بۇ سەھەر شۇنى تىلەيمەن!

1,814 قېتىم ئوقۇلدى

 

Great Morning – Daveed

 

تۈنۈگۈن ئانامنىڭ ئېيتىشىچە ئەتىگەندە دادام: «قىزىمنى ھەجەپ سېغىندىم، تىرنىقىڭنى ئەپ قويايمۇ؟ دەيتتى. پۇتۇمنى يۇيۇپ قويغانىدى»دەپ كېتىپتىمىش.

ئاشۇنداقمۇ دىگەن بولغىيمىتىم؟ دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم….ئاتا-ئانا دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن،بالىنىڭ كىچىككىنە ياخشلىقىنىمۇ،سۆزلىرىنىمۇئېىسىدە ساقلىۋالىدىكەن.

ئانام قاچانلاردىدۇر ئېتىپ بەرگەن تامىقىمنىڭ تەمىنى،ئاددىغىنە سوۋغىلىرىمنى، ئۆزۈممۇ ئەسلىيەلمەيدىغان قاچانلاردىدۇر ئېيتقان سۆزلىرىمنى، قىلىقلىرىمنى ماڭا ئېيتىپ بىرەتتى…ئويلاپ قالىمەن،بىزيەنە كىچىككنە ئىشتىنمۇ ئالەمچە شادلىنىدىغان، بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دۇئالاردا بولۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلىپ بولالمايدىكەنمىز. كۆڭلىمىز ھەر يەرلەرگە چىچىلىدىكەن…قىلاي دىگەندە ھايات ھېچبىر پۇرسەت بەرمەيدىكەن…

بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدا قېرىنداشلىرىم تۈگۈل ئانام-دادامنىڭ ئاۋازىنىمۇ قانچە قېتىم ئاڭلىيالىدىم، شۇنچىلىك پۇرسەتكىمۇ قانچىلىك ئېرىشەلىدىم،-ھە؟ ئانامغا ئۇنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىمنى ئېيتالىدىممۇ؟ دادامنىڭ ماڭا بەرگەنلىرىگە رەھمەت دىيەلىدىممۇ؟!

ئېگمىزنىڭ ياخشىلىقنى ئالدى بىلەن ئاناڭغا ئاندىن قالسا داداڭغا ياخشىلىق قىلغىن! دەپ بۇيرىغانلىرى ئەسلىدىنلا ئاتا-ئانا يۈرىكىنىڭ بالىنىڭ قىلغان كىچىككىنە ياخشىلىقىدىن ئېرىشى، شۈكىرانىلىققا تولىشىدىن ئىكەن.

ئۆزىنى ياراتقان، ئەڭ سۆيىدىغان، ھەر بىر نەپەستىن تارتىپ ئىنئام قىلغان زاتقا بىر ئۆمۈر ياشاپ بىر قېتىممۇ شۈكۈرانە ئېيتالماسلىق ئادىمىيلىكتىكى بەدىبەخىتلىك،
شۇنچە مۆجىزىلەر ھەم كائىناتنىڭ ھەر بىرگۈزەللىكى، ئۆزگىرىشىدىكى ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ،ئەقلى ۋە يۈرىكىدە ياراتقۇچىنىڭ قۇدىرىتىنى تەستىق قىلالماسلىق- بۇ قانداق بىر ئەقىلسىزلىق ۋە دىلى كورلۇق؟!

كىچىككىنە ياخشىلىقنى يۈرىكىدە ساقلىيالايدىغان،
ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب، ھازىرقى كۈنگە ئۇلىنىشغا يىلىك بولغان ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلالماسلىق، كىچىككىنە ياخشىلىق، بىرئېغىزچىرايلىق سۆزى بىلەن سۆيۈندۈرەلمەسلىك-
بۇ قانداق ئادىمىيلىك؟ بۇ قانداق ياشاش؟

بۇ سەھەر شۇنى تىلەيمەن!
زىھنىمىز ۋە يۈرىكىمىزنى ھاياتىمىزدا بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلار، ئادەملەرگە ئەمەس،
ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ موھىملىرىغا بېغشلاشلارنى مۇيەسسەرقىلغىن، ئەي زات!

 

 

سەھەردىكى ئۇيقۇنىڭ نېمە ئۈچۈن غەپلەت ئۇيقۇسى دېيىلىدىغانلىقىنى سەھەردىن، سەھەردىكى ئوچۇق قۇلاقلار، ئوچۇق قەلبلەر، ئوچۇق كۆزلەردىن راھەت تاپقانلار، تاپالايدىغانلار تېخىمۇ چۈشەنسە كېرەك!
مەن مۇشۇنداق سەھەردىكى ئاددى خىياللىرىمنىمۇ، بەزىدە كۆرگەن چۈشلىرىمنىمۇ، يەنە بەزىدە رىئاللىقنىڭ يۈرىكىمگە سىزغان كارتىنىلىرىنىمۇ ئاددى قەلىمىمدە خاتىرلەپ  قويۇشتىن ھوزۇر تاپقۇچى. بۇلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق دۇنيانىڭ قەيىردىدۇر مەن بىلەن ئوخشاش تۇيغۇلاردا ياشاۋاتقان روھلارنىڭ ئۇچىرىشىشىدىن قۇۋۋەت ئالغۇچى.

ئاننېمۇ ئاددى كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ كېيىنكى يىللاردا قىممەتلىك تارىخى يالدامىغا ئايلنىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى، بەلكىم!

ئۇشبۇ خاتىرەم تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىسىمۇ، كەلگۈسىدە بالىلىرىمغا ئاپىسىنىڭ نازۇك روھى دۇنياسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر يادىكار بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەير، سىرىتتا يەنە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ،بىز بۈگۈننىمۇ ئۆيدە ئۆتكۈزىمىز.

دۇنيا ۋەھىمىدە..بىز تىنچلانغان يۈرىكىمىزدە ئائىلىمىز، ۋەتىنىمىز، دۇنيا ئۈچۈن تىنچلىق چىللايمىز.

 

*********************

رەيھان ئابلەت

2020.04.18   سەھەر

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ سەھەر شۇنى تىلەيمەن!
    زىھنىمىز ۋە يۈرىكىمىزنى ھاياتىمىزدا بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلار، ئادەملەرگە ئەمەس،
    ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ موھىملىرىغا بېغشلاشلارنى مۇيەسسەرقىلغىن، ئەي زات!
    ھارمىغايسىز

  2. گۈزەل قەلىبلىك ھەدەم⚘

  3. بەك گۈزەل يازما بوپتۇ ، ھەممىزمىزنى گۈزەل تىلەكلىرىمىزگە يەتكۈزگەي ، شۇ مىھرىبانلانىڭ كۈلكىسىگە سەۋەپچى بولىشىمىزغا نىسىپ بولغاي

  4. ئاننېمۇ ئاددى كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ كېيىنكى يىللاردا قىممەتلىك تارىخى يالدامىغا ئايلنىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى، بەلكىم!

    ئۇشبۇ خاتىرەم تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىسىمۇ، كەلگۈسىدە بالىلىرىمغا ئاپىسىنىڭ نازۇك روھى دۇنياسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر يادىكار بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەك ياقتۇردۇم چىن يۈرەكتىن چىققان چىن سۆزلەر ھەر قىتىم منىڭ ھىسياتىمنى تولۇق يۇرتۇپ بىرسىز.. شۈنچىلىك سۆيۈندەم رەھمەت.. ھەم سىزگە قايىل.. قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن سالامەت بولۇڭ… ☕️☕️☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بۇ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى