كورونا كۈنلىرىدىكى كىچىك خاتىرىلەر

1,403 قېتىم ئوقۇلدى

 

 

Si tu me dices ven –  Instrumental

 

2020.02.15      چارشەنبە

قۇرۇق يۇيۇشتىن ئەكىلىدىغان كىيىملەر،ئۆيدىكى لازىمەتلىك-كۆكتات ئېلىشقىمۇ سورۇنغا بارىدىغاندەك تۈجۈپىلەپ ياساندىم. ئۆيدىن چىققىنىمدا شۇنداق روھلۇق ھېس قىلدىم.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقوقى ۋە تەبىئىتى، ئەڭ قالتىس كەيپىيات توغۇرلاش ئۇسۇلىدىن بىرى- چىرايلىق ياسىنىش. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆزىگە ئىشەنچ بىرىش تاكتىكسى- ئەينەكتىكى  ئۆزىنى ماختاش دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە.  سىرىتقا چىقمىغىنىمغا يىللار  بولغاندەك خۇشال ھەم يىنىك ئىدىم.  ھەر قېتىم چارچاپ كەتكىنمدە قويىۋالىدىغان ≪Back street boys ≫ نىڭ≪ Don`t want you back≫ ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ ماشىنا ھەيدەشمۇ شۇنداق راھەت تۇيۇلدى… نەچچە ھەپتە بولار-بولمايلا دوستلار يېغىلىشلىرىنى، سىرىتنىڭ تاماقلىرىنى، ھەتتا جىددى ئىشلەشلەرنى، ئەڭ موھىمى قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىشلارنى شۇ قەدەر سېغىنغانىدىم.

-ئامراق ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ ماشىنا ھەيدەشمۇ راھەت ھە🎶

 كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كېرىپ تاللا بازىرىغا يېقىن يەردىكى ياخشى كۆرىدىغان قەھۋەخانامغا كىردىم. ياپونلار خەۋەر كۆرمەيۋاتامدىغاندۇ-ھە؟ قەھۋەخانا ئادەتتىكىدەكلا تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان، كىتاب كۆرىۋاتقانلار بىلەن تولغانىدى. چەتتىرەك  يەردىن ئورۇن ئالدىم. لېكىنزە، ئىچىمدە بۇ كەپسىزلىكىم ئۈچۈن بۇ قېتىم كورونا بوپقالمىساملا ئەمدى قەھۋەخانىغا يولىمايمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.

 

مۇشۇ كۈنلەردىمۇ قورقماي قەھۋەخانىدا يۈرگەن مەن

بىكەت

كوچىلار

ياپوننىڭ ھازىرقى كورونا ۋەزىيىتى كىشىنى چۈچۈتەتتى. يېقىندا يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان موماينىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ يېنىدا بولالمىغانلىقىدىن ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى، بۈگۈنكى خەۋەردىكى بىر چولپاننىڭ كىسەل كارىۋىتىدا يېتىپ «ناۋادا يۇتۇبدىكى قانىلىم يېڭلانمىسا مېنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ بىلىڭلار، كورونا ھەقىقەتەن خەتەرلىككەن، چوقۇم ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار»دىگەنلىرى، ھەركۈنلۈك خەۋەرلەر.. دۇنيادا ئۆلگەن ئادەم سانى كىشىنى چۈچۈتەتتى.

شۇنداق تۇرۇپ ياپون ھۆكۈمىتى ئۆز پۇخرالىرىنى ئۆيدىن چىقماسلىققا مەجبۇر قىلالمايتتى. كىشىلىك ھوقوق كۈچلۈك دىموكراتتىك بۇ دۆلەتتە شىنجىيۇكۇ، شىبۇيا دىگەندەك مەركىزى كوچىلاردا ساقچىلار يولدا كەچ قالغان، توپلىشىپ قالغان كىشىلەرگە يالۋۇرغاندەك « ئۆيىڭىزگە قايتقان بولسىڭىز » دىمەكتىن، تىلۋىزۇرلاردا ئامال سىرىتلارغا چىقماسلىقنى تەشەببۇس قىلماقتىن باشقا زوراۋانلىق ۋاستىسى ئىشلىتەلمەيتتى.

ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئادەمسىز باغچىلارغا چىقىش، مەھەللە ئايلىنىش، بەزىدە كىرەكلىكلەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئەتراپدىكى ماگزىنلارغا بېرىشلەر بولۇپ تۇرۇپمۇ، ئۆيدە ھەممە تەييار، ئۇچۇر ئالاقسى تۇرۇپمۇ بىز مۇشۇنداق سېغىندۇق-يۇ، 2-3يىلدىن بىرى قۇياش نۇرىنى كۆرۈشتىنلا ئەمەس، ئائىلىسى، بالىلىرى بىلەن جەم بولالمايۋاتقان، قورساق-ئۇيقۇسىغىمۇ ئېگە بولالمايۋاتقان پارىلىرىمىز قانچە سېغىنغاندۇ؟ئۇلارنىڭ نىرۋىلىرى، يۈرىكى قانداقمۇ بەرداشلىق بىرىۋاتقاندۇ ھە !💔

 

تاللا بازىرىدا ئادەملەرنى مەلۇم ئارىلىق ساقلىسۇن دەپ كىرىشكىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىرىدىغان قىپتۇ،-يۇ، ئادەم يەنىلا كۆپ.

شۇ كۈندىكى خەۋەردە كورونا ئەڭ كۆپ تارقىلىۋاتقان ئورۇننىڭ تاللا بازىرى ئېكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۆزۈمدىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلمەيسىلەر، شۇڭا ھازىر ئالتە كۈن بوپتۇ، ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى 24 سائەتلىك دۇككانغىمۇ كىرمىگىلى…

يولداش ئابې سان ياپوندا تۇرغان ۋاقتى ئۈچ ئايغا توشقان چەتئەللىككىمۇ ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىغا ئوخشاش 10
تۈمەندىن بەرگىلى تۇرسا، پۇخرالىرىغا ئۇۋال بولمامدىكىنە؟

 

ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى باغچىدا

 

2020.04.22      چارشەنبە

بۈگۈن ئەتىگەن سېرىتقا چىقىپ شۇنداق سوغۇق ھېس قىلدىم. مەھەللىدىكى چىرايلىق چىچەكلەرنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقىنىمدا ئالدىمدا ئىتىنى ئايلاندۇرۇشقا ئاچىققان ناتونۇش ياپونلۇق سالام قىلىپ ماڭدى. شۇكۈر، ئادەملەر ھەر ھالدا  ۋىرۇستىن قورقۇپ بىر-بىرىگە سالام قىلىشتىنمۇ قاچقۇدەك دەرىجىگە بارماپتۇ…يەرگە چۈشكەن قىزغۇچ چىچەك بەرگىلىرى بىلەن يوللار چۈشتەك گۈزەل بىر تۈسكە كىرگەنىدى. يەردىكى چىچەكلەردىن بىر قانچىنى تىرىۋالدىم، ئۆيگە ئەكىرىپ ئىستاكانغا چىلاپ قويدۇم.  تۈنۈگۈن تۇمارىسقا ئىنگىلىزچە مەشىق ئىشلىتىپ ئاڭلاش بۆلىكىدە ئوغلىنىڭ ئاپىسىدىن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىسا<سەن ئامراق خوت كەيك پۇشۇرىۋاتىمەن >دىگىنىنى ئاڭلاپ < نىمانداق ياخشى> دەپ كەتتى…ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەنمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىغا بىر خوتكەيك پۇشۇراي، ئەمەلىيەتتىمۇ نېمانداق ياخشى دىسۇن ئۇ مومىيىم~😄

 

يېقىندىن بېرى لوڭقىغا گۈل سېتىۋالمىدىم، مۇشۇنداق كىچىك سەنئەتلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن.

قوزىچاقلىرىم ھەر كۈنى دىگۈدەك مۇشۇنداق مۇھەببەت خېتى يېزىپ تۇرىدۇ..😘

بالىلارنىڭ ھېلى قىيا-چىيا قىلىپ، ھېلى تاتلىق ئەركىلەشلىرى ئىچىدە بۇ كۈنلەر يەنىلا بىر خىل مۇھەببەتلىك ھەم گۈزەل ❤️

ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىدىغان مىھمان بۇ يىل ماڭا بەك ياخشى ۋاقىتتا كېلىدىغان بېلىندى. ئائىلە بويىچە ھەممەيلەن بىللە بۇ خەيرىلىك كۈنلەرنى كۈتىۋىلىشمۇ بىر نېئمەت، شۇنداققۇ؟

 خەير، بۈگۈن پەلسەپىسىز ئاددى تۇمۇش خاتىرىسى يېزىلدى. سىزمۇ بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز قالدۇرۇپ قوياسىز ھە؟

سالامەت تۇرۇڭ~❤️

****************

2020.04.22       رەيھان

تارقىتىڭ...
  1. ئاددى ئخچام چىن ھىسىيات يىزلىپتۇ.. چارچىماڭ… ☕️ سالامەت بولۇڭ..!

  2. بەك ياخشى يېزىپسىز توختاپ قالمىغايسىز

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كورونا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى