ھېمىڭۋاينىڭ شەخسى ھايات سىرلىرى

1,279 قېتىم ئوقۇلدى

يېقىندىن بېرى≪ھەپتىدە بىر ئەسەر≫شەكلىدە ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرى، ئەسەرلەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا ھېمىڭۋاينىڭ شەخسى ھايات  كەچمىشلىرى بىلەن ئاز-تولا ئۇچراشقان بولدۇق. بۈگۈنمۇ ھېمىڭۋاينىڭ يەنە بىر ئەسىرى ئارقىلىق ئارىمىزدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولسىمۇ، يەنە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىرىمىزغا نامەلۇم بولغان ھېمىڭۋاينىڭ شەخسى ئائىلىۋى تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

November 1946 Ernest Hemingway

Johannes Linstead – Eleni

 

ھەر بىر ئىش سىزگە نېمىلەرنىدۇر ئەسلىتىدۇ

 

ئېرنىست ھېمىڭۋاي

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

دادا ئوغلىنىڭ يازغان ھېكايىسىنىڭ مەكتەپتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇھەم ئۇنىڭ  يېزىقچىلىق تالانتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

دادا ئوغلىنىڭ قارىغا ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنىمۇ بايقايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بالىدىكى بۇ يۇقىرى تېخنىكىنىڭمۇ تەبىئى تالانتلا بولماستىن، ئۆزىنىڭ  ئىنچىكە يىتەكچىلىك قىلىشىنىڭ نەتىجىسدىن ئىكەنلىكىنى دادىسى ياخشى بىلىدۇ.

دادا ئوغلى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ يەتتە يىلدىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ سىرىنى تاساددىبىي پۇرسەتتە بىلىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ قانداق سىر؟

ھېمىڭۋاي كىچىك ئوغلى گۇرېگورى بىلەن

ھېمىڭۋاينىڭ شەخسىي ئائىلە سىرى

 

ھېمىڭۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئوغۇلنىڭ كەنجىسى گۇرېگورى ھېمىڭۋاي ئىدى. ئۇشبۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئوغۇل دەل گۇرېگورىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئەسلىدە تولىستوينىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئوغۇلنىڭ بۇ ئەسەرنى ئۆز ئەينى كۆچۈرگەنلىكى كېيىنكى يىللاردا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.

ئەسەردە بىر تەرەپتىن ئوغۇلچاقنىڭ ئۆزىنىڭ قارىغا ئېلىش تىخنىكىسىغا بولغان ئىشەنچى ۋە پەخىرلىنىش ھىسياتى تەسۋىرلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنىڭ ئەسلىدە ئوغۇرلىغان ئەسەرلىكىدىن خۇدۇكسىرەشلىرى، قاچاندۇر دادىسىنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەشلىرى، يالغاننىڭ ئۈستىگە يالغان توقۇشلىرى، ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە پۇشايمانلىرى ..قاتارلىق روھى دۇنياسىدىكى توقۇنۇشلار تەسۋىرلىنىدۇ.

ھېمىڭۋاينىڭ بۇ ئەسىرىدە تەسۋىرلەنگىنى دەل ئۆزىنىڭ ئائلىۋى رىئال كەچمىشى ئىدى.ئۇشبۇ ئەسەر ھېمىڭۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئېلان قېلىنغان بولۇپ، ھايات چېغىدا ئېلان قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئوغلىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەسىرىدە ئاشكارىلاش-ئاشكارلىماسلىق ھەققىدە ئىككىلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.

ئوغلىنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەدەبى تالانتى ۋە قارىغا ئېلىش تېخنىكىسىنى ماختىغان ،ئۆزىدەك داڭلىق بىر يازغۇچىدىكى ئىستىداتنى كەنجى ئوغلىدا كۆرگەنلىكىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان ھېمىڭۋاي ئوغلىنىڭ يالغىنى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئوغلىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن، ئازابلانغان.

ھېمىڭۋاينىڭ تۇنجى ئايالى خەدلى

 

ھېمىڭۋاينىڭ چوڭ ئوغلى جون تۇنجى ئايالى خەدلىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككىنجى ئوغلى پەترىك بىلەن ئۈچىنجى ئوغلى گۇرېگورى بولسا ئىككىنجى ئايالى پولىندىن تۇغۇلغانىدى.

يەنى، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان گۇرېگورى 1931-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،10 ياشقىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان بولسىمۇ، 1940-يىلى ھېمىڭۋاي ئىككىنجى ئايالىدىنمۇ ئاجىرىشىپ، يېڭى ئالغان ئايالى ماسا بىلەن كۇباغا كۆچۈپ كېتىشى بىلەن ئوغۇل ئاپىسى بىلەن ياشىغان. شۇنداقلا ئۈچ ئوغۇلنىڭ دادىسى بىلەن پەقەت تەتىللەردىلا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغان.
«ھەر بىرئىش سىزگە نېمىلەرنىدۇر ئەسلىتىدۇ» ناملىق ئەسەردىكى ۋەقەلىك دەل مۇشۇ دادا بىلەن ئوغۇل كۆرىشەلەيدىغان تەتىلدە يۈز بەرگەن.

نەتىجىدە بىر ئائىلىدە ياشىمىغان، كۆرۈشۈش پۇرسىتى كام بولغان ئوغۇللارنىڭ دادىسى بىلەن ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق بولغان. بولۇپمۇ كىچىك ئوغۇلغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولغان.

1951-يىلى، گۇرېگورى 20 ياشقا كىرگەن يىلى زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغاندا، ئاپىسى پولىن كۇبادىكى ھېمىڭۋايغا تېلىفۇن قىلىپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ.
تېلىفۇندا بۇرۇنقى يولدىشى ھېمىڭۋاي بىلەن قاتتىق گەپ تالىشىپ قالغان پولىن ئەتىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.
دوختۇر ئېنىقلاپ ئۆلۈشنىڭ سەۋەبىنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دېگەن بولسىمۇ، ھېمىڭۋاي ئوغلى گۇرېگورى بىلەن كۆرۈشكەندە «ئاپاڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۆلۈپ كەتتى!» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

گۇرېگورى ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىببى ساھەگە كىرىپ ئوقۇيدۇ ھەم ئاخىرى ئاپىسىنىڭ ھەقىقى ئۆلۈم سەۋەبىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

نەتىجىدە، دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتكە يەنە بىر قېتىم دەز كېتىدۇ.
تەھلىل قىلۋاتقان ئەسىرىمىزدىمۇ بىر دۇنياۋى يازغۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغۇرلىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خاتالىقىدىن يازغۇچى دادىنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە ئازابى،دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى چۈشىنىشمۇ يوق، مىھىرسىز سوغۇق مۇناسىۋىتىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.

 

دادا بىلەن ئوغۇل

 

مەندىن: ھېمىڭۋاينىڭ شەخسى ئائىلىۋى كەچۈرمىشلىرىنى تۇنجى قېتىم بىلشىم بولغاچقا، كاللامغا كەلگەن تۇنجى سۇئال«داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئائلىۋى تۇرمۇشى نېمە ئۈچۈن ياخشى ئەمەستۇ؟ بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ؟»دىن ئىبارەت بولدى.

يېقىندا كۆرگەن«تالانتلىق يازغۇچىنىڭ ئايالى» ناملىق كىنودىمۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ئايالى بولۇپ چىقىدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشتىكى شاللاقلىقى، ئايالىنىڭ بىر ئۆمۈر ئەرنىڭ بۇ يالغانلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ ياشاشقا تىرىشىپ ئاخىرى پارتىلاپ ئاجراشماقچى بولغىنىدا ئەرنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى…قاتارلىق ھەقىقى بولغان ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدۇ.

 يېغىپ ئېيتقاندا، ھېمىڭۋايكامنىڭ كۆپ قېتىملىق نىكاھ مۇناسىۋىتى،  بالىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ  يېرىكلىكى، ئاخىرىدىكى ھاياتى…مېنى ئانچە خۇش قىلالمىدى..  قالدى ئويلىنىش ئۆزىڭىزگە قالسۇن.

 

 ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئەسەردىن كېيىن ھېمىڭۋاي تەتقىقاتىممۇ ئاياغلىشىدۇ. ئوكېي، كىم پەرەز قىلالايدۇ، كېيىنكى تەتقىقاتىمىز ھېمىڭۋاينىڭ قايسى ئەسىرى؟

 

********************

2020.04.20   رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھېمىڭۋاينىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى