ياپونىيەدىكى تۇغۇتۇم
رەيھان ئابلەت
مۇقەددىمە
تۇغۇتنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ پىداكارلىق. تۇغۇت ئۈسىتدە باشتىن–ئاخىرى تۇرغان كىشىنىڭ ھېسياتى بۇنى ھەقىقى باشتىن كەچۈرۈپ باققان كىشىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ يۈزەكى بولىدۇ.
بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەكى، مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىندىن بولسۇن، دۇنيادىكى بارلىق ئانا قۇرال كۆتۈرۈپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ جەڭ قىلغان پىدائىيلار بىلەن باراۋەردۇر.
بالىنىڭ تۇغۇلۇشى – ئانىنىڭ تەن ۋە روھىنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى.
ئانىلىق– ئاياللارغا ھەقىقى تۈردە مېھىر–مۇھەببەت ئاتا قىلىش، قۇربان بېرىش، پىداكارلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگىتىدۇ.
ئانىلىق–ئاياللىق گۈزەللىكنىڭ يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى.
Mominjan – Momam Eytqan chuchek
ئۆزگىچە سېزىكلىك
سېزىكلىكىمدە ياپونىيەدىن، ياپونلاردىن، ياپونچە تاماقتىن، ھەتتا ياپون تىلىدىنمۇ چىقىپ كەتكەن بولسام، تۇغۇتۇمدا بۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ قانداق غەيرى سېزىكلىك ھەم غەيرىي تۇغۇت–ھە؟!
توي كۈنى قىز يىغلايدۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ باقمىغان بولساممۇ، بىراق تېلۋىزىيە فىلىملىرىدىن ياپون، كورىيان قىزلىرىنىڭ توي كۈنى يىغلايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
بۇ خىل يىغىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، قىز ئۆزى چوڭ بولغان ئائىلىدىن، ياشاپ ئادەتلەنگەن تۇرمۇش موھىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك.
مەنمۇ ئايرىلدىم. بىر ئائىلىدىن يەنە بىر ئائىلىگىلا ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىمدىن باشقا بىر دۆلەتكە…بۇ مەندەك ئالى مەكتەپنىمۇ ئۆز يۇرتىدا ئاتا–ئانىسىنىڭ ئالدىدا تاماملىغان، 25 يېشىغىچە ئائىلىسىدىن بىرەر ئايمۇ ئايرىلىپ باقمىغان قىزغا نىسبەتەن قوبۇل قىلماق خېلىلا تەس بولغان رېئاللىق ئىدى.
ياپونىيەدە نورمال خىزمەت ۋاقتى بىزدىكىدەك سەككىز سائەت. ئەمما كۆپىنچە ياپونلارنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتدىن سىرىت ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىشى نورمال بولۇپ، ھەتتا كەچ سائەت 12:00 لەردىمۇ پويىز ئەمدى ئىشتىن قايتقان خىزمەتچىلەر بىلەن گۆرۈلدەيتتى.
يولدىشىم ئەتىگەن سائەت 9:00 لاردا ئىشقا كەتسە، بالدۇر دىگەندىمۇ كەچ سائەت 8:00 ~9:00 لاردا كەلگەچكە، ھەپتىدە تۆت قېتىم ياپون تىلى دەرسكە بارغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئەتىگەندىن–كەچكىچە ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز قالاتتىم.
يالغۇزلۇق ۋە غېرىبلىقنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بۇ يېشىمدا بىلدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كۈنلەرنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۆزىنى ئارتۇق خىياللاردىن تارتىش، غېرىبچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى بولسىمۇ، ھەممىلا ئادەم ئالدىراش توكيودا بىكارچىدىن مەنلا بولسام كېرەك دەيمەن ئۆز–ئۆزۈمگە.
ياپوندا ئاياللار تويدىن كېيىن ياكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن خىزمەتتىن توختىۋىلىشى نورمال ئىدى.
بۇ ئاي–بۇ كۈنلەردە بىرەر خىزمەت تېپىش ئىمكانىيتىم يوق ئىدى. ھەتتا، سىزىكنىڭ قاتتىقلىقىدىن ياپون تىلى دەرسىمگىمۇ بارالمايۋاتاتتىم.
ئۆيدىن، ۋەتەندىن ئايرىلغان بۇ دەرتكە سېىزىكىمنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقى قېتىلىپ مېنى بەكمۇ قىيناۋاتاتتى. ھەتتا ئېڭىشسەممۇ، سۇ ئىچسەممۇ قۇسۇپ بىئارام بولۇپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياش ئانىلار بالىلىرىنى ئەكىلىپ ئوينىتىدىغان ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى باغچىغا چىقىپ بالىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈش،مەھەللە ئايلىنىپ مېۋىلىك دەرەخ ئىزدەش( توۋا، شۇ چاغلاردا مېۋىلىك دەرەخلەرنى كۆرۈش، ئانچە–مۇنچە شېخىدىن ئېلىپ يېيىشمۇ مەن ئۈچۈن بىر خۇمار بوپتىكەنتۇق…) ماگزىنلاردىن مېۋە سېتىۋىلىش ياكى ئۇخلاش ئىدى. ياپوننىڭ ھاۋاسى بەكمۇ نەمخۇش بولغاچ، يېڭى كەلگەن ئادەمنى ئاسانلا ئۇيقا باساتتى. كۈنبويى بىئارام بولۇپ يۈرگەن ئادەمگە ئۇخلاشمۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى چارىسى ئىدى.
مۇنداق ھالەتنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ باققانمىدىڭىز؟
چۈشىڭىزدە ئاتا–ئانىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئويغانغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ئىنس–جىننىڭ ئاياغ تېۋىشىمۇ يوق، باشقا بىر دۆلەت، يات قەۋم ئىچىدە يالغۇز ئۆيدە تەنھا كۆرۈش!
بۇ ھال تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر غېرىبلىق ئىدى…
ھەممىدىن يامىنى چۈشلىرىمنىڭمۇ غېرىبلىقى بولۇپ، ئويغىنىپلا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بوپكېتەتتىكى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپمۇ كىتەتتىم. ئۆز ۋاقتىدا ئانامنىڭ «تېخىچە ئۇخلامسەن؟» دەپ ئويغىتىۋەتكەنلىكىگە رەنجىگەنلىرىمنى ئويلىسام، ھازىر ئۇرۇپ ئويغاتسىمۇ ئانام يېنىمدا بولسىچۇ دەپ كېتەتتىم.
ھايات دىگەندە ئادەم ئۇخلاپ ئويغانغىنىدا ئانىسىنىڭ ئۆيدە بارلىقىنى بىلىشمۇ ئەڭ چوڭ بەخىتتىن بىرى ئىكەنلىكىنى مۇساپىرەتتە بىلدىم.
ئانا بولغاندىن كېيىن، قىزىمنىڭ ھەر قېتىم ئۇيقىدىن ئويغىنىپلا مېنى ئىزدەيدىغانلىقىغا قاراپ، بۇ خىل ئىزدەش تۇيغۇسى تۇغما رېفلېكىس بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا ھەر قېتىم ئويغىنىپلا مېنى ئىزدىگەن قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ، ئانىلىق مىھرىم بىلەن ئۇنى تويماي ئەركىلىتەتتىم ھەم قىزىمنىڭ بولسىمۇ بۇ بەخىتىتىن كۆپرەك بەھرىمان بولىشىنى ئويلايتتىم.
ئۆيگە كەلسەم قېنى سەن مومام،
ئۆرۈلۈپتۇ ئۆيۈڭمۇ تامام.
ئۈزۈلۈپتۇ چۆچەكمۇ تامام…
بوۋاي ساتار چىلىۋاتقان، بالا مومىسىنىڭ قۇچىقىدا، ئوچاقتا ئوت كۆيىۋاتقان…شۇنداق بىر ئىللىق كارتىنا كەلمەسكە كەتكەن، ئۇزاپ كەتكەن….ھەتتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلىقنىڭ ئىزناسى بولغان شۇ ئىللىق ماكاننىڭ تېمىنىمۇ تاپالمىغان…
ۋەتەندىكى چېغىمدا بەلكىم ھېچقانداق تەسىر قىلماس بىر ناخشىدىن يات ئەلدە ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم تىتىرەپ، كۆزلىرىمگە ياش كەپكەتتى.
ئىنسان ئېرىشىدۇ، يوقىتىدۇ. ھاياتتىكى شۇنداق بىر مىنۇتلار ئويلىمىغان يەردىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ تاتلىق، ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يامان يېرى، شۇ مىنۇتلارنىڭ قانچىلىك شېرىن، قانچىلىك قىممەتلىكلىكىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە سۈپىتىدە يۈرەك ئېيچىشقان ھالدا ئەسلەيدۇ.
25 يېشىمغىچە ئاتا–ئانامدىن ئايرىلماي ئۇلارنىڭ تۈزۈك بىر قەدىرىنى ھېس قىلمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، ھەتتا ئانا ھەققىدىكى بىرەر پارچە شېئىرمۇ مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ، تەسىرلەندۈرۈپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىمۇ تۈزۈك بىر ئويلىنىپمۇ باقمىغانىكەنمەن.
بالىنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىشى ئاتا–ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مىھر–مۇھەببەتنى چىن مەنىسىدىن كۈچەيتىدىكەن. بالا ئاتا–ئانا ئۇقۇمىغا قايتا ئېگە بولىدىكەن.
شۈكۈرلەر بولسۇن، مەن ئۇلار تېخى ھايات ۋاقتىدا بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى بىلىۋالدىم.
ئاتا–ئانىسىدىن كىچىكلا قېلىپ، قارا يېتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان دادامنىڭ «تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ <ئاتا>دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىسام يىغلاپ كېتىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ تېگىگە ئەمدىلىكتە يەتكەنىدىم.
دادام تېخى قايسى كۈنى تېىلىفۇندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «ئانا» دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىنىڭ ياشلانغىنىنى ئېيتىپ بەردى.
بېشىغا ھەرقانچە ئېغىر كۈن كەلسىمۇ، ھېچنىمە بولمىغاندەك دۇتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۆتكۈزىۋىتىدىغان قەيسەر، ئۈمىدۋار، خۇشخۇي دادامدا ناخشا ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغۇدەك دەرىجىدىكى نازۇك قەلب باركەن.
بۇ ناخشىنى قايسى كۈنى مەنمۇ ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. بۇ قېتىم ئانامنى ئەسلىگىنىمدىن ئەمەس، ئاتا–ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان دادامنىڭ بۇ ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ يېغلىغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆزلىرىم ياشلاندى.
ئۆز گېپىمگە كەلسەم، ئانا بولۇش، بولۇپمۇ ئانا يوق يەردە ئانا بولۇش قىزنى ئانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
مەن ھازىر ئانامنىڭ غۇۋا بالىلىق ئەسلىمەمدىكى كىچىككىنە، كونا شوتىلىق ئۆيىمىزدە بىز يەتتە بالىنى قانداق تەستە چوڭ قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. باشقا جاپالارنى قويۇپ مۇنداق بىر مىسالنى ئالساق، يازادا ئۆگزىدىكى بالىخانىدا يازلايتتۇق. سۇنى 10 مىنۇتلارچە كېلىدىغان تۇرۇبىدىن ئەكىلىپ شوتا بىلەن ئۆگزىگە ئاچىقىش، يۇندىنى پەسكە ئۈچۈشۈپ خېلى يول مېڭىپ تۆكىدىغان يۇندى ئورىكىگە تۆكۈپ كېلىش ھازىرقى ياپونلار ئۈچۈن بىر ئەپسانە!
زامانىۋى ئەل ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ ئاۋارىچىلىق بەلكىم ھېلىھەممۇ تالاي ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ رىئاللىقى بولىشى مۇمكىن!
