تۇغۇت جەريانى
ياپونىيەدە ھامىلدارلىق بايقالغاندىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەرلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئوموملاشقان قائىدىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قېتىم تەكشۈرۈتۈشكە بارغاندا دوختۇر كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرتۈش كۈنىنى بەلگىلەپ قوياتتى ھەم تۇغۇت يېقىنلىشىپ ئىككى ئايچە قالغاندىن باشلاپ ھەر ئايدا تەكشۈرۈشتىن 15 كۈندە بىر قېتىم، ئاخىرىقى ئايدا بولسا ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈتۈش تەلەپ قىلىناتتى. تەكشۈرتۈش ھەققىنىڭ 70% نى سۇغۇرتىدىن كۆتۈرىدىغان بولۇپ پەقەت 30% نىلا تۆلىسەك بولاتتى. ئارىلىقتا بالياتقۇ راكى، ئەيدىز قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرتۈشتەك بىر قانچە قېتىملىق چوڭ تەكشۈرتۈشلەر ھەقىسز بولاتتى.
سېزىكلىكتىكى ئېغىر كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپ خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك بوپقالغانىدىم. سالامەتلىكنىڭ، گالدىن بىر نەرسە ئۆتكەننىڭ چوڭ ئىش ئېكەنلىكىنى بىلدىم. ئاي-كۈنۈم بارغانسىرى يېقىنلىشىپ قىلىۋاتاتتى. دۇنيادا تۇغۇتتىن قورقمايدىغان بىرمۇ ئايال زاتى بولمىسا كېرەك. مەنمۇ قورقۋاتاتتىم. تولغاق باشلانغاندا يولدىشىمنىڭ خىزمەتتە بوپ قىلىشىدىن، تۇغۇتتىن كېيىن يولدىشىم بەرىبىر 40 كۈنگىچە دەم ئالالمايدىغان بولغانلىقتىن، بوۋاق ئىككىمىزنىڭ يالغۇز قىلىشىدىن…ئەنسىرەپمۇ تۇراتتىم.
Schubert – Lullaby
تۈن كېچە سائەت ئىككىلەردە تولغىقىم 10 مىنۇتتا بىر تەرتىپلىك تۇتۇشقا باشلىدى. ئاخىر تاڭمۇ ئاتتى. ئۆمرۈمدىكى ئەڭ قېيىن بىر كۈنۈم، ھايات-ماماتلىق بىر كۈنۈم باشلاندى.ئۆزۈمدىن غەيرەتلىك بولۇشۇمنى تىلەيتتىم. يولدىشىم شىركىتى بىلەن ئالدىن ديشىپ قويغان 15 كۈنلۈك دەم ئېلىشىنى شۇ كۈندىن باشلاپ ئالدى. شۈكۈرلەر، ئۇ يوق ۋاقىتلار بوپقالغان بولسا، شىركەتتىن ئۆيگە كېلىش ئۈچۈنمۇ بىر يېرىم سائەت ۋاقىت كىتەتتى.
چۈشتىن بۇرۇن يولدىشىم كومپىيۇتىر ئالدىدا ئۆز ئىشىنى قىلغاچ ھەر قېتىم تولغاق تۇتقاندىكى ۋاقىتنى خاتىرىلەپ تۇردى. مەن مۇزىكا ئاڭلىغاچ كىتاب كۆرىۋاتقانىدىم. بىز تېخى دوختۇرخانىغا پېتىر مانتا ئېتىپ يەپ بولغاندىن كېيىن بارماقچىمۇ بولغانىدۇق. لېكىن، سائەت 11:00 لەر بولغاندا تولغاق ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراپ، بەش-ئالتە مىنۇتلارغا چۈشۈپ،چىدىغۇسىز ئاغرىشقا باشلىدى. دەرھال تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا بارغىنىمىزدا دوختۇر تەكشۈرۈپ تېخى ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتىپ، مەخسۇس تولغاق ئۆيىدىن بىرنى ئاجىرىتىپ بەردى. يالغۇز كىشىلىك ياتاققا مەسئۇل سىستىرا قىز پات-پات كىرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتى. ئازابىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بېلىمنى تۇتۇپ قوياتتى.
«توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ، مىڭ ئۆلۈپ بىر تېرىلىپ ئاچچىق تولغاق يەپ بالا تۇغۇش» دىسە «ھە، شۇنداقكەندە»دەپ بىلمەيدىكەن كىشى. ئۆز بېشىمغا كەلگەندە بىلدىم. تولغاق ئازابىدا «ئۆلۈپ كېتىمەنمۇ نېمە؟ تۇغۇت دېگەن مۇنداق تەس بولسا ھەرگىز تۇغمايمەن!»دەپ يىغلاپمۇ كېتىپتىمەن.
