≪ئەركىنلىك ≫ – سەن زادى نېمە ؟

1,456 قېتىم ئوقۇلدى

 

LA PALOMA – Richard Clayderman

 

≪ئەركىنلىك≫ – سەن زادى نېمە ؟

رەيھان ئابلەت

 

ئېسىمنى بىلسەم مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چوڭ دادامدىن قالغان كىچىككىنە ئۆيىمىزنىڭ بۇلۇڭ ئىشكابىدا بىر مۇنچە كىتابلار بار ئىدى.
مەن كىچىكىمىدە ھازىرقىدەك رەسىملىك كىتابلارنى ئەمەس، سۈرەتسىز ≪ئۇيغۇرخەلق چۆچەكلىرى≫،≪كەلىلە ۋە دەمىنە≫، ≪گۈلىستان≫ دېگەندەك كىتابلارنى كۆرۈپ، دادامنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. بۇلار دادام قولدىن چۈشۈرمەيدىغان، بىكار بولسىلا ئوقۇپ بېرىدىغان، بىزگىمۇ بىكار چاغلىرىمىزدا ئوقۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدىغان كىتابلار ئىدى.

دىمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە!
شۇنداق قىلىپ ئۆيلەر ئالمىشىپ كەڭرىلەشكەنسىرى كىچىكلىكىمدىكى ھېلىقى بۇلۇڭدىكى كىچىككىنە كىتاب ئىشكابىمۇ چوڭ كىتاب ئىشكابلىرىغا ئالماشتى.
ئانام-داداملار ئوتتۇرھال مائاشلىق زىيالى بولسىمۇ يېڭى نەشىردىن چىققان كىتابلار، ≪دۇنيا ئەدەبىياتى ≫، ≪تارىم ≫، ≪تەرمىلەر≫ . . قاتارلىق ئايلىق، پەسىللىك ژورناللار كىتاب ئىشكابىغا لىقلا تېزىقلىق بولاتتى ھەم كېچىلىرى چىراق يورۇقىدا مېنىڭ مالتىلاپ يۈرۈپ تاللاپ ئوقۇيدىغان ≪ئۇيقۇلۇق دورىلىرىم≫ غا ئايلىناتتى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىمدا ≪ئەركىنلىك≫ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە ئوقۇغۇنۇم.

تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچى كۈندىلىك بىر خىل تۇرمۇشىدىن شۇنچىلىك بىزار بولىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان قاقاس دالىغا يېقىن جايدا تۇرىدىغان كىشىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما قىزىغا يېقىنلىشىشنى، شۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدىدىكى ياۋايى ئىستەكنى بىسىقتۇرماقچى ۋە كىشىنى تەزدۈرىدىغان بىزارلىق، زىرىكىشلىك تۇرمۇشىغا تەسەللى تاپماقچى بولىدۇ.
بىر كۈنى جىنايەتچى نىيىتىنى بۇزۇپ دادىسى يوق پۇرسەتتە سۇ سورىغان بولۇپ قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ھەم سۇ سورايدۇ.
ئويلىمىغان يەردىن قىز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك سىپايە ۋە ھۆمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇزۇن يىللار بۇنداق ھۆرمەتكە ئېرىشىپ باقمىغان، ئەڭ يىرگىنىشلىك، قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراپ ئۆزىنى ئەرزىمەس كۆرۈپ كەلگەن جىنايەتچىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئادىمىىيلىك ھۈجەيرىلىرى ئويغىنىشقا باشلايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ يامان نىيتىدىن يانىدۇ.

شۇنچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇغان، بەك تەپسىلاتى ئېسىمدە قالمىغان بۇ ھېكايىنى پات -پات ئەسلەپ قالىمەن.

ھېكايىدىكى ئەركىنلىك – ئىنسانى قەدىر -قىممەت دىمەك ئىدى! بۇ ئىددىيەنى ئۆز ۋاقتىدا تەستىقلىغىنىمدەك ھازىرمۇ ھەم تەستىقلايمەن.

ئادەم ئەسلىدىلا يارالمىش ماھىيتى بىلەن ئوتتىن يەنى ئىبلىستىنمۇ، پەرىشتىدىنمۇ ئۈستۈن ھەم قىممەتلىك يارىتىلغان، ئەسلىدىلا ھۆرمەت ۋە تەڭداشسىز قىممەتكە لايىق ئىدى!
دىمەك، يارالمىشى بىلەنلا تۇغما ئەركىن يارىتىلغان ئىدى!

ئادەم ئۆزىگە بېرىلگەن ھاياتلىق يولىدا ئەڭ تۈپكى ئىھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلىشى، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، ئۆزىگە لايىق ئادىمىيلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىشى، يۈرىكى باشلىغان يولدا مېڭىشى ئەقەللى ئەركىنلىكنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
پىتوفىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يادىلىغان، تاكى ھازىرغىچە يۈرىكىمىزگە يېزىلغان ھېلىقى بىر كۇپلىت شېئىرىدەك، ئادەم ھەممە-ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيتتى.
بىراق، بىر نەرسىدىن ئىنسانى قەدىر -قىممەت، ئىززەت -نەپسىدىن كېچەلمەيتتى.
ئىززەت-نەپسىنى چەيلىگىنى ھەم مۇھەببەت بولالمايتتى.
دىمەك، يەنە بىر قېتىم بۇ ھىكايىنى ئەسلەپ يەنە بىر قېتىم قەيت قىلدىمكى:
ئەركىنلىك – ئىنسانى قەدىر -قىممەت دىمەكتۇر!

 

 

************************

2020.01.14

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

≪ئەركىنلىك

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى