارازىلىقىڭىزنى«سەندۋىچ» شەكلىدە يەتكۈزۈڭ.

 

 

ئوقۇۋاتقان ئۇشبۇ كىتابىمدىكى بىر قانچە مەزمۇننى غەيرەت قىلىپ يەتكۈزىۋەتسەم،  بىر مەزگىل بۇ خىلدىكى مەزمۇنلار يوللانمايدۇ ھەم بىلوگىممۇ ئارام ئېلىشى مۇمكىن. خەير، سالامەت بولۇڭ~

 

*******************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

تارقىتىڭ...