بۈگۈنكى تەرەققىياتتا بۇ خىل ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ بىچارىلىق ئىدى!
ئەنە شۇنداق جاپادا يەتتە بالىنىڭ سېزىكىنى تارتىپ قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغۇش، شوتىلىق ئۆيلەردە يېقىتىپ بىر يەرلىرىمىزنى سۇندۇرۇپ قويماي، كۆيدۈرۈپ ئەيىپناق قىلىپ قويماي تەندۇرۇس چوڭ قىلىشنىڭ ئۆزىلا كاتتا ئىش ئىدى.
ئانامنىڭ ئەينى زامانلاردا ئانا بولغاندىكى مۇشەققەتلىرىنى ئۆزۈم ئانا بولغاندا تۇنجى رەت ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنى ئانامغا قارىغاندا كۆپ ياخشى شارائىتتا ئېكەنلىكىمنى ئەسكەرتىپ، مۇساپىرەتتىكى تۇنجى ئانىلىق مۇساپەمدە غەيرەتلىك بولۇشقا تىرىشتىم.
مۇساپىرلىقتىكى كۈنلىرىمدە مەن ئەڭ كۆپ ئەسلىگەنمۇ، ئەڭ سېغىنغان ئادىمىممۇ ئانام بولدى. شۇنىڭغا قاراپ ئانا ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى تۇغىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. ھەم مېنىمۇ ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان، سېغىنىدىغان يەنە بىر ئادىمىمنىڭ كۆپىيدىغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.
شۇ چاغدىلا ئانامنىڭ قارىماققا ئاسانلا يېغلايدىغان نازۇكلىقىنىڭ ئارقىسىغا قەيسەرلىك، چىداملىقلىق، پىداكارلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
يات ئەلدە ئۇلارنى كۆرەلمىسەممۇ ئاۋازىنى تېلفۇندا بولسىمۇ ئاڭلاش، ئۇلارنىڭ قايغۇ–شادلىقىغا ئورتاق بولۇش، ئۇلارغا قىززىق بىر پىيالە چاي سۇنالمىساممۇ «ئانا، بۈگۈن قانداراق تۇرىسەن؟ دادا، نېمەڭ كەم؟» دەپ سوراشمۇ بىر خىل بەخىت ئىدى.
نەمخۇش، ساپ ھاۋا، يىللاپ توپا كۆرمەيدىغان يېىشلچىلىق ۋە جىلۋىلىنىپ تۇرغان رەڭگارەڭ گۈللەر…ياپونلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى يۇقىرى ئىدى. ئشىك ئالدىغا گۈل تەشتەكلىرى قويۇلمىغان، ھويلىلىرىدا گۈل–گىياھ، مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلمىگەن ئائىلىلەر يوق دىيەرلىك ئىدى. ھەيران قالغىنىم، بۇ مېۋىلەر يەرگە چۈشۈپ، قۇرۇپ كەتسە كېتەتتىكى، ئۆزلىرى يېيىشمەيتتى.
مېۋىلا كۆرسەم يېگۈم كەپكېتىدىغان، يەنە كېلىپ شېخىدىن ئېلىپ يېيىشكە ھەۋىسىم بار ئۇ چاغلاردا يەرگە چۈشۈپ چەيلىنىپ كەتكەن مېۋىلەرگە قاراپ ئىچىم سېيرىلاتتى. كېيىنچە بۇنى ياپونلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ باقتىم. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى، ياپونلار بۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنى زىننەت ئۈچۈن تېكىدىغان بولغاچقا، رەسىمى يوسۇندا يېتىشتۈرگەن مېۋىلەردەك تەمى بولمايدىكەن، شاخلاردا زىننەت بولۇپ تۇرىدىكەن.
ھەقىقەتەنمۇ سوغۇقتا تىتىرەپ تۇرغان كۈنلەردىمۇ شاخلاردىكى غۇچچىدە مېۋىلەرنى كۆرسە ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى ئېللىپ قالغاندەك بولاتتى.
