ئاچچىقنى كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن چۇڭقۇر نەپەس ئېلىش،ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، يۈزىنى يۇيۇش، ساناق ساناش..دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ، پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىكى ھىسياتنى كونتىرۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي ساۋاتلار مېنى بۇ ھەقتە  يېڭى تونۇشقا ئېگە قىلدى. بۇ ھەقتىكى مەزمۇننىڭ نەق يېرىنىلا يەتكۈزۈشنى لايىق تاپتىم. تەپسىلاتىنى بىلگۈڭىز بولسا كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

 

Cecile Corbel – The Riddle

 

ئىچكى ھىسياتىنى كونتىرۇل قىلىش تىخنىكىسى

 

ھىسسىياتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ خىل ئامىل ئىچىدە بەدەننىڭ ئىنكاسىنى بىۋاستە كونتىرۇل قىلىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل.
بەزىلەر ئاچچىققا ئوخشاش ھىسسياتلارنى چۇڭقۇر نەپەس بىلەن باسقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، چۇڭقۇر نەپەس يۈرەك رىتىمى، قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. ھەقىقى مەنىدىن ئادەم ئۆزىنىڭ ئاپتۇماتىك نىرۋا سىستىمىسىنى كونتىرۇل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
ھىسيات قاينىمىغا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەركىتى، ئويى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكتىن باشقا چارە يوق.

***

پاسسىپ ھىسياتىنى باستۇرۇش

 

ھەر قانداق ئادەمنىڭ يۈرىكىدىكىنى سىرىتقا چىقارماي يوشۇرىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.

مىسالغا ئالساق، نەچچە ھەپتە ئەجىر قىلىپ تەييارلىغان لىكسىيەرىڭىزنى سۆزلەپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، باشلىقىڭىزنىڭ ئاچچىقلىغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە بىر تەرەپتىن نۇمۇس قىلسىڭىز، بىر تەرەپتىن قولىڭىزدىكى ماتىريال بىلەن باشلىقىڭىزنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرىۋەتكۈڭىز كېلىدۇ. ( راست ھە 😄) لېكىن، سىز بۇ ھىسسياتىڭىزنى يوشۇرىسىز.

سىز خېلى ياقتۇرىدىغان بىرى ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقىنى يەپ كېتىشىڭىز ئۈچۈن ئۆيىگە تەكلىپ قىلغىنىدا، ئاتايىن بارسىڭىز ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلگىنى باھاسى ئەرزان، پۇراپ قالغان گۆشتە ئەتكەن تاماق بولسا بىر تەرەپتىن بۇ يېقىنىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن قۇسىۋەتكۈڭىز كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز يەنىلا بۇ ھىسياتىڭىزنى يوشۇرىسىز.

مانا بۇ خىل يوشۇرۇش ھىسياتنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ «ھىسياتىنى باستۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

 

***

يۈز بەرگەن ئىشقا باشقىچە نوقتىدىن باھا بېرىش

 

ھىسياتنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ يەنە مۇنداق ئۇسۇلى بار بولۇپ، يۈز بەرگەن ئەھۋالنى باشقىچە نوقتىدىن تەھلىل قىلىپ، يۈز بەرگەن ئىشقا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق ھىسياتقا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. (يەنى، ئاچچىق كېلىشتىن بۇرۇن شۇ ئاچچىقنى كىلەلمەيدىغان قىلىش)پىسخولوگىيەدە بۇ «Reframing» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ «قايتا قۇراشتۇرۇش»، «قايتا باھا بېرىش» مۇ دىيىلىدۇ.

ئىچكى تۇيغۇلىرىنى بېسىش بىلەن رېفىرېيمىڭ يەنى، قايتا تەبىر بېرىشنىڭ ئۈنۈمى قەتئى ئوخشىمايدۇ.
بەدەننىڭ ئىنكاسىنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلمەيمىز. لېكىن، رېفىرېمىڭ ئارقىلىق نېمىشقىدۇر بەدەننىڭ ئىنكاسىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى، ھورمۇن ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭلا ئەمەس، نىرۋا سىستىمىسىنىڭ ئىنكاسىنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
يەنى، دىققىتىڭىزنى قەلبىڭىزدىكى نارازىلىقلارنى ھەل قىلىش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرگەندە، تەپەككۇرىڭىزغا ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ھىسيات( ئاچچىق، ئاغرىنىش، غەزەپ) پەسلەپ، سەگەك بولغان كاللىدا تەپەككۇر قىلغىلى بولىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا، ئاچچىقنى چىقىرىۋىتىش-نارازىلىقىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى دىيىشكە بولىدۇ.

 

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

تارقىتىڭ...