ئانىلىق تۇيغۇلىرى

Chopin – Spring Waltz

 

🌸

يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇرغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئېتىۋاتقان تامىقىمنى قويۇپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

بۈگۈن تۇنجى-تۇنجى قېتىم تېخى قايسى كۈنىلا بىرسىنىڭ قارىغاي ئۈستىدىكى پاكىز قارلارنى كۆرسىتىپ: «سەن مۇشۇ قارغا ئوخشايسەن» دېگەندىكى پاك قىزچاقلىقىمدىن، بىر بالىنىڭ ئاپىسى بولغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم. ۋاقىت ئۇقۇمى قىززىقتە. ئەمەلىي ۋاقىت بىلەن ئادەم كاللىسىدىكى ۋاقىت ئۇقۇمى،رىئاللىق بىلەن خىيال ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن قىزىقارلىق باغلىنىش بولىدىكەن.ھەقىقەتەن شۇنداق بىر رىئاللىقنى ئەمدى ئويلاپ قالغىنىم قىززىق! خۇددى خاتىرىسىنى يوقاتقان كىشىدەك.

ئۇ ھېلىھەم مېنى ئاشۇ ئاپئاق قارغا ئوخشاش دەپ قارامدىغاندۇ؟! مەيلى باشقىلار نېمە دەپ ئويلسىۇن، مەن شۇنداق قارايمەن: ساپ مۇھەببەت ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن پۈتۈلگەن نىكاھىمىز ئاياللىق ۋە ئانىلىق شەرىپىنى بەرگەندىن كېيىنكى ئۆمۈرلۈك ھەمراھقا باغلانغان روھ ۋە تەن پەرۋەردىگار ھەم ھەمراھىم ئالدىدا بۇرۇنقىدىنمۇ پاك ۋە مۇكەممەل!مۇھەببەت بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھى-جۈپتى ھالالغا باغلىنىش، يەنى نىكاھ – تەڭرىنىڭ يەنە بىر قۇدىرىتىدىن بىرى بولۇپ، تەن ۋە روھىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشى ۋە پاكلىنىشى!

🌸

دۇنيادا بالا ئۈچۈن ئانىسىنىڭكىدەك يېقىملىق، گۈزەل چىرايدىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك. بوۋاق ئانىسىنى چىرايلىق ياسانغان ھالىتىدىمۇ، ئادەتتىكى ھالىتىدىمۇ، ھەتتا تۈن كېچىدە كۆرگىنىدىمۇ كۆزىگە قاراپ ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ئانىلىق روھىنى، ئانىلىق مىھر-مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەللەشكەن روھىنى بالا تونۇيدۇ. بالىدىكى بۇ خىل روھى تونۇش پەقەت پاك قەلبلا سېزەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە بىر خىل روھى تونۇش بولۇپ، يېتىلگەن مۇتلەق ئادەمدە بۇ خىل روھى تونۇش خىرەلەشكەن.

🌸

كىچىككىنە پىيالىڭىزدە چاي ئېچىۋاتىسىز، تەلمۈرۈپ تۇرغان چىرايلىق كۆزلىرىڭىز ئاپىڭىزدا. پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم شۈررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى. ئېختىيارسىز كۆزلىرىمگىمۇ ياش كېپكېتىپتۇ….دۇنيادا مېھر-مۇھەببەتكە ئەڭ تەشنا بۇ سەبى-ئوماق كۆزلەر ماڭا مەسئۇلىيەتنى، دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھسياتنى، رىياسىز مۇھەببەتنى، ساپلىقنى ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە باشقا جانلار ئۈچۈنمۇ ياشىمىسام بولمايدىغان مەۋجۇتلۇقۇمدىكى موھىملىقنى بىلدۈرىۋاتاتتى. ئانا بالىنى چەكسىز مېھرىدە سۆيۈپلا قالماي، بالىمۇ ئەڭ چۇڭقۇر، تەبىئي مېھرى بىلەن ئانىنى سۆيىدۇ.

🌸

ھەر دائىم مۇنداق بىر ھالەت بولاتتى. سىز ياتاق ئۆيدە ئۇخلايتتىڭىز، بۇ چاغدا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن بىرى قەھۋە ئىچكەچ ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەلدە ياپون تىلى ئۆگىنىش ئىدى. سىز ھەر دائىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا ئالدى بىلەن بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ مەن بار ئۈستەلگە قارايتتىڭىزھەم مېنى كۆرۈپلا ۋىلىقلاپ تاتلىق كۈلەتتىڭىز. بۇ ئاجايىپ سۆيۈملۈك، تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز كېلىدىغان تاتلىق بەخىت ئىدى. بۇ خىل بەخىتنى پەقەت ئانىلا ھەقىقى ھېس قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئانا بالا بېقىش جەريانىدا جاپادىن كۆپرەك مانا مۇشۇنداق پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئېرىپ كېتىدىغان شىرىن مىنۇتلارغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا دەيمەن، ماڭا ئانا بولۇش شەرىپى بەرگەن تەڭرىگە كۆپ شۈكۈرلەربالا ئاتا-ئانىغا تەڭرى تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنىپ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتى بىلەن بالىنىڭ ھەرقانداق جاپاسى ئاتا-ئانىغا جاپا بىلىنمەيدۇ. بۇ جاپالارنى خۇشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدۇ. بۇمۇ ھەم مۇھەببەتنىڭ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدىرىتى!

🌸

تۈنۈگۈن ئالي مەكتەپتىكى بىر قانچە دوستۇم بىلەنلا ئالاقلىشىپ، باشقا بالىلار بىلەن چورتلا ئالاقەمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى تۇيۇقسىزلا ئويلاپ قالدىمدە، ياپونىيەگە مەن بىلەن بىللە كەپقالغان كونا تېلىفۇن خاتىرەمنى ۋاراقلاپ بىر-بىرلەپ تېلىفۇن قېلىشقا باشلىدىم. بالىلارنىڭ ئاۋازى ئۆزگەرمەپتۇ. بىراق تېلىفۇن نۇمۇرلىرى، ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يېڭى تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى بۇرۇنقى تېلىفۇن نۇمۇرىدىن، ئاتا-ئانىلىرىدىن بىلدىم. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەزىلىرى مېنى خۇشال قىلسا، بەزىلىرى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغنى شۇ بولدۇكى، بەزى ساۋاقداشلىرىم تېخىچە خىزمەت كۈتۈپ تۈگىشىپلا كېتىپتۇ.

ئالى مەكتەپتىكى بىر ياتاقدىشىمنىڭ ديىشىچە، ئۆيدىكىلەر ساۋاقدىشىمنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خېلى پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ، «ئاز قالدى، تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپ ساقلاۋاتقىلى تۆت يىل بوپتۇ.دادىسى قىزىنىڭ بىرەر يەردە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىشغىمۇ قارشى تۇرۇپتۇ. دادىسىنىڭ باشقىلار ئالدىدا«قىزىنى پۇل تاپقىلى چىقىرپ قويدى» دېگەن ئاتاققا قالغۇسى يوقمىش…!شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بۇ قىز بۇ تۆت يىلدا ئۆي، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بەئەينى دېھقان قىزغىلا ئوخشاپتۇ.

ئويلاپ قالدىم، بەزى ئاتا-ئانىلار كونا قاراشلار بىلەن باللىرىنى، بولۇپمۇ قىزلىرىنى بەكلا چەكلەپ، ئۇلارنىڭمۇ ئادەم ئېكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. پەرزەنت- تەڭرى ئىنسانغا ياخشى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ھاۋالە قىلىنغان كاتتا سوۋغات.بالىنىڭ خاراكتىر ئەركىنلىكى، تەرەققىياتى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى چەكلەپ، مۇستەقىل تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ھەتتا تەڭرىنىڭ ئالدىدىمۇ قىلىنغان جىنايەت.

خاتىمە

 

شۇنداق قىلىپ 25 يىلدىن كېيىن ھەممە ئۆزگەردى. بۇرۇنقى توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان قۇرغاق ھاۋا نەم ساپ ھاۋاغا، نان بولكىغا، تېلۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدىن تارتىپ، قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرىغىچە ھەممىسى ئۆزگەردى. ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا، چەتئەللەرگە چىققان بەزى يازغۇچىلارنىڭ چەتئەل توغۇرلۇق يازغانلىرىنى ئوقۇسام، ئۇ يەرلەر بەئەينى جەننەت، ئادەملىرى پەرىشتە ئىدى. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم: «ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئىكەن. چەتئەلدە ھەتتا ۋەتەندىكىدىن نەچچە ھەسسە جاپا چېكىپ تەر تۆكمىگەندە بىر قاچا تاماققا ئېگە بولغىلى بولمايدىكەن. چەتئەل جەننەت ئەمەسكەن، ئادەملىرى ھەم پەرىشىتىمۇ ئەمەسكەن! بىراق، مەيلى خەقنىڭ دۆلىتىدە ئېرىقىدا ھەسەل ئاقسۇن، يېگىنىمىز شېرىن-لەززەتلىك بوپكەتسۇن، ئۆز تۇپرىقىمىز، خەلقىمىزگە ھېچنىمە يەتمەيدىكەن. ئىنسان ھەقىقەتەن ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن ئىكەن.«مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلىمان بولماس» دېگەندەك رەيھان مۇساپىرەتتە ياشاپ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى.ئۇ ۋەتەننى، خەلقنى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشنى…ھەممە-ھەممىنى قايتىدىن تونۇپ چىقتى، قايتىدىن تۇغۇلدى!

ئانا بالا تۇغدى، لېكىن يارىتالمىدى! ئۇ پەقەت تەڭرى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ۋەزىپىدىن بىرنى تاماملىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە نۇرغۇن ۋەزىپە تۇرۇپتۇ. بالا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولالىغاندىلا، تېنى ۋەتەن بىلەن روھى خەلق بىلەن باغلىنالىغاندىلا ئانا بۇ ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاۋاتقان بولىدۇ.

بالا«بەخت» ئۇقۇمىنى كۆز ئالدىدىكى ماددى نەرسىلەرگە باغلاپ قويمىغىنىدا، ئۆز-ئۆزىنى ھەر ۋاقىت بەختكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان، كۈلكە ۋە يىغا ئۇقۇمى چىن مەنىسىنى تاپقاندىلا ئانا بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداۋاتقان بولىدۇ.

بىر گۈزەل روھ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، بۇ ئۇيغۇر روھى بولالىغاندىلا، ئانا ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاۋاتقان بولىدۇ.

ئانا يالغۇز ئۆيدىكى بالىنىڭلا ئەمەس، مۇمكىن بولسا پۈتكۈل خەلقنىڭ، ئانا مېھرىگە زار بولىۋاتقان يېتىم-يېسىرلارنىڭمۇ ئانىسى بولالىغىنىدا، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداۋاتقان بولىدۇ.

ئانا سەن تىرىشقىن،

مەن تىرىشاي،

قىزىم سەنمۇ تىرىشقىن،

گەرچە بۇ تىرىشچانلىقلار ئاز-ئازدىن بولسىمۇ، كۆزگە تۈزۈك كۆرۈنمىسىمۇ.

رەيھان ئابلەت

قىزىم تۇمارىس ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى مەزمۇن قىلىپ ئۆز قولى بىلەن ياسىغان مىننەتدارلىق ئاتكىرىتىكىسى

چوڭلا بوپكەتكەن تۇمارىس

 

تۇنجى ئانىلىق ۋە تۇنجى مۇساپىرلىقتىكى ئانىلىق تۇيغۇلىرى قولۇمغا قەلەم ئالدۇرغانىدى…ئۇشبۇ كۈندىلىك خاتىرىلىرىمدىن پۈتۈلگەن ئەسلىملىك مۇساپىرلىقتىكى غېرىبلىق، تۇنجى ئانىلىقتىكى ھاياجان، تېڭىرقاشلار ئىچىدە يۈرۈكۈمدىن يېزىلغان ھاياتىمنىڭ ئەڭ موھىم بىر بۆلىكىنىڭ خاتىرىسى.

مەزمۇن كۆپ بولغاچ ئۈچكە بۆلۈپ يوللىدىم. چەتئەلدە ئانا بولغان ھەر بىر قىزغا، ھەر بىر ئانىغا ئورتاق بۇ يۈرەكنى تىتىرىتىدىغان نازۇك قۇرلارنىڭ ناتونۇش ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. ھەم ماڭا تونۇش ۋە ياكى ناتونۇش شۇ قەھرىمان ئانىلارنىڭ ھەر جايدا ئامانلىقىنى ھەم سالامەتلىكىنى، خاتىرجەملىكىنى تىلەيمەن.

مۇناسىۋەتلىك يازما:http://: http://tokyoxatiriliri.net/?p=8546

ئەسكەرتىش: باش بەتتىكى قىستۇرما رەسىم ياش سەنئەتكار ئەفۋاننىڭ ئىجادى ئەسىرى.

تارقىتىڭ...