چۈشتىن كېيىن 5:00 لەر بولغاندا ئاخىرى تۇغۇتخانىغا ئېلىپ كىردى. كارۋاتنىڭ بېشىدا يولدىشىم، دوختۇر-سىستىرالار بولۇپ بەش-ئالتىچە كىشى ھەر قېتىم تولغاق تۇتقاندا ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىككى قېتىم چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۈچىنجى قېتىم نەپەس قويۇپ بەرگەچ كۈچەپ ئىنجىقلايتتىم. ئۇلار ئەتراپىمدا ماڭا مەدەت بېرىشەتتى.
ھاياتتىكى بۇ ھەل قىلغۇچ مىنۇتلار مەيلى كەمبەغەلنىڭ قىزى بولسۇن، مەيلى خانىش-مەلىكە بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان مودا دەۋىرىدە بولسۇن، مەيلى ئىپىتىدائى جەمىئەتتە بولسۇن، مەيلى ئۆز ۋەتىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە بولسۇن، ،مەيلى مەندەك مۇساپىر بولسۇن….ھەر بىر ئانا بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپە ئىدى. ئوخشاش ئاغرىق ئازابىنى تارتاتتى ھەم بۇ ئازابنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى. بىراق، ئەتراپدىكى ئادەملەرنىڭ غەمخورلىقى ۋە مەدىتى ئادەمگە كۈچ بېرەتتى. ئەنە شۇنداق مەدەت بېرىشلەر ئىچىدە بۇ «تۇغۇت جېڭى»مۇ ئاخىرى ئاياغلىشىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 6:10 ئۆتكەندە بوۋاق تۇغۇلدى! قىزىمىز تۇمارىس تۇغۇلدى! چەتئەلدە بىر-بىرىمىزدىن باشقا يۆلەنچۈكىمىز يوق ئىككىمىزنىڭ جۈپتى ھالاللىق مېۋىسى، يۈرەكلىرىمىزنىڭ پارىسى، ئۆيىمىزنىڭ بەرىكىتى ۋە خۇشاللىقى تۇغۇلدى!
ياپونىيەگە يېڭى كەلگەن كۈنلەردە كۆنەلمەي، يولدىشىم ئىشقا كەتكەن ۋاقىتلاردا تەگسىزغېرىبلىقلارغا ئەسىر بولغان، ماڭا گەپ قىلىدىغان، سۆزلىرىمنى ئاڭلايدىغان بىرەرسى يوق شۇ كۈنلەردە باغچىغا بالىلىرىنى ئويناتقىلى ئېلىپ كەلگەن ئانىلارغا قاراپ مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ئەركىلىتىدىغان، ماڭا ھەمراھ بولىدىغان بالامنىڭ بولىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغانىدىم-ھە؟ ئاخىرى تىلىكىم ئىجابەت بولدى. دوختۇر-سىستىرالار، بولۇپمۇ يولدىشىم ئىككىمىز بەكمۇ ھاياجانلانغانىدۇق.
قىزىمنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىۋالغان خۇشاللىقتىنمۇ، تۇنجى ئانا بولغاندىكى ھاياجاندىنمۇ،بەلكىم ھەر ئىككىلا سەۋەبتىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم. دوختۇرلار«تۇغۇلغان كۈن» مۇزىكىسىنى قويۇپ مېنى ھەم يېڭى مىھماننى تەبرىكلەشتى. تۇغۇتتىن كېين تاساددىبى ئۆزگىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇت ئۆيىدە بىر سائەت كۆزىتىلىشىم كېرەك ئىكەن. ئۇلار قىزىمنى بىردەمدىلا يۇيۇپ، بىر قۇر تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئېمىتىشىمنى ئېيتىپ يېنىمدا ياتقۇزۇپ قويدى.
ئاجايىپ شېرىن، تاتلىققىنە ئانىلىق تۇيغۇلار بايىقى ئازابلارنى، ئاغرىقلارنى.. ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. ياراتقۇچىنىڭ قۇدىرىتى بىلەن ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق ئېمىپ كەتتى. ھەممە ئىش نورمال بولغانلىقتىن، ئامال بار مېڭىپ بەرسەم سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۇغۇتخاندىن 50-60 مېتىرچە كېىلدىغان ياتاققا يولدىشىم ئىككىسى يۆلەپ ئاچىقىپ قويدى.
