تېخى بايىلا چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» ناملىق رومانىنى ئاڭلاپ تۈگەتتىم.
نېمىسىنى دەي، دەسلىپىدە بۇ ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدىم، مەنىسىز تۇيۇلدى. ماڭا بىردىنبىر تەسىر قىلغىنى باشتىن–ئاخىرى ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان بالىنىڭ ئوبرازى بولدى.
مۆمىن بوۋاينىڭ زىيادە ئىتائەتمەنلىكى، قۇل مىجەزلىكى، مومىيى ۋە كۈيئوغلىنىڭ ھۆرمەتسىزلىكلىرىگە، يولسىزلىقلىرىغا زىيادە يول قويۇشلىرى،ھەتتا ئاقىۋەت ئارۇزقۇلدىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى يەكسان قىلىشىلىرى مەندە بوۋايغا نىسبەتەن ھىسداشلىقنى ئەمەس ئىچىنىشنى قوزغىدى.
مۆمىن بوۋاينىڭ قىزى بىكەينىڭ تەلۋە، ياۋۇز ئېرىدىن تاياق يەپ تۇرسىمۇ بۇ خورلۇقلارنى كەچۈرىۋىتىشلىرى، يامان يېرى تۇغماسلىقنى پەقەت ئۆزىنىڭ سەۋەبى ۋە ئەيىپى دەپ قاراپ، ئۆزىنى بۇ خورلاش–قەدىرسىزلىككە لايىق دەپ قارىشى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى.
بىكەي ئېرىدىن تاياق يەۋاتقىنىدا موماينىڭ بوۋاينى ئارىلاشماسلىقىنى ئېيتىپ جىملەشلىرى، «مائاشى يوق ئادەم–ئادەم ئەمەس» دېگەندەك پۈچەك قارىشى ئۈچۈن بوۋاينى يەنىمۇ باش ئېگىپ قۇللۇق قىلىشقا زورلاشلىرى…
ئارۇزقۇلنىڭ ئەسەبىيلىكى، ئەتراپىدىكى قۇل مىجەز كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۆستۈرىۋەتكەن خورىكى، ۋەھشىلىكلىرى.…مېنى بۇئاۋارە ئوبرازلاردىن، بۇ ئەسەردىن ھاردۇرۇپ قويغانىدى.
ھالبۇكى، پۈتۈن كىتاب تۈگەپ تەھلىلىم باشلانغاندا ئەسەرگە، بالىغا، مەن دەسلىپىدە ئانچە ياقتۇرمىغان مۆمىن بوۋايغا بولغان قارىشىمدا يېڭىلىنىش بولدى.
كەمىنە ئاڭلاپ بولۇپلا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئەسلى ئەسەرنىڭ دېمەكچى بولغىنىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىنمۇ كۆپلىكىنى بىلدىم. ئەسەر توغۇرلۇق خاتىرە يېزىپ قويۇش مەندىن خېىلىلا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلدى. ھەم ئاخىرى بۈگۈن مۇكەممەل بولمىغان ئويلىرىمنى، كىتاب ھەقىقىدىكى خاتىرەمنى تاماملىغان بولدۇم. قالغان ئويلىنىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ بولسۇن.
Modenxan – Pasha Ishan
بالىنىڭ دۇنياسى
يەتتە ياشلىق بۇ بالا ئۆزىنىڭ ئاتا–ئانىسىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بالىنى تاشلاپ كېتىشكەن. بالىغا بۇ دۇنيادا بىردىنبىر كۆيۈنىدىغان–كۆيىدىغان ئادىمى بوۋىسى مۆمىن بوۋاي. كىشىلەر ئۇنى چىپىلغاق مۆمىن دېيىشىدۇ.
بالىنىڭ ئادەتتىكى بالىلاردەك بىللە ئوينايدىغان ئاداشلىرى يوق!
ئۇ گۈللەر، چۈمۈلىلەر، بۇلۇتلار، دەرەخلەر، دەريا–كۆللەر…قىسقىسى، تەبىئەت بىلەن دوست بولغان. كېيىنكى كۈنلەردە بوۋىسى ئۇنىڭغا كۆچمە دۇككاندىن ئېلىپ بەرگەن سومكىسى، ئۇندىن باشقا دۇربۇنىمۇ ئۇنىڭ سىرداش دوستلىرىغا ئايلانغان.
بالىنىڭ ئاپىسى شەھەردە باشقا بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ ئىككى قىزى بارمىش، دادىسى بولسا ماتروس بولۇپ، ئۇمۇ ئاللىقاچان باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ ئىككى–ئۈچ بالىسى بارمىش. بالا شۇنچىلىك تەسەۋۋۇرغا باي ئىدىكى، ئۇ ھەمىشە ئادەم باشلىق بىلىققا ئايلىنىشنى، ئاق پاراخوت ئىچىدىكى ماتروس دادىسىنىڭ قىشىغا ئۈزۈپ بېرىشنى خىيال قىلىدۇ.
بالىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئۇنىڭغا تۈرلۈك چۆچەك–ئەپسانىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان، ئادىمىيلىكنى، مىھر–مۇھەببەتنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن بالىغا ئۆگىتىدىغان بوۋىسىنىڭ بولغانلىقى، بوۋىسىدىن ئاجايىپ چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقى ئىدى.
ھالبۇكى، بالا ئاقىۋەت بوۋىسى سۆزلەپ بەرگەن ئەنە شۇ ئاجايىپ چۆچەكلەر سەۋەبىدىن ئىز–دىرەكسىز يوقالدى. نېمە ئۈچۈن؟
بوۋاي ئېيتقان چۆچەكلەر
دانىشمەن ئۆزىنىڭ دانىشمەن ئېكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، پەقەتلا قاراقچى ئۆزىنىڭ قاراقچى ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ.
مۆمىن بوۋاي
بايا تىلغا ئالغىنىمىزدەك مۆمىن بوۋاينى باشقىلار چېپىلغاق مۆمىن دېيىشىدۇ. ھېچكىممۇ ئۇنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. دەسلەپتە مەنمۇ ئانچە ياقتۇرالمىغان بۇ ئوبرازغا بولغان كۆز-قارىشىم ئەسەرگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەندە باشقىچە تۈس ئالىدۇ.
قارىماققا بوۋاي يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، ئەتراپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرسىز قارالغان بىر ئاۋارە بەندە بولسىمۇ، بوۋاينى ئۆزى ئېيتقاندەك ئۆزىنى بىلمىگەن دانىشمەن دېيىشكە بولىدۇ. بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەبئەت سۆيەرلىك، ئاقكۆڭۈل ۋە مۇلايىملىق بەئەينى بۇغىنىڭ شۇ مۇلايىم كۆزلىرى، مىھرلىك تەبىئىتىدىن، قسىقىسى تەبىئەتتىن كەلگەن. ھالبۇكى، بوۋايدىكى بۇ ساپلىق ئەتراپىدىكى ئەسلىنى ئۇنۇتقان ئىنسانلار تەرىپىدىن چەيلەنگەن. ئاقىۋەت بوۋاي ئۆز تەبىئىتى، ئەقىدىسىنى قوغداپ قالالمىغىنى ئۈچۈن چۈشكۈنلۈك دېڭىزىغا غەرق بولغان.
بوۋاينىڭ بالىغا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە–چۆچەكلىرىنى ئۆزىنى خېلى بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەرمۇ بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ، تىگىگە يىتەلمەيدۇ. بۇ چۆچەكلەرئىچىدە قەدىمقىى خەلق ناخشىسىغا ئائىت چۆچەك ئالاھىدە دىققەتنى قوزغايدۇ. ئۇ چۆچەكنىڭ مەزمۇنى مۇنداقراق:
قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەۋزەل
بۇرۇنىسىدا بىر خان باشقا بىر خاننى ئۇرۇشتا ئەسىرگە ئېلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن خانغا: «خالىساڭ ھايات قىلىپ ماڭا قۇل بول! ياكى ئەڭ مۇقەددەس ئارزۇيۇڭدىن بىرنى بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن سېنى ئۆلتۈرىۋىتەي!»دېگىنىدە، ئەسىرگە چۈشكەن خان: «مېنىڭ قۇل بولۇپ ھايات قالغىنىمدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل! ماڭا ۋەتىنىمدىن خالىغان بىر پادىچىنى چاقىرىپ بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىۋالاي!» دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن خان ئۆز ۋەتىنىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىۋىلىش بەدىلىگە ھاياتىنى قۇربان قىپتۇ. كىشىنىڭ قولىدا قۇل بولۇشتىن ئۆلۈمنى، ئۆزۋەتىنىنىڭ ناخشىسىنى، خەلقىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىۋىلىپ ئۆلۈشنى راۋا كۆرۈپتۇ.
بۇ چۆچەك يەتتە ياشلىق بالىغا قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ سىز ھەم ماڭىچۇ؟
***
بۇرۇن تىلۋىزورلاردا مۇقام چىقسا باشقا قانالغا يۆتكىۋىتىدىغان مەن ۋەتەندىن يېڭى ئايرىلغان كۈنلەردە تورلاردىن 12 مۇقاملارنى ئىزدەپ تېپىپ ھاياتىمدا تۇنجى رەت ناھايتى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ چىقتىم. ئەينى چاغلاردا دادام دۇتار بىلەن ئوقۇيدىغان قەدرىنى بىلمىگەن خەلق ناخشىلىرىنى، دادامنىڭ دۇتارىنى سېغىندىم…ھازىر ھەر بىر قېتىم رەنانىڭ تويى، بەخىت ناخشىسى، غېرىب-سەنەم ئوپىراسىنىڭ ناخشىلىرى، كىرىشتۈرمە مۇزىكىلىرى، بولۇپمۇ غېرىبنىڭ تەمبۇر بىلەن چالغان «نەيلەئىن»نى ئاڭلىسام يۈرەكلەر تىتىرەيدۇ. دادام ئېيتىدىغان «ياشلىقىم»، «ھايات دېگەن شۇ» …قاتارلىق خەلق ناخشىلىرىنى نەلەردىندۇر تېپىپ ئاڭلايمەن.
ئەسلىدە ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، نازۇك تۇيغۇلىرى، ئەسىرلىك دەرت-پىغانلىرى، تېشىغا چىقىرالمىغان ھەسرەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئۆلمەس-يۈرەكنى تىتىرىتىدىغان كۈيلەر بىلەن ئىپادىلەپ ئەسلىدىكى ئىنسانى تۇيغۇلىرىنى، ئادىمىيلىك جاسارىتىنى ساقلاپ قالالىغان، ھاياتقا بولغان ئىتىقادى ھەم مۇھەببىتىنى ئۆچۈرمەي ساقلاپ كىلەلىگەنىكەن.
(بۈگۈنكى قىستۇرما ناخشىمۇ داڭلىق خەلق ناخشىسى ھەم مەن بەك ياقتۇرىدىغان مودەنخان)
ئەجداد روھى
بالا بىلەن ھەربىنىڭ سۆھبىتى
بالا: يەتتە ئەجدادنىڭ ئىسمىنى ئېسىڭدە تۇتۇشنى كىشىلەر ساڭا ئۆگەتمىگەنمۇ؟
ھەربى: ئۆگەتمىگەن. بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ بىلمىسەممۇ ھېچنىمە بولمىدى. مەن ئوبدان ئۆتىۋاتىمەن.
بالا: بوۋامنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاتا—بوۋىسىنى ئەستە ساقلىمىسا بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن. يامان ئىش قىلغانلىقىدىن ئۇيۇلىدىغان ئادەم چىقماي قالىدىكەن. چۈنكى بالىلار ھەم بالىلارنىڭ بالىلىرى بەرىبىر ئۇلارنى ئەسلىيەلمەيدىكەن. ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەملەرمۇ بولمايدىكەن. بالىلىرىمۇ بەرىبىر بۇنى بىلمەيدىكەن.
ھەربى: سېنىڭ بوۋاڭزە تولىمۇ غەلىتە بوۋايكەن. قاملاشمىغان نېمىلەرنى كاللاڭغا قاچىلاپ قويۇپتۇ. بوۋاڭنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما. بىز كومۇنىزىمغا بارماقچى، ئالەم بوشلۇقىغا چىقماقچى بولىۋاتساق، ئۇ ساڭا نەدىكى گەپلەرنى ئۆگىتىۋىتىپتۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇ بىزنىڭ سىياسى دەرسلىرىمىزگە كەلسۇن، بىز ئۇنى تېزلا ئۆزگەرتىۋالىمىز. سەن ياخشى ئوقۇغىن، چوڭ بولغاندا ئۇ بوۋاڭدىن ئايرىلىپ كەتكىن جۇمۇ! ئۇ نادان، مەدەنىيەتسىز ئادەمكەن.
بالا: ياق،مەن ھەرگىز بوۋامدىن ئايرىلمايمەن. بوۋام ياخشى ئادەم!
ھەربى: بوپتۇ ھازىر شۇنداق دەپ تۇر، كېيىن بىلىپ قالىسەن.
ئوغۇلچاق بىلەن ھەربىنىڭ دىئالوگى بىزگە خېلى ئويلاندۇرىدىغان سۇئال تاشلايدۇ.
***
ئۇندىن باشقا بالا ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان ھەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان « مۈڭگۈزلۈك بۇغا ئانا» ھەققىدىكى چۆچەكنى ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ جېنى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئىنىزاي دەرياسى بويىدا قىرغىزلار تۈرلۈك مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ياشايدىكەن. بىراق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش تۈگىمەيدىكەن. قىرغىزلارنىڭ داڭلىق خەلق باتۇرى ئۆلۈپ كېتىپ ئۇنى ئىنىزاي دەرياسى بويىدىكى ئېگىز تاغقا دەپنە قىلغان كۈنى دۈشمەنلەرھۇجۇم قىپتۇ ھەم بۇ زېمىندا«قىرغىز» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ياشىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئىز قويماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن قىرغىزلارنى پاك–پاكىز قىرىۋىتىپتۇ. مىسلىسىز قان، جەسەتلەر ئىنىزاي دەرياسىدا ئېقىپتۇ. پەقەت سەھەردە ئورمانلىققا ئوينىغىلى كەتكەن ئىككى كىچىك بالىلا بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قاپتۇ ھەم بۇ ئادىمىزات بالىلىرىنى بۇغا ئانا ئۆزىنىڭ ماكانى ئىسسىق كۆلدە بېقىپ چوڭ قىپتۇ.
بالىلار بالىق بولۇپ ئەر–خوتۇن بولۇشۇپتۇ. تۇنجى ئوغلى تۇغۇلغاندا، مۈڭگۈزلۈك بۇغا ئانا مۈڭگۈزىدە قوڭغۇراقلىق بۆشۈك ئەكىلىپ بېرىپتۇ. ( بالا تۇغماس ھاممىسى بىكەي ئۈچۈن بۇغا ئانىنىڭ مۈڭگۈزىدە بۆشۈك ئەكىلىپ بېرىشىنى تىلەشلىرى ئاشۇ سەۋەبتىن
ھەم ئوغۇلغا بۇغا ئانىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇغا باي دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. كېيىن بۇغا باي قىپچاق مىللىتىدىن چىرايلىق بىر قىزغا ئۆيلىنىپ يەتتە قىز يەتتە ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ. ئۇلار مانا مۇشۇنداق كۆپىيىپ بۇغا ئەۋلادلىرى قەۋمىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.
بۇغا ئەۋلادلىرى بۇغىنى كۆرگىنىدە ئاتتىن چۈشۈپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن، ئۇلۇغلايدىكەن، قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاق بۇغىغا ئوخشىتىپ مەدىھلىشىدىكەن. بۇغىلار ئىسسىق كۆلدە ئەركىن، بەخۈدۈك يۈرىشىدىكەن.
ھالبۇكى، بۇغىلار ئەۋلادى ئىچىدىن ئەڭ مەرتىۋىلىك بىر كىشى ئۆلۈپ كەتكەندە، بالىلىرى دادىسىنىڭ نەقەدەر مەرتىۋىلىك ئېكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە بۇغا مۈڭگۈزى قويىشىپتۇ.
شۇندىن كېيىن بۇغىلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مۈڭگۈزىنى قەبرىگە قويۇش ئومۇملىشىپتۇ. ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ چوڭ بىلىدىغان بۇغىلارنى ئابروي–مەرتىۋە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەسلى ماكانىى ئىسسسىق كۆلگە ئادىمىزاتنى باشلاپ كېلىپ، ئانىلىق مىھرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان مىھىرلىك بۇغىلارئۆزىنىڭ ماكانىدا ياشاشقا ئامالسىز قىلىپ قاياققىدۇركېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
بۇ چۆچەك بىز ئۇيغۇرلاردىكى بۆرە رىۋايىتىنى ئەسلىتىدۇ.
ھالبۇكى، كىچىكىدىن تارتىپ مۈڭگۈزلۈك بۇغا ئانا توغرىسىدىكى چۆچەكنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئۆزىنىڭ بۇغا ئانىنىڭ ئەۋلادى ئېكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان بۇ يەتتە ياشلىق ئوغۇل ئىسسىق كۆلگە بۇغىلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن قايتا قەدەم باسقانلىقىنى بىلىدۇ ھەم ئۆزكۆزى بىلەن كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بولىدۇ.
