A Beautiful Story- Daveed

 

 

مەن: ئانا،كۆڭلۈڭنى قاتتىق رەنجىتكەن ئەقىلسىزلىقلىرىمنى كەچۈرگىن.
ئانام: بالام، نېمە دەيدىغانسەن…
دېگىنىچە نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرىمنى ساناشقا باشلىدى…

 

***

 

ھەجەپ دۇنياكەن!
كىملەر بولىدىكەن،
قاچانلاردۇر سەن ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن خاتالىقلىرىڭنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىكەن.
پۈتۈن قىلغانلىرىڭ ئىچىدە ئېسىدە قالىدىغىنى خاتالىقىڭ، نۇقسانلىرىڭ بولىدىكەن.
ئاناڭ سېنىڭ شۇنچە كۆپ خاتالىقلىرىڭ، نۇقسانلىرىڭ ئىچىدىن ياخشىلىقىڭنىلا ئېسىدە ساقلىۋالىدىكەن.
ئاناڭغا قىلغان كىچىككىنە، ئەرزىمەس ياخشىلىقىڭ، قاچانلاردۇر قىلغان ئوماق قىلىقلىرىڭ، ئۇنتۇلۇپ قالغان چىرايلىق تەرەپلىرىڭنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدىكەن.
شۇڭا دەپتىكەن ئاقىللار: ياخشىلىق قىلساڭ ئاناڭغا قىل، جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا دەپ!
شۇ ئەمەسمۇ؟! كىچىككىنە ياخشىلىقىڭدىن ئالەمچە سۆيۈنىدىغان ئىنسانغىمۇ ياخشىلىق قىلالمىساڭ سەن نېمىگە ھېساب ئاقىۋەت؟
شۇ كىچىككىنە ياخشىلىقمۇ قولۇڭدىن كەلمىسە، ئەڭ كاتتا ھاياتلىق ئىنئامىڭ بولغان بىھىشقا قانداقمۇ ئېرىشەلەيسەن؟!
تىلەيمەنكى، ئانامغا ياخشىلىق قىلغۇدەك پۇرسەتلەرنى بەرگىن….!

***

P.S.
ئانام سېرىق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرەتتى، سېرىق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلالىشىمنى،
بىللە قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشالىشىمنى،
ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بىللە بىر دوستىخانىدا يىيەلىشىمنى،
ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ قويالىشىمنى…
يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇن خۇشاللىقلىرىغا، ئېغىر كۈنلىرىدە بىللە بولالىشىمنى…تىلەيمەن!

*****

2021/03/11   رەيھان

تارقىتىڭ...