ئانا بولۇش قىزلارنى ئانىسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. تۇنجى بولۇپ ئانامغا تېلىفۇن قىلىپ بۇ خۇشاللىقنى يەتكۈزدۇق. تېلىفۇندا ئاناممۇ، مەنمۇ يېغلىدىم.ئانام: «ئاچچىق تولغاق يېگەندە يېنىڭدا مەن يوق <ئانا> دەپ قالغانسەن جېنىم بالام» دەپ يولدىشىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق يات ئەلدە قىزىنىڭ مىڭبىر جاپادا يەڭگىگەنلىكىدىن يېغلىسا، قىزى ئەسلىدە ئانىسىنىڭمۇ مۇشۇنداق جاپادا تۇغقانلىقىنى، ھەتتا بۇنچىلىك ئىلغار شارائىت يوق ئەھۋالدا، ئۆزىدىنمۇ بەكرەك جاپادا يەڭگىگەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىدىن يېغلايتتى.يېغلاپ تۇرۇپ ئانامغا: «مېنىمۇ مۇشۇنداق تۇغۇپتىكەنسەن ئانا، رەھمەت» دېدىم.
دوختۇرخانىدىكى كۈنلەر
ياپونىيەدە نورمال تۇغۇتتا دوختۇرخانىدا يەتتە كۈن يېتىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ جەرياندا دوختۇر-سىستىرالارنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىقىغا ھەيران قالدىم. دوختۇرخانىنىڭ تۈزۈمىدە كېسەللەرنى يوقلاش ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1:00-9:00 غىچە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سىستىرالارنىڭ كۈتۈشى بەكمۇ ئەتراپلىق بولغانلىقتىن يەنە بىر ئادەمنىڭ داۋاملىق ھەمراھ بولۇشى ھاجەتسىز ئىدى. يەڭگىگەن كۈنۈم ئەخمەتجان كەچ سائەت ئونلارغىچە يېنىمدا تۇرۇپ، ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن قايتىپ كەتتى. چارچىغان ئوخشايمەن، كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. (ئادەتتە بەك چارچاپ كەتكەنلەردە ئۇخلىيالمايدىغان ئادىتىم بار ئىدى)
كېچە سائەت ئون ئىككىلەردە سىستىرانى چاقىرىپ ئۇيقۇ دورىسى ئەكىرىپ بېرىشنى ئېتتىم. دورىمۇ ئەسقاتمىدى..يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم. ياتاق ئىسسق ئىدى. مەن چوڭلارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۆزۈمنى ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن كېيىۋالغان ، ئۆيدىكىلەر ئەۋەتىپ بەرگەن قېلىن ئۇخلاش كىيىمىدە بەكلا ئىسسىپ كېتىپ، سىستىرا قىزنى يەنە چاقىردىم. بېچارە قىز يۈگۈرۈپ كىرىپ كىيمىمنى سالدۇرۇپ قويدى، ئۆزۈم ئۆرۈلەلمىگەچكە ، ئۆرۈپ ياتقۇزۇپ قويدى. ئەتىسى قارىسام، بىر كېچە تۈزۈك ئۇخلىمىغان بۇ سېستىرا قىز يەنىلا شۇ مۇلايىم كۈلكىسى بىلەن ئىشلەپ يۈرۈپتۇ.
دوختۇرخانىدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاياتىمدا ھەر كۈنكى ئۈچ ۋاق تاماق، بالا ئېمىتىش، ھەتتا ھاجەتخانىغا چىقىشىمدىن تارتىپ تولىمۇ تەرتىپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تامىقىمنىڭ مىقدارى، بالىنىڭ ئېمىش ۋاقتى، ئەتىگەن-كەچلىك بەدەن تىمپىراتۇرىسى، ھەتتا ئانا-بالىنىڭ ھاجەت قېتىم سانىدىن تارتىپ جەدىۋەلگە خاتىرىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، دوختۇر-سېستىرالار ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى. ئۈچ ۋاق تاماقتىن سېرىت چۈشتىن كېيىنلىك «چاي ۋاقتى» بولۇپ، تورت، ئېچىملىك دېگەندەكلەر بېرىلەتتى. ھەر بىر بىمارنىڭ تامىقى دوختۇرخانىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق بۆلۈمىدە ھەر بىر بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەييارلىناتتى. ھەر قېتىمقى تاماقتا سۈت ياكى قېتىق، يېڭى كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان سالات، مېۋە چوقۇم بولاتتى.
ياپونلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى گۈرۈچ، كۆكتات بولۇپ، بىر قېتىملىق تامىقىنىڭ مىقدارى ئاز، بىراق تۈرى كۆپ بولاتتى. مايدا پۇشۇرۇلغان تاماقلىرى ئاز ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئاشخانىلارنىڭ سىرىتىغا تېزىلغان ياپونچە تاماقلارنى كۆرسەممۇ كۆڭلۈم بىئارام بولىدىغان مەن دوختۇرخانىدا ياپونچە تاماقلارغا تەنىئىيلا ئامراق بوپ قالدىم. بولۇپمۇ بېلىقىنى.
تۇغۇتتىن كېيىن ئەتىسى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن نورمال مۇنچىغاچۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ ئىسسق-سوغۇق قارىشىدىكى پەرىقلەرنى تىلغا ئالسام:دوختۇر ئەمدى مۇنچىغا چۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، چوڭلارنىڭ « تۇغۇتتىن كېيىن 40 كۈنگىچە يۇيۇنسا بولمايدۇ» دېگەندەك ئەسكەرتىشلىرى بىلەن مۇنچىغا چۈشەلمىگەنىدىم.ياپون ئاياللىرى تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرۈش تۈگەپ، دوختۇر نورمال مۇنچىغا چۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ھەر كۈنى يۇيۇنىۋىرىدىكەن. مەن يەنە ئۇ يەر بۇ يەرلىرىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى باھانە قىلغان ماڭا سېستىرا ھەر كۈنى ئىسسىق ھۆل لۆڭگە ئەكىرىپ بېرەتتى.ھەر قېتىملىق تاماقتىكى قېتىقلارنى «سوغ كېلىدۇ» دەپ ئىچمەيتتىم. ئەمما ياتاقتىكى باشقا ياپونلار مۇشۇ 12-ئايدىمۇ يېڭى تۇغۇتلۇق ئېكەنلىكىگە قارىماي، توڭلاتقۇدىن مۇزدەك ئېچىملىك ئېلىپ ئىچەتتى. باشقىلار ئۆلچەملىك تىمپىراتۇرىدىكى ياتاقلاردا دوختۇرخانىدىن بېرىلگەن نېپىز ئۇخلاش كېيىملىرى بىلەن يۈرسە، مەن قېىلىن پاختىلىق كېيىم، پوسمىلار بىلەن ئىدىم.قىسقىسى، ياپون ئاياللىرىدا بىزدەك تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزىنى ئىسسق ساقلاش ئادىتى چورتلا يوقتەك تۇراتتى. (ھازىرلاتىن بىلسەم بۇلاردىمۇ ئسسىق-سوغ قارىشى باركەن، بىراق، بىزنىڭكىدەك بەك قاتتىق ئەمەسكەن)
دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس بوۋاقلار ئۆيى بولۇپ، بوۋاقلار ئادەتتە شۇ ئۆيدە تۇراتتى. تاشقىرىقى ئۆي بالا ئېمىتىش ئۆيى بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانىلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىسى كامېر شەكىلدىكى ئورۇندۇقلار چۆرىدەپ قويۇلغان بۇ ئۆيدە كېچە-كۈندۈز بوش ئاۋازدا يېنىك مۇزىكا قويۇلۇپ تۇراتتى. بوۋاقلار مۇشۇ ئېللىق موھىتتا ئانىلىرىنى ئېمىشىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىشەتتى.تۇغۇتنىڭ ئەتىسى چۈش سائەت 11:00 لەردە بوۋاقخانىدا بالىنى قانداق ئېمىتىش، ئانا سۈتىگە تويمىغان ئەھۋالدا بوۋاقخانىغا قويۇلغان سۈت پاراشوكىنى قانداق تەڭشەش، ھەتتا بوۋاقنىڭ زاكىسىنى قانداق ئالماشتۇرۇشقىچە بولغان ماڭا ئوخشاش يېڭى ئانا بولغۇچىغا بوۋاق بېقىشنىڭ موھىم بىلىملىرىنى ئۆگەتتى. تۇغۇتنىڭ ئىككىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئانا بوۋىقىنى ئۆزى ياتاقتا باقسىمۇ، سالامەتلىكى يار بەرمەي قالسا بوۋاقخانىدا سىستىرالارنىڭ بېقىپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ بولاتتى. ( شۇ چاغلاردا مەن تېخى تەجىرسىز، ھالسىز چاغلىرىم بولغاچ تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئۆزۈم باقالمىغاندىم.)بوۋاقنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە بوۋاقخانىغا ئەكىلىپ بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، 8:00-11:00 گېچە سىستىرالار بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇش، سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش دىگەنلەرنى قىلاتتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئىش، قىزىم تۇغۇلۇپ 4-كۈنى قۇسۇپ كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەنلىكتىن ، بوۋاققا يېڭى كىيىم ئاچىقىپ بېرىشنى ئېيتتىم. سېستىرا قىز قىزىمنىڭ كىيىمنى يۆتكەپ قويغاچ، كىندىكىنى سورىدى. مەن كارۋىتىمنى رەتلىگەچ قولۇمغا چىقىپ قالغان، نېمە ئېكەنلىكىنى بىلمەي يانچۇقۇمغا سەپ قويغان نەرسىنى چىقاردىم. ئەسلىدە قىزىمنىڭ كىندىكى چۈشۈپتىكەنتۇق، ھەر ھالدا تاشلىۋەتمەي ساقلاپ قويۇپتىمەن.( ئاھ، بالا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن كىندىكى چۈشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي؟!) سېستىرا قىز چىرايلىق بىر قۇتىنى ئاچىقىپ بالىنىڭ كىندىكىنى ئىچىگە سېلىپ ماڭا بەردى ھەم ياپونلاردا بالىنىڭ كىندىكىنى مانا مۇشۇنداق ساقلاپ چوڭ بولغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە بېرىدىغانلىقىدەك ئەنئەنسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتىپ بەردى. بىزدىمۇ شۇنداقراق قائىدىنىڭ بارلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ سېستىرا قىزغا ئېيتىپ بەرگىنىمدە قىز ھەيران قالدى.
ھەممە ئىش نورمال بولغانلىقتىن تۇغۇتنىڭ 7-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقسام بولاتتى. كۈتۈش ئۆيىدە دوختۇرخانىدىن چىقىش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتۇق، سېستىرا قىز چىرايلىق بىر كونۋىرتنى بەردى. ئەسلىدە بۇ دوختۇرخانىنىڭ ھېسابات قەغىزى بولۇپ، ياپونىيەدە دوختۇرخانىلاردا داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ھېسابات قېلىنىدىكەن. دوختۇرخانىغا تاپشۇرغان 40 تۈمەن يىن يەنى، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 26-27 مىڭ سوم پۇلنى بىر ئايدىن كېيىن سۇغۇرتىدىن قايتۇرۇپ بەردى.شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. دوختۇر-سىستىرالار ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇزىتىپ قالدى.بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ نازۇك ۋەزىپىلەردىن بىرى ئەنە شۇنداق تاماملاندى.
باشقا تۇغۇتلۇق ياپونلۇقلارنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرى يوقلاپ تۇرغاندا، يوقلايدىغان يولدىشىدىن باشقا ئادىمى يوق بۇ دوختۇرخانىدىكى كۈنلەر ماڭا يالغۇزلۇق بىلىنمىدى. يولدىشىم بۇ كۈنلەردە دوختۇرخانىنىڭ تامىقىدىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلىرىنى ئېتىپ كەلسە، ياپونچە تاماقلارنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساممۇ، ئۇ ئەتكەن ئۆز تەم تاماقلار يەنە باشقىچە تېتىپ كېتەتتى. ئۇ مېنى يالغۇز قويغۇسى كەلمەي كەچ توققۇز-ئونلارغىچە قارايتتى. كېسەل يوقلايدىغانلار كېتىپ، ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆككەندىلا ئاستا كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە دوختۇر-سىستىرالارنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى مېنى غېرىبسۇندۇرمىدى. ياپونلارنىڭ مەيلى بىزار بولسۇن ياكى خاپا بولسۇن ئىچىدە بىلىپ، يەنىلا كۈلۈمسىرەلەيدىغانلىقىنى بۇ يالغۇز كۈنلەردە «ياشىسۇن ياپونلارنىڭ كۈلكىسى»دىگۈسى كېلەتتى كىشىنىڭ.
داۋامى بار….
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان قېلىنغان «ياپونىيەدىكى تۇغۇتۇم»نامىلىق يازمامدىن ئېلىندى. ژورنالدىكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تەھرىراتلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن يەرلەر ئەسلى شەكلىدە بىلوگىمغا يوللاندى. داۋامى پات ئارىدا يوللىنىدۇ.
ئىنكاس يازىمەن