مېنى كەچۈرگىن ئانا!
(كانادادا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە)
ئاۋازدا: ئەدىبە ئەخمەت
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت
Meni kechurgin ana – Edibe Ehmet
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 33 يىللار ئىلگىرى، كانادادىكى مەلۇم بىر ئائىلىدە دەيۋىد ئىسىملىك ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كەلدى. بوۋاقنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشى ئانىغا شۇنچىلىك كاتتا خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئىدىكى، سۆيۈملۈك بوۋىقىنى بىردەممۇ قولدىن چۈشۈرگىسى كەلمەيتتى.
بىراق، ئانا ئۇخلاۋاتقان بوۋىقىنى بىردەملىك قويۇپ قويۇپ باغقا چىقىپ كەتكەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆيگە ئوت كەتتى… ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە دۇنيالىقتا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆيگە قاراپ ئېتىلدى.
كىشىلەر ئانىنى كۆيىۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئۆزىنى ئېتىشىدىن ھەر قانچە توسۇپمۇ توسۇپ قالالمىدى. ئۇ ھىچنىمىگە قارىماستىن ئۆيگە كىرىپ بەخىتكە يارىشا ساق قالغان ئوغلىنى ئېلىپ چىقىۋاتقىنىدا، چاچلىرىغا تۇتاشقان يالقۇن يۈزلىرىگە يامراشقا باشلىدى… شۇ بىر قېتىملىق ۋەقە ئانىنىڭ ھاياتىغا ئۆچمەس پاجىئە دېغىنى قالدۇردى، ئۇ بىر ئۆمۈر يۈزلىرى تارتۇق ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.
ئوغۇل چوڭ بولغاندىن كىيىن شۇنداق پۇلدارلاردىن بولۇپ كەتتى ھەم شەھەرگىمۇ كۆچۈپ كېلىۋالدى. كۆڭلىدىكىنى ئېيتقاندا، ئۇ ئانىسىنىڭ بۇ تاتۇقلىرىدىن نۇمۇس قىلاتتى، باشقىلار بۇ توغۇرلۇق سورىغۇدەك بولسا، «ئائىلىمىزدىغۇ ھىچكىم ئانامدەك كۆرۈمسىز ئەمەستى بولمىسا…» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئانا تاساددىبىي ھالدا ئوغلىنىڭ باشقىلارغا ئۆزى توغۇرلۇق دەپ يۈرگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدى ھەم شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندى. ئانا بىردىنبىر ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان ئوغلى نۇمۇس قىلغان بۇ كۆرۈمسىزلكنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن شەھەرگە يول ئالدى.
ئاھ! بىچارە بەخىتسىز ئانا!!! ئۇ ئولتۇرغان ئابتۇبۇس قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
ئوغۇل ئۆزى نۇمۇس قىلىدىغان ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن ئەكسىچە خۇش بولدى. ئۇ يېزىغا كەلگىنىدە كىشىلەرنى شۇنچىلىك قايغۇلۇق ھالەتتە كۆردى ۋە كىشىلەر توپىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ئانىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى.
ئۇ ئانىسىنىڭ كونا كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. كۈندىلىك خاتىرىدە مۇنۇلار يېزىلغانىدى.
1980 ـ يىلى 5 ـ سىنتەبىر
تورونتو گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 1ـ بولغانلىقىم ئېلان قىلىندى .
1982 – يىلى 14ـ يانىۋار
يولدىشىم تونى گەيتسون ( Tonny Gateson )قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ئۇ مېنى قورسىقىمدىكى 6 ئايلىق ھامىلە بىلەن بۇ دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇپ كەتتى…
1983-يىلى 2-ئىيۇل
بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر ئوغلۇمنى ئوتتىن قۇتقۇزىۋالدىم! ئەپسۇس! ئۆزۈم تۈگەشتىم! چاچلىرىمدىن ئايرىلدىم… يۈزۈمدىكى ئېغىر جاراھەت ئىزى ئۆمۈرلۈك ئېچىنىشلىق يالداما بولدى…
دەيۋىدنىڭ ۋۇجۇدى ئاچچىق، تەگسىز ئازاب ۋە پۇشايماندا ئۆرتەندى، كۆز ياشلىرى سەلدەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى..بىراق، تولىمۇ..تولىمۇ كىچىككەنىدى.
ئەسكەرتمە :
ئاتا – ئانىڭىزنى ھەرگىزمۇ، ھەرگىزمۇ كەمسىتىدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردە، ئويلاردا بولماڭ، ئۇلارغا پەرۋاسىز قارىماڭ. ئۇلار بىز ئۈچۈن بىر نىھمەت ۋە رەھمەتتۇر. بىز ئۇلار ئۈچۈن تەڭرىنىڭ سوۋغىسى بولغىنىدەك ئۇلارمۇ بىز ئۈچۈن ۋاقىتلىق سوۋغىدۇر، ئۇلار كەتكەندە ، كۆز ـ ياشلىرىمىز بىلەن ئۇزىتىپ قويىدىغان ۋاقىتلىق سوۋغىلىرىمىزدۇر… ئۇلار ھايات ۋاقتىدا كۆپرەك ياخشىلىق قىلىۋالايلى، كۆڭلىنى ئېلىۋالايلى، تېلفۇندا بولسىمۇ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرايلى، ئەڭ گۈزەل سۆزلىرىمىزنى ئايىمايلى.
مەنبە: Mesmerizing words
بۇ تەرجىمە ئەسىرىمنى تاتلىق ئاۋازىدا ئوقۇپ چىققان ئەدىبەگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ~ ❤️
30/04/2020 5:42 چۈشتىن كېيىن
گۈزەل ھىكايە,شۇ مېھرىبان ئانىلىرىمىز ئامان بولسۇن.ساق-سالامەت كۆرۈشۈشلەر نېسىپ بولسۇن.
30/04/2020 10:48 چۈشتىن كېيىن
ئامىن❤️