ئەپسۇس! بالا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىگە قۇللۇقتىن ئۆلۈمنى ئارتۇق كۆرگەن پادىشاھ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇغا ئەۋلادى ئېكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەن بوۋىسىنىڭ تەلۋە كۈيئوغلىنىڭ قىزىنى قويۇپ بېرىشىدىن، ئۆزىنىڭ مائاشسىزقىلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇغىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگىنىنى بىلگەندىن كېيىن، بالىنى بۇ زېمىنغا، بۇ ئادەملەر توپىغا باغلاپ تۇرىدىغان ھېچنىمە قالمايدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن بالا بىلىققا ئايلىنىپ كەتمەكچى، بۇ ياۋۇز ئادەملەر قوينىغا ئەمدى قايتىپ كەلمەسلىكنى ئويلايدۇ ھەم ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ سۇغا غەرق بولىدۇ.
خۇلاسە–كالام
ھازىرغا قەدەر ئوقۇغان كىتابلار، كۆرگەن كىنو، كارتۇن فىلىملارغا ئاساسلانغاندا، خۇددى بىزدە بۆرە رىۋايىتى بولغىندەك، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ بۆرىنى تۇتىم قىلىپ كەلگىنىدەك، باشقا قەۋملەردىمۇ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنى باغلايدىغان مەلۇم رىۋايەت،چۆچەكلەر باركەن ھەم كۆپىنچە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاساسلىق ئوبراز–بالا بولىدىكەن.
چۈنكى، بالىلارنىڭ جاھاننىڭ تۈرلۈك ۋەس–ۋەسىلىرىدە بۇلغانمىغان، چاڭ-توزان باسمىغان پاك روھى دۇنياسى تەبىئەتكە يېقىن بولغان، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.
يۇقارقى روماندىكى بالىنىڭ ساپ بالىلىق دۇنياسى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بالىنىڭ روھىدىكى ئەقىدىلەرنى بوۋىسى ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەنىدى.
بالا ئادەملەردىكى ۋەھشىلىكنى، ئۆزنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ھايۋان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ تۇتىمى بولغان بۇغا ئانىغا قىلغان ۋەھشىلىكىنى بالىنىڭ پاك يۈرىكى كۆتۈرەلمىدى…
ئەڭ موھىمى بۇغىنى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزى بىردىنبىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى، قەلبىدىكى ئەقىدىنى يىلتىزلاتقان بوۋىسى ئېكەنلىكىنى بىلگەن بالىنىڭ ائادەملەر دۇنياسىدا ياشاشتىن رايى ياندى!
شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋەھشىيلىك، ياۋۇزلۇق بىلەن تولغان ئادەملەر دۇنياسىدىن تەبىئەتكە قايتتى.
تامام!
رەيھان ئابلەت
2021-يىلى، 15-مارت كەچ سائەت 10:38 ئۆتكەندە تاماملاندى!
15/03/2021 11:22 چۈشتىن كېيىن
ئاق پاراخوت نى تۇنجى ئوقۇغاندا مېنىڭمۇ مەيدەمنى بىر تاش بېسىۋالغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالغانتىم. مۆمىن بوۋاي ئوبرازىنى مەن خۇددىي “ تەقدىر“ گە بويسۇنۇشتىن باشقا تاللاش يولى يوق ياكى تاللاش يولىنى پەرەز قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ، ئاقكۆڭۈللۈكى دۆتلۈك دەرىجىسىگە تاقاشقان ئىنسانلار توپى كۆز ئالدىمغا كەلگەن. ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولغان. خۇددى ئاشۇ بالىدەكلا ئۈمىدسىزلەنگەنتىم. ھەتتا نىمىشقىمۇ ئوقۇغانمەن ھەمدە بۇ يېشىمدا دەپ ئويلاپ پۇشايمانمۇ قىپ قالغانتىم. تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىم. ھازىر قايتا ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى. ئىشىنىمەن بۇرۇنقىدەك ئىچىم ئاچچىق بولمايدۇ. بەلكىم بالىنىڭ تىراگىدىيىسىنى ھەقلىق قىلىشىممۇ مۇمكىن.
15/03/2021 11:40 چۈشتىن كېيىن
دەسلەپتە بەك ئاددى تۇيۇلدى بۇ ئەسەر، كېيىن ھەزىم قىلماق تەس بولدى… مۆمىن بوۋاي ھەقىقەتەن كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەسلىدە، ئادەملەردىكى رەھىمسىزلىك، شەخىسيەتچىلىك بوۋايدىكى ئاقكۆڭۈللۈكنى قوبۇل قىالمايدىكەن، بوۋايمۇ يۇمشاقلىققا چەك قويالمايدىكەن.