تۈنۈگۈن بىر قانچە دوستلار مىھمانغا كەلمەكچى بولۇپ، مىھمانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا بىرەر نەرسە ئاڭلاش مەقسىتىدە تورنى ئىزدەۋاتسام ئىھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ « يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» ناملىق رومانى ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە خىل تائام تەييارلىغاچ ئەسلىمەمدىكى بۇ رومان ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.

ئېسىمدە، مەن بۇ روماننى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدىكى دەل ناۋالنىڭ يېشىدا 16-17 ياشلىق چاغلىرىمدا ئوقۇغانىدىم. ئۇ چاغلاردا 20 ياشلىق ئىبراھىمنىڭ مىجەزىنى، قەھرىمانلىقىنى ياقتۇراتتىم. كەلگۈسىدىكى يىگىتىمنىڭ ئىبراھىمدەك بولىشىنى خىيال قىلغانىدىم.(ماۋۇ يەردە يۈز قىزارغان ئىپادىسى ھە…لېكىنغۇ ئاشكارىلىۋىتىپ قالدىم ئەمما…)

تۇيۇقسىز تېپىۋالغان بۇ روماننى قايتىدىن ئاڭلاۋىتىپ، ھازىرقى مەننىڭ باشقىچە نوقتىدىن تەھلىل قىلىۋاتقىنىمنى، ھەقىقەتەن قالتىس بىر ئەسەرلىكىنى، كىتابنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى، ھەنىم بولسا تېخى نوتا چاغلىرىمدىلا مانا مۇشۇنىڭدەك قالتىس كىتابلار، ئېسل ئوبرازلار بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىككەنمەن دەپمۇ ئويلىدىم.

ئادەتتە كىتابنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان مەن ئامالسىز ئاۋازلىقىنى ئاڭلاپ چىقتىم.
بۈگۈن ئەينى چاغلاردىكى 16 ياشلىق قىزچاقنىڭ تەپەككۇرىدىن پەرىقلىق ھالدا ماڭا تەسىر قىلغان بىر قانچە نوقتىنى خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.

 

كىتابنىڭ 1964-يىلى كىنو بولۇپ ئىشلەنگەن نۇسخسى

Dirilis- Music

 

 ۋەتەن خائىنىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس ئىبراھىم داڭلىق ئارتىسلەرنىڭ يەنىلا سەھنىدە  ئويۇن قويىۋەرگەنلىكىدىن، ھەممە ھېچ ئىش بولمىغاندەك نورمال يەپ-ئىچىپ، كۈلۈپ يۈرىۋەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.
ئەسەر دەل ئىبراھىمنىڭ مانا مۇشۇ ئىچكى ئازابى بىلەن باشلىنىدۇ. ئەجىبا، خەلق ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن قەھرىمانىنى ئۇنتامدۇ؟

 

يىگىت دىگەن مۇنداق بولىدۇ

 

ئىبراھىم فىرانسىيەگە قېچىپ كېتىش ئالدىدا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپرىقى، ئاتا-ئانىسى، سەپداشلىرى، ناۋالدىن ئايرىلىپ قاچقۇن-سەرگەردان بولۇپ ياشاشنى خالىمايدۇ. ئۇ ئىنقىلاب قىلىشنى، ئۆز زېمىندا جان بېرىشنى تاللايدۇ. دەرۋەقە، ئۇ ھايات قىلىش ئىمكانىيىتى تۇرۇغلۇقمۇ ئۆزىنىڭ مىسرلىقىغا ئوق چىقارماسلىق پىرىنسىپى بىلەن مىسىرلىق ساقچىنىڭ ئوقىدا جان ئۈزىدۇ. داغدۇغىسىز ھالدا ئۆز تۇپرىقىغا كۆمۈلىدۇ.

بۇ قېتىم ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر موھىم شەخس موھىت.
موھىت قارىماققا قورقۇنچاق، ئۆگىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، رادىكال كىشىلەردەك كۆرۈنىدۇ.
لېكىن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا داۋراڭسىز ياخشىلىق، كۆز-كۆز قىلىنمايدىغان قەھرىمانلىق، ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت،ئادىمىيلىك تېپىلىدۇ.
بولۇپمۇ ناۋال پەتىھ بىلەن مەيداندا ئۇچىرىشىپ ئوفىتسىر كىيىمىنى ئېلىۋالماقچى بولغىنىدا، موھىت سىڭلىسىنىڭ كوچىدا يات بىر يىگىت بىلەن ئۇچىرىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ناۋال مەيدانغا بارغاندا سىڭلىسىغا بېرەر ئىش بوپقالماسلىقى ئۈچۈن، يوشۇرۇن سىڭلىسىنى قوغداشقا بارىدۇ.
سىڭلىسىنىڭ ئابرويىنى ئۆزىنىڭ غورورى دەپ بىلىدۇ.
بۇ بۆلەكنى ئاڭلاۋىتىپ ئاكىلىرىم، ئاكىلىرىمنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يولدا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ بىللە مېڭىشتىن ئۆزۈمنى تارتىدىغان چاغلىرىم ئېسىمدىن كەچتى…

موھىت تۇتۇلۇپ قالغاندا، چالا ئۆلۈك ھالتىدىمۇ ئىبراھىمنى ئاشكارىلىمايدۇ ھەتتا تۈرمە ھاياتى ئۇنى جەڭگىۋار قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ.

بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر قالتىس شەخس بوۋاي.
بوۋاي ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئادىمىيلىك توغۇرلۇق ۋەز ئېيتىدىغانلاردىن ئەمەس.
لېكىن، ئۇ ئىبراھىمدەك پۈتۈن دۆلەت تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، تۇتۇپ بەرگۈچىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىئانە بېرىدىغان قاچقۇننى ئۆيىدە قالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ.
ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەندە، ئىبراھىمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئوغلى بىر ئۆمۈر تۈرمىدە قالسىمۇ رازى بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.
ئۇ ھالال، پاكىز ياشايدۇ. داۋراڭسىز ھالدا قەھرىماننىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇندىن باشقا دوختۇر، تۈرمە ساقچىسى، شوپۇر، پەتىھى، ئابدۇل ئەزىز، ئابدۇل ھەمىد،ناۋال، موماي، سامىيە…لەرمۇ  قالتىس ئوبرازلار.

 

 

بەلكىم، ئەركىنلىكنىڭ يەنە بىر ئىسمى مۇھەببەتتۇر

 

 

ئىبراھىم دوختۇرخانىدىن قىچىپ موھىتنىڭ ئىشىكىنى چەككەن كۈنى ئىشىكنى ئاچقان ناۋالنى تۇنجى كۆرگەندە «نېمىشقىمۇ قىزبالىنى يارىتىدىغاندۇ؟»دىگەننى ئويلايدۇ. (مۇشۇ يەرنى ئاڭلاۋاتقاندا ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم)
ھالبۇكى، ئىبراھىم 3-كۈنى ناۋالنى سۆيۈپ قالىدۇ ھەم ناۋالدىن سۆيگۈسىنى يوشۇرمايدۇ.
ناۋال بىلەن ئىبراھىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق شۇ قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچقۇندايدۇ..
بەلكىم، سۆيگۈنىڭ ۋاقتىسىز، تەرەمبال بولىشى دېگەن شۇ بولسا كېرەك!

ھەر دۈشەنبە-چارشەنبە كۈنلىرى مەيداندا ناۋال بىلەن ئۇچىرىشىشقا كېلىشكەن ئىبراھىم بىر قېتىممۇ مەيدانغا كېلەلمەيدۇ. ھالبۇكى،ئۆلۈپ كېتىدىغان ئاخىرىقى كۈنى پەتىھنى ماشىنىنى ئۆزىنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا ئاپىرىشنى، ئانىسى چىراغ يورۇتقان ئۆز ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى بولسىمۇ كۆرىۋىلىشنى ئويلايدۇ.
ناۋال بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان مەيدانغا بارىدۇ. روھى دۇنياسىدا بولسىمۇ ناۋالنى بىر كۆرۈۋىلىشنى ئىستەيدۇ. پەتىھتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ناۋالنىڭ قانداق رەڭلىك كىيىم كەيگىنىنى سورايدۇ…بۇ جىمجىت سۆيگۈ يۈرەكنى تىتىرىتىدۇ..