گېپىمىزگە كەلسەك، تەڭرى باغچىدەك ياراتقان بۇ گۈزەل زېمىندا، مېھىر–مۇھەببەت بىلەن تولغان ئىللىق ئۆيۈمدە تۇرۇپمۇ غېرىبلىق باساتتى.
بۇ خىل غېرىبلىقنى پەقەت ۋەتەندىن–ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىپ باققان يۈرەكلا ھەقىقى ھېس قىلالايتتى.
قازان بېشىغا ئۆتەلمەيتتىم. بۇنداق چاغلاردا قاچانلاردىدۇر سەھراغا چىققاندا تۇغقانلىرىمىز ئېتىپ بەرگەن مىچ–مىچ بوپقالغان گاڭپەندىن تارتىپ يىگۈم كېلەتتى. ھەتتا «ئانا يۇرت» رومانىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ سېپىلگەن ھويلىلىرى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ، شۇنداق ئۆيلەرنى كۆرگۈم كەلگەندى. ئۆزگىچە سەرامجانلاشتۇرۇلغان بۇ ئوماق ئۆيىمىزمۇ يولدىشىم يوق چاغلاردا بەكلا غېرىب كۆرۈنەتتى. سېرىتقا چىقسام يەنىلا يات چىراي ياپونلار، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئارىلىقى يېراق. تېلىفۇن قىلسىمۇ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغان، ۋەتەندىكىدەك «يۈرە، ئايلىنىپ كېلەيلى!» دېگۈدەك ۋاقىت يوق، جىددىيچىلىك بىلەن تولغان بۇ شەھەردە بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچراتماق، ئۇلار بىلەن دىدارلاشماق خېلى تەس ئىدى. ( شۇ چاغلاردا بىز دىمەتلىك ياشلارنى كۆپ تونۇپ كەتمەيتتىم. دوستلىرىمىزدىن سىراجىدىن–مىھراي، ئوسمان–خالىدە ئائىلىسى ۋە باشقا بالىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرساقمۇ، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرسىراشلارغا دالدا بولمىغان چېغى..)
ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈندىغان چىراغلىرى يورۇتۇلغان ئۆيلەرگە قاراپ« مۇشۇلارنىڭ بىرەرسى ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بوپقالغان بولسىچۇ» دەپ ئويلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغانىدى. ئۇيغۇرسىرىغانىدىم!
چاي ئىچسەممۇ، ھەتتا ئېڭىشسەممۇ قۇسۇپ پاراكەندە بولۇپ يۈرگەن بىلەن، ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرسەم ئېچىلىپلا قالاتتىم. گېلىمدىنمۇ تاماق ئۆتەتتى. يولدىشىم:«خەقنى كۆرسىڭىز ئېچىلىپ كېتىدىكەنسىز، ئۆيگە كەلىسىڭىز ئاغرىپ..» دەپ ئاغرىنىپمۇ قوياتتى.
بىراق، مەندە نېمە چارە؟! قارىغاندا ئۇيغۇرغا سېزىك بولسام كېرەك؟!
تېلۋىزۇرنى ئاچاتتىم. يەنىلا يات چىراي، يات مەدەنىيەت، يات تىل..ئۇيغۇرچە پىروگىراممىلارنى بەكمۇ سېغىنغانىدىم. (ئۇ چاغلاردا يۇتۇبتىمۇ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلار ئۇنچە كۆپ بولمىسا كېرەك)بۇ كالدىرلاشلار قۇلىقمىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.
ھەر كۈنى سەھەر خەۋەر كۆرىدىغان يولدىشىممۇ تېلۋىزۇرنى ئاچالماس بوپكەتكەنىدى. بۇ كۈنلەردە دەرس ئۆگەنگۈدەك ھالىممۇ يوق، ياپون تىلى دەرسىمنىمۇ توختىتىپ قويغانىدىم.
ياپونىيەدە ياشانغانلار كۆپ بولغىنىدەك، قېرى مۈشۈكلەرمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بىز كۆرگەن «پەش!»دىگەنگە چۈچۈپ كېتىدىغان مۈشۈكلەردىن ئەمەس ئىدى. ھەتتا چوڭ كوچىلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغان قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرىدىن تارتىپ ۋەتەندىكىگە ئوخشىمايتتى.
نەگە قارىسا يېشىلچىلىق، قەيەرگە قارىسا گۈل. مۇشۇ گۈللەر ئېچىدىن ۋەتەندە ئۇچراتقان بىرەر تونۇش گۈلنى ئۇچىرىتىپ قالسام كۆڭلۈم بۆلەكچە ئېچىلىپلا قالاتتى.
بىر كۈنى ياپون تىلى دەرسىمگە كېتىۋىتىپ ئۆرۈك دەرىخىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم.
بۇ دەل ماي ئېيى بولغاچ ئۆرۈكنىڭ دەل غورا بولىدىغان چاغلىرى ئىدى. (ئەمەلىيەتتە كۆرگىنىم راستىنلا ئۆرۈك بولماي ياپونلارنىڭ «ئۇمې» دەپ ئاتىلىدىغان مېۋىسى ئىكەنتۇق. قارىماققا ئۆرۈككە ئوخشايتتى، لېكىن ئاچچىق ئىدى.) خۇشلىقىمدا ياپونلار ئۆزلىرىمۇ ئۈمەيدىغان مېۋىسىدىن ئىككى تال ئۈزۈۋىلىپ يول بويى پۇراپ ماڭدىم. ھەم تېخى خېلى كۈنلەرگىچە ساقلاپ پۇراپ يۈردۈم.(ئاھ،ھەجەپ كۈنلەردە ياشاپتىكەنمەن🥺…)
كېيىنكى كۈنلەردە مەھەللىمىزدە مۇنداق ئۆرۈك دەرىخىنىڭ خېلىلا كۆپلىكىنى بايقاپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ مەھەللىمىزدە كىمنىڭ ئۆيىدە «ئۆرۈك» دەرىخى بارلىقىنى، قايسى ئۆينىىڭ چوڭ ھەم شىرنىلىك ئېكەنلىكىنى بىلىپ كەتكەن بولدۇم.
بىر كۈنى بىر دوستۇم يوقلىغىلى كېلىپ، يۇرتنىڭ توقىچىدىن ئالغاچ كەپتۇ. ناشتىمۇ قىلماس بوپكەتكەن بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە توقاچنى كۆرۈپ ناشتا قىلىدىغان بولدۇم.
شۇ كۈنلىرىمدە ئەنە شۇنداق قاغىنىڭ قاقىلداشلىرىدىن تارتىپ يات ئاڭلىنىدىغان بۇ زېمىندىن، ياپونلاردىن، ياپون تىلىدىن…بىزارلىق ھېس قىلغانىدىم.
سېزىكتىن تارتىپ يەڭگىگىچە بولغان بارلىق جەريان يات بىر ئەلدە، ماڭا ناتونۇش بارچە –بارچە نەرسىدىن، ئادەملەردىن، تىلدىن، مەدەنىيەتتىن، تاماقتىن، گۈللەردىن، ئاۋازدىن…تولىمۇ–تولىمۇ يېراقتا بولدى.
قارىغاندا، باشقىلاردەك ئاپىلىسىن، تۇخۇم..دېگەندەك نەرسىلەرگە ئەمەس ئۇيغۇرغا ھەم ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىر نەرسىسىگە سېزىك بولغاندەك تۇراتتىم….
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان قېلىنغان «ياپونىيەدىكى تۇغۇتۇم»نامىلىق يازمامدىن ئېلىندى. ژورنالدىكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تەھرىراتلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن يەرلەر ئەسلى شەكلىدە بىلوگىمغا يوللاندى. داۋامى پات ئارىدا يوللىنىدۇ.
داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
دوختۇرخاندىكى كۈنلەر(2) :http://tokyoxatiriliri.net/?p=8546
ئانىلىق تۇيغۇلىرى(3):http://tokyoxatiriliri.net/?p=8569
ئىنكاس يازىمەن