ناۋال ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، باشقا بىر يىگىت بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ، بارچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەزىلەتلىك ئايال دەپ قارالسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىبراھىمغا بولغان سۆيگۈسىنى  يۈرىكىدىن ئۆچۈرىۋىتەلمەيدۇ.
ئەجىبا، مۇھەببەت مەجبۇرلىنىشقا بويسۇنامدۇ؟
بەلكىم، ئەركىنلىكنىڭ يەنە بىر ئىسمى مۇھەببەتتۇر.

 

 

قەھرىمانلىق ئۆلمەيدۇ

 

قەھرىمانلىق ئۆلۈپ كېتىدىغان شەخسى-ئادەم ئەمەس، ئۇ خەلق ئىچىدە يېڭىلىنىۋاتقان كۈچ!قەھرىمانلىقنى خەلق يارىتىدۇ، مەلۇم شەخستە ئىپادىلىنىدۇ.

كىتابتىن

قەھرىماننى يوشۇرۇپ قالغان بۇ ئائىلىگە بەخىتسىزلىك كېلىدۇ. ساقچى موھىتنى ئۆيدىن باغلاپ ماڭغاندا، موماي يۈرەك پارىسىنى قوپاللىقلارچە ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يالاپ ماڭغان بۇ دەھشەتتىن يېقىلىدۇ. ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاغرىقچان بوپقالىدۇ.

بوۋاي ئوغلىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساقچىخانىلاردا بويۇن قسىپ قەددى پۈكۈلگەندە، ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ يۈرىكى ئاغرىىيدۇ. بوۋاي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆزى ياشىغان بۇ دۆلەتتە ئۆزى بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان قاراڭغۇ جايلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ يەرلەردە ئوغلى موھىتتەك بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ خالىغانچە سولىنىدىغانلىقى، خالىغانچە غورورىنىڭ دەپسەندە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئەسلىدىلا قورقۇنچاق، ئىھتىياتچان موھىت بۇ تۈرمە ھاياتىدا ئەكسىچە تاۋلىنىدۇ، تېخىمۇ پىشىپ-يېتىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىدۇ ھەم  ئۇ ئۆزىنى قەھرىمانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.

ئىبراھىمنىڭمۇ ئاددى كىشىلەردەك ناۋال بىلەن تىنىچقىنە، مۇھەببەتلىك ئائىلە قۇرغۇسى، بەخىتلىك ياشىغۇسى بار ئىدى. بوۋاينىڭمۇ جاھاننىڭ غەۋغالىرىدىن خالى ئىللىق ئائىلىسىنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزغۇسى يوق ئىدى…بىراق، زۇلۇمنىڭ قارا قوللىرى ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىنى بۇزغانلىقتىن، ئىنقىلاپ مانا مۇشۇنداق ئائىلىلەردىن، ئۇۋىلاردىن، قاراڭغۇ زىندانلاردىن، تۇتقۇن لاگىرلىرىدىن كۆتۈرۈلدى…

ئىبراھىم ئۆلدى. بىراق، ئۇ ئىنقىلابنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. قەھرىمانلىق پەقەت قۇرال كۆتۈرۈپ جەڭ قىلىشلا ئەمەس، ئۇ يەنە كۆزدىن چاقنىغان غەزەپ-نەپرەت، قان-قېرىنداشلىرىغا بولغان مۇھەببەت، قاراڭغۇ زىندانلاردىن كۆتۈرۈلگەن دات-پەرياد، ئېغىربىسىملار بېسىۋالغان يەلكىسىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىمەك!

قەھرىمانلىق ئۆلمىدى. ئۇ خەلقنىڭ روھىدا داۋاملاشتى ھەم مەگگۈ داۋاملىشىدۇ!

تامام!

*********************

رەيھان ئابلەت

2021-يىلى، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى يېزىلدى.

 

 

قوشۇمچە: قولۇمدا كىتاب بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىتابنىڭ باش مۇقاۋا رەسىمى بىلەن تەمىنلىگەن تەكلىماكان كىتابخانىسىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

تارقىتىڭ...